bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 08:11:34

NASA: مارسنىڭ ئۈستىدىكى بىر يېڭى سىر

NASA:  مارسنىڭ ئۈستىدىكى بىر يېڭى سىر

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 22-يانۋار

ناسا مەركىزى JPL (Jet Propulsion Laboratory) نىڭ تور بېتىدە بۈگۈن ئېلان قىلىنىشىچە، ھازىر مارسنىڭ ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان «پۇرسەت» (Opportunity) ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى بىر يېڭى سىرنى بايقىغان .  يەنى بۇ ئالەم ئۇچقۇرى يېقىندا تارتقان بىر پارچە رەسىم بىلەن ئوخشاش ئورۇندا ئۇنىڭدىن 12 مارس كۈنى ئىلگىرى تارتقان رەسىمنى سېلىشتۇرسا، يېڭى رەسىمدە بىر پارچە تاش پەيدا بولۇپ قالغان—تۆۋەندىكى 1-رەسىمگە قاراڭ.  (مارسنىڭ ئۈستىدىكى بىر كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقى 24 سائەت 37 مىنۇت كېلىدۇ)

JPL دىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، بۇ تاشنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىدا مۇنداق ئىككى خىل ئېھتىماللىق بار ئىكەن:  (1) ئالەم ئۇچقۇرى پۇرسەت يول يۈرۈش جەريانىدا، ئۇنىڭ بىر چاقى بۇ تاشنىڭ بىر بۈرجىكىنى بېسىپ سېلىپ، ئۇ تاش ئۆرۈلۈپ قالغان.  بۇنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭراق.  (2) بىر پارچە ئۇچۇپ يۈرگەن مېتېئورىت تاش «پۇرسەت» ئالدىغا ئۇچۇپ كېلىپ قالغان.  ئەگەر 1-خىلدىكى پەرەز راست بولۇپ قالسا، ئۇ تاشنىڭ ئۆرۈلۈپ ئۈستىگە چىقىپ قالغان يۈزى ھازىرغىچە نەچچە مىليارد يىل كۆمۈلۈپ تۇرغان بولغاچقا، ئالىملارنىڭ مارسنى تەكشۈرۈپ چۈشىنىشىنى بىر يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىن ئېتىدىكەن.

بىزنىڭ ئىدارىمىز جپل دىكىلەر ھازىر «پۇرسەت» ناملىق مارسنى تەكشۈرگۈچى ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ خىزمەتكە چۈشكەنلىكىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرلەۋاتىدۇ.  بۇ ماشىنا 2004-يىلى 25-يانۋار كۈنى مارسقا قونغان بولۇپ، ئەسلىدە 3 ئايلىق ۋەزىپە بىلەن مارسقا چىقىرىلغان.  ئەسلىدە پەقەت بىر كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭدۇرۇش پىلانلانغان بولسىمۇ، بۇ 10 يىل جەريانىدا ئۇ جەمى 38 كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭغان.  ئۇ ھازىرمۇ نورمال ئىشلەۋاتىدۇ.  

«پۇرسەت» نىڭ «ئىرادە» (Spirit) ناملىق بىر جۈپى بار بولۇپ، ئۇ 2004-يىلى 4-يانۋار كۈنى مارسنىڭ «پۇرسەت» قونغان يەرنىڭ قارىمۇ-قارشى تەرىپىدىكى يۈزىگە قونغان.  ئۇ جەمى 7.7 كىلومېتىر ئارىلىققا مېڭىپ، 2010-يىلى 22-مارت كۈنى يەر يۈزى بىلەن ئالاقىلىشىشتىن توختاپ قالغان .  بۇ ئىككى ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ھەر ئىككىسىنى ناسا ئۈچۈن JPL باشقۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، پۇرسەت نى ھازىرمۇ JPL باشقۇرىدۇ.

JPL مەمۇرىي جەھەتتىن كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (California Institute of Technology)  گە قارايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ خىراجىتى ناسا دىن كېلىدۇ.  شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «ئۈچ بۇلۇڭلۇق ئورۇن»، دەپ ئاتىشىدۇ.  JPL نىڭ 5000 خىزمەتچىسى بار بولۇپ، ناسا نىڭ 10 مەركىزىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى قىلىدىغان مەركەز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ناسا مەركىزىدە 2500 خادىم بار.  ئەنگلىيە «دەۋر ئالىي مائارىپى»  (Times Higher Education) ژورنىلى تىزىپ چىققان، 2012-2014-يىللىرىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان 50 ئالىي مەكتەپ تىزىملىكىدە، كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى 1-ئورۇندا ئىكەن .  

مەن جپل دە 2004-يىلى 4-يانۋار كۈنى ئىشقا چۈشكەن.  ئۇ كۈنى ئىشقا كەلسەم، پۈتۈن ئىدارىنىڭ ئىچى چوڭ-چوڭ تېلېۋىزور ئىستانسىسىلىرىنىڭ ھەر خىل خەۋەر قىلىش ماشىنىلىرى بىلەن لىق تولۇپ كېتىپتۇ.  مەن دەسلەپتە نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەي، ھاڭ-تاڭ قالدىم.  كېيىن ئۇقسام، شۇ كۈنى «ئىرادە» ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى مارسقا قونۇپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن جپل ھەر كۈنى تېلېۋىزورلاردىكى خەۋەرلەرگە چىقىپ، مېنىڭ دەسلەپكى بىر قانچە كۈنۈم ئىنتايىن ھاياجانلىق ئىچىدە ئۆتتى (مەن ھازىرمۇ ھەر كۈنى دېگىدەك ھاياجانلىق ئىچىدە ياشايمەن، ئەمما ئۇ چاغدا ھاياجانلىق سەل ئالاھىدىرەك بولغان).  دېمەك، جپل غا كىرگىلى ماڭىمۇ 10 يىل بولۇپ قاپتۇ.  بۇ 10 يىل جەريانىدا مەن خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات ژورناللىرىدا 26 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدىم.  تۆت دانە «ناسا يېڭى كەشپىيات مۇكاپىتى»، 7 دانە «JPL ئالاھىدە تۆھپىكارلار مۇكاپىتى»، 12 دانە «ناسا پاتېنتى» (NASA New Technology Reports, NTR)) غا ئېرىشتىم.  مەن قىلغان يېڭىلىقلار «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» ژورنىلىدا 4 قېتىم خەۋەر قىلىندى.  بۈگۈن بىزگە ئىدارىمىزنىڭ 1-قول باشلىقىدىن «پۇرسەت» نىڭ 10-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناۋىسىتى بىلەن بىر پارچە خەت ۋە بىر دانە سوۋغات كېلىپتىكەن.  ئۇلارنى كۆرۈپ ئۆزەمنىڭ جپل غا كىرگىنىمگە 10 يىل بولغانلىقى ئېسىمگە كېلىپ قالدى.  شۇنىڭ بىلەن بۇ 10 يىل ئىچىدە قىلغان ئىشلىرىمنى تورداشلارغا قىسقىچە دەپ بېرىشنى ئىستەپ قالدىم. تورداشلارنىڭ بۇنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

One or Mars' Great Mysteries-This Rock
http://www.popularmechanics.com/how-to/blog/nasa-discovers-mystery-martian-rock-near-rover-16391957

Spirit (rover)
http://en.wikipedia.org/wiki/Spirit_(rover)

Times Higher Education World University Rankings
http://en.wikipedia.org/wiki/Times_Higher_Education_World_University_Rankings

رەسىم ئادرېسلىرى:
http://www.popularmechanics.com/cm/popularmechanics/images/Hb/rockjpl-0114-de.jpg
http://i.space.com/images/i/000/007/603/i02/h_mars-rover-after_02.jpg

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 10:20:44

مۇبارەك بولسۇن ناسادىكى ئون يىللقىڭىزغا ،تېخىمۇ كۆپلەپ شان-شەرەپ قوچىسىڭىزغا تىلەكداشمىز.

saharkuyi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 10:41:52

ناسادا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىڭىزغا 10 بولغانلىقىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن. سىز بىر ئادەمنىڭ ئۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى مىليونلىغان بىلىمخۇمارلارغا ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قېلىپ، نۇرغۇنلىغان ئۈگەنگۈچىلەرگە غەيرەت-شىجائەت بېرىۋاتىدۇ. سىزنىڭ يەنىمۇ كۆكلەپ، يىڭىدىن-يىڭىغا كەشپىياتلارنى يارىتىپ ئىنسانىيەتنىڭ ئالەمنى بىلىش، ئالەمنى چۈشۈنۈش ئىشلېرىغا تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلۇغ ئاللا ئىگەمدىن سىزنى ھەر يەردە ئۈستۈن، ئالىي مەرتىۋىلىك قىلىشىنى تىلەيمەن.

Elcibei يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 10:56:30

‏‏چىن يۈرەكتىن مۇبارەكلەر بولسۇن ئەركىن ئاكا....

