qarayuz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 08:22:37

يانفون سېتىۋالغاندا، قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كىرەك؟

ھەرقانداق بىر كىشى يانفون سېتىۋالغاندا، قۇسۇر ئىزدەشكە، زۆرۈرىيىتى تېپىلغاندا، «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش» كىمۇ ھوقوقلۇق، چۈنكى بۇ يانفون كىيىنچە ئۇنىڭ ئەڭ يىقىن ھەمراھى بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى مەيلى تېلفون ئۇرۇش، قىسقا ئۇچۇر يوللاش بولسۇن، ياكى رەسىم تارتىش، ئويۇن ئويناش، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا چىقىش بولسۇن، ۋە ياكى تور بانكىسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ يانفون ئارقىلىق تاماملايدۇ. ئۆزىگە ئەڭ ماس كىلىدىغان يانفون تاللاش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس، ئەمما بىز باشقىلار يەكۈنلەپ چىققان يانفون تاللاش ئۇسۇللىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلانساق بولىدۇ، تۆۋەندە يېڭىدىن يانفون سېتىۋالماقچى بولغان دوستلىرىمىز ئۈچۈن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر قانچە مۇھىم نۇقتا ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلدى.

1. مەشغۇلات سىستېمىسىنى توغرا تاللاش ئەڭ مۇھىم
ھازىر ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان يانفون مەشغۇلات سىستېمىسى iOS ، ئاندىرويىد ۋە Windows Phone نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلارنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ئەڭ ماس كىلىدىغان يانفون تاللىشىڭىزدا ئىنتايىن مۇھىم.
ئاندىرويىد بولسا نۆۋەتتىكى قاپلاش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سۇپىسى، سامسۇڭ، خوڭدا HTC، سونىي ۋە LG قاتارلىق نۇرغۇنلىغان داڭلىق ماركىلارنىڭ ئاندىرويىد يانفونى بار؛ ئۇنىڭ مەھسۇلات شەكلىمۇ ئەڭ مول ۋە رەڭگارەڭ، چوڭ ئىكرانلىق يانفون ۋە ھەرخىل بايراقدار يانفونلىرى بار، سىستېما ئوچۇق كودلۇق بولغاچقا، خالىغانچە ئۇسلۇب قاچىلاشقا، كۆرۈنمە يۈزىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، شۇنداقلا يېڭىلىنىشىمۇ تېز، ئەگەر سىز يانفون سىستېمىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە قىزىقسىڭىز، ئۇ ھالدا ئاندىرويىد سۇپىسى سىزنىڭ بۇ ئىھتىياجىڭىزدىن تولۇق چىقالايدۇ.
يەنە مىليونلىغان قوللىنىشچان دېتال، يەنى ئەپلەرگە ئىگە بولغانلىقىمۇ ئاندىرويىدنىڭ يەنە بىر چوڭ ئەۋزەللىكى، بىراق، iOS سۇپىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چوڭ تىپتىكى ئويۇنلار ۋە نادىر ئەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئالدى بىلەن گۇگېل ئەپ دۇكىنىغا چىقماستىن، بەلكى ئالما ئەپ دۇكىنىغا كىرىدۇ.
iOS 7 بولسا مەزكۇر سىستېما سۇپىسىدىكى چوڭ بىر قېتىملىق يېڭىلىنىش بولۇپ، كۆرۈنمە يۈزى پاكىز، ئېسىل سۈپەت، شۇنداقلا كۆپ خىل ۋەزىپىنى بىرلا ۋاقىتتا بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى، مەشغۇلات سۈرئىتى تېز ۋە قولايلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالما ئەپ دۇكىنىمۇ نۆۋەتتىكى ئەپ سۈپىتى ئەڭ يۇقىرى، تۈرى ئەڭ مول بولغان ئەپ دۇكىنىدۇر. ئۇندىن باشقا، ئايفونغا سەپلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق بۇيرۇق سىستېمىسىSiri ۋە iTunes Radio قاتارلىقلارمۇ iOS سۇپىسىنىڭ ئەۋزەل تەرەپلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ھالبۇكى، ئاندىرويىدقا ئوخشاش ئوچۇق كودلۇق سىستېمىلارنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغانلار، ئەگەر ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرمىسا، ئۇ ھالدا نۇرغۇن چەكلىمىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلىدۇ؛ بىراق، ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرغان تەقدىردىمۇ، چەكلىمىسىز ئىشلىتىش جەھەتتە يەنىلا ئاندىرويىدقا يەتمەيدۇ.
ئەمدى Windows Phone سىستېمىسىغا كەلسەك، بۇ سىستېمىنى ئاساسىي جەھەتتىن نوكىيا شىركىتىلا ئىشلىتىپ كىلىۋاتىدۇ، ئومومىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ سىستېمىنى تاللىسىڭىز، نىسبەتەن كۆپ چەكلىمىگە ئۇچرايسىز. Windows Phone سىستېمىسى مىكروسوفىت تەرىپىدىن ئېچىلغان بولۇپ، ئۆزىگە تۇشلۇق نۇرغۇنلىغان ئالاھىدىلىكلىرى بار، كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق، ئاساس ئىكراندىكى ياپراقچىسىمان سىنبەلگىلەرنى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ دىگەندەك. بىراق، سىستېما تىگىدىن يېپىق كودلۇق بولغاچقا، خۇددى ئالماiOS گە ئوخشاش، نۇرغۇنلىغان چەكلىمىسى بار. ئەۋزەللىكى بولسا، مەزكۇر سىستېما مىكروسوفىتنىڭ Office ۋە Outllok قاتارلىق ئەپلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، بۇ تەرىپى ئاندىرويىد ۋە قاتارلىقلاردا يوق. ئەمدى ئەپ سانىغا كەلسەك، ھازىرغىچە مەزكۇر سىستېمىغا قارىتا ئېچىلغان ئەپلەرنىڭ سانى 200 مىڭغا يەتكەن بولسىمۇ، بىراق، مەيلى سان ۋە سۈپەت جەھەتتە بولسۇن، يەنىلا يىتەرسىزلىك مەۋجۇت.

2. ئىكران چوڭلۇقىنى مۇۋاپىق تاللاش كىرەك.
ھازىر چوڭ ئىكرانلىق يانفونلار مودا بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق، ئاساسىي ئېقىم بولۇۋاتقانلىرى يەنىلا 5 ياكى 5.5 دىيۇملۇق ئىكرانلار. بۇ نۇقتىغا كەلگەندە، 4 دىيۇملۇق ئىكران سەپلەنگەن iPhone 5s/5c لار ئاساسىي ئېقىمغا ئەگەشمىگەنلەر بولۇپ، ئۆزگىچە يول تۇتقان دىسەك بولىدۇ. ھازىر تارقىلىۋاتقان مىش-مىش خەۋەرلەردە كىيىنكى ئەۋلاد ئايفونغا چوڭ ئىكران سەپلىنىدۇ دىگەن قاراشلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، بىراق، زادى قاچان بازارغا سېلىنىدىغانلىقى تېخى نامەلۇم. شۇڭا ئەگەر سىز مودا بولۇۋاتقان چوڭلۇقتىكى يانفون سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۇ ھالدا ئاندىرويىد ياكى Windows Phone نى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
3.قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگىمۇ ياخشى دىققەت قىلىش كىرەك.
خۇددى كومپىيۇتېرغا ئوخشاشلا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى دەل ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچىسى، ئۇ يانفوننىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ. ئاندىرويىد ۋە Windows Phone ساھەسىدە، گاۋتوڭ Snapdragon 800 تىپىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچلار نۆۋەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك بىر تەرەپ قىلغۇچقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، سامسۇڭ Galaxy Note 3، نوكىيا Lumia 1520 قاتارلىق كۆپلىگەن بايراقدار يانفونلارغا مۇشۇ خىلدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن.
ئۇندىن قالسا، Snapdragon 600 تىپىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچمۇ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بايراقدار يانفونلارغا سەپلىنىۋاتىدۇ، مەسىلەن ، سامسۇڭ Galaxy S4 ۋە HTC One قاتارلىق يانفونلاردا مۇشۇ خىل بىر تەرەپ قىلغۇچ بار، بۇنىڭ ئەۋزەل تەرىپى، ئىقتىدارى ياخشى ۋە باھاسى مۇۋاپىق. ئەمدى Snapdragon 400 تىپىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچلارغا كەلسەك، بۇ خىل بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن يانفونلار كۈندىلىك مەشغۇلاتلارنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقالايدۇ، بىراق، چوڭ تىپتىكى ئويۇنلارنى ئويناشقا ماس كەلمەيدۇ. ئۇندىن باشقا، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كۆپ قىسىم يانفونلار ھازىر MTK تىپىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىشلىتىۋاتىدۇ، بۇ خىل بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ باھاسى ئەرزان بولۇپ، ئىقتىدارى ئوخشاش دەرىجىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچلاردىن تۆۋەن تۇرىدۇ.
ئايفون بولسا بۇ جەھەتتە يەنىلا ئۆزگىچە يول تۇتقان، چۈنكى ئۇنىڭغا A تۈرىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، نۆۋەتتە ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئالما يانفونى iPhone 5s بولۇپ، ئۇنىڭغا 64 بېتلىق A7 تىپلىق قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، ئىقتىدارى جەھەتتە نۆۋەتتە بارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
ئاندىرويىد يانفونىغا نىسبەتەن، يانفوننىڭ RAM قىسمىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئادەتتە RAM نىڭ سېغىمى قانچە چوڭ بولسا، شۇنچە ياخشى دەپ قارىلىدۇ، بولۇپمۇ كۆپ ۋەزىيە ئىجرا قىلغان ۋاقىتتا شۇنداق. نۆۋەتتىكى بايراقدار ئاندىرويىد يانفونلىرىغا 2-3GB لىق RAM سەپلىنىۋاتىدۇ، ئادەتتىكىلىرىگە بولسا 1-1.5GB لىق RAM سەپلىنىۋاتىدۇ.

4.ئىكران ئېنىقلىق دەرىجىسى ۋە يورۇقلۇق دەرىجىسى
ئىكران چوڭلۇقىدىن باشقا، ئىكراننىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىمۇ بىر قەدەر مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتىكى بايراقدار يانفونلارغا ئېنىقلىق دەرىجىسى 1080P بولغان 5 ياكى 5.5 دىيۇملۇق ئىكران سەپلىنىۋاتىدۇ، ئەگەر ئىكرانى 4.3 دىيۇم بولسا، 720P دەرىجىدىكى ئېنىقلىق دەرىجىسىمۇ مۇۋاپىق ھېسابلىنىدۇ. ھازىر يەنە 2K تىپلىق ئىكران مەيدانغا كىلىپ، ئېنىقلىق دەرىجىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلدى. ئەمدى ئېنىقلىق دەرىجىسىدىن باشقا، ئىكراننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىمۇ خىلىلا مۇھىم، شۇڭا، يانفون سېتىۋالغاندا، ئۇنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى شۇنداقلا يورۇقلۇق دەرىجىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن سىناپ كۆرۈش ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر.
5.ساقلاش سېغىمى ۋە ساقلىغۇچى كارتا سېلىشنى قوللاش
ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرگە كىرەك بولغان ئۇچۇرلارنىڭ مىقدارى جۈملىدىن ئۇنىڭ ھەجىمىمۇ شىددەت بىلەن ئېشىپ بىرىۋاتىدۇ، ھازىرقى سەۋىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يانفوننىڭ ساقلاش سېغىمى ئەڭ كىچىك بولغاندا 16GB بولسا مۇۋاپىق، ئايفونغا ئوخشاش سېغىم كارتىسى سالغىلى بولمايدىغان يانفونلارغا نىسبەتەن، ئەڭ ياخشىسى 32GB بولسا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا، ساقلاش سېغىمى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن كۆرۈلمەيدۇ. ئاندىرويىد يانفونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەنە يانفوننىڭ سېغىم كېڭەيتىش كارتا رايۇنى بار-يوقلۇقىغا قاراش كىرەك.

6.كامېراسى ئەڭ ياخشى ۋە سۈزۈك بولغان يانفون تاللاش كىرەك (پىكسىل سانىغا ئىشىنىپ قالماڭ)
يانفون كامېراسى نۆۋەتتە كارخانىلار بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىشتە ئۆزىنى ئەڭ كۆرسىتىدىغان بىر مۇھىم تەرەپكە ئايلىنىپ قالدى، پىكسىل سانى دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى يانفونلارنىڭ سېتىلىشىمۇ ماس ھالدا ياخشى بولۇۋاتىدۇ. بىراق، بۇ يەردە سىزگە سەمىمىي تەكىلىپ بىرىمىزكى، كارخانىلار ئېلان قىلغان پىكسىل سانىغا بەكمۇ ئىشىنىپ كەتمەڭ، چۈنكى سىز سېتىۋالغان بەزى يانفونلاردىكى 13 مىليون پىكسىللىق كامېرانىڭ سۈرەتكە تارتىش ئۈنۈمى بەلكىم باشقا بىر يانفوننىڭ 8 مىليون پىكسىللىق كامېراسىغا يەتمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا، كامېرا تاللىغاندا، ئۇنىڭ پىكسىل سانىغىلا ئەمەس، بەلكى قوللىنىلغان تېخنىكا تۈرىگە، ئىشلىتىلگەن رەڭ سەزگۈچ، سۈرەت بىر تەرەپ قىلغۇچ قاتارلىق قىسىملارغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك.

7.يانفوننىڭ باتارىيىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىمىز شۇكى، باتارىيە ئۆمرىمۇ يانفونغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئادەتتە باتارىيە سېغىمى قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى، بىراق، بۇمۇ مۇتلەق ئەمەس. ئادەتتە 3000mAh لىق باتارىيە سەپلەنگەن ئاندىرويىد يانفونلىرى بىر قەدەر كۆڭۈلدىكىدەك تاللاش بولالايدۇ.
مەنبە:نۇر تورى

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 09:51:42

مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئويلاشقاندىن كېيىن كامىدا بەش مىڭ سوم تەييارلىسىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك يانفونغا ئېرىشەلەيسىز.

aymakbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 10:07:54

مىەن غا قىزىقىپ قالدىمnokia lumia  1020ھازىر  رەسىمگە تارتىش  جەھەتتە  بۇنىڭ ئالدىغا ئۈتىدىغان ياكى تەڭلىشەلەيدىغان يامفۇن تېخى يوقكەن    ھەم سەپلىمە  ئىشلەش جەھەتتە بولسۇن مەشخۇلات راۋانلىقى بولسۇن ئالدىن قاتارغا ئۈتىدىكەن  مۇشۇ تىلفۇننى  ئىشلىتىپ  باققانلار تەسىراتىڭلانى سۆزلەپ باقمامسىلە

IKSAK يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 11:16:01

مىنىڭ  تېلفونۇمنىڭ باتارىيىسى  2400mah .  دەسلەپتە توكى گەپ يوق 3 كۈن يىتەتتى. ھازىر 2 كۈن يىتىدۇ

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 11:37:59

مۇشۇئالما يانفۇنلىرىنى تاۋباۋدىن ئىشلەتكەنلىرىنى ئالسا خىلىلا ئەزان ماللار ئۇچىرايدىكەن . ئەممازە ئىشەنچ بىلەن پۇل سالالمىدىم.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 11:40:47

2000 ئەراپىدا تېلفۇن تەۋسىيە قىلمامسىلە؟ تېلفۇنۇم ئۇيغۇرچىنى تونىماي زېرىكتىم .ئالماشتۇراي.
تەۋسىيە قىلمىساڭلار يېڭى تىما يېزىپ ئەۋارە قىلىمەن.:shutup:

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 12:24:19

UyghurBaligh يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 11:40 static/image/common/back.gif
2000 ئەراپىدا تېلفۇن تەۋسىيە قىلمامسىلە؟ تېلفۇنۇم ئۇيغۇ ...

2ooo ئەتراپىدا يانفون تەۋسىيە:
NOKIA Lumia 925
iPhone 4s  بۇنىڭ ئېكرانى سەل كىچىك
Sony Xpera خالىغان يانفونى، مەن ZR m36h دېگەننى ياقتۇردۇم، سۇغا چىلاشقا بولىدىكەن.
HTC Desire 7088
华为 Ascend P6-T00 3G
.... قاتارلىقلار.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 12:25:52

UyghurBaligh يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 11:40 static/image/common/back.gif
2000 ئەراپىدا تېلفۇن تەۋسىيە قىلمامسىلە؟ تېلفۇنۇم ئۇيغۇ ...

قالماقبالىغ بولغاندىكىن مەيلىدى ئەمەسمۇ

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 12:26:50

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 11:37 static/image/common/back.gif
مۇشۇئالما يانفۇنلىرىنى تاۋباۋدىن ئىشلەتكەنلىرىنى ئال ...

ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كونا يانفونلارنى يۇيۇپ، رېمونتلاپ، سىرلاپ دېگەندەك يېڭىلىغان ماللار.
ئالما يانفونلارنى تۆۋەندىكى ئورۇندىن سېتىۋالسىڭىز ئەڭ ئىشەنچىلىك:
http://store.apple.com/cn/buy-iphone/iphone5s

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 12:29:58

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 12:24 static/image/common/back.gif
2ooo ئەتراپىدا يانفون تەۋسىيە:
NOKIA Lumia 925
iPhone 4s  بۇنىڭ ئېك ...

4S ئىككى مىڭغا چۈشتىما ؟ 3500 ئەتراپىدا دەپ ئاڭلايمەنغۇ ؟
سونىي ئېلىش نىيتىم باتى.ئاندىروئىدتىن مكروسوفىت سېستىمى ياخشى دەيدۇ بىرسى .
سىندوۋىز تېلفۇننى بەك قاتىدۇ دەپ ئاڭلايمەن.
شۇڭا تولا ئىككىلنىپ قالدىم.

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 13:00:33

ئايفون 4S تېخى ئىككى مىڭغا چۈشمىدى ، ئۇ پۇلغا يارايدىغانلىرى ئىكران ، باتارىيە ۋە باشقا قاپ ، ئۈسكۈنىلىرى ئالماشتۇرۇپ يېڭىلانغان تېلېفونلار( 翻新机子) ، ئىشەنچلىك ئادەمدىن ئالالسىڭىز ياخشى بولمىسا ، بىردەم ئىكران ئوبدان ئىشلىمىدى ، بىردەم قېتىۋالدى، توكى يەتمىدى دەپ ئاۋارىچىلىققا قالىدىغان گەپ .. ئېھتىيات قىلىڭ !!

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 13:03:22

ئالما شىركىتىنىڭ توربېتىدە 8GB لىق ئايفون 4S تېلېفونى 3288 يۈەن ئىكەن ..

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 13:14:53

UyghurBaligh يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 12:29 static/image/common/back.gif
4S ئىككى مىڭغا چۈشتىما ؟ 3500 ئەتراپىدا دەپ ئاڭلايمەنغۇ  ...

دىيەنشىن نۇسخىسىنى JD.com دىن ئالسىڭىز 2500 لەرگە كېلىدۇ، 8 گ لىق ئەڭ كىچىكىنى

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 14:09:02

@UyghurBaligh
ئاۋال مانى NOKIA Lumia 925بۇ يارمىسا ،،،华为 Ascend P6-T00 3G
مانى ئويلىشىپ بىقىڭلار ،،،،:P

palwanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 14:48:18

مەن 1000 يۇەنلىك تىلپۇن ئالماقچىتتىم خاپا بولماي ماڭىمۇ  1000 كويلۇق تىلپۇندىن بىرنى تەۋسىيە قىلىپ قويساڭلا بوپتىكەن. سامسۇڭ تىلپۇن ئالسام بولامۇ؟:P

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 15:09:58

مەن لۇمىيا 820 نى ئىشلىتىۋاتقىلى بىر يىل بولاي دەپ قالدى, بۇ يانفوننىڭ باشقا ئىقتىدارلىرىدىن تاشقىرى ماڭا ئەڭ ياقىدىغان ۋە ئەسقاتىدىغان يەنە بىر تەرىپى خەرىتە ۋە يول باشلىغۇچىسى. خەرىتىسى بەك توغرا, يول باشلاش ئىقتىدارىمۇ شۇنداق ياخشى, ئېسىل پىكاپلارنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ, مۇھىمى باشقا يۇرتلارغا, ناتۇنۇش يەرلەرگە بارغاندا بەك ئەسقاتىدۇ, تورغا چىقمىغان بولسىمۇ ئوخشاشلا ياخشى ئىشلەيدۇ.  كۆزىتىشىمچە بۇ تەرىپى ئايفون, ئاندىرويىتلارنىڭكىدىن كۆپ ياخشى.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 16:31:22

palwanjan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 14:48 static/image/common/back.gif
مەن 1000 يۇەنلىك تىلپۇن ئالماقچىتتىم خاپا بولماي ماڭىمۇ  ...

سامسۇڭنىڭ 3000 كويدىن ئەرزان تېلېفونلىرى بەك ناچار...
1000 يۈەنگە كېلىدىغان ئېسىل تېلېفونلار:
Windows Phone سىستېمىلىقى:
NOKIA Lumia 525
NOKIA Lumia 625H
HTC 8X

Android سىستېمىلىقى:
Xperia C S39h
HTC 301e
PHILIPS D833 (بۇنى گوللاندىيە فىلىپس شىركىتى ياسىمايدۇ، بەلكى شېنجېن ساڭكې ئېلېكتىرون شىركىتى ياسايدۇ)

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 16:37:14

مەنمۇ مۇشۇ تېلفۇن تاللاشتىن ئىككىلىنىپ قېلىۋاتىمەن بولسا ماڭا 1500- 2000 غىچە بولغان ئارلىقتا ياخشىراق يانفۇندىن بىرنى تەۋسىيە قىلساڭلار .

palwanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 17:18:04

بىرھون ئەپەندى  سىزگە رەخمەت ! سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم :)
بەت: [1] 2
: يانفون سېتىۋالغاندا، قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كىرەك؟