Yatmix يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 10:06:00

يۇرت لەقەملىرى

ئۇيغۇرلاردا ئادەم ‹ شەخىس › ، جەمەت ۋە يۇرتلارنىڭ ئۆزىگە خاس نامى بولغاندىن باشقا يەنە شۇلارغا يانداشتۇرلۇپ بارلىققا كەلگەن لەقەملەرمۇ بار بولۇپ ، بۇنداق لەقەملەر شەخىسلەر ۋە جەمەتلەر ئۈچۈن تۇنۇش بەلگىسى ۋە فامىلە ئورنىدا ئىشلىتىلدىغان بولسا ، يۇرت لەقەملىرى ئۇلارغا ئوخشىمىغان ھالدا مەلۇم يۇرت خەلىقىنىڭ مەلۇم تارىخى كەچۈرمۈشلىرىدىن ، شۇ جايلاردا بولۇپ ئۆتكەن تىپىك ياكى قىززىقارلىق ۋەقەلەردىن ، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر قايسى يۇرت خەلىقىنىڭ خارەكتىر - خۇسۇسىيەتلىرىدىن دېرەك بەرگۈچى بەلگە - ئالامەتلەر سۈپىتىدە چۇڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان بىر ھادىسىدۇر .
ئۇيغۇرلاردا ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن بېرى شەكىللىنىڭ قالغان « ئەزىزانە قەشقەر » ، « شەھىيدانە خوتەن » ، « سوپىيانە يەكەن »، «غازىيانە ئاقسۇ» ، « ۋەلىيانە كۇچا » ،« غەرىيبانە تۇرپان » ۋە «ئەسىيرانە قۇمۇل » قاتارلىق چوڭ يۇرت لەقەملىرى بولغاندىن سىرىت ، بەزى كىچىك يۇرت ياكى مەمۇرى بىرلىكلەرنىڭمۇ شۇ خىلدىكى لەقەملىرى ئۇچىراپ تۇرىدۇ . گەرچە بۇ ئۇيغۇرلار ياشايدىغان ھەممىلا يۇرتلارغا ئورتاق ئەھۋال بولمىسىمۇ ، لىكىن ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ھەر قايسى ناھىيە ۋە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ لەقەم سۈپىتىدىكى ناملىرىنىڭ بولۇشى ئالاھىدە بىر ئەھۋالدۇر .
ئەجداتلىرىمىز ياشاپ ئۆتكەن تارىخى مۇساپىلەر ناھىيتى ئۇزۇن بولۇپ ، بىر ئورۇننىڭ نامىنىڭ مەيدانغا كېلىشى شۇ جايدا ياشىغان خەلىقنىڭ ياشاش مۇھىتى ، تارىخى شارائىتى ، جۇغراپىيلىك ئورنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ھەر بىر ئورۇننىڭ يەرلىك لەقەملىرى شۇ ئورۇندا ياشاپ كېلىۋاتقان خەلىق ئاممىسىنىڭ روھىي دۇنياسىنى ، پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى ، باشقا يۇرت خەلىقى بىلەن بولغان ئالاقە يوللىرىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىنى كۆرسۈتۈپ بېرىپ ، ھەر بىر يۇرۇتقا نىسبەتەن يېڭى تۇنۇش ، يېڭى چۈشەنچە تۇرغۇزۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ .
لەقەم - تىلىمىز ۋە خەلىقئارا تىللاردا ئات ، ئىسىم ، تەخەللۇس ، ئۇنۋان ، نام ، تەگئات ‹ فامىلە › قاتارلىق كۆپ خىل تەڭداش مەنىلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ . ئەمما ئۇلارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى كونكىرىت مەنىلىرى ئۆز - ئارا پەرقىلىنىدۇ .
« تۈركىي تىللار دىۋانى » قاتارلىق ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان يازما يادىكارلىقلاردىن قارىغاندا « لەقەم » سۆزى قەدىمكى تىلىمىزدا « ئات » ، « ئاياغا » سۆزى بىلەن ئىپادىلەنگەن . ئۇيغۇرلارنىڭ لەقەملىرىنى ئالساق ئۇلارنىڭ قاراتمىچانلىقىغا ئاساسەن خۇسۇسىي لەقەملەر ، جەمەت لەقەملىرى ۋە يۇرت - مەھەللە لەقەملىرى دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ .
خۇسۇسىي لەقەملەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ، كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك بەلگە خۇسۇسىيەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان مەلۇم بىر شەخىسكىلا خاس بولغان لەقەملەرنى كۆرسىتىدۇ . مەسلەن : ئەخمەت پورەك ، ھەسەن بودەك ، ئەمەت قوتاز دېگەندەك . جەمەت لەقەملىرى قانداق سەۋەپ بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكىدىن ۋە دەسلەپ قايسى كىشىگە سىڭگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەلۇم بىر جەمەتتىكى بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن ئورتاق بولغان ۋە شۇ جەمەت ئۈچۈن فامىلە رولىنى ئوينايدىغان لەقەمدۇر . ئالايلۇق : تۇخۇملار ياكى تۇخۇم جەمەتى ، گاسلار ياكى گاس جەمەت ، چاڭچىلار ياكى چاڭچى جەمەت دىگەندەك . يۇرت لەقەملىرى مەلۇم بىر رايۇن ياكى يېزا - مەھەللىگە خاس بولغان ياكى شۇ جاي ۋە شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ مەلۇم ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈردىغان لەقەملەردىن ئىبارەت .
ئاقسۇ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى باي ، كۇچا ، توقسۇ ، شايار ، كەلپىن ، ئۇچتۇرپان ، ئونسۇ ، ئاۋات ، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى پىشقەدەملەر بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەر بىر ناھىينىڭ يەرلىك لەقەملىرىنىڭ بارلىققا كىلىشىدىكى ئاغزاكى بايانلارنى ئاڭلاپ كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بەھىرلىنىشىڭلارغا سۇندۇم .
ئاقسۇ شەھىرى

