wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 20:41:22

بىر رەسىم بىر تۇيغۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-19 11:08  


بالام :سەن كۆرۈۋاتقان  قاتار~قاتار بىنالار ئەسلى بىزنىڭ ئېتىزلىقىمىز ئىدى .بىزنىڭ بالىلىق ۋاقتىمىز ,سەبىيلىك ئويۇنلىرىمىز ئەنە شۇ ئېتىزلىقتا ئۆتكەن ئىدى .قىش كۈنلىرى ئېتىزلىق ئۈستىدىكى قارلاردا قوغلاشماق ئوينايتۇق  چانا  ئوينايتۇق  ئۆزىمىز تاختاي ئۈستىگە سىم قېقىپ ياسىۋالغان چاڭغىلارنى تېيىلىپ ئوينايتۇق  .ئەتىيازدا كامىل ئىسىملىك بىر تىراكتورچىنىڭ يەر  ئاغدۇرۇشى بىلەن  كۆكلەم ھاياتى باشلىناتتى .پاختا تېرىيتۇق .  ئېتىز قىرلىرىدا  قوي باقاتتۇق .كۈز كۈنلىرى ئېتىزدا پاختا تېرىيتۇق .گازىرلارنى ئورۇپ  بولغاندا ئوغرى چاشقانلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرەتتۇق .چاشقانلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى كولىساق نەچچە كېلولاپ پاختا ۋە گازىر چىقاتتى .چاشقانلارنى بىرىنىمۇ قويماي ئۆلتۈرەتتۇق .قويلىرىمىزنى   ئورۇلۇپ بولغان ئېتىزغا قويۇپ بېرىپ گازىر شاخلىرىغا ئوت قويۇپ  بەرەڭگە كۆمۈپ پىشۇرۇپ يەيتۇق .قوي ئۆچكىلەر ئېتىزلارغا تۇغۇپ قويسا بالىلىرىنى قۇتقۇزۇپ  قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتەتتۇق .……ھەي ,ھەجەپ گۈزەل بالىلىق  چاغلار كەتتى .تاتلىق تاتلىق ئەسلىمىلەر قالدى . تەرەققىياتقا ئەگىشىپ مەن نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشتىم  لېكىن سەن بەكمۇ كۆپ نەرسىلەردىن مەھرۇم بولدۇڭ بالام .سەن يالغۇز ھالدا تالاغا چىقىپ ئوينىيالمايسەن ,بىزمۇ ھەم سېنى چىقىرىپ ئەنسىرىمەي تۇرالمايمىز,سەن قوي ~كالا ئوغلاق  قوزىلار بىلەن بىرەر سائەت  ئويناپ باقمىدىڭ مۆشۈكنىڭ چىشىغا تېگىپ قوللىرىڭنى تاتىلىتىپ باقمىدىڭ .سەن مەشنىڭ نېمىلىكىنى ,كۆمۈرنىڭ ,تونۇرنىڭ ,چانىنىڭ نۈرەكنىڭ ……نېمىلىكىنى بىلمەيسەن .دېسەممۇ ھەم چۈشەنمەيسەن .سەن قايناپ بولۇپ ئىككى مىنۇتتىلا سوۋۇپ كېتىدىغان مىكرو ئوچاقلاردا قاينىغان سۇلارنى  ئىچىپ چوڭ بولىۋاتىسەن ,شۇڭا مېنىڭ ئوچاق لىڭزىلاردا ۋاراقشىپ قاينىغان سۇدا دەملەنگەن ,خېلىغىچە قىززىقى كەتمەيدىغان   ئېغىزنى كۆيدۈرىدىغان  ئەتكەن چايلارنى سېغىنغان ھېسىياتىمنى ,يامغۇر  توپا يەرگە چۈشكەندىكى ئاجايىپ مىززىلىك چىققان توپا  پۇرىقىنى قېنىپ ~قېنىپ سۈمۈرگەن چاغدىكى ھېسىياتىمنى ,ئاندا~ساندا ھورى چىقىپ تۇرغان  كالا تېزەكلىرى ئۇچىراپ قالسا پۇراپ كەتكەن ھېسىياتىمنى ,سەن  ”  مۆشۈك بىلەن چاشقان “دېگىن كارتوننى قىززىقىپ كۆرگىنىڭدە مېنىڭ بالىلىق ۋاقتىمدىكى باققان ئاسلىنىمنى ,باسماقلارغا ئىلىۋالغان چاشقانلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىمنى ئويلاپ خىياللارغا پاتقان ھېسىياتىمنى ,سەن مائوس تۇتۇپ ئويۇن ئوينىغانلىرىڭدە مېنىڭ قامچا تۇتۇپ نۈرەك  ئوينىغان ۋاقىتلارنى ئەسلىگىن ھېسىياتىمنى ……چۈشەنمەيسەن بالام !سەن ئۆرۈك قېقىپ توپا يەردىن ئۆرۈك يەپ باقمىدىڭ ,تام تۆشۈكلىرىگە قولۇڭنى تىقىپ قۇچقاچ تۇتۇپ باقمىدىڭ , سەن ھەتتا چۆمۈلىلەردىنمۇ قورقۇمسىراپ قالىسەن ,چۈنكى ئېرىشكىنىڭ يوقاتقىنىڭدىن كۆپ بولدى .يۈ ربالام مەن سېنى باشلاپ چىقاي ئۆيدىن چىقىپ  تەبىئەتنىڭ قوينىغا ئۆزىمىزنى ئېتىپ  قۇشلارغا دان بېرىپ ,قار بوۋاي ياساپ ,لەگلەك ئۇچۇرۇپ ئوينايلى .قويلاردىن قورقما بالام ,ئۇلار ساڭا ئوخشاشلا ياۋاش .لالما مۆشۈكلەرنى قوغلىما .ئۇلارنىڭ بارىدىغان يېرى يوق.يۈر  سىرىتقا چىقىپ  ئوينايلى .ئاقكۆڭۈل  بول ئەمما زىيادە بولما.مېھرىبان بول  لېكىن قورقۇنچاق بولما.……
2014.1.18Wapadarim912   

