Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 04:03:21

(بىلىك) ئوغلۇمىزغا يېزىلغان تۈركچە مەكتۇپ ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
شۇنداق قىلىپ ئىككى يىل ئايرىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان بىز،  ئايالىمنىڭ ئىستانبۇلغا كېلىشى بىلەن قىسمەن ھالدا جەم بولغان بولدۇق.. ئانىنىڭ قەلبى قانداق بولقىدىغانلىقىنى يەنىلا (اللەدىن باشقا) ئانىلار ئەڭ ياخشى بىلسە كىرەك.. ئارتۇق گەپنى قويۇپ تۇراي، ئۇ ئىستانبۇلغا كېلىپ رەسمىي ھالدا تۈركچە ئۆگۈنىشكە باشلاپ،  مانا بىر ئاي ئۆتكەندە ئوغلۇمىزغا تۈركچە مەكتۇپ يېزىپتۇ.. بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ تېرىشچانلىقىدىن خوش بولسام، بىر تەرەپتىن مەنمۇ ئوغلۇمنى سېغىنىشتىن بىر قىسما بولۇپ قالدىم..    بۇنى بۈگۈن مەن بىر ئاز تۈزۈتۈپ، تەھرىرلەپ بەرگەن ئېدىم، كىيىن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىمۇ يېزىپ تەھرىرلەپ، كۆپچىلىك بىلەن  بۇ تۇيغۇلىرىمىزنى ئورتاقلىشىشنى ئويلاپ قالدىم.

Sevgili oğlum,

Ben seni o kadar çok özledim ki anlatamam.. Sen benim ilk göz ağrımsın. Zaman zaman kalıbımın derin derin katlarından seni özlüyorum..

Oğlum, sen sadece bir buçuk yaşındasın. Elbette sana yazdıklarımı ne okuyabilir, ne algılayabilir, ne de anlayabilirsin ama  Allah nasip ederse büyüyünce bu mektubumu okuyup belki benim şu andaki  duygularımı anlayabileceksin oğlum!

Sayıyorum,  ikimizin görüşmediğimize tam 71 gün olmuş bugün. Seni o kadar özledim ki, bu duyguyu  aynı kısmetteki anneler bilir ancak.

Güzel oğlum!  senin çok tatlı ve en sevimli zamanındı bu, sevgimizin meyvesi, mutluluğumuzun nedeni, kalplerimizin sonsuz huzur kaynağıydın. maalesef bu huzurdan şimdilik mahrumuz..

Aslında ben senin yanında olmalıydım, ne yazık ki yanında olamadım, beni affede bilecek misin oğlum !?   Kalbim taş değildir benim!.. Her zaman seni sevmek için çok can atıyorum..  Senden ayrılmamalıydım, fakat seni en iyi eğitmek için önceden kendimi eğitmem, daha çok şeyler öğrenmem,  ilim sahibi olmam gerekirdi.. Ne yapalım? ne olursa olsun, bunların hepsi bizim kaderimize yazılmıştır,  işte bu İman edilmesi farz olan esaslardan biridir. Seninle beraber olmayı çok istersem de Allah istemeden hiç bir şey gerçekleşmez; Eğer O isterse hiç bir şey engel olamaz!   İnşaaAllah, bir gün hep beraber olacağız, zamanı gelene kadar çok sabırlı olmamız lazım..

Sana ne kadar çok yazsam da bitmez sözlerim ama  şunu belirtmek istiyorum, seni çok seviyorum canım kuzum benim, sen benim dünya kadar değerli yavrumsun!

Yüce Allahtan sana Kuvvetli iman, sağlık, afiyet ve uzun ömür dilerim! Yakın zamanda Allah kavuştursun bizi!



İstanbul, 16 Ocak 2014.