بۇنىڭدىن 200 يىللار ئىلگىرى ياقۇپ بەگ لەشكەرلىرى ئاقسۇغا كەلگەندە دېھقانلارنىڭ ھەم يوغان ھەم كۆپ كاۋىلارنى ھارۋىغا بېسىپ كىتۋاتقىننى كۆرۈپ ھەيران بولۇشۇپ « ئاقسۇلۇقلار كاۋىلا يەيدىغان ئوخشايدۇ - كاۋىچلا» دىيىشكەن ، ۋە ئۇزۇنغىچە بۇ سۆزلەرنى ئېغىزدىن چۈشۈرمىگەن . ‹ بۇ ئىش ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قۇمباش يېزا سولغاي كەنتىدە يۈز بەرگەن
ئونسۇ ناھيىسى

ئونسۇ ناھىيىسى - تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىغا ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىگە جايلاشقان ، ناھىيە تەۋەسىدە تەبئىي بۇلاقلار ناھايتى كۆپ بولۇپ ، سۇ مەنبەسى كۆپ بولغاچقا دېھقانچىلىقتا شال تېرىش ئاساس قىلىنىدۇ ، يېرى زەيكەش بولغاچقا بۇلاق سۈيىنى ئىچكەندە بىر خىل زەي تېتىيدۇ ، شۇڭا سىرتتىن كەلگەنلەر « ئونسۇنىڭ ئادەملىرى زەي سۇ ئىچىدىكەن » دىگەن قاراشتا بولىغان . كىشىلەر چاقچاق قىلىپ « زەي سۇ ئىچكەن ئونسۇلۇق » دىيىشكەن ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ سۆز لەقەم بولۇپ قالغان .


باي ناھيىسى

ئېيتىلىشچە ، 500يىللار بۇرۇن يەكەن خانلىقىنىڭ تۇرپاندا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى ئەپىس باي ناھيىسىنى بولاڭ - تالاڭ قىلغاندا ئۇنىڭ بىر تۈركۈم ئەسكەرلىرى سايرامغا كەلگەن . ئەسكەرلەر شۇ يەرلىك خەلىق ئۇيۇتقان قېتتىقنىڭ تەمىنىڭ ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ، يەرلىك خەلىقنى قېتتىق بېرىشكە قىستىغان ، ئۇچاغلاردا سۈتى تەملىك بولغان سېرىق كالا ئاز بولغاچقا ، بۇنداق چوڭ قوشۇننىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمايدىكەن ، ئاخىرى ئاھاللەر سىرتلارغا قېچىپ كىتىشكە مەجبۇر بوپتۇ. ئەسكەرلەر بولسا ئۆيمۇ ئۆي ئاقتۇرۇپ كۆپ قېتتىق تاپالماپتۇ . بىر كۈنى بىر ئەقىللىق ئايال بىر ئامال ئويلاپ تېپىپ ئەسكەرلەرنىڭ ئەدىپىنى بەرمەكچى بولۇپتۇ ، ئەسكەرلەر قېتتىق ئىزدەپ كەلگەندە بۇ ئايال يۇقۇرى ئاۋازدا « بۈگۈن قېتتىق ئۇيۇتالمايدىغان بولدۇق ، تەخەي ئېشەكنى ئىمىپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ ؟» دەپ ۋارقىراپتۇ . شۇنۇڭدىن كىيىن ئەسكەرلەر خەلىقنى قېتتىق بېرىشكە زورلىمايدىغان بوپتۇ . لىكىن ئەسكەرلەر بارغانلا يېرىدە « سايراملىقلار ئېشەك قېتتىقى ئىچىدىكەن » دىگەن گپنى تارقىتىپتۇ . باي ناھيىسىنىڭ « ئېشەك قېتتىقى » ئەنە شۇنداق پەيدا بولغان ئىكەن .
بۇ يۇرتنىڭ يەنە «بايلىق پوقاق » دەيدىغان لەقىممۇ بار بولۇپ بۇ توغرىسىدا مۇنداق رىۋايەت بار :
باي ناھىيە بولۇپ قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن غەرىپ تەرەپتە ياقئېرىق ، شەرىق تەرەپتە سايرام ئايرىم - ئايرىم بەگلىك بولۇپ ، كۇچا خانلىقىغا تەۋە بولغان ، باشقا خانلىقنىڭ قوشۇنلىرى ياقئېرىق بەگلىكىگە كېلىپ تالان تاراج قىلغاندا بۇ بەگلىككە قارايدىغان قاراباغ ، داۋانچى ، قۇشتېمى ‹ داچىياۋ› ، مىچىغ ، ئونباش ، باي بازىرى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خەلىق ئاممىسىنى ئېغىر ھاشارغا سالغان ، بىراق ئۇلارنىڭ ئىش ئۈنۈمى تۈۋەن بولغان . سەۋەبى : بۇ جايلاردىكى خەلىق ئاممىسىنىڭ خېلى كۆپ قىسىمىنىڭ بويۇن قىسىمىدا غەيرى ئالامەتلەر بولۇپ ، بەزىلىرنىڭ بوينىدا باشنىڭ چوڭلۇقىدا ، يەنە بەزىلىرىنىڭ مۇشتۇمنىڭ چوڭلۇقىدا گۆشسىمان ئۆسۈكچىلەر بولۇپ ، يول مېڭىش ، ئەمگەك قىلىش ھەتتا سۆزلىرىدىمۇ نورمالسىزلىق كۆرۈنگەن سۈرۈشتۈرگەندە « پوقاق » ئىكەنلىكىنى بىلگەن . كىيىن بۇ ئەسكەرلەر « باي پوقاقلار كۆپ جاي ئىكەن » دىگەن سۆزنى تارقاتقان ، كىيىن « بايلىق پوقاقلار » دىگەن بۇ سۆز باي ناھىيىسىنىڭ يەرلىك لەقىمى بولۇپ قالغان .