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 22:23:13

ئەجەپ بىر تۇيغۇلارغا چۈمدۇرۋەتتىڭىز !
مەن كۆرمىگەن چوڭ شەھەرلەر، ئېگىز-كاتتا بىنالار،تەلپۇندىغان مەملىكەتلەر قالماپتۇ !
لىكىن ھېچ قايسىنى ھېچ بىر شەھەرنى ئاشۇ  باغىرى ئىللىق  ئوتى يامان كىچىك ۋەتەنگە تەڭ قىلماپتىمەن! شۇ كېچىككىنە كەنتىمگە تەڭ قىلماپتىمەن.  پاتا-پات چۈشلىرىمگە  كىرىپ قالىدۇ.  ئۇيغۇنۇپ سېغىنىش ئىچىدە  تىترەيمەن، كۆزلىرمگە ياش  ئولىشىدۇ .  تەقدىرنىڭ ئوقىدا ئىتىلىپ يات يۇرتلاردا ياشاپ يۈرۈپتۇق.  ئارلىق ۋە ئۆتمۈش  بىزنى ئايرىپ تۇرۇپتۇ. لىكىن بىز ئاشۇ بىغۇبار ئەسلىملەرنى قەلبىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يىرىگە يوشۇرۇپ، ھەر بىر نەپەستە ‹‹ ئاھ، مېنىڭ كەنتىم ، مېنىڭ ۋەتىنىم دەپ ئۆكسۈش ئېچىدە ياشاپ كىلۋىتىپتۇق !
خەيىر ئىنشائاللا،  

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 22:59:37

تېلفۇندا ئوقۇۋاتىمەن ئېسىل يازما ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلسەم خەتلەر ئالدى كەينى قالايماقان ئۇلىشىپ ئوقۇغۇلى بولمىدى، ئامالى بارمۇ

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 22:59:46

تېلفۇندا ئوقۇۋاتىمەن ئېسىل يازما ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلسەم خەتلەر ئالدى كەينى قالايماقان ئۇلىشىپ ئوقۇغۇلى بولمىدى، ئامالى بارمۇ

