Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 11:40:42

كورىيە تىلى ئۆگىنىش(ئەپ)


http://a5.mzstatic.com/us/r30/Purple4/v4/20/5f/a3/205fa36b-31f1-f790-1ab8-ed514f1c26a8/screen568x568.jpeg
http://a1.mzstatic.com/us/r30/Purple4/v4/ae/9c/f5/ae9cf546-f939-2fb4-1bd3-da56064f2dff/screen568x568.jpeg
http://a2.mzstatic.com/us/r30/Purple6/v4/b6/fc/9a/b6fc9a58-fbf4-0ce9-63c8-b370596c2f0b/screen568x568.jpeg
http://a4.mzstatic.com/us/r30/Purple6/v4/2e/fe/81/2efe81d9-9c0f-e1b8-e36d-dcb8878b5cb9/screen568x568.jpeg

بىزگە يېقىن بولغان دۆلەت كورىيە سىزگە تونۇش ياكى ناتونۇش. لېكىن سىز كۆرگەن كورىيە كىنو-فىلىملىرىدىن كورىيە خەلقىنىڭ تولىمۇ مىھماندوس ۋە ئىنتايىن ئەدەپ-قائىدىلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىدىن، بۇلارنىڭ بىز ئۇيغۇرلار بىلەن مەلۇم خىل مەدەنىيەت ئوخشاشلىقىمىز بارلىقىنى ھېس قىلىسىز(يەنە بىر كۆرسەم دېگەن كىنونى كۆرمىگەنلەر يوققۇ دەيمەن) . ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق. مىسالەن، كورىيە ۋە شىمالى كورىيە (چاۋشىيەننىڭ )دۆلەت تىلى بولغان كورىيە تىلىدىن
مۇنازىرە باشلىساق، كورىيە تىلىنىڭ ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىغا تەۋە ئىكەنلىكىدىن ھەقىقەتەنمۇ بىز ئۇيغۇرلار بىلەن تىل جەھەتتە
باغلىنىشى بارلىقىنى بايقايسىز. تىل سىستېمىسى بىر بولغاچقا، كورىيە تىلىمۇ ئۇيغۇر تىلىدەك ئاۋۋال
شەخس ئاندىن ئورۇن-جاي، ئەڭ ئاخىردا ئىش-ھەرىكەت ئىپادە قىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرچىدا مەن ئۆيگە كېتىۋاتىمەن دېگەن گەپنى كورىيەچىدىمۇ مەن ئۆيگە كېتىۋاتىمەن دەپ ئىپادە قىلىسىز، لېكىن ئىنگىلىز تىلىدا بولسا مەن كېتىۋاتىمەن ئۆيگە دەپ ئىپادە قىلىسىز. ھەتتا بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا چوڭلارنى سىلى، سىز دەپ ھۆرمەت سۆزى قوشۇپ ئىشلىتىشىمىز كورىيەچىدىمۇ ئوخشاشتۇر. كورىيەچىدىمۇ چوڭلار ۋە كىچىكلەرگە سىپايە سۆزى قېتىپ ئىشلىتىدۇ، ھەتتا كورىيىلىكلەرنىڭ بۇ خىل ھۆرمەت سۆزىنى قېتىپ ئىشلىتىشى بىزدىن ئېغىرراق. دېمەك مانا بۇلار تىل سېستىمىسىنىڭ ئوخشاشلىق ۋە پەرقلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەمدى بىر مىللەتنى چۈشىنىش ياكى قىزغىن باردى-كەلدىدە بولۇش ۋە ياكى باشقا مەقسەتتە شۇلارغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن، شۇ مىللەتنىڭ تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ باشقا ئىلگىرلەش يولى ئۈستىدىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ. مەن شۇ مەقسەتلەر بىلەن ۋە ساياھەتنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار ئۈچۈن، قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق بىلەن سىلەر كۆرۈۋاتقان بۇ «كورىيە تىلى» ناملىق ئەپنى ياساپ چىقتىم. ياساش جەريانىدا ئۆگەنگۈچى دوستلارنىڭ تېز ھەم ئاسان ئۆگىنىۋېلىشى ئۈچۈن، ئامالنىڭ بارىچە ئاددىي بولۇشقا ئەھمىيەت بەردىم. بۇ ئەپنىڭ دوستلارنىڭ كورىيە تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئاز-تولا ياردىمى بولۇشى ئۈمىد قىلىمەن. ئوقۇش ۋە خىزمەت ۋاقتىمدىن سرت ۋاقىت ئاجرىتىپ تەييارلىغانلىقىم ئۈچۈن خاتالىقلاردىن خالى بولۇشۇم ئېنىق، شۇڭا كەڭ دوستلارنىڭ بۇ ئەپتىكى بايقىغان ھەر قانداق پىكىر-تەلەپلىرى بولسا، ماڭا ئېلخەت ئارقىلىق ئېرىنمەستىن دىيىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

:ئالاھىدىلىكى
مەزكۇر ئەپ ئارقىلىق كورىيەچە ساۋادىڭىزنى چىقىرالايسىز،
سۆز-جۈملىلىرىنى ئېنىق ھەم تەپسىلىي يازدىم.
ئاڭلاش مەشىقى ئۈچۈن كورىيەنىڭ رادىئو چاستوتىسىنى ئۇلاپ قويدۇم
(مۇھىتىدا ئاڭلىشىڭزنى تەۋسىيە قىلىمەنWi-Fi)
كورىيەگە ساياھەتكە كەلگەنلەرگە قۇلاي بولسۇن دەپ، ئىشلىتىش ئىھتىماللىقنى يۇقىرى بولغان سۆز-جۈملىلەرنى ھەمدە كورىيىدىكى مېھمانسارايلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال باھاسىنى ، مۇسۇلمانچە تاماقخانا رايونىنى، ئوتتۇرىچە ئىستېمال سەۋىيەسىدە قانداق سودا قىلىش ۋە يول سوراش قاتارلىقلارنى قوشۇپ قويدۇم. كورىيەدىكى ئوندىن ئارتۇق ساياھەت رايونىغا قانداق بېرىش ھەمدە قانداق ساياھەت قىلىش قاتارلىقلارنىمۇ يازدىم.
كورىيەدە ئوقۇش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلار ئۈچۈن قانداق پاسپورت بىجىرىش، قانداق ۋېزا ھەل قىلىش ھەققىدە قوشۇمچە توختالدىم .
ۋە بەزى مەكتەپلەرنىڭ كېتىدىغان ماتىرىياللارنى چىقرىپ قويدۇم .ھەمدە كورىيەدىكى ھەر قايسى كەسىپلەر بويىچە داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ چىقتىم.
لۇغەت- تور لۇغىتى بولۇپ خەنزۇچە.ئىنگلىزچە .فىرانسۇزچە.تۈركچە،ئۆزبەكچە......تىللىرى ئارقىلىق كورىيەچە سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆز ئارا ئىزدەپ تاپالايسىز..
چۈشۈرۈش ئادرىسى https://itunes.apple.com/us/app/kwryy-tyly/id797032199?ls=1&mt=8
مەنبە : ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 09:59:57

ئىنگىلىزتىلى ، تۈرك تىلى ، ئەرەب تىلى ئۈگىنىدىغان ئۇيغۇرچە ئەپ ياسالسا بولاتتى ، ئاندىرويىد ئىشلىتىغانلار كۆپ apkھالىتىدە ياسىساڭلار كۆپ ئادەم مەنپەئەتلىنەتتى

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 10:04:25

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى2014-1-22 09:59 static/image/common/back.gif
ئىنگىلىزتىلى ، تۈرك تىلى ، ئەرەب تىلى ئۈگىنىدىغان ئۇي ...

apk قىلسا apياسىغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشى تەس .

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 11:14:41

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر، ھارمىغايسىز!
خەنزۇچە ماتېرىياللاردا، كورىيەلىكلەرنىڭ ئەجژدادىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن دەپ يېزىپتۇ. بەلكىم شۇ سەۋەبتىن سۆز- جۈملىلەرنىڭ گرامماتىكلىق قۇرۇلمىسى ئوخىششىپ كېتىشى مۇمكىن. ياپون تىلىنىڭ گرامماتىكىسىنى ئۇيغۇرچىغا، جۈملىدىن تۈركىي تىللارغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
كورىيە تىلى ھەققىدە ئىككى سۇئال سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ:
1. كورىيەلىكلەر ئۆزىنى ۋە ئۆز تىلىنى قانداق ئاتايدۇ، يەنى قانداق تەلەپپۇز قىلىدۇ؟ مەسىلەن، خەنزۇلار بىزنى ۋېيۋۇئېر، ئېنگلىزلار ئۇيگۇر دېگەن بىلەن، بىز ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دەپ ئاتايمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش دېمەكچى.
2. كورىيە تىلىدا ئۇيغۇر تىلى بىلەن تاساددىپىي ئوخشىشىپ كېتىدىغان سۆزلۈكلەر بارمۇ؟ دېمەكچىمەنكى، بىر- بىرىدىن قوبۇل قىلمىغان، چەتئەل سۆزلۈكى بولمىغان سۆزلۈكلەرنى دېمەكچى. ئېنگلىزچە بىلەن ئۇيغۇرچىدىمۇ تاساددىپىي ئوخشىشىپ كېتىدىغان سۆزلۈكلەر بار. مەسىلەن جاڭگال، داجىش دېگەندەكلەر شۇنداق.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 13:32:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Typography تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-22 13:34

koktash يوللىغان ۋاقتى2014-1-22 11:14 static/image/common/back.gif
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر، ھارمىغايسىز!
خەنزۇچە ماتېرىيالل ...

كورىيەلىكلەر ئۆزىنى ئۆز تىلدا خەنگۇگئىن( 한국인 )ۋە ياكى (한국사람 ) خەنگۇگ سارامدەپ ئاتايدۇ. ئەسلى شىمالى كورىيە ۋە جەنۇبى كورىيەلىكلەر تارىختىن بۇيان جۇسون مىللىتى دەپ كەلگەن بولسىمۇ ھازىر كورىيەدە ئۇمۇميۈزلۈك خەنگۇگئىن دەيدۇ. بۇ كورىيان سۆزى گورىيو고려 دەۋرىدىن كەلگەن بولۇپ تاشقى مۇناسىۋەت كۈچەيگەندە غەربلىكلەر korea دەپ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئاتىلىپ كەلگەن ئىكەن.   ئۆز تىلىنى 한국어 خەنگۇگودەپ ئاتايدۇ. يېزىقىنى بولسا خەنگىر 한글دەپ ئاتايدۇ.   بۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئۆگەنگەندە خەنزۇچە سۆزلەر بىلەن جىق ئوخشايدىغانلىقنى سىزەلەيسىز. بۇ بەلكىم تارىختىن بۇيان كورىيەلىكلەرنىڭ مەلۇم مەزگىل خەنجا한자 (يەنى خەن يېزىقى)ئىشلىتىش دەۋرىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن . تەخمىنەن 1800سۆزلەر ئوخشاشلىقى بار دەپ ئاڭلىغانتىم . شۇڭا بۇلارنىڭ ھازىرقى يېزىقىدىمۇ قىسمەن خەنزۇچە سۆزلەر شۇ پېتى(ياكى يېزىلىدۇ) ئېلىنىدۇ. ھەم پرافىسورلارمۇ ئاساسەن شۇ خەن يېزىقىنى (ھازىرقى ئاددى خەن يېزىقى ئەمەس)نى ئاساسەن ئوقۇپ يازالايدۇ. يېزىلىشى خەنچە بولغان بىلەنئۆز تەلەپپۇزى(يەنى كورىيەچە تەلەپپۇزى) بويىچە ئوقۇيدۇ.
    <한문(漢文)>
   維歲次 丁亥 十月戊申朔 二十七日甲戌
                                    孝子 ○○ 敢昭告于
顯考學生府君歲序遷易
   諱日復臨追遠感時昊天罔極
   謹以淸酌庶羞恭伸奠獻尙

يېزىقتا قەدىمى خەن تىلىدا يېزىلدۇ . ئەمما ئوقۇغاندا تىگىدىكىنى ئوقۇيدۇ.
<한글>
   유세차 정해 시월무신삭 이십칠일갑술
                                    효자 ○○ 감소고우
현고학생부군세서천역
   휘일부림추원감시호천망극
   근이청작서수공신전헌상

   كورىيە تىلىدا ئۇيغۇر تىلىنى تاساددىبى ئۇچراپ قالدىغان سۆزلەرنى كۆرۈپ باقمىدىم. ( ئىزدىنىشتىكى ۋەيرانى چوڭام بىلەمدۇ يا)ئەمما دىگەندەك گىرامماتكىسى يېقىن بولغانلىق ھەم خەنزۇچە ئاساسىمىز بولغاچ بۇ تىلنى ئۆگىنىش ئۇنچە تەس ئەمەس ئىكەن بىز ئۈچۈن.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 13:50:03

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى2014-1-22 09:59 static/image/common/back.gif
ئىنگىلىزتىلى ، تۈرك تىلى ، ئەرەب تىلى ئۈگىنىدىغان ئۇي ...

تارىمنىڭ دېگىنى توغرا.....ئىقتىسادى كىرىم بولمىغان ئىشنىڭ ئاخىرى چىقماي توختاپ قالىدۇ.بىزدە تېخى ئەپنى پۇلغا ئالدىغان ئاڭ تولۇق شەكىللەنمىدى . ئاددىيسى مۇشۇ ئەپنى تۇنجى چىقارغاندا بالىلاردىن كەلگەن بىرىنچى ئىنكاس ۋاي ئاللاھ ئەپسۇس بۇ ئەپ ھەقلىقكەنغۇ دىگىنى. بىز قىممەت قىلايلى ئەرزان قىلايلى ياخشى قىلايلى يامان قىلايلى تۇنجى ئىنكاس ‹ھەقلىق›كەنغۇ.قىزىقىش بولمىسا بۇ ئەپ ياساش ئىشلىرىنىمۇ قىلغۇمىز يوق . شىركەت بولسىغۇ مەيلى يەككە قىلۋاتقانلار ئۈچۈن ئېغىر كېلدىكەن. چۇنكى ئىقتىسادى كىرىم يوق دىيەرلىك ئالمىنىڭ دۇكىنىغا تۆلەيدىغان يىللىق ئىجارە ھەققى ئاران ئاران چىقىدۇ. شۇڭا بۇ ساھەگە كىرىپ چىكەتكەنلەردىن بىر نەچچىسىنى كۆردۈم. ھازىر ئۇلارنىڭ ئەپى ئەپ دۇكىنىدا يوق. سەۋەب نىمە دىگەندە بالىلار 4000كويلۇق تېلفۇننى ئالغانكىن ئەپلەرنى پۇلغا ئېلىپ نىمە بار دىگەن ئۇقۇم بار. شۇڭا ھازىرچە ئاندرويىدقا يۈرۈش قىلىشنى ئويلاشمىدۇق.بولمىسا ھەقلىق قىلساقمۇئاقكۆڭۈلدىن بىرسى چۈشۈرۋېلىپ ئۇنى تور بېتىدە ياكى بۇلۇت سۇپىسىدا باشقىلارغا تارقىتىپ دۇئا ئالىدۇ.   
بۇ سۆز پەقەت سىزگىلا ئەمەس . ئەپ چىقىپلا ئەپنىڭ ئارتۇقچىلىقى - كەمچىلىكىگە ئەمەس تەننەرخىگە كەلگەن ئىنكاسقا قاراپ سەل سۆزلەپ قالدىم .

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 13:51:32

پىلاندا ئەرەپچە . تۈركچە ئەپ پىلانى بار ئىدى. ئەمما ئىشلىگەنگە چۇشلۇق ئىش بولمىسا يالتىيىپ قالدىكەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 14:35:45

كورىيەچە ئادەم تىللاشنى ئۆگىتىپ قويىڭە:lol
ساراڭنى بىلىمەن
شىۋەنى بىلىمەن;P

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 14:45:36

پىلانىڭلاردا بولسا ياساڭلار ، ھامان سېتىۋالىدىغانلار ، قەدرىگە يېتىدىغانلار چىقىدۇ ،تۈركچە ئەپ بولغان بولسا مەن سېتىۋالاتتىم ، كورىيە تىلىنى ئۈگىنىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەسمىكىن ، لېكىن تۈركچە ئۈگىنىۋاتقانلار كۆپقۇ دەيمەن .

ئاندرويىدنىڭ ھەقلىق ئەپلىرى بارمۇ يوق ، بۇنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن ، ئەمما ئايفۇننىڭ ھەقلىق ئەپلىرى ئىچىدە بىر بىرىدىن ئېسىل ئەپلەر كۆپ ، دىمىسىمۇ قىلغان ئەجرىگە چۈشلۇق ھەققە ئېرىشەلمىسە كىممۇ يەنە بىرمۇ نچە ۋاقتى ، زېھنىنى سەرىپ قىلىپ ئەپ ياسايدۇ ،مۇشۇنچىلىك ئەقەللى قائىدىنى چۈشەنمەيدىغانلارمۇ ساماندەك ...

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 14:51:45

ziyali يوللىغان ۋاقتى2014-1-22 14:35 static/image/common/back.gif
كورىيەچە ئادەم تىللاشنى ئۆگىتىپ قويىڭە
ساراڭنى بىلى ...

https://www.youtube.com/watch?v=LyOj3CT5n3M&feature=player_embedded#at=21
youtube ئاۋازلىق بار ئىكەن {:92:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 14:56:05

:lol
رەھمەت

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 15:04:15

تۈرك تىلى ئەپى ئالىپ تورىدا بار ئىكەن . ئاندوريىدنىڭكى
http://alip.biz/thread-9197-1-1.html

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 15:30:23

ھەممىسى ھەقسىر ئەپلەرگە كۆۈنپ كەتكەندىكىن، ئەپلەرنى ھەقسىز قىلىپ، باشقىچە يول بىلەن پۇل تاپىدىغاننىڭ ئامالىنى قىلسا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟! مەسىلەن، ئەپلەرنىڭ مەلۇم يېرىگە ئېلان ئورنىتىش، تېلېگراف بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئېقىم مىقدارىغا ھەق ئېلىش، ياكى بىرەر شىركەتنىڭ نامىدا ئېلان قىلىپ، بارلىق چىقىملىرىنى شۇ شىركەت ئۈستىگە ئېلىش دېگەندەك.
ئەگەر يۇقارقىلار پەقەت بولمىسا، مەلۇم مەزگىل ياكى مەلۇم ئېقىم مىقدارى توشقۇچە ھەقسىز قىلىپ، ئاندىن 3 قېتىم پۇل تۆلەشنى سۈيلەش، يەنە پۇل تۆلىمىسە ئېتىپ تاشلاش. ئالىدىغان پۇلنىمۇ ئىنتايىن ئاز ئېلىش، ھەر بىر ئەپ يېڭىلىغاندە ئاندىن ئازراقتىن ئېلىش دېگەندەك قىلسا ياخشى بولامدىكىن دەيمەن.
باھاسىنى دەسلەپتىلا قىممەت قىلۋەتمەي، 3-5 كويدىن 8- 10 كويغىچە قىلسا، ئاندىن ئىشلىتىدىغان ئادەملەر كۆپەيگەندىن كېيىن، تەڭشەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 17:06:26

شۇنداق بولۇپ ئىككىنچى ئەپ چوڭاملارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ياسىلىۋاتىدۇ.
پىلاندا قوش بىسلىق قىلىپ ياسىماقچى. تۈرك دوستۇممۇ مەسلىھەت بېرىپ ،تۈركلەر ئۈچۈن ئۇيغۇر تۈركچەسى دەپ بىر تۈر بولسا دەپ . شۇڭا ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈچۈن بىر، تۈركىيە تۈركلىرى ئۈچۈن يەنە بىر سەھىپە ئېچىپ ئەپكە تۇتۇش قىلدۇق.ئېلان قويۇش ئاساسلىق كىرىم يولى قىلىپ باقماقچى. بولمىسا ئالما مەھسۇلاتىدىكى باھانى 3~5كوي قىلىپ تەڭشىگىلى بولمايدىكەن . ئەڭ تۆۋەن چەك 0.99دوللار(يەنى خەلق پۇلىدا 6سوم)   شۇڭا ھەقسىز قىلىپ ئېلان بەرگۈچىلەر بىلەن ھەمكارلاشماقچى.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 21:11:51

ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىندى دەرھال چۈشۈرۋېلىڭلار.
بەت: [1]
: كورىيە تىلى ئۆگىنىش(ئەپ)