كۇچا ناھىيىسى

كۇچا ناھىيىسىدە قەدىمدىن تارتىپ ئات - ئېشەك تىرانسىپورتى ئۇمۇملاشقان بولۇپ ، قارا رەڭلىك ئېشەك بېقىش ۋە ئىشلىتىش ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن ئىكەن . بۇ خىل ئېشەكنى بويى ئېگىز ، قاۋۇل ، قۇيرۇقى ئادەتتىكى ئېشەكلەرگە قارىغاندا قىسقىراق بولىدىكەن . بۇ خىل ئېشەكنى كۇچا ناھىيىسىدە ئىشلىتىپلا قالماستىن بۈگۈر ، شايار ، توقسۇ ، باي ناھىيىلىردىمۇ بېقىش ، ئىشلىتىش ئۇمۇملاشقان بولۇپ ، كىشىلەر بۇ ئېشەكلەرنى باشقا جايلارغا يۆتكەش جەريانىدا « كالتە قۇيرۇقلۇق كۇچا ئېشىكى » دەپ يۈرۈشكەن . كىيىنكى كۈنلەردە « كالتە قۇيرۇق » كۇچانىڭ لەقىمى بولۇپ قالغان .


توقسۇ ناھىيسى

20 ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆلكە مەركىزى ئۈرۈمچىگە ئالۋاڭ ئۈچۈن ئاشلىق ئېلىپ ماڭغان توقسۇلۇق كارۋانلار قارا شەھەرگە كەلگەندە بىر دەڭ ‹ ھازىرقى مېھمانخانا › دە قونۇپ قالغان . ئەتىسى يولغا چىقىش ۋاقتىدا ئات - ئېشەكلەرنىڭ ئۈستىگە كۆرپە قىلىش مەقسىتىدە دەڭنىڭ يوتقان - كۆرپىلىرىنى ئېلىپ كەتكەن . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن « توقسۇلۇق يوتقان ئوغرىسى » دىگەن سۆز تارقىلىپ ، لەقەمگە ئايلىنىپ قالغان .
بۇنۇڭدىن باشقا يەنە بىر ئېغزاكى باياندا : ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى توقسۇلۇق بىر چوكان كۇچا ناھىيسىگە بىر ئەرگە ياتلىق بولغان . بۇ ئەر ئەسلىدە كۆپ قېتىم ئۆيلەنگەن قىمارۋاز ، بەڭگى ‹ نەشكەش› بولۇپ ، ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى بولمىغانلىقتىن كۈندۈلۈك تۇرمۇشى ئادەتتىكىچە ئۆتىدىكەن ، چوكان بۇ ئەرگە ياتلىق بولغاندىن كىيىن كۆپ قېتىم قىمار ئوينىماسلىق توغرىسىدا نەسھەت قىلغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولماي ئەكسىچە ، ئەر ئۆيدىكى ئۆي جاھازىلىرى ، قازان - قۇمۇچلارنى سېتىپ قىمار ئويناپ تۈگۈتۈپتۇ ، بۇنۇڭغا چىدىمىغان چوكان ئۆزىنىڭ تويلۇق يوتقان كۆرپىلىرىنى كۆتۈرۈپ توقسۇ ناھىيىسىگە كۆچۈپ كېتىپتۇ ، بۇنىڭ بىلەن كۇچالىق ئەر مەھەللە - جامائەت ئىچىگە « تۇقسۇدىن ئۆيلەنگەن ئىدىم ، بۇ ئايال ئەسكىكەن ، يوتقان كۆرپىلەرنى ئوغرىلاپ كېتىپتۇ » دەپ گەپ تارقىتىپتۇ . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ « توقسۇلۇق يوتقان ئوغرىسى » دىگەن نام توقسۇنىڭ لەقىمى بولۇپ قالغان ئىكەن .