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 23:11:01

مەنمۇ ساپ تەبىئەت قوينىدا چوڭ بولدۇم. كۆپىنچە ھېسسىياتلىرىمىز بەئەينى.. بولۇپمۇ يامغۇردىن كىيىن ھاۋا ئېچىلغاندىكى نەم توپىنىڭ پۇرىقىغا ئاشىق ئېدىم.    تاغدىن تاغقا يامىشىپ ئوتۇن، يانتاق كەسلەپ كېلىش،  داۋانلىق دەريادىن ئەپكەشتە سۇ توشۇش، توڭلىغان كۆللەردە چانا ھەيدەپ ئويناش، پىرغۇچقا قامچا سېلىپ پىرقىرىتىپ «قاتۇرۇش»، چەمبەر دائىرە سىىزىپ «تىك تاڭ» ئويناش، قوي-كالىلارنى بېقىش، تاغدا ئۆڭكۈرلەردىن ئىت كۈچۈكلىرىنى ئېلىپ قېچىش، تۈلكىلەرنى قوغلاش، سايدا تومۇچۇق تۇتۇش، قورام تاشلار ئارىسىدا سالما، يىلان ئۆلتۈرۈش... مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بىز كىچىكىمىزدە قىلىدىغان ئىشلار ئېدى...  بىز بالىلىقىمىزدا تاغمۇ تاغ يۈگۈرەپ يۈرۈپ تۇتىۋالغان تومۇچۇقلىرىمىزنى ئۆزىمىز توقىغان قەپەزگە سېلىپ، تېرىق بېرىپ سايرىتىپ ئوينىغان بولساق، ھازىر باللار ئۆزىنى ئۆزى ئۆيدىكى قەپەزگە سولاپ، ئۆزى ھەرگىز ياسىيالمايدىغان تېلفۇننى مىجىقلاپ ئوينايدۇ.  ھالبۇكى بىز كىچىكىمىزدە تېلفۇننىمۇ ئۆزىمىز ياساپ ئون يىگىرمە مېتىر ئارلىقتىن سۆزلىشىپ ئوينايتتۇق. ھەي شۇ چاغلار...
نىمە دەيمىز ئەمدى.. قولىمىزدىن كېلىشىچە باللىرىمىزنى تەبىئەت بىلەن كۆپىرەك ئۇچىراشتۇرۇپ، تېلفۇن ۋە كومپىيۇتېر بىلەن ئازىراق ئۇچىراشتۇرساق ھېچ بولمىغاندا...

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 23:21:27

بالامنى سىرىتقا ئويناتقىلى چىقسام، كۆزنى شۇنچە ئالىچەكمەن قىلىدىغان نەرسىلەر تۇرسا، ئىتتىكلا مەلۇم چۈمۈلىگە، ئاسماندىكى ئايغا، مۈشۈككە ياكى كۇچۇككە دىققەت قىلغىنىغا قاراپ، تەبىئەتنىڭ سېھرى كۈچىگە ھېچنەرسە تەڭ ئەمەسكەن دەپ ئويلايمەن؛ يەنە مۇنداقمۇ ئويلايمەن: ئۇ نېمىشقا مەن دىققەت قىلمىغان، ياكى دەرھاللا دىققەت قىلمىغان شۇ نەرسىلەرگە تېزلا نەزىرىنى ئاغدۇرالىغاندۇ؟؟؟

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 23:31:42

«ئاقكۆڭۈل بول ئەمما زىيادە بولما»دەپ خىتاپ قىپسىزغۇ بالىڭىزغا؟..  ئېسىمگە كېلىپ قالدى، سىزغۇ ئېتىزدىن چىققان چاشقانلارنى ئۆلتۈرىدىكەنسىز، لېكىن مەن نېمىشقىكىن چاشقان ئۆلتۈرۈشكە پەقەتلا قىيمايتتىم. كىپەكنىڭ ئارىسىدىن كىچىك ئاپئاق چاشقاننى تۇتىۋېلىپ قويۇپ بەرگەنتىم، ئېتىزدىن چىققان چاشقانلارغا چالما ئاتقۇم كەلمەيتتى « باللىرى باردۇر بەلكىم» دەپ... ئاپام بۇنى بىلسە ئاجايىپ ئاچچىقلايتتى ماڭا... لېكىن، يىلانغا رەھىم قىلمايتتىم:lol
ئادەم ئاق كۆڭۈل بولىشى كىرەك، كۆڭلى كىچىككىنە بولسىمۇ قارا بولسا بولمايدۇ ئەلبەتتە.  لېكىن بىر نەرسىنى، ئاق كۆڭۈللۈكىڭىزنى باشقىلارنىڭ سۈيئىستىمال قىلىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كىرەك ئىكەن.  دادام ئاق كۆڭۈل ئادەم، دادامنىڭ دادىسى تولىمۇ ئاق كۆڭۈل ئادەمكەنتۇق، ئۇنىڭ داسىسىمۇ... بىز شۇنداق ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئېدۇق. رەزىللەر تەرىپىدىن سۈيئىستىمال قىلىنىپ كەلدۇق. ئەمدى مەن ئوغلۇمنىڭ مەندەك «ئاقكۆڭۈل» بولىشىغا يول قويمايمەن، ئۇنى يىلان، چاياندەك زىيانداشلارنى يەنجىيدىغان، قوي قوزىلارنىڭ بېشىنى سىلايدىغان قىلىپ تەربىيلەيمەن،  ئىنشااللە!

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 23:44:48

قورقۇنچقا كەلسەك، پىرىنسپى بەكلا ئاددى:
1. دۇنيا قورقۇسى ئۈچۈن
اللە غا ئىتىقاد بىلەن قورقۇنچ تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ. (ئىتىقاد بىلەن قورقۇنچ بىر- بىرىنىڭ يىتەرلىك - زۆرۈر شەرتى ئەمەس).   
2. ئاخىرەت قورقۇسى ئۈچۈن
اللە غا ئىتىقاد بىلەن قورقۇنچ ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. (ئىتىقاد بىلەن قورقۇنچ بىر- بىرىنىڭ يىتەرلىك - زۆرۈر شەرتى).  
شۇڭا چىڭ ئېتىقادلىق تەربىيلەنسىلا دۇنيالىقتىن قورقمايدىغان، اللە دىن قورقۇدىغان بولۇپ چوڭ بولۇر ئىنشا اللە!

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 07:30:32

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 23:11 static/image/common/back.gif
مەنمۇ ساپ تەبىئەت قوينىدا چوڭ بولدۇم. كۆپىنچە ھېسسىيات ...

مەنمۇ  شۇنداق قىلاتتىم. كىچىك ۋاقتىلىرىمدا قارا قۇچقاچنىڭ بالىلىرنى  شۇنداق ئېگىز دەرەخلەرنىڭ ئۇچىغا چىقىپ ئېلىپ چۈشۈپ ئۆزۈمگە ئۆگۈتەتتىم.
ئارقامدىن  ئۇچۇپ ماڭسا شۇنداق خۇشال بولۇپ كېتتەتتىم.  ياۋا توشقان قوغلاپ تۇتۇپ كاۋاپ قىلىپ يەيتۇق.  تىك  يارباغرىدىن  لاچىنىڭ بالىرىنى ئېلىپ ئوينايتۇق.   سايلاردىن يىلان ، كەسلەنچۈك  تۇتتاتتۇق. ئۆزۈمىز   كامالەك ياساپ  قۇچقاچ  سوقاتتۇق.  قىش كۈنلىرى   كۆللەردە  ئۆزۈمىز ياسۋالغان چاڭىغىلاردا  مۇز تېيلىنىپ بالىلار بىلەن  قوغلاشماق ئوينايتۇق  قىش ، ياز شۇنداق كۆڭۈلۈك ئۆتەتتى.  ھازىرىقى بالىلار شۇ تېلىۋىزور ،تېلفۇن ،كومپيوتېر ئالدىدىن نېرى كېتەلمەيدىكەن.  مەن شۇ بالىلىقىمنى شۇنداق سېغىنىمەن.  شۇ كونا چامما تاملىقلاردا تامدىن -تامغا ئۇچۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەيمەن.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 07:43:39

رەسىمنى ئۈندىداردىن تېمىغا چىقىرالمىدىم .قانداق قىلىمەن ؟

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 09:06:38

بالىلىققا قايتقۇم بار ، مۇمكىن ئەمەسكەن {:99:}

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 09:06:51

بالىلىققا قايتقۇم بار ، مۇمكىن ئەمەسكەن

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 11:37:30

تۈنۈگۈن رەسىمنى كۆرمەپتىكەنمەن، بۈگۈن قارىسام رەسىم... رەسىمنىڭ ئۆزىدىكى تۇيغۇنى ئەمدى تېخىمۇ ھېس قىلىۋاتىمەن..

