ئېرانلىق ياشانغان كىشى 60 يىل يۇيۇنماي رېكورت ياراتتى
ئېرانلىق ياشانغان كىشى 60 يىل يۇيۇنماي رېكورت ياراتتى چېچى ئۆسۈپ كەتسە ئوتتا كۆيدۈرىدىكەنمەنبە: جۇڭشىن تورى
خاجى غاڭزا شوراۋاتىدۇ
سىز قانچە كۈن يۇيۇنماي چىدىيالايسىز؟ ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى فارىس ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىدا 80 ياشلىق ياشانغان كىشى خاجى، تولۇق 60 يىل قەتئىي يۇيۇنۇپ باقمىغان بولۇپ، ھىندىستانلىق سىنگىنىڭ 38 يىل يۇيۇنماسلىق رېكورتىنى بۇزغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خاجى ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا ئۆڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن تەركىدۇنيا ياشىغان. كۆڭلى ياخشى كىشىلەر ئۇنى ھەقسىز يۇيۇندۇرۇپ قويماقچى بولسىمۇ، ئۇ قەتئىي رەت قىلغان، ئۇ بەدىنىم پاكىز بولسا كېسەل بولۇپ قالىمەن دەپ قارايدىكەن.
خاجىنىڭ يەيدىغانلىرىمۇ «ئالاھىدە» بولۇپ، سېسىغان جەيرە گۆشىنى يېيىش، مەينەت سۇ ئىچىشكە ئامراقكەن؛ ئۇندىن باشقا، خاجىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى پەقەت پولاتتىن ياسالغان غاڭزا ئىكەن، ئەمما ئۇنىڭ چېكىدىغىنى تاماكا بولماستىن بەلكى ھايۋانلارنىڭ قىغى ئىكەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خاجىنىڭ پۈتۈن بەدىنى مەينەتچىلىككە تولغان بولسىمۇ ئەمما «يۈرۈش-تۇرۇشىغا بەك ئەھمىيەت» بېرىدىكەن. بەزىدە ماشىنا ئۆتۈپ قالسا، خاجى ماشىنىنىڭ ئەينىكىگە قارايدىكەن، ئەگەر چېچى ئۇزۇراپ كەتسە بىر قىسمىنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان، ئۇ ئەزەلدىن پۇل خەجلەپ چاچ ياساتمايدىكەن.
بۇ ماقالىنىڭ مەنبەسى: جۇڭگو پەن-تېخنىكا تورى www.wokeji.com
ئەسلى تېكىستنىڭ ئۇلانمىسى: http://www.wokeji.com/qyts/2_smam/201401/t20140113_625308.shtml
:L سېسىغان جەيرە گۆشىنى يېيىش، مەينەت سۇ ئىچىشكە ئامراق ئوھ ما ئىشنى! بىزدىن ما رېكورتنى بۇزىمەن دەيدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغىچىلىرى چىقمىسا بولىتى ئەمدى. دىمەك ئەنەشۇنداق مەينەت ياشاپمۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ. دىمەك پاكىزلىق سالامەتلىكنىڭ ئاساسى، بارلىق كىسەل مەينەتچىلىكتىن چىقىدۇ دىگەن قاراش بۇندىن كىيىن پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ.
بۇ ئادەمنى زىيارەت قىلىپ ، ئۇننىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى، يىمەك-ئىچمەكلىرى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىكى مەخپىيەتلىكلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئىستىكى كۈچلۈك كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئۈلگە قىلىش كىرەك.
------------
ۋاقىتلىق جۆيلۈمە ئىزدىنىشتاتاققا تۇققا سۆزلەيدىغانلار كۆپىيىپ قېلىۋاتىدۇ توۋا..... تەتقىق قىلىپ باققۇدەك ئادەمكەن ماۋۇ:lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا almali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-24 09:18
ئۇ ئادەمنىڭ ياراتقىنىمۇ جىنىس رىكورتىمىدۇ؟
شۇنچە مەينەت يۈرگنىگە قاراپقۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاردەك جىنىسقا قىزىقىدىغان كىشى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىدىم. تۈنۈگۈن گېزىتتە كۆرگەن بۇ خەۋەرنى ،قىزىقچىلىق ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانتىم خاجىنىڭ يەيدىغانلىرىمۇ «ئالاھىدە» بولۇپ، سېسىغان جەيرە گۆشىنى يېيىش، مەينەت سۇ ئىچىشكە ئامراقكەن؛ ئۇندىن باشقا، خاجىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى پەقەت پولاتتىن ياسالغان غاڭزا ئىكەن، ئەمما ئۇنىڭ چېكىدىغىنى تاماكا بولماستىن بەلكى ھايۋانلارنىڭ قىغى ئىكەن.
-----------
دېمەك ،ئاللاھ خالىغان بەندىسىنىياشىتىدۇ ،خالىغان بەندىسىنىڭ جېنىنى ئالىدۇ. پاكىزلىق ، ساغلاملىق سالامەتلىكنىڭ بىر سەۋەبى . ئەمما ھەر نەرسە يەنىلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر . ئاللاھ ئۇزاقراق ياشىشىنى ئىرادە قىلغان كىشى - پۈتۈن مىكروپنىڭ ئىچىدە يۈرسىمۇ يەنىلا ياشاۋىرىدۇ .ئەمما بۇنىڭدەك كىشىلەر ئۆز ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلىقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ! قانداق چىدىغاندۇ دەپ ھەيران قالغانىدىم، قانداق چىدىغاندۇ دەپ، بىراق كېيىن يەيدىغان، ئىچىدىغانلىرى ۋە چېكىدىغانلىرنى ئاڭلاپ ئۇ ئادەمگە نىسبەتەن ئۇنچە قىيىن ئەمەسكەن دەپ ئويلىدىم... :lol:lolمېنىڭچە خېلى تەس ھە ... ئاراڭلاردا ئۈچ ئاي يۇيۇنماي تۇرۇپ باققانلار بولسا تەسىراتىڭلارنى ئاڭلاپ باقساق بوپتىكەن(خاتا چۈشەنمەڭلار، كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ پۇتى ياكى قولى سۇنۇپ كېتىپ يۇيۇنمىغانلارنى دېمەكچى...) ئىممۇنىتېت سىستېمىسى دەھشەتكەن بۇ ئادەمنىڭ. مېنىڭچە بۇ ئادەمگە ئەيدىز ۋىرۇسىمۇ تەسىر قىلماسمېكىن. ئىرانلىق ئىكەن. لېكىن مۇسۇلمان ئەمەسكەن. گەرچە ئىسمى خاجى (ھاجى) بولسىمۇ. ماۋۇ خەۋەرنى ئابدۇسەمەت مامۇت كۆرۈپ قالسا تېخىمۇ ھەسرەتلىنىپ كېتىدىغان بولدى ئاتمىش يىل چىداپ غەيرەت قىلىپ ئاخىرى نام چىقىرىپتۇ، ئابدۇسەمەت مامۇتتا بۇنچىلىك تىرىشچانلىقيوق، خاجى ئەمەس ھاجى دەڭ........ Uyghuran يوللىغان ۋاقتى2014-1-24 11:22 static/image/common/back.gif
ئىممۇنىتېت سىستېمىسى دەھشەتكەن بۇ ئادەمنىڭ. مېنىڭچە ب ...
مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقسام ، ئەلكۈيىدىكى « ۋاپا تۇپرىقى » نىمىشقا ئۆچۈرۈلدى؟ ياكى كىتابى چىقماقچىمۇ ؟
سىزنى ئەلكۈيىدىكى « Uyghuran »شۇ دەپ ئويلاپ سورىشىم ... ئاتەشپەرەس دەۋرىش ئوخشايدۇ. جادۇگەرمۇ نېمە.... alshah يوللىغان ۋاقتى2014-1-24 10:55 static/image/common/back.gif
قانداق چىدىغاندۇ دەپ ھەيران قالغانىدىم، قانداق چىدىغا ...
ئۈچ ئاي دەمسىز؟ مەن بۇلتۇر قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ توپتوغرا 48كۈن يۇيۇنماي ئىشقىلىپ بىر نىمە بولۇپ كەتكەن ئىدىم.{:118:} خۇدايىم ساقلىسۇن! ما قىرى ئوغرىنىڭ كارامىتىنى :lol mohsin يوللىغان ۋاقتى2014-1-24 17:26 static/image/common/back.gif
مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقسام ، ئەلكۈيىدىكى « ۋ ...
بۇ ئەسەرگە كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت قېرىندىشىم. «ۋاپا تۇپرىقى» ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ ئەسەر ھوقوقىغا دەخلى تەرۇز قىلىشى بىلەن ۋاقتلىق تاقاپ قويۇلدى. (ئەلۋەتتە بارلىق سەۋەب بۇلا ئەمەس) ئەسەرنىڭ بىرىنچى ئاپتورى بولغان بەرگىيە خانىم بۇ ھەقتە ئايرىم تېما يوللاپ چۈشەنچە بەرگەن. بەرگىيە خانىمنىڭ قولىدىكى ئالدىراش خىزمەت ئاخىرلاشقان ۋاقتتا ئۆزى مۇۋاپىق كۆرگەن بىر پەيتتە داۋاملىشىدۇ. بۇ ئەسەر ئىككى ئاپتورنىڭ قولىدىن چىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مېنىڭ داۋاملاشتۇرۇشۇم مۇمكىن بولمىدى. بىرىنچى ئاپتور ھەم ئەسەر تەشكىللىگۈچى بولغان بەرگىيە خانىمنىڭ يولىغا باشقا ئوقۇرمەنلەرگە ئوخشاشلا تەقەززا بولۇپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مەزكۇر ئەسەرنىڭ يېزىلىش جەريانى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى تۇرسۇنئاي سۇلتان بەرگىيەدە. ئەلۋەتتە ئۆزۈمگە مۇناسىۋەتلىك جايلارغا مەن چۈشەنچە بەرسەممۇ بولىدۇ.
تېما ئىگىسى تېمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز بايانلاردىن ئۆزرىلىكمەن.
بەت:
[1]
2