سۆيۈملۈك ئوغلۇم،
مەن سېنى شۇ قەدەر سېغىندىمكى، نېمە دېيىشىمنى تىلىمدا تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن. سەن مېنىڭ تۇنجى يۈرەك پارىم، زامان زامان قەلبىمنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلىرىدىن سېنى سېغىنماقتىمەن..
سەن تېخى بىر يېرىم ياشتىكى بوۋاق، ئەلبەتتە ساڭا يازغانلىرىمنى ئوقۇيالمايسەن، پەرق ئېتەلمەيسەن، ھەمدە چۈشىنەلمەيسەن، ئەمما اللە نىسىپ قىلىسا چوڭ بولغاندا بۇ مەكتۇبۇمنى ئوقۇپ، مېنىڭ شۇئاندىكى قەلبىمنى چۈشۈنۈپ قالارسەن ئوغلۇم!

ساناۋاتىمەن، ئىككىمىزنىڭ كۆرۈشمىگىنىمىزگە بۈگۈن ساق 71 كۈن بولۇپتۇ. سېنى ئۇ قەدەر سېغىندىمكى، پەقەت مېنىڭ بىلەن ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولغان ئانىلارلا چۈشۈنەلەيدۇ مېنىڭ بۇ ھېس-تۇيغۇمنى..
جېنىم ئوغلۇم!  سېنىڭ تولىمۇ تاتلىق ۋە ئەڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ۋاقىتلىرىڭ ئېدى بۇ. سۆيگۈمىزنىڭ تۇنجى مىۋىسى، بەختىمىزنىڭ سەۋەبى، چەكسىز قەلىب ھوزۇرىمىزنىڭ بۇلىقى ئېدىڭ، ئەپسۇس بۇ ھوزۇردىن ھازىرچە مەھرۇم قالدۇق (سېنىڭ داداڭ، ئاناڭ بولغۇچى بىز)..

ئەسلىدە مەن سېنىڭ يېنىڭدا بولۇشۇم كىرەك ئېدىم، كاج تەلەيدىن، يېنىڭدا بولالمىدىم، مېنى ئەپۇ قىلالامدىغانسەن ئوغلۇم!؟ باغرىم تاش ئەمەس مېنىڭ!.. ھەر ۋاقىت سېنى قوينۇمغا ئېلىپ، ئەركىلىتىش مېنىڭ چۈشۈم.. سەندىن ئايرىلماسلىقىم كېرەك ئېدى، پەقەت سېنى ئەڭ ياخشى تەربىيلىمەك ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى تەربىيلىشىم، تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەر ئۆگىنىشىم، ئىلىملىك بولۇشۇم كېرەك ئېدى.. قانداق قىلىمىز ئەمدە؟ نىمىلا بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ تەغدىرىمىزگە پۈتۈلگەن ئىكەن. (بۇنىڭ ئۆزى دەل، ئىماننىڭ پەرزلىرىدىن بىرسى!)   سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە بولۇشنى شۇنچە خالىساممۇ، اللە خالىمىسا ھېچ بىر نەرسە ئەمەلگە ئاشمايدۇ؛ ئەگەر اللە خالىسا ھېچ بىر نەرسە توسالغۇ بولالمايدۇ! ئىنشااللە، بىر كۈنى ھەممىمىز بىرلىكتە جەم بولىمىز، ۋاقتى كەلگۈچە بەكمۇ سەبىرلىك بولۇشىمىز لازىم..

ساڭا قانچە كۆپ يازساممۇ سۆزلىرىم تۈگمەيدۇ.. ئەمما، شۇنى ساڭا ئېيتاي،  تاتلىق قوزام! مەن ساڭا بەكمۇ بەكمۇ ئامراق، سەن مېنىڭ ئالەمگە تېگىشمەس گۆھەر بالام!

ئاخىرىدا ئۇلۇغ اللە تىن  ساڭا كۈچلۈك ئىمان، سالاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن! يېقىن زاماندا اللە بىزلەرنى جەم قىلسۇن!