شايار ناھىيىسى

شايار ناھىيىسى - ئاقسۇ دەرياسى ، زەرەپشان دەرياسى ، يۇرۇڭقاش دەريالىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن تارىم دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان . تۇپۇرىقى مۇنبەت ، سۈيى ئەلۋەك جاي بولۇپ ، دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان . دەريادا بېلىق كۆپ بولغانلىقتىن بىر قىسىم دېھقانلار بېلىق تۇتۇش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن ھەمدە كۇچا ، توقسۇ ، بۈگۈر ، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا بېلىق يۆتكەپ سېتىش بىلەن شوغۇللانغان ، قىززىقچىىلار چاقچاق قىلىپ « بۇنداق كۆپ بېلىقنى يۆتكەپ كەلگەن شايارنىڭ ئادەملىرى بېلىقنىڭ ئۆپكىسىنى ئۆزى يەيدىغان ئوخشايدۇ » دىيشىپ چاقچاقلاشقان . ‹ئەمىلىيەتتە بېلىقنىڭ ئۆپكىسى بولمايدۇ › كىيىنچە بۇ گەپ ئېغىزدىن -ئېغىزغا تارقىلىپ « بېلىق ئۆپكىسى يەيدىغان شايارلىق » دىگەن سۆز لەقەم بولۇپ قالغان .


كەلپىن ناھىيىسى

رىۋايەت قىلىنىشچە كەلپىنلىكلەرنىڭ ئاتىسى ئادەم ، ئانىسى پەرىزات ياكى جىنمىش . شۇڭلاشقا كىشىلەر كەلپىنلىكلەرنى « جىن - شاياتۇن ، پەرىزاتلاردىن ئاپىرىدە بولغان - ئېزىتقۇلار » دەپ چاقچاق قىلىشىپ كەلگەن . يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن « ئېزىتقۇ » ئۇلارنىڭ لەقىمى بولۇپ قالغان .


