charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 10:55:04

ئۈگىنىش ئاسان ۋە تەس تىللار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   charwichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-23 11:24  

چەتئەل تىللىرىنى ئۈگىنىش-بىر خىل جاپالىق،زېرىكىشلىك جەريان، شۇنداقلا باشقا ھۈنەر-كەسپكە ئوخشاش بەلگىلىك تەر ئاققۇزغاندىن كىيىن، دەرھال ئۈنۈمىنى كۆرۈپ، ھاردۇق چىقىرىدىغان ئىش يوق دىيەرلىك. چەتئەل تىلى ئۈگەنگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۈرلۇك قىيىنچىلىقلار ۋە جاپالارنىڭ تەسىرى بىلەن،‹‹ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق›، بولۇپ،يېرىم يولدا تەسلىم بولۇپ، تاشلاپ قويىدىغان ئىشلار ئەتراپىمىزدا ناھايىتى كۆپ.
مەنمۇ 20 نەچچە يىلدىن بېرى 7-8 تىلنى ‹‹پېتىغداپ›، بېقىپتىمەن. بەزىلىرىنى بىراز ئۈگىنىپ تاشلاپتىمەن، بەزىلىرى بىلەن ھازىرغىچە ‹‹تارتىشماق›› ئويناپ، يا تاشلىۋېتىشكە ‹‹كۆزۈم قىيماي›،، يا ‹‹زور نەتىجە›، لەرنى قولغا كەلتۈرەلمەي، ئۆزەمنى قىيناپ كېلىپتىمەن.
بۇرۇندىن تارتىپ، چەتئەل تىلىنى ئۈگىنىشكە قىزىققان بولغاچقا، مۇشۇ ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ، باشقا مىللەت ۋە باشقا دۆلەتتىكىلەرنىڭ چەتئەل تىلى ئۈگىنىش ئۇسۇلى ۋە جەريانىغا بەك قىزىقاتتىم. بەزىلەر بىلەن يۈز-تۇرانە پىكىرلىشىپ بېقىپتىمەن، بەزىلىرى بىلەن توردا پىكىرلىشىپ بېقىپتىمەن، يىغىپ كەلگەندە، چەتئەل تىلى ئۈگىنىش بىر مۇرەككەپ جەريان ئىكەن.
ئەمدى توردىكى ئۇچۇرلار ۋە ئۆزەمنىڭ ئۈگىنىش جەريانىدىكى ئەھۋاللارنى خۇلاسىلەپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈگىنىش ‹‹ئەڭ ئاسان ۋە ئەڭ قىيىن تىل›› نى رەتكە تىزىپ چىقتىم. بۇ پەقەت دەسلەپكى  ئىزدىنىشنىڭ ۋاقىتلىق خۇلاسىسى، داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈشتىن بۇرۇن، دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:
1. ھازىرقى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، 14 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئۈچۈن، ھەممە تىللارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئوخشاش ئىكەن. يەنى ئاسان ۋە قىيىن تىل دەپ ئايرىشنىڭ ھاجىتى يوقكەن.(تەپسىلاتىنى كىيىنچە ئايرىم تېما قىلىپ يازىمەن،ئاللاھ خالىسا)
2. تىللارنى رەتكە تىزىشتا، ئۇيغۇر تىلى بىلەن بولغان يېقىنلىق مۇناسىۋېتى (تىل سېستىمىسى، تىل گۇرۇپپسىسى، سۆزلۈك، گرامماتىكا، ....) نى ئاساس قىلىپ، دەسلەپكى، ئوتتۇرا ۋە يۇقۇرى سەۋىيىگە يېتىش ئۈچۈن سەرپ بولىدىغان ۋاقىتنىڭ ئاز-كۆپلۈكى، ئۈگىنىش ماتېرياللىرىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى، تىل ئۈگىنىش مۇھىتى، ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم......قاتارلىقلار  ئۇنۋېرسال ئويلىشىلدى. كۆپ ئۇچرايدىغان تىللار تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى، ئوخشاش گۇرۇپپىدىكى تىزىملىكە كىرگۈزۈلمىگەن تىللارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تەڭ دەپ پەرەز قىلىندى:
3. مەن تىلشۇناسلىق ساھەسىدە مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەن ئەمەس، پەقەت ھازىرغىچە ئېرىشكەن ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكى تىزىملىكنى تۈزۈپ چىقتىم.
(يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە قاراپ قىيىنلىق دەرىجىسى ئۆرلەيدۇ)
1. ئۈگىنىش ئاسان تىللار:
ئۆزبېك تىلى
قىرغىز تىلى
قازاق تىلى
تۈرك تىلى
ئەزەربەيجان تىلى
تۈركمەن تىلى
...........
2. ئۈگىنىش قىيىنراق تىللار(1)
ياپون تىلى
كورىيە تىلى
موڭغول تىلى
ھىندونىزىيە تىلى
مالاي تىلى
..........
3. ئۈگىنىش قىيىنراق تىللار(2)
پارس تىلى
دارى تىلى
پوشتو تىلى
تاجىك تىلى
كۇرد تىلى
.........
4. ئۈگىنىش قىيىنراق تىللار(3)
ئوردو تىلى
ھىندى تىلى
.........
5. ئۈگىنىش قىيىنراق تىللار(4)
ئېنگلىز تىلى
گېرمان تىلى
گوللاند تىلى
......
6. ئۈگىنىش قىيىنراق تىللار(5)
ئىسپان تىلى
پورتۇگال تىلى
فرانسۈز تىلى
ئىتالىيان تىلى
لاتىن تىلى(قەدىمقى تىل)
.......
7. ئۈگىنىش قىيىنراق تىللار(6)
رۇس تىلى
بىلورۇس تىلى
ئۇكرائىن تىلى
پولەك تىلى
چېخ تىلى

...........
8. ئۈگىنىش قىيىنراق تىللار(7)
ۋېنگىر تىلى
ئالبان تىلى
........
9. ئۈگىنىش ئەڭ قىيىن تىللار
خەنزۇ تىلى
ئەرەپ تىلى
گىرىك تىلى
ئىبراي (يەھۇدى) تىلى
.......

بىراق زادى قايسى تىلنى ئوڭاي ئۈگەنگىلى بولىدۇ؟
بۇ سۇئالغا توغرا ۋە ئۆلچەملىك جاۋاپ بېرىش قىيىن، چۈنكى ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئۈگىنىش ئەمەلىيىتى بويىچە، ئوخشاش بولمىغان جاۋاپلارنى بېرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىلنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر ئادەم ئۈچۈن، ئوڭاي بىلىنگەن تىل ، يەنە بەرەيلەن ئۈچۈن قىيىن بىلىنىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا چەتئەل تىللىرىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى نىسبىي بولىدۇ.

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 13:27:26

ئەڭ قىيىن ياكى ئەڭ ئاسان دەپ بولماسلىقى مۇمكىن، بۇ شۇ ئادەمنىڭ ۋاقتى،زىھنى ۋە ئىقسادى بىلەن مۇناسۋەتلىك.

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 15:25:19

چاپچالدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار شىبە تىلىنى بىلىدۇ. شىبەچىنى ئاڭلىسىڭىز بىر ئېغىز سۆزنىمۇ چۈشەنمەيسىز، شۇنداق تۇرۇپ چاپچاللىق بىرسى ماڭا: « شىبەچىنى ئۆگىنىش قازاقچىنى ئۆگەنگەندىنمۇ ئاسان » دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆگىنىش ئىشتىياقى قوزغىلىپ قالدى. بىر شىبەدىن: « چىرايلىق دېگەن سۆزنى شىبە تىلىدا قانداق دەيدۇ » دەپ سورىسام، « خوراماشىقى دەيدۇ » دەپ جاۋاب بەرگەن، چىرايلىق دېگەن سۆزنىمۇ مۇشۇنداق سەت دەيدىغان ئىش بولسا ئۆگەنمەيلا قوياي دەپ، رايىم يېنىپلا كەتتى.

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 16:13:32

perwazqil يوللىغان ۋاقتى  2014-1-23 13:27 static/image/common/back.gif
ئەڭ قىيىن ياكى ئەڭ ئاسان دەپ بولماسلىقى مۇمكىن، بۇ شۇ ئ ...

ئەگەر نوقۇل ھالدا ۋاقىت، زېھىن ۋە ئىقتىساد بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەسلى، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپتە ئون نەچچە يىل ئېنگلىز تىلىنى ئۈگىنىپ، يەنە مەملىكەتلىك 4-دەرىجە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي تۇرغانلارنى نىمە دەيسىز؟
ۋاقىت، زېھىن ۋە ئىقتىساتىىن باشقا يەنە ئۈگىنىۋاتقان تىلنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ مۇھىم ئامىلدۇر.

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 16:15:41

kartanesi يوللىغان ۋاقتى  2014-1-23 15:25 static/image/common/back.gif
چاپچالدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار شىبە تىلىنى بىلىدۇ. شىبەچ ...

مەنمۇ ئىلگىرى رۇس تىلىنى ئازراق ئۈگىنىپ باققان ئىدىم، لىكىن باشقىلارنىڭ تۈرلۈك داتلاشلىرىنى ئاڭلاپ، يالتىيىپ قالغان. ئەسلىدە داۋاملىق ئۈگىنىۋەرگەن بولسام ، بىر گەپ بولار ئىكەن.
بۇنداق ئەھۋال گېرمان تىلىنى ئۈگەنمەكچى بولغاندىمۇ تەكرارلاندى..........

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 16:58:53

يەنىلا ئەڭ قىيىنى چۇخەي تىلى

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 20:51:02

charwichi يوللىغان ۋاقتى  2014-1-23 16:13 static/image/common/back.gif
ئەگەر نوقۇل ھالدا ۋاقىت، زېھىن ۋە ئىقتىساد بىلەن مۇنا ...

قۇرۇق گەپ، سىز ۋاقىت بىلەن زىھىننى خاتا چۈشىنىۋاپسىز، ئۇلار ھەرگىز زىھىن سەرپ قىلمايدۇ، ۋاقىت ئىسراپ قىلىدۇ خالاس. مەنمۇ دەيمەن قىيىن تىل ئاسان تىل دەپ ئىش يوق، سىز بەرگەن زىھنىڭىز ۋە قىزىقىشىڭىزغا باغلىق. سىز مىسال ئالغۇن ئاشۇ ئىنگىلىزتىلىنى  ئالىي مەكتەپكە كەلگەندە ئۈگەنگەن ئىدىم يەنى نۆل سۆۋىيەدىن بىر يىلدىن كىيىن تۆتىنجى دەرىجىدىن بەش يۈزدىن يۇقىرى ئىلىپ ئۆتكەن مەن. شۇڭا مۇھىمى سىزنىڭ قىزىقىش ۋە تىرىشچانلىق مانداقچا ئىيتقاندا قوڭغا باغلىق.
تۈرك تىلىنى ئاسان دەپ نۇرغۇن كىشىلەر ئارىسىدا خاتا چۈشەنچە پەيدۇ بولاۋاتىدۇ دەپ قارايمەن. تۈرك تىلى گىرامماتكىسى ۋە نۇرۇغن سۆزلۈك بىزنىڭكىگە ئوخشاشلىقى راس ،لىكىن ئوخشىمايدىغان يەرلىرىمۇ كۆپ، ئۇلار ئالمانچە، فىرانسوزچە، ئىنگىلىزچى نۇرۇغۇن سۆزلۈك قوبول قىلغان. ئۇلارنى قەتئىي ئۈگەنمەي چۈشەنگىلى بولمايدۇ، كۇرتلار ۋادىسىىنىڭ تىلىنى چۈشەنگىنىڭىز بىلەن ئەردوغاننىڭ باراك ئوباما بىلەن قىلغان سۆھبەتلىرىنى چۈشىنەلمەيسىز.  تاركاننىڭ ناخشا تىكىتلىرىنى چۈشىنەلىگەن بىلەن ئورخان پامۇكنىڭ رومانلىرىنى چۈشىنەلمەيسىز.يەنى يۇقىرى سۆزلۈك تەلەپ قىلىدۇ.شۇڭا تۈرك تىلىنى ئاسانكەن دەپ سەل قارىسا، ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنى تۈركچىمىكى دەپ قوشاپ سۆزلەيدىغان گەپ.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 21:02:35

مەنچە گەپ قانداق ھېسسىياتتا ئۈگىنىشكە بەكرەك باغلىقمىكىن .
  ئېنگىلىزچىنى ئۈگىنىمەن دەيدىغان بىر تۇيغۇ ئىچىدە توم توم كىتابلارنى تېپىپ ئوقۇپ شۇنىڭدىن چىقالماي ، ئوڭلاپ تۆت ئېغىز گەپلەشمەي ئۈگىنىپتىكەنمەن  مەقسەت ئۈگىنىپ ئۇنۋېرسىتىت ئېنگىلىزتىلى دەيدىغان ئىمتاھاندىن ئۈگىنىش بولغاچقا .
رۇس

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 21:02:38

مەنچە گەپ قانداق ھېسسىياتتا ئۈگىنىشكە بەكرەك باغلىقمىكىن .
  ئېنگىلىزچىنى ئۈگىنىمەن دەيدىغان بىر تۇيغۇ ئىچىدە توم توم كىتابلارنى تېپىپ ئوقۇپ شۇنىڭدىن چىقالماي ، ئوڭلاپ تۆت ئېغىز گەپلەشمەي ئۈگىنىپتىكەنمەن  مەقسەت ئۈگىنىپ ئۇنۋېرسىتىت ئېنگىلىزتىلى دەيدىغان ئىمتاھاندىن ئۈگىنىش بولغاچقا .
رۇس

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 21:36:24

جاپانى كىم تولا چەكسە،
گۆھەرنى شۇ ئالۇر تاشتىن .
گۆھەرنى ئالغۇچە تاشتىن،
نى سەۋدا ئۆتىدۇ باشتىن .
                               ---  ئاپتورىنى يادىمغا ئالالمىدىم، ئۆزرىلەر.


تىل ئۈگۈنۈش پەقەت ئىزچىللىققا باغلىق. قايسى تىل بولسۇن ئىزچىل ئۈگەنسىلا چوقۇم نەتىجىسى چىقىدىغانلىقىغا قەتئى ئىشىنىمەن.

مەنمۇ ئالى مەكتەپكە ئۆتكىچە ئېنگىلىزچە ئالما دېگەن گەپنىمۇ بىلمەيتتىم  ، ھازىر ھەممە ئىشلىرىم ئىنگىلىزتىلى بىلەنلا بولىۋاتىدۇ. تۈركچىنى ئۈگۈنىمەن دەپ پىلان تۈزگىلى نەۋاق ، ھازىرغىچە ئارانلا قورسىقىمغا بىرنەرسە تېپىپ يېگۈدەك سەۋىيەدە.  قوڭى بوش ئادەمگە ھەرقانچە ياخشى مۇئەللىم ياكى كىتابى قامۇسنى ئەكىلىپ بەرسىمۇ يەنىلا بىكاركەن.
ياش چوڭايغانسىرى تىل ئۈگۈنۈش خوشياقمايدىكەن ئادەمگە.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 23:40:02

تىل ئۈگەنمەك ئاسان ئەمەس !
بىر مەلىمنىڭ بىر ئىغىز گىپى يادىمدا :
بىر تىلنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن ئالتۇندەك كاللا، بىر توننا ... بولىشى كىرەك !

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 23:45:04

يەنىلا شۇ ئۈگەنمەكچى بولغان تىلغا تۇتقان پوزىتسىيەمۇ بەك موھىمكەن ! ئالىي مەكتەپتە  ئالتە يىل قىلغان ئىشىم ئېنگىلىز تىلى ئۈگۈنۈشلا بولاپتىكەن ! ئىنشائاللا شۇ تىل   نورغۇن ياخىشىلىق كۆرۈشكە سەۋەپ بولدى !
بۇ تېلنىڭ قىيىنى ماڭا يەنە موشۇ خامسۇچە بىلنىدۇ !

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 23:56:09

تىل ئۆگۈنۈشتە تالانتى يوق بىرمۇ ئۇيغۇر ئۇچرىتىپ باقمىدىم. تىللارغا بولغان سەزگۈرلىكىمىز بەلكىم بىزگە بىرىلگەن بىر نىمەت بولسا كىرەك. ئۆگىنەيلا دىسەك مەيلى تەلەپپۇز، مەيلى گىرامماتىكا ،يېزىق ھەممىنى شۇنداق قولاي ئىگەللىۋالىمىز. بىزگە تەس كىلىدىغان تىللار شۇ گىرامماتىكىسى ئۇيغۇر تىلىغا بەكلا يىراق كىلىدىغان تىللارمىكىن. مەسىلەن: فىرانسوز تىلى، ئەرەپ تىلى قاتارلىقلار.

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 13:28:01

ئەڭ قىيىن ياكى ئەڭ ئاسان دەپ بولماسلىقى مۇمكىن، بۇ شۇ ئ ...

ئەگەر نوقۇل ھالدا ۋاقىت، زېھىن ۋە ئىقتىساد بىلەن مۇنا ...
قۇرۇق گەپ، سىز ۋاقىت بىلەن زىھىننى خاتا چۈشىنىۋاپسىز، ئۇلار ھەرگىز زىھىن سەرپ قىلمايدۇ، ۋاقىت ئىسراپ قىلىدۇ خالاس. مەنمۇ دەيمەن قىيىن تىل ئاسان تىل دەپ ئىش يوق، سىز بەرگەن زىھنىڭىز ۋە قىزىقىشىڭىزغا باغلىق. سىز مىسال ئالغۇن ئاشۇ ئىنگىلىزتىلىنى  ئالىي مەكتەپكە كەلگەندە ئۈگەنگەن ئىدىم يەنى نۆل سۆۋىيەدىن بىر يىلدىن كىيىن تۆتىنجى دەرىجىدىن بەش يۈزدىن يۇقىرى ئىلىپ ئۆتكەن مەن. شۇڭا مۇھىمى سىزنىڭ قىزىقىش ۋە تىرىشچانلىق مانداقچا ئىيتقاندا قوڭغا باغلىق.
تۈرك تىلىنى ئاسان دەپ نۇرغۇن كىشىلەر ئارىسىدا خاتا چۈشەنچە پەيدۇ بولاۋاتىدۇ دەپ قارايمەن. تۈرك تىلى گىرامماتكىسى ۋە نۇرۇغن سۆزلۈك بىزنىڭكىگە ئوخشاشلىقى راس ،لىكىن ئوخشىمايدىغان يەرلىرىمۇ كۆپ، ئۇلار ئالمانچە، فىرانسوزچە، ئىنگىلىزچى نۇرۇغۇن سۆزلۈك قوبول قىلغان. ئۇلارنى قەتئىي ئۈگەنمەي چۈشەنگىلى بولمايدۇ، كۇرتلار ۋادىسىىنىڭ تىلىنى چۈشەنگىنىڭىز بىلەن ئەردوغاننىڭ باراك ئوباما بىلەن قىلغان سۆھبەتلىرىنى چۈشىنەلمەيسىز.  تاركاننىڭ ناخشا تىكىتلىرىنى چۈشىنەلىگەن بىلەن ئورخان پامۇكنىڭ رومانلىرىنى چۈشىنەلمەيسىز.يەنى يۇقىرى سۆزلۈك تەلەپ قىلىدۇ.شۇڭا تۈرك تىلىنى ئاسانكەن دەپ سەل قارىسا، ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنى تۈركچىمىكى دەپ قوشاپ سۆزلەيدىغان گەپ.


مەن  دىمەكچى بولغاننى دەپ بوپتۇ.

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 18:48:55

kartanesi يوللىغان ۋاقتى  2014-1-23 15:25 static/image/common/back.gif
چاپچالدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار شىبە تىلىنى بىلىدۇ. شىبەچ ...

تىل دېگەننى ئاسان بولغىنى ئۈچۈن ئەمەس، زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن ئۆگىنىدىغان گەپ. ئاسانكەن دەپ شىبە تىلى ئۆگەنگەن بىلەن سىزنىڭ شىبە تىلىغا ئېھتىياجىڭىز چۈشمىسە بىكار. يەنە ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتىسىز. يۇقارقى بىر ئىنكاستا بىر نۇقتا ناھايتى ئوبدان ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. يەنى تىل ئۆگىنىش سىجىللىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئاندىن سىز ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى تەكرارلاپ، ئىشلىتىپ تۇرۇشىڭىز زۆرۈر. شۇنداق قىلالىسىڭىلا ھەممە تىل ئاسان تۇيۇلىدۇ، ھېچبولىغاندا ئاسان تۇيۇلمىسىمۇ تەس بىلىنمەيدۇ. :)

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 08:40:39

nusrat يوللىغان ۋاقتى  2014-1-23 23:56 static/image/common/back.gif
تىل ئۆگۈنۈشتە تالانتى يوق بىرمۇ ئۇيغۇر ئۇچرىتىپ باقمى ...

  مەن  مۇشۇ بىكىرگە چىن دىلىمدىن قوشۇلىمەن ، ئاللاھ ئىگىمىز يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا مىڭ يىللار ياشاپ سەلتەنەت سۈرگەن ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ئەڭ چوڭ نىمەت تىل ئۆگىنىش تالانتى ئىكەن ئەسلى ، بۇنى مىڭ يىل بۇرۇنقى ئەجداتلىرىمىز تونۇپ يەتكەن ئىكەن ، مەسىلەن ئىدىقۇت دەۋرىدىكى تۇرپاندا بىرلا ۋاقىتتا 17 خىل تىلدا كىتاپ نەشر قىلىدىغان نەشىرىياتلار  مەۋجۇت بولغان ئىكەن . ھازىر  بىز  مانا  مۇشۇ ئارتۇقچىلىقىمىزنى تازا تونۇپ كەتمىدۇق .

تىل -- ئۈگەنگىلى بولىدىغان ماھارەت ۋە ھۈنەرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئىرادە تەلەپ قىلىدىغىنى ئەڭ قىيىنى ، ئەڭ ۋاقىت كېتىدىغىنى ئىكەن ، مېنىڭچە چوقۇم ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنىش كېرەك بۇنداق بولغاندا ئاڭلاش يېزىش ئوقۇش سۆزلەش 4 ماھارەتنى تەڭ ئېلىپ  بارغىلى ۋە ۋاقىتتىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ ، ئاندىن قالسا تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن چوقۇم پۇل خەشلەشكە بېخىللىق قىلماسلىقمۇ مۇھىم .  ئالىملار بىر  تىلنى ئارتۇق بىلسە بىر  مىڭىنىڭ ئارتۇق بولىشىغا ئوخشاش دەيدىكەن .

تىللارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاساسەن ئەمىلىي تىزىلىپتۇ ، بۇمۇ ئۆگىنىش داۋامىدا ھىس قىلغىنىم .
بەت: [1]
: ئۈگىنىش ئاسان ۋە تەس تىللار