2014. 01. 16
ئىستانبۇل.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 08:54:12

تۈركچە- ئۇيغۇرچە ئوقۇشلۇقنىڭ بىر دەرسى بولغۇدەك مەكتۇپ ئىكەن!
تۈركچىنى بىر ئاي ئۆگىنىپ، سۆزلەش تۈگۈل، يازىدىغان بولۇپ كەتكىنىگە قاراپلا، تۈركىي تىللارنىڭ نەقەدەر يېقىنلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
ئاڭلىسام، ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش تۈركچە ئۆگىنىشكە قارىغاندا تەس دەيدۇ. ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە بارسا تۈركچىنى ئاسانلا ئۆگىنىۋالىدىكەن، لېكىن تۈركىيەلىكلەر بۇ يەرگە كەلسە ئۇيغۇرچىنى خېلى تەستە ئۆگىنىدىكەن. چۈنكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش شەكلى بەك كۆپ بولۇپ، ھەرخىل تۈرلەنگەن پېئىللارنىمۇ بىر سۆز ھېساپلىساق، ئۇيغۇر تىلىدا 50 مىليوندىن ئارتۇق سۆز بار ئىكەن. بەلكىم مۇشۇ سەۋەبلەردىن ئۇيغۇر تىلى سەل مۇرەككەپ بولۇشى مۇمكىن.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 09:13:32

شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ.
ئۇيغۇر تىلىدا 50 مىليوندىن ئارتۇق سۆز بار ئىكەن.
كۆكتاش بولسا بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلار قانداق؟راستىنلا شۇنداق كۆپ سۆز بارمۇ؟
تۈركچە بىلىدىغانلار دەپ باقساڭلار تۈركچە بىلەن ئۇيغۇرچىدىكى سۆزلەرنىڭ ئوخشاشلىق نىسپىتى
تەچچىلىكتۇ تەخمىنەن بولسىمۇ؟
تۈركچىدىكى ئىنگىلىزچە سۆزلەر  نەچچە نىسپەتنى ئىگىلەيدۇ؟
بولسا تۈركچىدىكى بىز بىلمىگەن مەيلى ئىپادىلەش ،گۈزەللىك جەھەتتىكى ماقال-تەمسىل ،ئىدىئوم بولسا دەپ باقساڭلار؟

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 09:54:48

ئۇيغۇر تىلىدا 50 مىليون سۆزلۈك بارلىقىنى ئالىم ئەخەت ئەپەندى پاكىتلىق سان- سىفىرلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان، تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ:
http://www.alimahat.com/?p=1091

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 10:00:54

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-1-23 09:13 static/image/common/back.gif
شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ.
ئۇيغۇر تىلىدا 50 مىليوندىن ئار ...

ئۆتكەندە http://www.tildil.com/ تور بېكىتىدە، ئۇيغۇر تىلى بىلەن تۈرك تىلى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆخشاش سۆزلەر، قىسمەن تاۋۇشلاردا پەرق بار سۆزلەر.....قاتارلىقلارنى ستاتىستىكا قىلغاندىن كىيىن، تەخمىنەن 40 پىرسەنت ئەتراپىدا ئوخشاش سۆزلەر بار دەپ چىقىرىپتىكەن.
ھازىر بۇ تور بېكەت يېڭىلىنىۋېتىپتۇ......
توردىكى ماتېرياللارغا قارىغاندا، 2005-يىلى نەشىردىن چىققان  Güncel Türkçe Sözlük دە 104 مىڭدىن ئارتۇق سۆز بولۇپ، 86 پىرسەنتى تۈركچە، 14 پىرسەنتى ئەرەپچە، پارىسچە، فرانسۇزچە، ئىتالىيانچە، ئېنگلىزچە.گىرىكچە ...قاتارلىق تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر ئىكەن.
1928-يىلى باشلانغان تىل ئىسلاھاتىدىن باشلاپ، تۈرك تىلىدىكى ئەسلىدە بار بولغان (ياكى ئوسمانلى تۈركچىسىدىكى ) نۇرغۇن ئەرەپچە، پارىسچە سۆزلەر چىقىرىپ تاشلىنىپ، يېڭىدىن تۈركچە سۆزلەر ياسالغان........

مۇشۇ يېڭىدىن ياسالغان تۈركچە سۆزلەر ۋە ياۋروپا تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر تۈرك تىلىنى دەسلەپتە ئۈگەنگەندە بىزگە قىيىن بىلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا بەزى سۆزلەرنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان ئىكەن:

http://en.wikipedia.org/wiki/List_of_replaced_loanwords_in_Turkish

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 10:01:25

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 10:06:41

بەزىلەر قازاق تىلى ئۇيغۇر تىلىدىن سۆزگە باي دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس، ئىككى تىلنىڭ سالمىقى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. بىزگە قازاق تىلىنىڭ سۆزلۈكى بايدەك بىلىنگەن يېرى شۇكى، ئۇلار قەدىمكى سۆزلۈكلەرنى كۆپرەك ساقلاپ قالغان. يەنە بەزى سۆزلەرنى بۇزۇپ ئېيتسا، خۇددى بىزگە يېڭىچە سۆزدەك ئاڭلىنىدۇ. مەسىلەن: قالا (شەھەر)، بۇنىڭ ئەسلىسى قەلئە، بۇرۇنقى زامانلاردا شەھەرلەر قەلئەنى مەركەز قىلىپ قۇرىلىدۇ، قەلئەسىز شەھەر بولمايدۇ، بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ھۆجۇم قىلىپ قەلئەسىنى ئالالىسا ئاندىن يەڭگەن بولىدۇ. ئەلمىساقتىن، چارۋىچى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قەلئەگە بارغىنى ئۇلارنىڭ شەھەرگە بارغىنى ھېساپلىنىدۇ. قازاقلاريەنە  «ياكى» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «يەمەسە» دېگەننى ئىشلىتىدۇ، ياكى دېگەن سۆزنىمۇ بىلىدۇ بولمىسا، لېكىن يېنىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپرەك پەرقلىنىش ئۈچۈن، يەمەسەنى كۆپرەك ئىشلىتىدۇ(شىنجاڭ قازاقلىرىغا قارىغاندا، بىز قازاقىستان قازاقلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئوبدانراق چۈشىنىمىز، شەخسەن ئۆزەم شۇنداقراق ھېس قىلدىم). ئەمەلىيەتتە يەمەسە دېگەن سۆز «ياكى بولمىسا» دېگەن سۆزنىڭ ئىخچاملىنىشى بولۇپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىمۇ ياكى سۆزىنى ئىشلەتمەي، «يۇمۇسا» دېگەننى ئىشلىتىدۇ.
ئىنكاسلار تېمىدىن سەل چەتنەپ قالدى، تېما ئىگىسىدىن كەچۈرۈم سورايمەن.
تۈركىي تىلغا ئائىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ قويدۇم.

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 10:30:38

koktash يوللىغان ۋاقتى  2014-1-23 10:06 static/image/common/back.gif
بەزىلەر قازاق تىلى ئۇيغۇر تىلىدىن سۆزگە باي دەپ قارايد ...

قازاق تىلى سۆزگە باي تىللارنىڭ بىرى. يېقىندا نەشىردىن چىققان 15 توملۇق ‹‹قازاق تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى›› غا 106 مىڭدىن ئارتۇق سۆز كىرگۈزۈلگەن. 2008-يىللىرى نەشىر قىلىنغان 5 توملۇق ‹‹ئۆزبېك تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى›، غا 80 مىڭغا يېقىن سۆز كىرگۈزۈلگەن.
2011 -يىلى نەشىر قىلىنغان 2 توملۇق ‹‹قىرغىز تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى›، غا 50 مىڭ ئىتراپىدا سۆز بار.
ئەمدى مەيلى 6 توملۇق بولسۇن، ياكى بىر توملۇق قىسقارتىلغان نۇسخىسى بولسۇن، ‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى›، دا 60-70 مىڭدىن ئارتۇق سۆز بار دەپ دىيىلىۋاتىدۇ.

