irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 13:32:22

ئۈرۈمچىدىكى مېترو 1 - لىنىيىسىنىڭ بېكەت ناملىرى تۈزۈپ چىقىلدى


ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى : تۈنۈگۈن ، يەنى 21 - يانۋار مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە ئۈرۈمچىدىكى مېترو 1 - لىنىيىسىنىڭ توپا قۇرۇلۇش ، نازارەت قىلىپ باھالاپ تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنى خېرىدارلىققا چاقىرىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشقان بولۇپ ، پۈتۈن لىنىيە 21 بېكەت ۋە لايىھىدىكى باشقا 6 لىنىيە بىلەن ئالماشقىلى بولىدىكەن ، ئۇندىن باشقا ھەر بىر بېكەت ئۆزگىچە يېڭىلىق بىلەن ياسىلىدىكەن . ئىگىلەشكە قارىغاندا مېترو 1 - لىنىيىسىنىڭ ئومۇمى مۇساپىسى 27.6 كىلومېتىر بولۇپ ، لىنىيىلەرنىڭ ھەممىسى يەر ئاستىدا بولىدىكەن . ئومۇمى لىنىيىگە 21 بېكەت تەسىس قىلىنىدىغان بولۇپ ، ھەر بىر بېكەت ئارىلىق مۇساپىسى 1.3 كىلومېتىر . جەنۇبتا ئۈچتاشتا باشلىنىپ ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، دۆڭكۆۋرۈك ، ئاققوۋۇق ، تۆگەدەڭ ، شىنشىڭ كوچىسى ، يىكەنكۆل مەيدانى ، يىكەنكۆل شىمالى يولى ، ۋاڭجىيالىياڭ ، سەككىز قەۋەت ، كىچىك ساي ، جوڭيىڭگوڭ ، تۆمۈريول ئىدارىسى ، تەنتەربىيە مەركىزى ، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى ، مېھمان كۈتۈش يولى ئېغىزى ، سەنگوڭ ، شۈەنرېندۆڭ ، چوڭ دىۋوپۇ قاتارلىق بېكەتلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ خەلقئارا ئايروپورتتا ئاخىرلىشىدىكەن . مېترو 1 – لىنىيىسىگە 7 ئالمىشىش بېكىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، بۇ بېكەتلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاققوۋۇق ، يىكەنكۆل مەيدانى ، سەككىز قەۋەت ، تۆمۈريول ئىدارىسى ، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى ، شۈەنرېندۆڭ ۋە خەلقئارا ئايروپورت بولۇپ ، لايىھىدىكى باشقا 6 لىنىيە بىلەن ئالماشقىلى بولىدىكەن . ئىگىلەشكە قارىغاندا يۇقىرىدىكى بېكەت ناملىرى ۋاقىتلىق بېكىتىلگەن بولۇپ ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ ياخشىلىنىدىكەن .

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 13:46:39

، شىنشىڭ كوچىسى
جوڭيىڭگوڭ
    ماۋۇ ئورۇنلارنىڭ نامىمۇ قۇلىقىمزغا تونۇش ئاڭلىندىغان نام قويۇلغان بولسا......

guzaltarim يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 14:52:41

سەككىز قەۋەت ،چوڭ ساي ، جوڭيىگۇڭ ، كىچىك ساي ،تۆمۈر يول ئىدارسى تەرجىمدە ئارلىقتا بىرسى چۈشۈپ قاپتۇ ...:)

Sahran يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 15:54:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Sahran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-23 15:55  

بۇ قۇرۇلۇشقا گېرمانىيە يۈز مىليون ياۋرۇ قەرز بېرىپتۇ.

تەپسىلاتى تۆۋەندىكى ئادرېستا:



http://news.ts.cn/content/2014-01/22/content_9226575.htm

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 17:54:12

مەن تىخى، پۇلنىڭ ھەممىسىنى مەركەزدىن بەرگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن......

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 18:09:16

قەرز ئېلىپ يول ياسايمىز، ھەق ئېلىپ قەرز قايتۇرىمىز

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 18:35:29

ئۆرۈمچىنىڭ قاتناش قىستاڭچىلىقنى ھەل قىلىشتا بۇ قورۇلۇشنى قىلمىسا بولمايدۇ .

yakupjan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 20:12:54

شۇەنرېندۇڭ دىگەننىڭ ئۇيغۇرچە نامى شەھەردۆڭ دەپ ئالىمىز ئائىلىسى  ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلار ياشايدۇ .  دىۋوپۇ سەنگۇڭ دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرچە نامى بار. شۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى يېزىپ قۇيۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
رەھمەت.

yakupjan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 20:14:28

جۇڭيىڭگۇڭ دىگەننى   جوڭگو يادرو سانائىتى بىكىتى دەپ ئالساق ياخشى بولىدۇ .

TILSIMAT يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 20:56:19

كەلگۈسىدە دۆڭكۆۋرۈك تەرەپتىن مۇسابىقە كۆرگىلى بارىدىغانلارغا بەك قولايلىق بوپتۇ!!!

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 08:14:08

بېكەت ناملىرىنى ساپ ئۇيغۇرچە ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىلسە....  

كېيىن بىر كېتىپ قالسا ئۆزگەرتمەك تەس

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 08:14:46

ۋاي گىرماندىن قەرز ئالغان گەپ بامىكەن، تېخى ئاران 100مىليون. بىر دۆلەت ئۈچۈن بۇنچىلىك پۇل ھېچ قانچە پۇل ئەمەسقۇ. ئەمدى چەتنىڭ قەرىزىنى قايتۇرۇمىز دەپ ئىت يىلدىن ئېشەك يىلغىچە ئۆسۈم تۆلەپ بېرىمىزكەندە.
ئەزەلدىن خەلقتىن ئېلىپ خەلىققە قايتۇرۇش دەپ تولاپ كېلىۋاتقان، چوڭ دائىرىلىك ئەمەس پەقەت ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى  ئىشچى خىزمەتچىلەرگە پاي قوشقۇزۇشقا چاقىرسا، يىلدا ئاشۇ قوشقان پېيىنىڭ ئازراق مېغىزىنى چاقسا، خەلق كۈلسە ما جاھانمۇ تەڭ كۈلمەمتى. كەچكىچە ئىناق جەمىيەت قۇرايلى دەپ قۇرۇق تولاپ خەقنى باي قىلماي، ئۆزىمىزنىڭ خەلقىنىڭ ئازراق بېشىنى سىلاپ قويسىچۇ.

yawoz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 11:59:13

شىنجاڭدىن ئالغان بايلىق باجى  يەتمەمدىكەن  گىرمانىيەدىن قەرىز ئالغۇدەك .

Alif يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 12:13:09

راستىنلا شۇنداقكەن. ئەمدى قاچان پۈتەر بۇ مىتېرو؟

mustakil يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 16:44:45

‏گىرمانىيەدىن يۈزمىليون ياۋرۇ قەرىز ئالغىچە ،دۆلەتنىڭ ،كۈندىن كۈنگە قىممىتى چۈشۈپ كېتىۋاتقان دوللاردىن ئىبارەت بۇ تاشقى پېرىۋۇت زاپىسىنى ئىشلەتسە بولمامدۇ، مەركەزدىكى ئىقتىساد شۇناسلار نىمىش قىلىدىكىن مۇشۇنداق پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلانماي،.
بىكەت ناملىرىنى ئۇيغۇرچە قىلسۇن ، ئۇيغۇرچە نام تاپالمىسا  ئۇيغۇر كارخانچىلىرى تېلۋىزۇرغا ئېلان بەرگەن پۇلنى مۇ شۇ تۈرگە مەبلەغ قىلىپ تاپشۇرىمىز ،شەرتىمىز ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇلمىغان بىكەتلەرگە بىزنىڭ شىركىتىمىزنىڭ ئىسمىنى قويۇپ بېرىڭلار دەپ سودىلىشىپ باقسا بولىدۇ، ئۇناپ قالسا ئەجەپ ئەمەس

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 21:45:48

ئۈرۈمچىنىڭ قاتناش بېسمىنى ئازىراق بولسىمۇ يېنىكلىتىدۇ.بىكەت ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتاشنى تەلەپ قىلساق بولىدۇ.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 22:53:47

50 يىلنىڭزى ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئىنىرگىيىسىنى ئىچكىرگە يۆتكەپ نۇرغۇن زاۋۇتلارنى قۇرۇپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزغانتى
ئىشۇ كىچچىككىنە قۇرلۇشقا خەقتىن قەرىز ئىلىپ يۈرگەن گەپمە ئىناۋەتنى مەنتەڭ قىلىپ ،،،ۋىيىي ۋىيى،،،گىرمانىيىلىكلەر  ئەمدە تەخىدىنمۇ ھەدىدىن ئىشىپ بىز جۇڭگۇلۇقلارنى كۆزگە ئىلماسمۇ ھە :@

babur729 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-26 14:45:58

بۇ مىترو قۇرۇلىشىغا نەچچە يۈز مىليارد مەبلەغ سىلىندۇ...2018-يىلى قۇرۇلۇش پۇتۇپ قاتناش باشلىنىدۇ دەپ گىزىتتىن ئوقۇغىنىم يادىمدا...

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-26 17:28:22

مېترو لىنىيەسى ئىككى تەرىپىدىكى ئۆينىڭ باھاسى ئۆسۈپ كېتىدىغان ئىش بار، پۇل بولسا 2-،3-لىنيەلەرنىڭ بويىدىن ئۆي ئەپ قويسا ...1-لىنيە ئەتراپىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ بىر يەرگە باردى بەلكىم.
بەت: [1]
: ئۈرۈمچىدىكى مېترو 1 - لىنىيىسىنىڭ بېكەت ناملىرى تۈزۈپ چىقىلدى