بۇ نېمە مازلىق؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-18 22:44تورداشلار بەلكىم يولۇقۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. سىتىۋ جوبز چىقارغان تەتۈر قويۇنغان قالغان بىر قىسىم يانفون شىركەتلىرى يېقىندىن بۇيان مەھسۇلاتلىرىنى مىنى SIM كارتا ياكى مىكرو SIM كارتا چۈشىدىغان قىلىپ ياساۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ماڭا ئېغىر قولايسىزلىق كەلتۈردى. ئىلگىرى كارتىنى تور قوللايدىغان خالىغان تېلېفونغا سالالايتتۇق. مانا ئەمدى كېسىپ قويغان كارتىنى ئۆلچەملىك كارتا چۈشىدىغان تېلېفونغا سېلىش ئۈچۈن، خالتا كەيدۈرىدىكەنمىز.
مېنىڭ چۈشەنمەيۋاتقان يېرىم، مىنى ياكى مىكرو كارتا نېمە ئۈچۈن زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ كۆپلىرىمىز يانفوننى چوۋۇپ باققان، چېقىپ باققان ياكى ئېچىپ باققان. يانفوننىڭ ئىچىدە خېلى چوڭ بوشلۇق بار. ھازىرغىچە بىز كۆرگەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئۆلچەملىك سىم كارتىنى پاتقۇزالماس دەرىجىدە زىچ بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن يانفون شىركەتلىرى مىليونلىغان خېرىدارلارغا كارتا كەستۈرۈپ جاپا سالىدۇ؟
ھازىر كۆچمە ئالاقە شىركەتلىرى (يىدوڭ، ليەنتوڭ، دىيەنشىن دېگەندەك) ئۆلچەملىك (كەسمىسىمۇ بولىدىغان) مىنى سىم كارتا ۋە مىكرو سىم كارتا چىقاردىمۇ يوق؟ شۇنى دەيمەن.يېڭىلىق ياراتقىنىمىدۇ يا؟ چۈنكى يانفۇننىڭ ئىچىدە كارتا پاتقۇدەك بوشلۇق بولغان بىلەن ھازىرقى ئالما يانفۇنلارنىڭ توكيول تاختىسى بەك تار بۇنىڭغا بىز بۇرۇندىن ئىشلىتىۋاتقان كارتا چوڭ كىلىپ قالىدۇ ئەگەر توك يولى تاختىسىنى چوڭايتسا يانفۇننىڭ لاھىيەسىگە تەسىر يىتىدۇ شۇڭا كارتىنى كىچىكلىتىش ئاقىلانە تاللاش، بۇرۇنقى يانفۇنلارنى ئىشلىتىپ باققانلار بىلىدۇ ئۇ چاغدىكى كارتىلارنى بانكا كارتىسىچىلىك ھالەتتە سالىدىغان يانفۇنلارمۇ بار ئىدى، ئالما يانفۇندىن باشقا يانفۇنلار بولسا توك يول تاختىسى يىتەرلىك دەرىجىدە چوڭ بولسىمۇ سىز دىگەندەك مازلىق قىلغىنى راست.
لېكىن ھازىرقى يانفۇن كارتىسىنىڭ تېخنىكىسىنى بىر يىڭىلايدىغان يەرگىمۇ كەلدى زادى سىغىم كارتىسىغا ئوخشاش لاھىيە ئىشلەتسە بۇ مەسىلىلەرمۇ بىر مەزگىل ھەل بولغان بۇلاتتى.
چەتنىڭ بۇرۇنقى كارتىلىرىنى كۆرسەم پۈتۈنلەي مىكرو كارتا ئىكەن، شۇڭا بىزنىڭ بۇ يەرلەردە كىيىن قالدۇقمىكىن دەپ تۇرسام، ما خەق ئەمدى نانو كارتا دەپ ئولتۇردى.
لىكىن 2009-يىلىدىن بۇرۇن بىجىرگەن gsm كارتىلار بولسا، كۆپەيتىپ، خالىغانچە چوڭ كىچىكلىكتىكى كارتىلارغا سىلىپ ئىشلەتسەك بولىدۇ. {:92:} kokkaptar يوللىغان ۋاقتى 2014-1-19 21:24 static/image/common/back.gif
چەتنىڭ بۇرۇنقى كارتىلىرىنى كۆرسەم پۈتۈنلەي مىكرو كارت ...
دېمەكچى بولغىنىڭىزنى خاتا چۈشىنىۋالمىغان بولسام،
تىجارەت زالىغا بېرىپ، ئوخشاش نومۇرغا ھەم مىكرو، ھەم مىنى، ھەم ئۆلچەملىك بىر قانچە كارتا بېجىرگىلى بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟ Birhon يوللىغان ۋاقتى 2014-1-19 21:31 static/image/common/back.gif
دېمەكچى بولغىنىڭىزنى خاتا چۈشىنىۋالمىغان بولسام،
تى ...
ياق، تىجارەت زالى ھەرگىز ئۇنداق بىجىرىپ بەرمەيدۇ. مەخسۇس SIM كارتىلىرىنىڭ كۆپەيدىغان كارتا ئوقۇغۇچ ۋە قوراللار بار، شۇ قوراللار ئارقىلىق SIM كارتىسىنىڭ ئىچكى ئۇچۇرىنى ئوقۇپ چىقىرىپ، قۇرۇق SIM كارتىسىغا يازىمىز، قانچە تال يىزۋالساق بولىۋىرىدۇ. مېنىڭ كارتامنى ئوقۇتۇپ ساقلاپ قويغان، يۈتۈپ كەتسە بىرىپ تولۇقلاپ يۈرمەيمەن، قۇرۇق كارتىغا ئۆزۈم يىزۋالىمەن، ھەم ئۈچ خىل چوڭلۇقتىكى كارتىنىڭ ھەممىسىگە كىسىپ تەييارلاغلىق.
SIM كارتىنىڭ ئۈستىدىكى نومۇرنىڭ 3-قۇرى 09 دىن باشلانغان بولسا، %100 ئوقۇپ چىقارغىلى بولىدۇ، 10 بولسا %40 ئوقۇپ چىقارغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن چوڭ بولسا، بۇ يازمىنى كۆرمىگەن تۈزۈك. (2010-يىلىدىن باشلاپ كارتىلارغا كۆچۈرۈشتىن ساقلاش تېخنىكىسى ئىشلىتىلىپتىكەن، بىر ئىككى پىرسەنت مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇپ قالىدۇ، مۇتلەق كۆپ قىسىم كارتىلار كۆيۈپ كىتىدۇ، قايتا كارتا تولۇقلاشقا توغرا كىلىدۇ. ) قولۇمدا ئامىرىكا AT&T ۋە Verizon نىڭ، ياپونىيە SoftBank نىڭ، كانادا Rogers نىڭ 2006-يىلىدىكى SIM كارتىلىرى بار، قارىسام ھەممىسى Micro كارتا ئىكەن. توكلىغۇچنىڭ چېتىش ئېغىزىنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈمىز دەپ خالقئارادا خېلى دەۋراڭلار بولغان، ئەمدى ماۋۇ ئاۋارىچىلىق چىقىپتۇدە .
ئۇنى دىسەڭلار كورىيە 4گ دەۋىرگە كىرگەندە ئاندىن ئۇ كارتىنى چىقارغان.ئۇنداق كارتىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولمايتكەنتۇق بۇرۇن. kokkaptar يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 09:00 static/image/common/back.gif
ياق، تىجارەت زالى ھەرگىز ئۇنداق بىجىرىپ بەرمەيدۇ. مەخ ...
مېنىڭ بۇ سىم كارتامنىڭ 3-قۇرى 10 بىلەن باشلىنىپتۇ.
دېگىنڭىز بويىچە، بۇنى كۆپەيتىۋالساق، مەسىلەن، ئىككى كارتا قىلىپ كۆپەيتىپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى تېلېفونغا سېلىپ قويساق، ھەم ھەر ئىككى تېلېفون ئوچۇق بولسا، قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ Birhon يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 13:29 static/image/common/back.gif
مېنىڭ بۇ سىم كارتامنىڭ 3-قۇرى 10 بىلەن باشلىنىپتۇ.
دېگى ...
مەن سىناق قىلغاندا بەزىدە ئىككىلىسىگە تەڭ تىلفۇن كەلگەن، لىكىن بىرنى ئالسام يەنە بىرسى ئۈزۈلۈپ كەتكەن. نورمال ئەھۋالدا ئەڭ ئاخىرقى قىتىم GSM تورىغا ئۇلانغىنى ئۇلىنىدۇ، باشتىكىلىرى GSM تورىدىن چىقىپ كىتىدۇ. چۈنكى GSM تورى، ئابونىت ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دىتال ئۇچۇرلىرىنىمۇ خاتىرلەيدۇ ئەمەسمۇ. kokkaptar يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 13:56 static/image/common/back.gif
مەن سىناق قىلغاندا بەزىدە ئىككىلىسىگە تەڭ تىلفۇن كەل ...
ئۇنداقتا، مېنىڭ كارتام 10 دىن باشلانغانىكەن، %40 پېرسەنت ئوقۇغىلى بولسا، سىزچە بۇنى نورمال كۆپەيتكىلى بولامدۇ؟ كارتىنىڭ قايسى شىركەتنىڭ؟ كۆچمىنىڭ بولسا سىناپ باقساق بولىدۇ. ماڭا ئۇچۇر يوللاڭ. (بىرلەشمىنىڭ كارتىلىرىدا USIM كارتا دىگەنلەرنى بولمايدۇ.) پايدىلىق گەپلەر بوپلىۋىتپتۇ ،
ئاخشام ماۋۇ نوكىيانىڭ ئاشا503 دىگەن تىلفۇننى قوش كارتىلىق دەپ ئالسام، سىلەر دىگەندىك كىچىك كارتىدىن ئىككىىسى چۈشۈدىكەن ! مىنىڭ يەنە بىر تىلفۇندىكى كارتام نورمال چوڭ كارتا ئىدى. بۇمۇ ئىش بولدى.
بەت:
[1]