گەرچە لۇغەتتىكى سۆزلەر بىلەن تىلدا ئەسلى بار بولغان سۆزلەر سانى ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك پەرق بار دىگەندىمۇ، قازاق تىلىنىڭ سۆزلۈكى ھەقىقەتەن كۆپرەك.
يۇقۇرىدا تۈرك تىلىدىكى سۆزلۈك ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن، بۇ يەردە تەكرارلىمايمەن.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 10:46:37

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۈم ،
مەكتۈپ بەك تەسىرلىك يىزلىپتۇ !
ئائىلىڭىز بىلەن قېسمەن بولسىمۇ جەم بولغىنىڭىزنى ئاڭلاپ تولىمۇ خوش بولدۇم !
تىلگىنىڭلاردەك ئوغلۇڭىز بىلەن پات ئارىدا  سىلەر بىلەن بىرگە بولشىنى ئاللاھتىن تىللەپ  قالىمىز !

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 11:11:22

تۈركلەر گەپنى بەك پاساھەتلىك قىلامدۇ نىمە؟   نەسىر ، شىئىرلەردەك ئاڭلىنىدىكەن ـ
  مۇنداق گەپ بار ئىكەنغۇ  : بىر ئۇيغۇر گەپ بىلەن بىر ئادەمنى قايىل قىلالايدۇ، ئۆزبەكلەر ئون ئادەمنى ، تۈركلەر يۈز ئادەمنى قايىل قىلالايدۇ
تۈركلەر خىلى گەپدان ئوخشايدۇ

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 13:01:33

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-23 11:11 static/image/common/back.gif
تۈركلەر گەپنى بەك پاساھەتلىك قىلامدۇ نىمە؟   نەسىر ، ش ...

نەدە با گەپكەن بۇ؟  بىرە مەھەللىنىڭ دوقمۇشىدا موخرەك چىكىپ ئولتۇرۇپ قىلدىغان گەپمىكەن يا ؟

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 13:24:54

گۈلەن بىر يازمىسىدا شۇنداق گەپلەرنى قىلغان

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 14:04:59

charwichi يوللىغان ۋاقتى  2014-1-23 10:30 static/image/common/back.gif
قازاق تىلى سۆزگە باي تىللارنىڭ بىرى. يېقىندا نەشىردىن ...

دەلىل- ئىسپاتلىرى بىلەن توغرا يەكۈن چىقىرىپسىز، قايىل بولدۇم.
قازاق تىلىغا ئالدىراپ يەكۈن چىقىرىپ قويغانلىقىمدىن خىجىلمەن!

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 15:14:31

ساپلىقى يۇقىرى تىللار سۆزگە باي بولىدىكەندە ، قەدىمكى تۈركى تىلى سۆزگە شۇنچە باي تۇرۇپ نىمىشقا  ئەرەب ، پارس تىللىرىدىكى سۆزلەرنى كۆپ قوبۇل قىلغان

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 21:25:58

kolay gelsin, evladin ne oldugunu ancak anneler sonra babalar dusunuyorlar..allah sizleri cok gecmeden tekrar toplanmanizi nasip etsin, ameen.

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-1 18:48:41

ئوھو، مانا مانا ئاخىرى جەم بولۇپسىلەر، بەك ياخشى بوپتۇ، خوش بولدۇم، ئەڭ قىسقا زاماندا تامامەن جەم بولۇشىڭلارغا تىلەكداشمەن.
بەت: [1]
: (بىلىك) ئوغلۇمىزغا يېزىلغان تۈركچە مەكتۇپ ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىىسى