ئەردوغاننىڭ ئۆزى پەيدا قىلغان كىرىزىسى
ئەردوغاننىڭ ئۆزى پەيدا قىلغان كىرىزىسىيوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-16 16:18:08
ئەينى چاغدا، مەن ماقالەمدە، ئەگەر ئەردوغان ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتمىسە، «تۈركىيە ھاكىممۇتلەقلىقكە بارغانسېرى چوڭقۇرلاپ پاتىدۇ، سىياسىي بۆلىنىشنى ياراشتۇرغىلى بولمايدۇ، يېڭى سىياسىي پارچىلىنىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ» دەپ يازغان ئىدىم، ۋادەرىخا، بۇ پەرەز
ئاپتورى: دانى رودرىك (تۈركىيە)
تەرجىمىدە: نەپرەت
تۈركىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەت ۋە ھەققانىيەت پارتىيىسى بىلەن بۇ پارتىيەنىڭ بۇرۇنقى ئىتتىپاقدىشى، ئۆزى خالاپ سۈرگۈن بولغان ئىمام فەتىھۇللاھ گۈلەن رەھبەرلىكىدىكى «خىزمەت» ھەركىتى ئارىسىدىكى قەبىھ كۈرەش ئىككى، تەرەپنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قوللانغان ھەرىكىتى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش روھىغا كەڭ كۆلەمدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. بىردەك گۈلەنگە ھېسداشلىق قىلغۇچى دەپ قارىلىدىغان تەكشۈرۈش تارماقلىرى چېتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ چىرىكلىككە قارشى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى قوزغىدى، ھازىرغا قەدەر 4 مىنىستىر قولغا ئېلىندى ھەمدە تىغ ئۇچىنى باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ ئوغلىغا قاراتتى.
ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى قايتۇرما زەربىگە ئۆتتى. ئۇلار گۈلەن ھەرىكىتىنى «بيۇروكرات سىياسىي» يولغا قويدى ھەمدە بىر قاتار مەينەت قۇۋلۇق-شۇملۇقلارغا قاتناشتى دەپ ئەيىبلىدى، يەنە «بوھتان چاپلاپ ئىسپات توپلاش» ئارقىلىق ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى مەخپىي پىلانلاش ۋە«كەڭ كۆلەمدە قانۇنسىز ئوغرىلىقچە ئاڭلاش» قىلمىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۈركىيەنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى پىلانلىغۇچىلارنى نامايەندە خاراكتېرىدە سوتلىشى بۈگۈنكى كۈندە ئۇۋال قىلىنغان دېلو-ئاجىز، ھەتتا پۈتۈنلەي ئويدۇرۇپ چىقىلغان ئىسپاتنى ئاساس قىلغان سىياسىي زىيانكەشلىك دەپ قارالدى. بۇ سوتلاشنى گۈلەنىزمچى ساقچى، تەپتىش ئەمەلدارى ۋە مېدىيەلەر توقۇپ چىقارغان. ئەمما ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم قوللىشى بار. ئەردوغان لاگىرى نۆۋەتتە جىددىي ھالدا بۇ سوتلاشلاردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، بارلىق مەسئۇلىيەتنى گۈلەنىزمچىلارغا ئىتتىرىپ قويىشىنى ھىيلىگەرلىك دېيىشكە بولىدۇ.
ئەردوغان ئۆزىنىڭ «ئەرگىنەقۇن» دېلوسىنى شىكايەت قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى، مەزكۇر دېلونىڭ ئەسلىدىكى نىشانى ھەربىي ئەمەلدارلار ۋە دەھرىي مىللەتچىلەردىن تەركىب تاپقان تۈركىيەدىكى «زۇلمەتلىك كۈچلەر»نى پاش قىلىش ۋە تەنقىد قىلىش ئىدى، ئەمما ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە قارىتىلدى. گېنراللار ھەققىدىكى ئاڭلىسا ئادەمنى قورقىتىدىغان يالغان سىياسىي ئۆزگىرىش سۈيقەستى (ئەمما پۈتۈنلەي ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان) ئارخىپى ئاممىغا ئاشكارىلانغاندا، ئەردوغان ئۆزىنىڭ بۇرۇنلا بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئىسپات قىلغان ئارخىپلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ مىنىستىرلىرى جاۋابكارغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە بىردىنبىر پايدىلىق ھۆكۈم چىقىرالايدىغان سودىيەنى تەنقىد قىلدى.
بۇ ئاشكارا ماتېرىياللاردىن سىرت، ئەردوغان ھۆكۈمىتى بارلىق ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، بۇ ۋە باشقا سىياسىي سوتلارنىڭ (نەچچە يۈز كۇرد پائالىيەتچىسى چېتىلىدىغان چوڭ دېلونىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۆزلىرى ئالدىن بېكىتكەن نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بولۇپمۇ، ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلىمى گۈلەنىزمچى ياكى گۈلەن لاگىرىغا كىرىشكە تەييارلانغان سودىيەلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىندى. ئاشكارا ھالدا قانۇن روھى بويىچە ئىدارە قىلىش روھىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قارىتىلغان ئەرز-شىكايەتلەر قۇلاق تۈۋىدە ياڭراپ تۇردى، ئەمما ئۇلار قۇلاقنى يوپۇرۇۋالدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرىنىڭ سۆزىنىڭ ئۇرانىدا چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەردى. ئۇلارنىڭ يېڭى سۆزلىرى بولسا سوتلاشلار قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى، ئارمىيەگە قارىتىلغان سۈيقەست مەۋجۇت، گۈلەنىزمچىلەر دۆلەت ئىچىدە دۆلەت قۇردى، دېگەندەكلەر ئىدى. شۇنچىلىك چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئېنىق: ئەردوغان گۈلەنىزمچىلەرنى يېتىم قالدۇرۇشى ۋە قارا چاپلىشى كېرەك، نۆۋەتتە ئەردوغان گۈلەنىزمچىلەر بىلەن جاپالىق ھوقۇق كۈرىشى قىلماقتا.
گۈلەنىزمچىلەر چىرىكلىككە قارشى تەكشۈرۈش قىلىشنى نىقاب قىلىپ ئەردوغانغا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. تۈركىيەنى پىششىق بىلىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىنا قۇرۇلىشىدا كەڭ كۆلەملىك چىرىكلىك مەۋجۇتلىقىغا ھەرگىز ھەيران قالمايدۇ. ئەمما چىرىكلىككە قارشى تەكشۈرۈشنىڭ ئارقىسىدا ئېنىقلا سىياسىي مۇددىئا بار، ئەردوغانمۇ توغرا ھالدا تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ مۇددىئاسىنىڭ سەمىمىي ئەمەسلىكىدىن گۇمانلاندى. نۆۋەتتىكى چىرىكلىكنى يىلتىزىدىن يوقاتماقچى بولغان ئەدلىيە ئاكتىپلىقى دەل ئىلگىرىكى «زۇلمەتلىك كۈچلەر» ۋە ھەقىقىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارىتىلغان ئەرز-شىكايەت دولقۇنىدەك بولۇپ، جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا. ئەمما ئەردوغان دەسلەپتە گۈلەن ھەرىكىتىنىڭ قىلمىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن ئىدى. ئۈچ يىل ئىلگىرى، 2010-يىلى 8-ئايدىكى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويغاندىن كېيىن، ئەردوغاننىڭ بىر ئالتۇن پۇرسىتى بولدى. ئۇنىڭ زور غەلبىسى ئۇنىڭ چوڭ ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى، ئارمىيە ۋە باشقا ئاشقۇن دەھرىيلەردىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن ئەدلىيەنىڭ مەينەت قۇۋلۇق-شۇملۇقلىرى ۋە مېدىيەلەرنى تىزگىنلەشتىن ئادا-جۇدا بولغانلىقىنى جاكارلىسا بولىدۇ. ئەينى چاغدا، مەن ماقالەمدە، ئەگەر ئەردوغان ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتمىسە، «تۈركىيە ھاكىممۇتلەقلىقكە بارغانسېرى چوڭقۇرلاپ پاتىدۇ، سىياسىي بۆلىنىشنى ياراشتۇرغىلى بولمايدۇ، يېڭى سىياسىي پارچىلىنىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ» دەپ يازغان ئىدىم، ۋادەرىخا، بۇ پەرەز بۈگۈنكى كۈندە رېئاللىققا ئايلاندى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئەردوغاننىڭ كۆپ تاللىشى يوق، ئەمما يەنىلا ۋەزىيەتنى بۇرىيالايدۇ. گۈلەنىزمچىلارنىڭ ئەدلىيە ۋە بيۇروكرات گۇرۇھلارنىڭ باشقا تارماقلىرىدىكى سۈيقەستى نەچچە ئۆكتىچى تەرەپنى بارلىققا كەلتۈردى: دېموكراتىزمچىلار، كۇرد پائالىيەتچىلىرى، دەھرىيلەر، ئەنئەنىۋى ئىسلام مۇرتلىرى، سوتسىيالىزچىلار ۋە لىبېرالىزمچىلار قاتارلىق بارلىق كىشىلەر بۇ سۈيقەستنىڭ ئوبيېكتى بولغان. نەزەرىيە جەھەتتە، ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى ھالقىغان ئىتتىپاقداشلىرىنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق ئادلىيە سىستېمىسىنى نورمال ھالەتكە قايتۇرۇپ كېلىشنى مەقسەت قىلغان ئىسلاھاتنى قوللىسا بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ گۇرۇھلار ئەردوغاننىڭ تەختتىن چۈشىشىگە قاراپ تۇرۇشنى ئېغىر ئالمايدۇ؛ شۇڭا بۇ گۇرۇھلارنى ئىتتىپاققا قوشۇشنىڭ چوقۇم پايدىسى بار. بۇ يول قويۇشلار ئەردوغاننىڭ چوقۇم بەدەل تۆلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ھەم تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى مالىمانچىلىقتىن قۇتۇلۇپ چىقىشىدا چوقۇم تۆلەشكە تېگىشلىك بەدەلدۇر. ئەمما ئۇ ھېچ بولمىغاندا كېيىنكى تارىخ كىتابىنى ئۆزگەرتىپ يېزىپ، ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك كۈچىگە باھا بەرگۈزۈش پۇرسىتى بار.
بەختكە قارشى، ئەردوغان بۇ قېتىمقى پۇرسەتنىمۇ بىكارغا ئۆتكۈزۈۋېتىدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى تارايتىشنى تاقابىل تۇرۇش ۋاسىتىسى قىلدى، تەپتىش ئەمەلدارى ۋە سودىيەنى تەيىنلەيدىغان ئورگان ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بېقىندىسى بولۇپ قالىدۇ. ئەردوغاننىڭ قوللىغۇچىلىرى گۈلەنىزمچىلەرگە قارا چاپلاش ھەرىكىتى قوزغىغان بولۇپ، گۈلەنىزمچىلەر بىلەن بىر قېلىپتا قويغاندەك ئىدى. ئەردوغان ئىتتىپاقنى كېڭەيتمىگەن ئەھۋالدا يېتەرلىك قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق كىرىزىستىن قۇتۇلۇپ چىققىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى.
ئەردوغان ۋە گۈلەن ھەرىكىتى ئارىسىدىكى كۈرەش كەسكىنلىشىپ ياراشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. خۇش خەۋەر بولسا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلانغان كۈرەش ئەردوغان ھاكىمىيىتى ئارقىلىق تىكلەنگەن چىرىكلىك ۋە ئەدلىيەنى كونترول قىلىش تولۇق ئاشكارا بولىدۇ. شۇم خەۋەر بولسا مەيلى كىم يېڭىپ چىقسۇن، ئۇتتۇرغۇچى تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيىسى بولىدۇ، (ھېچ بولمىغاندا قىسقا مەزگىل ئىچىدە) ھەقىقىي دېموكراتىك كۈچلەر شەكىللىنىشتىن ئىلگىرى شۇنداق بولىدۇ.
ئاپتورى دانى رودرىك تۈرك ئىقتىسادشۇناس، ئامېرىكا يېڭى جېرسىي شتاتىدىكى پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سوتسىئولوگىيە ئىلمى پروفېسسورى. يېقىندا دېموكراتىيە ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى ناملىق ئەسەرنى يازدى. باشقىلار جاپا تارتىپ تەرجىمە قىلغان تېمىنى كۆچۇرۇپ ئەكەلگەندىكىن،ھۆرمەت يۈزىدىن بولسىمۇ تەرجىمان بىلەن ئەسلى مەنبەنى قىستۇرۇپ قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىز بولاتتى،ئەپسۇس.......... يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-16 16:18:08
==========================================
بۇ يېرىنىمۇ قوشۇپ كۆچۈرۈپ كەلگەن گەپ:lol dawanqi يوللىغان ۋاقتى 2014-1-19 13:16 static/image/common/back.gif
باشقىلار جاپا تارتىپ تەرجىمە قىلغان تېمىنى كۆچۇرۇپ ئە ...
ئاۋال ماۋۇ ئىنكاسنى قوللايمەن، ئانىن كىيىن مۇنازىرىگە قۇلاق سالاي. ئەردوغانمۇ بىرسىياسى سۈيقەستچى ئىكەندە ،دۇنيادا سىياسىدىنمۇ بەكرەك مۇرەككەپ .ئىجتىمائىيەت بارمۇ .ئۇنىڭدا سىزگە ياقمىغانلارنى ھەنىمەدەپ باھالايسىز .
لىكىن تۈركىيە بىلەن بىزنىڭ زادى قانچىلىك پايدا زىيىنىمىز باردۇر . رەجەب تەييىب ئەردوغانغا باھا بىرىش ھۇقۇقۇم يوق :D
ئۆز ۋاقتىدىكى گېنرال ئەپەندىملەر سوتلانمىغان بولسا بۇ قېتىم چۇقۇمكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش بۇلىشى ئىنىق ئىدى ، دەپ ئويلاپ قېلىۋاتىمەن . تۈركىيەدە ئۇنداق ئىشلار نەچچە رەت يۈز بەرگەنغۇ بۇرۇن رەجەب تەييىب ئەردوغانغا باھا بىرىش ھۇقۇقۇم يوق :D
ئۆز ۋاقتىدىكى گېنرال ئەپەندىملەر سوتلانمىغان بولسا بۇ قېتىم چۇقۇمكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش بۇلىشى ئىنىق ئىدى ، دەپ ئويلاپ قېلىۋاتىمەن . تۈركىيەدە ئۇنداق ئىشلار نەچچە رەت يۈز بەرگەنغۇ گەرچە تۈركىيە بىزگە بەك چوڭ تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلەلمىسىمۇ ! ئادەمنىڭ ئىچى بىريەر غېدىغلىنىپ كېتىدىكەن بۇلىۋاتقان ئشلارغا قاراپ ، بىر بىلىدىغانلار بىلگىنىڭلارنى ۋە تەھلىلىڭلارنى تۆكۈپباقساڭلار تېمىنىڭ بېشىدا تەرجىمىدە نەپرەپ دەپ يېزىغلىق باركەن شۇڭا ئەسكەرتمىدىم .
ئەردوغانمۇ ئەلۋەتتە سىياسىئون بولغانكەن ئۇنداق بۇنداق پۇتلىكاشاڭلاردىن خالى بولالمايدۇ . گۈلەن ھەركىتى بىلەن ئەردوغان ھۆكىتىمىنىڭ بۇ توقۇنۇشى تۈركىيەدە ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بەزى دۆلەت ئاپىراتلىرى بىلەن ھۆكىمەت ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتنى ئاشكارلاپ بەردى . نۆۋەتتە ئەردوغان ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىلەن مۇزاكىرىلىشىشكە تىرىشىۋاتىدۇ . بۇ قانۇنغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش لاھىيەسىنىڭ ئاقىۋىتى گۈلەن ھەركىتى بىلەن ئەردوغان ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش ئۈچۈن مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ . سىياسى سەھنىدە بۇنداق ئاۋارچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىستالىندەك ئىككى قولنى قانغا بوياشقا توغرا كىلدۇ ،
لىكىن ئەردوغان ئۇنداق قىلمىدى ، مەن ئەردوغاننىڭ نىمە ئىش قىلۋاتقانلىقىغا ئەمەس ،زادى نىمە ئىش قىلماقچى ئىكەنلىكىگە قىزقىمەن !
ئەردوغان زادى نىمە ئىش قىلماقچى ؟ سىياسى مۇلاھىزىلەرنى ئانچى مۇنچە ئويناپ تۇرغاننىڭ ئارتۇقچە زىينى يوق گەرچە بىزگە مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ ،،،چوڭاملارنى بۇ سورۇنغا تەكلىپ قىلمەن . ،،،مەرھەمەت :P مەنمۇ ھازىرغىچە ئويلىنىغلىق، تۈركىيە بىلەن بىز قانچىلىك پايدا-زىيان مۇناسىۋىتىدە؟
دۇنيا سىياسىي ئويۇن بىلەن تولۇپ كەتكەنكە زادى... تۇركىيە بىلەن ياپۇنيەنىڭ سىياسىي ۋەزيىتىنى كۈزتىشكە ئەرزىيدۇ. تۈركىيەنىڭ بىز بىلەن قانچىلىك پايدا زىيان مۇناسىۋىتىدە ئىكەنلىگىنى بىلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئورتا ئاسىياغا قاراتقان سىياسىتىنى تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . cooloff يوللىغان ۋاقتى 2014-1-19 19:20 static/image/common/back.gif
مەنمۇ ھازىرغىچە ئويلىنىغلىق، تۈركىيە بىلەن بىز قانچىل ...
ھەممە ئىشتا پايدا -زىيانغا قارايدىغان بوپ كەتتۇق، ئەگەر تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە پايدا-زىيان تەڭ بولۇپ قالسا قاندا قىلسىز؟ قاندالا بولمىسۇن ئىشقىلىپ ئەردوغان غا قايىللىقىم بار چۇنكى ئەردوغان نەچچە يىل داۋاملاشقان تۇركىيەنىڭ ئسلامغا زىت قانۇنلىرىنى ئوزگەرتتى ............
بەت:
[1]