ئۇچتۇرپان ناھىيسى

بۇنىڭدىن 200 يىللار ئىلگىرى بىر تۈركۈم يولۇچىلار ئۇچتۇرپانغا يىتىپ كەپتۇ ، تاماق يىمەكچى بولۇپ قارىسا بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە ئاشخانىلار تاقاق بولۇپ پەقەت بىرلا ئاشخاننىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ ، يۇلۇچىلار ئاشخانا خوجايىنىدىن سورىغان ئىكەن ، ئاشخانا خوجايىنى تاماق يوقلۇقىنى ئېيتىپتۇ ، يۇلۇچىلار :
- قۇرسۇقىمىز بەك ئېچپ كەتتى ، بىر ئامال قىلىپ تاماق قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز دەپ ئۆتۈنۈپتۇ ، ئاشخانا خوجايىنى :
- دۇكىنىمىزدا نان يېقىشقا تەييارلاپ قويغان خېمىر بار ، باشقا يىگۈدەك نەرسە قالمىدى ، دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ ، يۇلۇچىلار شۇ خېمىردا بولسىمۇ يىگۈدەك تاماق قىلىپ بىېرىشنى تەلەپ قىلىشىپتۇ . ئاشپەز يولۇچىلارنىڭ تەلىپى بويچە لەغمەن قىلىپ بېرىپتۇ ، ئەمما نان يېقىشقا تەييارلانغان ‹ ئېچىتقۇ › سالغان خېمىرنىڭ لەغمىنى ھەم توم ، ھەم كالتە پىشىپ چىقىپتۇ .
لەغمەننى يەپ بولغان يۇلۇچىلار ئەتىسى « ئۇچتۇرپاندا مەتياقۇپ پاگى ساپتۇ لەغمەنگە » دەپ سۆز تارقىتىپتۇ . ‹ ئاشپەزنىڭ ئىسمى مەتياقۇپ ئىكەن › شۇنۇڭدىن كىيىن « لەغمەنگە پاگى سالغان ئۇچتۇرپانلىق تەلۋىلەر » دىگەن سۆز لەقەم بولۇپ سىڭىپ كىتىپتۇ .
بۇنۇڭدىن باشقا يەنە مۇنداق رىۋايەتلەرمۇ بار :
ئاۋام - خەلىق بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان زامانلار ئىكەن . بىر يىلى قۇرغاقچىلىق دەستىدىن ئۆلۈم - يېتىم كۆپۈيۈشكە باشلاپتۇ ، ئامبال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ : بۇتقا سەجىدە قىلىپ ، نەزىر چىراق قىلىش ئارقىلىق بۇ قەھەتچىلىكتىن قۇتۇلۇشنى جاكارلاپتۇ . خەلىق ئاممىسى ئۆزلىرى بىر نەرسە يېمىسىمۇ ، بارلىق تاپقان تەرگىننى تەييارلاپ بۇتنىڭ ئالدىغا تىزىپ باش ئۇرۇپتۇ . مۇشۇ پەيتتە بىر دېھقان ئەسكى كىيىمنى كىيىپ ، يۈز - كۆزىگە قارا سۈرتۈپ ساراڭ قىياپىتىگە كىرۋېلىپ ھەر كۈنى كەچتە ياكى تاڭ سەھەردە بۇت ئالدىدىكى نازۇ- نىمەتلەرنى يەپ قۇرسۇقىنى تويغۇزۇپ ، ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋېرىپتۇ .بىر كۈنى كېچىدە شەھەرنى مۇھاپىزەت قىلۋاتقان چېرىكلەر بۇ كىشىنى بۇت ئالدىدىكى نازۇ - نىممەتلەرنى يەۋاتقاندا تۇتىۋېلىپ ئامبالنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپتۇ ، ئامبال سوراق قىلسا « ساراڭ » دەك قالايمىقان سۆزلەۋېرىپتۇ . بۇنى كۆرگەن ئامبال - بۇ ساراڭكەن دەپ قويۇپ بېرىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى قۇلۇم -قوشنىلارغا ئاچارچىلىقتىن قانداق قۇتۇلغىنىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ ، ئەتىسىدىن باشلاپ بۇتخانىدا بۇت ئالدىدىكى نازۇ نىممەتلەرنى يەيدىغان « ساراڭ» لار كۆپۈيىشكە باشلاپتۇ .
يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ سۆز ئۇچتۇرپاننىڭ لەقىمى بولۇپ قاپتۇ .

ئاۋات ناھىيىسى

ئاۋات ناھىيىسى - تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي شىمالىغا ، تارىم دەرياسى بويىغا جايلاشقان . ياۋايى ھايۋانلار ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئىنتايىن كۆپ بولغان جاي بولۇپ ، كىشىلەر دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن . بۇ يۇرتتا ياۋا توشقان كۆپ بولۇپ ، توشقان ئوۋلاش كىشىلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان ، ياۋا توشقاننى قاپقان ، كالتەك - چوماق بىلەن ئوۋلىغاندا ، پىچاق بىلەن ئۆلتۈرگەندەك كۆپ قان چىقمىسىمۇ قان چىققانلىقى ئۈچۈن «پىچاق بىلەن ئۆلتۈرمىسىمۇ بولىدۇ» دەپ قاراشقان . شۇنىڭ بىلەن توشقانلارنى يۆتكەپ سېتىش جەريانىدا باشقا جايلارنىڭ ئادەملىرى « ئاۋاتلىقلار ئۆلۈك توشقاننى بازاردا سېتىپتۇ » دىگەن سۆزنى تارقاتقان . شۇنىڭ بىلەن « ھارام توشقان يىگەن ئاۋاتلىق » دىگەن لەقەم بارلىققا كەلگەن .


ئاقسۇ تەۋەسىدىكى بۇ يۇرت لەقەملىرى توغرىسىدا مۇنداق قوشاقلار بارلىققا كەلگەن .
ھارام يەيدۇ ئاۋاتلىق ،
جاڭگالدىكى توشقاننى .
ئوغرىلايدۇ توقسۇلۇق ،
كىگىز -پالاس ، يوتقاننى .


شايار بېلىق ئۆپكىسى ،
كۇچا كالتە قۇيرۇققۇ .
ساغسا بايلىق ئېشەكنى ،
كەلپىنلىكلەر ئېزىتقۇ .


زەي سۇ ئىچسە ئونسۇلۇق ،
كـــــــاۋا يەيدۇ ئاقسۇلۇق .
تەلۋە بولغاچ ئۇچتۇرپان ،
شۇ نام بىلەن ئاتىدۇق .


تىللاپتۇ دەپ رەنجىمەڭ ،
چاقچاق بىلەن چىللىدۇق .

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 15:49:43

قىززىقكەن...ئېشەك سۈتىنىڭ ھېكايىسى قىززىككەن

elqut يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 17:17:02

توقسۇ ناھىسىنىڭ سەل خاتامۇ ؟ئىشەنمىسەڭلار توختاخۇندىن سوراپ بىقىڭلا

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 17:30:40

لەقىمىنى بىلەتتىم، مەنبەسىنى بىلىۋالدىم. رەھمەت.

