waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 21:17:31

شىرئەلىجان ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىردى

  1- ئاينىڭ 18- كۈنى كەچ، 2014 2014-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش ئالدىن تاللاش باسقۇچى بىيجىڭ ۋەن شىدا تەنتەربىيە مەرگىزىدە  ئالدىن ئىلىپ بېرىلدى.  ئالدىنقى چولپانلار ھەپتىلىگىنىڭ ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ چۈشۈرۇش چىمپىيۇنى شىرئەلىجان مۇختەر 14 نۇمۇر،  خې تىيەن جۇ  20 نۇمۇر،  مىڭ شاڭلۇڭ 15 نۇمۇرغا ئىرىشىپ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىردى.
بۇ قىتىمقى CBAچولپانلار ھەپتىلىگى ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش ئالدىن تاللاش باسقۇچىغا   شىرئەلىجان مۇختەر ( شىنجاڭ، ئۇيغۇر )، خې تىيەن جۇ ( لىياۋنېڭ )،  گۇ چۇەن ( دۇڭگۇەن)، دۇەن جاڭ فىڭ ( شەنشى)، جاڭ تەيلۇڭ( فۇجىيەن)، مىڭ شاڭلۇڭ ( تىيەنجىن) قاتارلىق ئالتە نەپەر ماھىر قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىرئەلىجان ئۆتكەن يىلى 21 نۇمۇرلۇق نەتىجە بىلەن  ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش تۈرىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئىرىشكەن.
مۇسابىقىدە  دۇەن جاڭ فىڭ 10 نۇمۇر،  جاڭ تەيلۇڭ 9 نۇمۇر،  گۇ چۇەن 13 نۇمۇرغا ئىرىشىپ  ئالدىن شاللىنىپ كەتتى.
19-يانۋار كەچ،  2014 2014-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلىدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 11:45:38

بارىكاللاھ! {:112:}{:112:}
شىرئەلىنىڭ يەنە بىر قېتىم چىمپىيون بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 12:04:22

نەتىجىسى تازا ياخشى ئەمەسقۇ؟، ئومومىي نەتىجە ئاساس قىلىنامدۇ ياكى ئاخىرقى نەتىجىمۇ؟

junker يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 14:56:37

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 18:26:49

باشلاندىمۇ قانداق؟

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 18:51:54

بۈگۈن تەلىيى ئوڭدىن كەلمىدى. 3- بوپقالدى.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 20:26:32

مەنمۇكۆردۈم    مۇبارەكلەيمەن
بەت: [1]
: شىرئەلىجان ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىردى