kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 20:21:54

مورىنىئونىڭ رىكورتى (پۇتبول)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuyaxoghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-19 20:23  

مورىنىئونىڭ قالتىس رىكورتى بۈگۈن كەچ يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن.
مورىنىئو ئىككى قىتىملىق چېلسىغا تېرىنىېرلىق قىلىش جەريانىدا ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئەنئەنىۋى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالتە كۇلۇب(قوشماق مانچىستېر، ئارسىنال، توتىنھام، لىۋېرپول، ئېۋىرتون) بىلەن بولغان نەتىجىسى 43 مەيدان مۇسابىقىدە 24 مەيدان غەلبە، 15 مەيدان تەڭلىشىش ۋە بەش مەيدان مەغلۇپ بۇلۇش بۇلۇپ غەلبە قىلىش نىسبىتى %56 بولغان. مەغلۇپ بولماسلىق نىسبىتى %88 كە يەتكەن. مورىنىئو ئەزەلدىن ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە ئوخشاش بىر كۇلۇبقا ئىككى مەيدان ئۇتتۇرپ باققان ئەمەس. يەتتە قىتىم ئارسىنال بىلەن تۇتۇشۇپ ئىككى ئۇتۇق بەش تەڭلىشىپ تېخى مەغلۇپ بولۇپ باقمىدى. 8 مەيدان لىۋېرپول بىلەن تۇتۇشۇپ ئالتە ئۇتۇق بىر تەڭلىشىپ بىر ئۇتتۇرۇپ، مانچىستېر بىلەن يەتتە مەيدان تۇتۇشۇپ ئۈچ ئۇتۇق، ئۈچ مەيدان تەڭلىشىش بىر مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك قالتىس نەتىجە ياراتتى.
مورىنىئونىڭ ئەنئەنىۋى كۈچلۈكلەر بىلەن ئۇچراشقاندىكى نەتىجىسى
رەقىب                         مەيدان         غەلبە         تەڭلىشىش      ئۇتتۇرۇش         
ئارسىنال                          7                2                   5               0
ئېۋرىتون                          7                 4                   2               1
لىۋېرپول                         8                 6                    1               1
مانچستېر شەھىرى            7                5                    1                1
مانچىستېر بىرلەشمىسى     7                3                    3                1
توتىنھام                          7                4                    2                1
ئۇمومى                          43             24                  14               5   
    مورىنىئونىڭ قالتىس رىكورتى بۇلا ئەمەس. مورىنىئو يەنە ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە شانلىق بولغان ئۆز مەيدانىدا مەغلۇپ بولماسلىق رىكورتى ياراتتى. شۇنداقلا بۇ رىكورت يەنە داۋاملاشماقتا. ھازىرغىچە مورىنىئو سىتامفوردتا 70 مەيدان مۇسابىقىدە 55 مەيدان غەلبە قىلىش، 15 مەيدان تەڭلىشىپ تېخى مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىدى. ئۇمومى نەتىجىدىن قارىغاندا مورىنىئو چېلسىدىكى 141 مەيدان مۇسابىقىدە 99 مەيدان غەلبە قىلىپ 29 مەيدان تەڭلىشىپ پەقەت 13 مەيدانلا مەغلۇب بولغان. بۈگۈن كەچ مويىسنى يەڭسىلا مورىنىئو ئەڭ ئاز مۇسابىقىدە 100 مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن تېرىنېرغا ئايلىنىدۇ. مورىنىئو 142 مەيداندا 100 مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ۋەھالەنكى فوگىسىننىڭ 100 -مەيدان غەلبىسى ئۈچۈن 162 مەيدان مۇسابىقە كەتكەن. ۋېنگېرغا 179 مەيدان، بېنتىز 181 مەيدان، داگېلىش 197-مەيداندا ئاندىن 100 -مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن.

http://img5.cache.netease.com/sports/2014/1/18/20140118222127c561b_550.jpgمورىنىئوغا سېلىشتۇرغاندا مويىسنىڭ ئەھۋالىنى ئېچىنىشلىق دەپ سۈپەتلەشكە بولىدۇ. 2002-يىلدىن 2013-يىلغىچە مويىس ئېۋىرتوندىكى ۋاقتىدا مانچىستېر، چېلسى، ئارسىنال، لىۋېرپول قاتارلىق ئەنئەنىۋى تۆت كۈچلۈك بىلەن مېھمان مەيداندا ئوينىغان  45 مەيدان مۇسابىقىدە مويىسنىڭ نەتىجىسى 18 مەيدان تەڭلىشىپ 27 مەيدان ئۇتتۇرۇش بولغان. يەنە مويىس غەلبە تەمىنى تېتىپ باقمىغان. مانچىستېرنى قولغا ئالغاندىن كېيىن بۇلتۇر ئەنفېلدتا مانچىستېر يەنىلا لىۋېرپولغا 0 :1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان. مويىسنىڭمۇ مېھمان مەيداندا تۆت كۈچلۈكنى يىڭەلمەسلىك رىكورتى 46 مەيدانغا يەتكەن.

http://img5.cache.netease.com/sports/2014/1/18/2014011822203483fd1_550.jpg
مانا ئەمدى بىر تەرەپتە چېلسىنىڭ ئۆز مەيدانىدا يىڭىلمەسلىك رىكورتى، يەنە بىر تەرەپتە مويىسنىڭ مېھمان مەيداندا ئۇتالماسلىق رىكورتى.  قېنى بۇ رىكورت يەنە داۋاملىشامدۇ يوق، مويىس ۋان پېرىس ۋە رۇنى يوق مانچىستېرنى سىتامفوردتا غەلبىگە ئېرىشتۈرەلەمدۇ، مورىنىئو چېلسىنى يىتەكلەپ 100-مەيدان غەلبىنى قان رەقىبى بولغان بۈگۈنكى جەڭدە قولغا كەلتۈرەمدۇ قېنى سائەت ئۈرۈمچى ۋاقتى 22:00 بولغاندا دىققىتىمىز مۇسابىقىدە بولسۇن.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 22:02:29

مۇسابىقە باشلاندى. توررېس چۈشمەپتۇ. لەمپارد بىلەن ئاشىلى كولمۇ يوق. :victory:

IKSAK يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 22:13:32

بۇ ئىككىسى  بىربىرى بىلەن  تەڭلىشىپ قالسا , زاۋۇتىمىزغا تازا پايدىلىق بولاتتى. لىۋىرپولدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمەيمەن. مانچىستىردىنمۇ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. ئەمما شەھەرلىكلەر بىلەن مۇشۇ چېلسى  يول توسۇپ ياتمىسىلا بولاتتى.   

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 22:21:57

ئېتوئو بىرنى ئۇردى. لۇيىسمۇ كونا ئادەت بويىچە سېرىق كارتىدىن بىرنى يىدى. قىزىۋاتىدۇ...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 23:59:15

ئېتوئو قالپاق كەيدى. مورىنىئو يەنە غەلبە قىلدى. ۋېىدىچ قىزىل كارتا.مويىسنىڭ كۈنى تەسلىشىدىغان بولدى...

ttt يوللانغان ۋاقتى 2014-1-20 00:14:14

يارايدۇ

IKSAK يوللانغان ۋاقتى 2014-1-20 08:22:28

مانچىستېر ئەمدى چىمپىيونلۇققا خوش دىسە بولغۇدەك.

nizamdin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-20 09:24:49

چىلىسى 3-1 ئۇتتى...مورىنئو يېڭى رىكورد ياراتتى..چىلىسى ئۈچۈنچى ئورۇندا مۇقىم كىتىپ بارماقتا...بۇ يىللىق چىمپىيۇنلۇق ساھىبىلىرى، مانچىستېر شەھەر، چىلىسى، ئارسىنال دەپ پەرەز قىلىنماقتا

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-1-20 09:42:48

مۇسابىقىنى قەيەردىن كۆرگىلى بۇلىدۇ نەخمەيداندىن

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-1-20 10:17:03

كىيىنكى يېرىم پەسىل ئەمدى باشلانسا چىمپىئوننى پەرەز قىلىش سەل تەسكە توختارمىكىن{:87:}
ئالدى بىلەن نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدىغىنى ئۇزغۇنلار لوڭقىسى بىلەن ئىنگىلاند ئىچىدىكى لوڭقا مۇسابىقىسى.نەتىجىسى ئالدىنقى ئۈچتىكى كوماندىنىڭ ئۈچىلىسىلا ئۇزغۇنلار لوڭقىسى ئوينايدۇ.
شەھەر بارسا بىلەن،ئارسىنال بايرىن بىلەن،چېلسى گالاتاساراي بىلەن.
شەھەر بارساغا،ئارسىنال بايرىنغا ئۇتتۇرىشى مومكىن.شاللىنىپ كەتسە بىرلەشمىدە تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۈتەلەيدۇ.ئەمما چېلسى گالاتاساراينى ئۇتۇپ قالسا جاننى قىينايدىغان مۇسابىقىسى داۋاملىشىدۇ.
يەنە بىرىگە باشقىلار بىر لوڭقا ئوينىسا بۇ خەق 2-3 لوڭقا ئوينايدۇغۇ دەيمەن.يەنە كىلىپ 1-3 ئاينىڭ ئارىلىقىغا زىچ ئورۇنلاشتۇرۋېتىلگەن.زاپاس ئەزالىرى تۇلۇق بولمىغان كوماندا ئۈچۈن بۇ ئۈچ ئاينى ئۆتكۈزمەك سەل تەسرەك.بۇ ئۈچ كوماندىدىن ئىشلەتكىلى بولىدىغان زاپاس ئەزلار قايسىنىڭدا كۆپرەك،بىر نىمە دىمەك تەس.ئارسىنالدا ئەسلىدىنلا تۈزۈك ئادەم يوق.ئېتو بىر نىمە بولۇپ قالسا چېلسىدا تورىس يوقلىقىنى چاندۇرماي ئوينىيالامدۇ بىر نىمە دىمەك تەس.شەھەردىكى ناسىرنىڭ پۇتىنى ئۈزىۋېتىپ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالامدۇ بىر نىمە دىمەك تەس دەيدۇ.......
ئاخىرىدىكى پەرەز،مورىنىئو بەك ئابرويپەرەس ئادەم.10 يىل بۇرۇن چېلسىغا كەلگىنىدە باشقا لوڭقىلارنى كۈتۈرۈپ بولۇپ،يۇغان قۇلاقنى ئالالماي ئارماندا كەتكەن.شۇڭا بۇ قېتىم چېلسىغا قايتىشتىكى ئەڭ مۇھىم مەقسىدى يوغان قۇلاقنى كۈتۈرۈش.شۇنداق بولغىنىدا بىرلەشمىنى قالغانلارغا تاشلاپ بېرىشى مومكىن.

شۇنداق دەپ كىلىپ
بەلكىم ئالدىنقى ئۈچتىكى چېلسى ئارسىنال شەھەردىن باشقا لىۋىرپول بىلەن توتىنھامنىڭمۇ  بىرلەشمىنىڭ لوڭقىسىنى تالىشىش سالاھىيىتى تېخى بار.بىر پىكىرىڭلارغا قوشۇلىمەن.مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ بۇ پەسىل باشلانغاندىلا لوڭقا تالىشىش سالايىتى يوق ئىدى:lol

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-20 18:44:27

parakende يوللىغان ۋاقتى  2014-1-20 09:42 static/image/common/back.gif
مۇسابىقىنى قەيەردىن كۆرگىلى بۇلىدۇ نەخمەيداندىن

http://www.zhibo8.cc/

مۇشۇ تور بەتكە كىرسىڭىز مۇسابىقىلەرنىڭ ۋاقتى ۋە قايسى قاناللاردا قۇيۇلىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-20 18:54:31

شەھەرنىڭ بارسىلوناغا ئۇتتۇرىشى ناتايىن زىيالى. ھازىرقى بارسىلونانىڭ ئەڭ ئاجىز ھالقىسى مۇداپىئە. شەھەرنىڭ ئوت كۈچى ھازىر پۈتكۈل ياۋرۇپا بويىچە كۈچلۈك. ھەر مەيداندا ئۈچتىن تۆتتىن توپ ئۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇزغۇنلۇقنىمۇ بىر نەچچە يىل ئويناپ خېلى تەجرىبىلىك بولۇپ قالدى ئاسان بوزەك بولماسمىكىن بۇ يىل. زاپاس ئەزالېرىمۇ خىل. ئارسىنال ئېنىقلا ھېرىپ قالىدۇ. زاپاس ئەزالېرى كۆپ ئەمەس. ھېلىمۇ ۋېنگېر 50 مىليوننىڭ كۈچىنى ئوبدانلا كۆردى. مورىنىئو چېلسىنىڭ مۇشۇ ھۇجۇمچىلېرىنى ھازىرقى ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ قالالىسىلا ئۇزغۇنلۇقتىن ئۈمۈد كۈتۈشكە بولىدۇ. بارسىلونا بىلەن شەھەرنىڭ مۇسابىقىسى ئىنىقكى قالتىس جەڭ بولىدۇ.

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 09:42:04

ئىشقىپ مەنغۇ توپچى ياكى تېرىنىر بولسۇن بۇرۇن كەتكەن كوماندىسىدىغا قايتىپ كېلىپ نەتىجە قازانغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم.
مو  قانداق بولاركىن ..

nasin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 11:05:04

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-1-20 10:17 static/image/common/back.gif
كىيىنكى يېرىم پەسىل ئەمدى باشلانسا چىمپىئوننى پەرەز ق ...

قارىساممۇ شەھەرلىكلەر بارسانى ئوڭدا قويىدىغاندەكلا قىلىدۇ. بارسا ئۇتتى دىسىمۇ ئىككى ئۈچ ئادىمى يارىلانماي، راۋۇرۇس ھالسىرىماي تۇرۇپ شەھەرلىكلەرنى ئۇتۇشى مومكىن ئەمەس. ئۇنداق بولۇپ قالسا ئىسپان بىرلەشمىسىنى ساقلاپ قالالىشى تېخىمۇ تەس. ئىشقىلىپ ماۋۇ يىل بارسا قۇرۇق قول، ئىككى بارمىقىنى شۈمۈپ قالىدىغاندەك ئويلايمەن.
چېلسى بارغانسىرى كۈچلىنىپ كېتىپ بارىدۇغۇ تاڭ. پەسىل بېشىدىكى چېلسى بىلەن ھازىرقى چېلسىنى ئىككى كوماندا دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمىگۈدەك دەرىجىدە. بۇ بويىچە پىشىپ ماڭسا بىرەر نەتىجە ياراتمايمەن دەپ تۇرۇۋالسىمۇ تەس. مەيلى بىرلەشمە بولسۇن، مەيلى ئۇزغۇنلۇق بولسۇن چېلسى ئاخىرغىچە تىركىشىشى مومكىن. ئەمدى چىمپيون بولالامدۇ يوق ئۇ تەلەيگە باغلىق. 2012-يىلىمۇ ھىچكىم چېلسىنى ياۋرۇپا چىمپىيونى بولالايدۇ دەپ ئويلاپمۇ باقمىغانغۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 18:57:22

nasin يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 11:05 static/image/common/back.gif
قارىساممۇ شەھەرلىكلەر بارسانى ئوڭدا قويىدىغاندەكلا  ...

ئۇنداق دىمەڭلا نەسىن. 2012 مەن چېلسىنى چىمپىيون بولىدۇ دەپ ئويلىغان جۇمۇ...:victory:

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 21:08:47

يالغان ئېيىتماڭ
سىز چېلسىنى ھەر يىلى چىمپىيون بولىدۇ دەپ پەرەز قىلىسىز:lol

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 22:29:21

ئەلۋەتتە..چېلسى چىمپىيونلۇققا ئەڭ ماس كېلىدىغان كۇلۇب ئېنگىلاندتا...:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 22:52:52

سۇنجىخەي پىخەي كىيىپ يۈگرەپ سېسىتىۋەتكەن مەيدانلار:lol
شەھەر كوماندىسىنى 10يىل دومىلە باسىدۇ:lol
بەت: [1]
: مورىنىئونىڭ رىكورتى (پۇتبول)