waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 21:21:48

2014-يىللىق CBAچۇلپانلار مۇسابىقىسىدە شىمال كوماندىسى غەلبە قىلدى

    19-يانۋار كەچ،  2014-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى چولپانلار مۇسابىقىسى بىيجىڭ ۋەن شىدا تەنتەربىيە مەرگىزىدە ئۆتكۈزۇلدى. شىمالى رايون  چولپانلار كوماندىسى 118-102 نەتىجە بىلەن  جەنۇبى رايون چولپانلار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.  بۇ مەيدان مۇسابىقە بولسا ۋاڭ جىجىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى چولپانلار مۇسابىقىسى ھىساپلىنىدۇ.
شىمالى رايون چولپانلار كوماندا ئەزاسى  سۈن يۈ   28 نۇمۇر، 4 قېتىم  گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بۇ قېتىملىق چولپانلار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ MVP يەنى ئەڭ قىممەتلىك ماھىر بولۇپ باھالاندى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىمال رايۇن چولپانلار كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى سۈن يۈ  28 نۇمۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛   خاندېرسېن 24 نومۇر،  7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ خەن دېجى 14 نۇمۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ مورىس 15 نۇمۇر ئالدى؛ دىڭ يى يۈخاۋ 11 نۇمۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  پەخىرلىك ئوغلانىمىز شىرئەلىجان تەشكىللىگۇچى بىك سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنىڭ ھۇجۇم تەشكىللەشتىكى ئۈستۈنلىكىنى نامايەن قىلدى.
   جەنۇبىي رايون چولپانلار كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى  يىجەنلىيەن  18 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  ۋاڭ جىجى  15 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى. دۇبى 21 نۇمۇر، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  گىپ سۇن 32 نۇمۇر ئالدى.  
  چولپانلار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئالدىنقى يىرىم مەيدان ئاخىرلاشقاندىن كىيىن يەككە تۈردىكى مۇسابىقە ئىلىپ بىرىلدى.
   ئۇچ نۇمۇرلۇق تۇپ سىلىش مۇسابىقىسدە خې تىيەن جۇ  16 نۇمۇرلۇق نەتىجە بىلەن ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش تۈرىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.
   ماھارەت رىقابەت تۈرىدە  ۋاڭ زى رۈي چىمپىيۇن بۇلدى.  گارغا توپنى كۆمتۈرۈپ بېسىپ كىرگۈزۈش تۈرىدە كارلوس چىمپىيۇن بۇلدى.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

بەت: [1]
: 2014-يىللىق CBAچۇلپانلار مۇسابىقىسىدە شىمال كوماندىسى غەلبە قىلدى