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 11:32:56

مۇبارەك بولسۇن ئەركىن سىدىق ئاكا،يەنە يېڭى-يېڭى «پۇرسەت»لەرنىڭ كائىناتقا كۆتۈرۈلگىنىگە شائىت بولغايسىز.
مۇشۇ باھانىدە سورىۋالسام،ياۋروپادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھېلقى 2025-يىلى مارىسقا بازا قۇرۇش پىلانىغا ناسا قانداق قارايدۇ؟بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى قانچىلىك؟ناسانىڭ بۇ پىلاننى تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلەش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟
يەنە سىزنىڭ شەخسىي ئۆز كۆز قارىشىڭىزنى ئاڭلاپ باققان بولساق

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 12:11:35

ئەركىن ئاكا مۇبارەك بۇلسۇن، ئاللا ئىسلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن،شۇنداق ئالدىراش تۇرۇپ نەچچىلگەن مۇنەۋەر ماقالىلەرنى يىزىپ بىزگە سۇندىڭىز سىزگە رەخمەت،مىللەتكە بۇلغان مۇھەببىتىڭىزدىن چۇڭقۇر سۇيۇنىمەن.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 14:51:35

  نەتىجىلىك ئون يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! تېخىدىنمۇ كۆپ شانلىق نەتىجىلەر، تېخىمۇ كۆپ ھاياجانلار سىزگە يار بولغاي، بىلىمخۇمار ئاكا!  ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك، تۇرمۇشۇڭىزلارغا تېخىمۇ رەڭدارلىق، ھاياتىڭىزغا  بەرىكەتلەر تىلەيمەن!  

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 17:51:59

مۇبارەك بولسۇن
يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 19:14:26

ئۇ تاشنىڭ چوڭلۇقى قانچىلىكتۇ؟

datman يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 02:25:04

مۇبارەك بولسۇن ئەركىن ئاكا سىزدەك بىر ئۇيغۇرنىڭ ناسادەك مۇھىم ئورۇندا 10يىل ئىشلىيەلىشى بەسى مۇشكۇل
ئەگەر ماۋۇ يەردەك بولغان بولسىڭىز تاملىرىڭىزبىلەن ئىشكاپلىرىڭىزدا لىقلا تەقدىرنامىلەر تولۇپ ياتقان بولاتتى

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 09:49:11

yigana523 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-23 11:32 static/image/common/back.gif
مۇبارەك بولسۇن ئەركىن سىدىق ئاكا،يەنە يېڭى-يېڭى «پۇرس ...

مەن ئالدى بىلەن يۇقىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ كىشىگە ئىلھام بېغىشلايدىغان مېھرىبان ۋە سەمىمىي سۆزلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن!

سالام ئۇكام،
ناسا ھازىر ئامېرىكا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەردىكى ئالەم تېخنىكىسىغا تۇتۇش قىلىۋاتقان خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ھەمكارلىشىش، ھەمدە ئۇلارغا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياردەم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويىۋاتىدۇ.  خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادىي كىرىمنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ھەممە ئىشنى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىپ، پۈتۈن قۇرۇلۇشنى پۇختا ھېسابلاپ، ئاندىن ئىش باشلايدۇ.  شۇنداق بولغاچقا ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقى خەلى يۇقىرى.  ناسادا بىر مەزگىل ئىشلەپ، ئاندىن خۇسۇسىي شىركەتلەرگە بېرىپ، ئالەم تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەملەرمۇ خېلى كۆپ.

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 11:35:51

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2014-1-24 09:49 static/image/common/back.gif
مەن ئالدى بىلەن يۇقىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ كىش ...

دېمەك مارىس پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىكەندە؟كەلگۈسى 50يىل ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ پەن-تېخنىكىسى ۋە مارىس توغرىلىق ئىگە بولغان ئۇچۇرلىرى مارىستا ئولتۇراقلىشىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلالارمۇ؟تېخىمۇ تېز سۈرئەتلىك ئۇچقۇ كەشىپ قىلىنمىغان ئەھۋالدا بىر يىلدىن ئارتۇق ئۇچۇپ مارىسقا ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئەۋەتىشنى ئامرىكىنىڭ پىلانلىمىغانلىقى بۇنىڭ ھازىرچە رېئال ئەھمىيىتىنىڭ ئانچە زور ئەمەسلىكىدىنمۇ؟
بەت: [1]
: NASA: مارسنىڭ ئۈستىدىكى بىر يېڭى سىر