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 19:33:41

يەنىلا كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى     
بىز مۇشۇ گەپنى بىلىدىكەنمىز.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 22:18:57

قۇمۇل نېمىشقا «سوفىيانە قومۇل » دەپ ئاتالغان ؟  
matimatika

    1430-يىلدىن كېيىن ئىسلام دىنى ئەمدىلا تارقىلىشقا باشلىغان قۇمۇل رايۇنىدا تەرىقەت پىشىۋالىدىن مىرسەيىت جېلىل قاتارلىق ئىشانلار خەلق ئارىسىدا تەسەۋۋۇپچىلىقنى تەرغىب قىلغان . ئۇزاق مۇددەت بۇددا دىنى تەرىقەتلىرى ھۆكۇمرانلىقىدا بولغان قۇمۇل خەلقى ئىسلام دىنى تەسەۋۋۇپ پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ، ئىشانلارغا ئىخلاس قىلغۇچىلار كۆپەيگەن. بۇ خىل قولاي شارائىتتىن پايدىلانغان خوجا ئەھمەت كاسانىينىڭ نەۋرىسى خوجا مۇھەممەت يۈسۈپ قۇمۇلدا تەرىقەت سۈلۈكىنى يۈرگۈزگەن . بىر رىۋايەتتە ، خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان ئاپپاقمۇ قۇمۇلدا تۇغۇلغان.
     تۇرپاندىكى كېپەكبەگ تارخاننى ئۆلتۇرۇپ ، سىياسىي ھوقوقنى تارتىۋالغان ئىمىن سوپىمۇ تۇرپان، پىچان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا تەسەۋۋۇپچىلىقنى كەڭ كۆلەمدە تارقاتقان.

    بەزى ماتېرىياللاردا ، قۇمۇلدىكى مۇسۇلمانلىق ئاساسەن ئىشانلار تەرىپىدىن ئوموملاشتۇرلۇپ پۇختىلانغان ، ھەتتا 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا كۆپلىگەن كىشىلەر تەرىقەت مۇرىتى بولغان . شۇڭا ، ئاھالە ئارىسىدا سوپىلارنىڭ كۆپلىكى ، خەلقنىڭ ياۋاش، مۇلاھىملىقىدىن قۇمۇل دىيارى " سوفىيانە قۇمۇل" دەپ ئاتالغان دېگەن گەپ بار.
بۇچۇ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 23:53:05

خوتەن لەقەملىرى
خوتەن شەھىرى،خوتەن ناھىيىسى ئادەملىرىدە بۇرۇن پوخاق كېسىلى كۆپ بولغاچقا خوتەنلىك پوخاق دىيىلەتتىكەن
گۇما ئېسىمدە قالماپتۇ
قاراقاش چوماقچى
لوپ - لوپپاڭ قورساق
چىرا - ئاچچىق ئۆرۈك،قەدىمقى ئۇچلۇق قالپاقلىق ساك قەۋملىرىدىن،ھازىرمۇ شۇ باش كىيىمى بار
كېرىيە - شوۋا ،كېرىيەلىكلەر ئادەم تىللىغاندا شوۋا،شوۋىلار دىگەن گەپنى بەك تولا ئىشلىتىدۇ،ئادەتتىمۇ ئىشلىتىپ ئادەت سۆزى بوپ قېلىپ بۇ نام ئۆزىگە قويۇلۇپ قالغان ، قارلۇقلاردىن بولىدۇ.
نىيا - جىگدىچى دەۋاتقاندەك قىلغان،ئېنىق ئېسىمدە يوق

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 02:04:04

شايار بېلىق ئۆپكىسى ،
كۇچا كالتە قۇيرۇققۇ .
ساغسا بايلىق ئېشەكنى ،
كەلپىنلىكلەر ئېزىتقۇ .

ساغسا سايراملىق ئىشەكنى  دەپ ئالسا توغرا بولۇتى ئەسلى ، سايرامدىكى قېرىنداشلار خاپا بولارمۇ لەقىمىمىزنى بايغا بىرىۋىتىپتۇ دەپ .{:90:}:lol:lol:lol

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 03:31:24

قوشۇمچە:
ھەرقانداق مىللەتنىڭ «ئۆزنام» 自称 ۋە «ياتنام» 他称 دەپ ئىككى خىل نامى بولىدۇ.
ئۆزنام شۇ مىللەت كىشىلىرى قەدىمدە ئۆزىگە قويغان ياكى ئۆزىنى ئاتاپ كېلىۋاتقان نامنى كۆرسىتىدۇ. ياتنام باشقا مىللەتنىڭ مەلۇم بىر مىللەتكە قويغان نامىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزنام بىلەن ياتنام بەزىدە بىرخىل ۋە بەزىدە پەرقلىق بولىدۇ. مەلۇم مىللەتنىڭ بىر نەچچە خىل باشقا خەلق تەرىپىدىن ئاتالغان بىر نەچچە ياتناملىرى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن:
تىبەت - ئۆزنام (تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى ئاتايدىغان نامى)
زاڭزۇ - ياتنام (خەنزۇلار تىبەتكە قويغان نام)
---------
ئۇيغۇر - ئۆزنام
سارت، ....  - ياتنام
-----
ئۆز نام شۇ مىللەتنىڭ ئۆز ئىچىدە ياكى ئەجدادلىرى تەرىپىدىن قويۇلغان ياكى دۆلەت نامى بويىچە ئۆزلىشىپ قالغان. شۇڭا ئۇ ھەمىشە دەبدەبىلىك ۋە ياخشى مەنىلىك بولىدۇ.  ئۇيغۇر، خەن، تىبەت، ئىنگلىش،... دېگەندەك.
ياتنام ھەرخىل سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر جەريانىدا، مەلۇم مىللەت يەنە بىر مىللەتنىڭ مەلۇم كەمچىلىكى، ئاجىزلىقى ياكى نۇقسانلىق تەرىپى ۋەياكى كۆزگە سىغمىغان تەرىپىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ مەنىسى ھەمىشە سەت، يامان ۋە سەلبىي بولىدۇ.
----------
تەكشۈرۈشۈمچە،
ئۆزنام ۋە ياتنامنى چوڭى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە، كىچىكى مەلۇم شەخسكىچە كونكىرېتلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. يەنى، بىر مىللەتنىڭ ئۆزنام ۋە ياتنامى بولغاندەك، بىر دۆلەتنىڭ، بىر يۇرتنىڭ، بىر كەنتنىڭ، بىر جەمەتنىڭ، بىر ئائىلىنىڭ ۋە ھەتتا بىر شەخسنىڭ ياتنامى بولىدۇ.
بۇ يەردىكى ئۆزنام شۇ مىللەت، دۆلەت، يۇرتلۇقلار، جەمەت ياكى ئائىلىنىڭ نامىدۇر (قانۇنىي ۋە رەسمى ئىسىم-فامىلىسى، نامى)؛
بۇ يەردىكى ياتنام دەل لەقەمدۇر.
شۇڭا لەقەم باشقىلار تەرىپىدىن مەلۇم كۆزگە سىغمايدىغان تەرەپنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ قويۇلىدۇ. ئۇنى ئىسىم، تەخەللۇس، ئاتاق، ئۇنۋانلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى:
ئىسىمنى ئاتا بولغۇچى ئەزان ئېيتىپ ئاللاھ گۇۋاھلىقىدا قويىدۇ.
تەخەللۇسنى داڭلىق شەخسلەر ئۆزىگە ئۆزى قويىدۇ.
ئاتاقنى خەلق مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا ئاساسەن بېرىدۇ.
ئۇنۋاننى شەخس تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئۆگىنىپ ياكى ئىشلەپ ئالىدۇ.
لەقەم بولسا مەلۇم ئاجىزلىق ياكى كۆزگە سىغمايدىغان نۇقتىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، باشقىلار تەرىپىدىن قويۇلىدۇ.
دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ، يۇرتنىڭ، جەمەتنىڭ، ئائىلىنىڭ ۋە شەخسنىڭ لەقىمى بولىدۇ. بەزىدە بىر ئائىلىدىكى ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارمۇ بىر-بىرىگە لەقەم قويىدۇ.
قىسقىسى:
لەقەم بىلەن ياتنام (他称) بىر نەرسىدۇر.
لەقەمنى چوقۇم باشقىلار قويغان.
لەقەمنىڭ مەنىسى چوقۇم سەلبى.
ھەرقانداق لەقەم ئىگىسى شۇ لەقەمدىن نومۇس قىلىدۇ. (بەزى يۈزى قېلىنلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا).

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 08:12:28

بىر يۇرتنىڭ يەنە بىر يۇرتقا لەقەم قۇيۇشى كاللامدىن ئۆتمەيىتتى، بىراق ئىلمى ئاساستا چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيىتتىم، بىرھون توغرا دەيدۇ،
مۇشۇنداق بىر نىمىلەرنى يىزىپ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىش دۆتلۈكتىن باشقا ئەمەس،

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 13:40:49

غۇلجىلىقلارنى ‹‹پوچى››دەپ ئاتاشمۇ يۇرت لەقىمى بۇلىدۇ ھە.{:90:}

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 16:17:31

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-1-22 03:31 static/image/common/back.gif
قوشۇمچە:
ھەرقانداق مىللەتنىڭ «ئۆزنام» 自称 ۋە «ياتنام» 他 ...

مېنىڭچە ياتنام (他称) بىلەن لەقەم يەنىلا پەرقلىنىدۇ.
مەسىلەن: جۇڭگولۇقلار جۇڭگونى «جۇڭگو» دەيدۇ، لېكىن ئېنگلىزلار چاينا دەيدۇ، بۇ ياتنام، ھەرگىز لەقەم ئەمەس. خەنزۇلار ياپونلۇقلارنى رىبىن دەيدۇ، لېكىن ياپونلار ئۆزىنى يىخونگو دەپ ئاتايدۇ، ئېنگلىزلار جەپەن دەيدۇ، بىز ياپون دەيمىز، ئەجداتلىرىمىز جابىرقا دەپ ئاتاپتىكەندۇق. دېمەك، يىخونگو دېگىنى ئۆزنام، رىبىن، جەپەن، ياپون ۋە بۇرۇنقى جابىرقا دېگەنلەر ياتنام، لەقەم ئەمەس.
سارت، قازاق دېگەنلەر ئەمەلىيەتتە لەقەم. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، سارت دېگەن لەقەم بىرەر قوۋۇمنىڭ ئۈستىگە قونالماي تارىخ سەھنىسىدىن چۈشتى، لېكىن قازاق دېگەن لەقەم ھازىرقى قازاقلارغا مىللەت نامى، شۇنداقلا ئۆزنام بولۇپ قالدى.
يەنە بىرسىگە، تىبەت دېگىنى يەر نامى، مىللەت نامى ئەمەس، مىللەت نامىنى قەدىمكى تۈركلەر «تۈبۈت» دەپ ئاتايدۇ.   

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 16:56:27

koktash يوللىغان ۋاقتى  2014-1-22 16:17 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە ياتنام (他称) بىلەن لەقەم يەنىلا پەرقلىنىدۇ.
مە ...

بۇ يەردە ئازراق خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قاپتۇ.
ياتنام دېگەن لەقەم.
خەنزۇلارنىڭ ياپونلارنى رىبېن دېيىشى ياتنام ئەمەس، بەلكى ئۇ «日本» دېگەن ياپونچە نامنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئوقۇلىشى. جاپان بولسا، دەل ياپونچە «نىپپون» 日本 سۆزىنىڭ ياپونچە تەلەپپۇزى. يەنى ئوخشاش بىر نامنىڭ ئوخشىمىغان تىلدىكى پەرقلىق تەلەپپۇزى. تەلەپپۇزى پەرقلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ يەنىلا بىر ئۆزنام. «ئۇيغۇر» نى خەنزۇلار ۋېي ۋۇ ئېر، دەيدۇ، ئۇ ياتنام ئەمەس، بەلكى «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزى. چاينىز دەل ياتنام، ئۇ خەنزۇلارنىڭ چىنە-قاچا ئىشلەش، توشۇش سېتىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا قويۇلغان لەقەم. يەنى ئۇلارنى «خەنزۇ» دەپ ئاتاشنىڭ ئورنىغا «چىنە» دەپ لەقەم قويغان. بۇ خۇددى تاغدا ئېشەك باققان مەمتاخۇننى، «مەمەت ئېشەك» دېگەندەكلا...
بىر نام ئوخشىمىغان تىللارنىڭ تاۋۇش سىستېمىسى ۋە تاۋۇشلارنىڭ بىرىكىش قانۇنىيىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك، پەرقلىق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا بىر نام. مەسىلەن:
ئالېكساندېر (رۇس) = ئىسكەندەر (ئەرەب) = ئالېكس (ئىنگلىز) = ئالىھاندىرو (ئىسپان)
مايكول (ئىنگلىز) = مېخائىل (رۇس) = مېچىلانگىلو (ئىتالىيان)
بۇنيامىن (مۇسۇلمانچە) = بېنجامېن (خىرىستىيانچە)
جەيكوب (خىرىستىيانچە = ياقۇب (مۇسۇلمانچە)
سارا (خىرىستىيانچە = سارە، سارەم، بۈسەرەم (مۇسۇلمانچە)
ئىبراھىم = ئابراھام
Jew = جوھود = يەھۇدى
-----------
يەھۇدىي، دېگەن نامنى ئالساق، بەزىلەر «جوھود» نى يەھۇدىلارغا قويۇلغان سەت لەقەم دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ پەقەت Jewod يەنى يەھۇدىلارنىڭ نامىنىڭ باشقا تىلدىكى پەرقلىق تەلەپپۇزىدىنلا ئىبارەت. «ج» تاۋۇشى بىلەن «ي» تاۋۇشى كۆپ تىللاردا ئۆز ئارا ئالمىشىدۇ، خۇددى «ياخشى» نى قازاقلار «جاخشى» دېگەندەك. جوھود سۆزىنىڭ «ج» سىنى «ي» غا ئالماشتۇرسىڭىزلا «يوھود\يەھۇد» سۆزى كېلىپ چىقىدۇ...

TILSIMAT يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 23:29:16

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-1-22 16:56 static/image/common/back.gif
بۇ يەردە ئازراق خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قاپتۇ.
ياتنا ...

ئىسىل ئىنكاس!!!
بەت: [1]
: يۇرت لەقەملىرى