Word تا فورمۇلا ئارقىلىق ھېسابلاش
Word تا جەدۋەل ئىشلەپ ئۇنىڭدىكى سانلارغا قارىتا قوشۇش، كۆپەيتىش، ئوتتۇرۇچە قىممەتنى تېپىش قاتارلىق ماتىماتېكالىق ھېسابلاش ئېلىپ بېرىشقا بولۇدۇ. قەدەم باسقۇچ مۇنداق:1- ئاۋال جەدۋەلنى سىزىپ ئۇنىڭغا ھېسابلايدىغان ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈېلىپ نەتىجە چىقىرىدىغان كاتەكنى چېكىمىز.
2- « جەدۋەل- 表格 » تىزىملىكىدىكى « فورمۇلا- 公式» دېگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىمىز.
3- چىققان كۆزنەكتىكى « فورمۇلا- 公式» نىڭ ئاستىغا مۇنداق كىرگۈزۈمىز.=SUM(LEFT)« رەقەم پىچىمى - 数字格式 » نىڭ ئاستىغا 0 نى كىرگۈزۈپ ( باشقا پىچىمنى ئاستىدىكى كاتەكتىن تاللىساقمۇ بولۇدۇ) جەزملەيمىز.
ئىزاھات:
SUM جەملەش فۇنكىتسىيەسى ( ئوتتۇرۇچە قىممەتنى تېپىش فۇنكىتسىيەسى AVERAGE ) بولۇپ LEFT دېگىنى سول تەرەپتىكىگە قارىتا ھېسابلاش دېگەننى بىلدۈرۈدۇ، ناۋادا يۇقۇرىدىكىگە قارىتا ھېسابلاش قىلماقچى بولساق ABOVE نى ئىشلىتىمىز ( ئوڭدىكىسى ئۈچۈن RIGHT) .
تاپشۇرۇق:
تۆۋەندىكىدىن پايدىلىنىپ ھېسابلاش ئېلىپ بېرىڭ
فۇنكىتسىيە مەنىسى فۇنكىتسىيە مەنىسى
ABS مۇتلەق قىممەت MIN ئەڭ كىچىكى
AND ۋە، ھەم MOD قالدۇق سان
AVERAGE ئوتتۇرىچە NOT ئەكسى
COUNT ساناش OR ياكى
DEFINED ئىپادە توغرىلىقىغا ھۆكۈم PRODUCT قىممەتلەر كۆپەيتمىسى
FALSE نۆل، ساختا ROUND پۈتۈنلەش
IF شەرت SIGN پىلوس، مىنوسقا ھۆكۈم
INT پۈتۈنلەش SUM جەملەش
MAX ئەڭ چوڭى TRUE ھەقىقىي قىممەت
url=http://good.gd/2922284.htm]http://good.gd/2922284.htm ياكى http://wenku.baidu.com/view/0e0fc4374a7302768f993937.html
يانفۇن نۇسخىسى http://good.gd/2922285.htm ياكى http://wenku.baidu.com/view/88f608fc6137ee06eef91836.html
مەنبە: ئىنتىل سەيناسى
بەت:
[1]