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 12:34:50

تۆنۈگۈن بالام ياتاق ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن  سىرىتقا قاراپ ئۇنى بۇنى سورىغان رەت~رەت بىنالار ئاستىدىكى بالىلىق ئىزلىرىم كۆمۈلگەن ئېتىز ۋە ئېسىمدە قالغان  ئەسلىمىلەرنى ئويلاپ شۇنچىلىك ھاياجانلىق تۇيغۇغا چۆمدۈمكى بالامغا ھاياجاندا شۇنچىلىك سۆزلەپ كەتتىم ……سۆزلەۋاتىمەن يېزىۋاتىمەن بىر چاغدا بالام ئۇيقىغا كېتىپتۇ ……

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 13:46:39

يىزىلارنىڭ شەھەرلىشىش ئومۇمىي يۇزلۈك يۇزلىنىشى بولۇپ قالدى ،بۇ خىل يۇزلىنىشى ئالدىدا شەھەر دائىرى كىڭىيىش نۇپۇسنىڭ شەھەرگە ئېقىشى ،شەھەر ئەتراپىدىكى دىھقانچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يەرلەرنىڭ شەھەر كېڭەيتىشى قورلۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى ،يەر باھاسىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئەنئەنىۋى مەھەللە شەكلىدىكى يەرلىك قۇرۇلۇشلارغا زور خىرىسى ئىلىپ كەلدى .شەھەرلەشتۈرۈش خىزمىتىدە مەھەللە شەكلىدىكى قورلوشلارنى قانداق قىلىشى كېرەك ،مەھەللە شەكلىدىكى ئەنئەنۋى قۇرۇلۇشلار يەر ئىسراپچىلىقىنى كەلتۇرۇپ چىقىرامدۇ؟ياكى مەھەللە شەكلىدىكى ئەنئەنۋى قۇرۇلۇشلار شۇ يەرنىڭ مىللى ئورىپ -ئادەت مەدەنىيەت شەكلىگە ۋەكىللىك قىلدىغان ساقلاپ قىلىشقا تېگىشلىكمۇ ؟بۇ ئىلمىي تەتىقىق قىلىشقا تىگىشىلىك بەك مۇھىم خىزمەت .

aymakbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 17:53:43

ۋاپادارىم912 نىڭ بالىلىقى   بىزنىڭ بالىلىق ۋىقىتلىرىمىز بىلەن ئوخشاشكەن بىز ئاساسلىقى يېزىدا  چوڭ بوپتىكەنمىز بەك ئىپتىدائىي يېزىدا لىكىن شۇ ۋاقىتلارنى خىيال قىلساممۇ نەچچە كۈن باشقىچە ھاياجاندا بوپ كىتىمەن....شۇ بالىلىقىمىزنى قايتا بىر ئەسلەتتىڭىز.....ئەمما مەن چاڭغا ئويناشتا  نۇرەك ئويناشتا  ئاغىنىلەرنىڭ سەردارى ئىدىم:)

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2014-1-20 12:02:43

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 23:44 static/image/common/back.gif
قورقۇنچقا كەلسەك، پىرىنسپى بەكلا ئاددى:
1. دۇنيا قورقۇ ...

بىز نىمىشقا خۇداغا ئىتىقاد قىلىش، خۇداغا ئىشىنىنى «ئاللاھتىن قورقۇش» ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغاندىمىز؟
خۇدا ئىنسانلارنى ئوغرىلىق قىلماسلىققا بۇيرىغان بولسا، «ئاللاھ، بۇ ئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. خاتا ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك.» دېمەي، «ئەگەر خاتا ئىشنى قىلساق، ئاللاھ جازالايدۇ. ئاللاھتىن قورق» دېگەن مەنتىق بويىچە پىكىر قىلىدىكەنمىز. ئەگەر قورقۇش پىسخىكىسى بولمىسا، خۇداغىمۇ ئىشەنمەي تۇرىۋالامىزمۇ؟
خۇداغا «خۇدانىڭ ھەقىقىتى ئۈچۈن ئىشەنمەي»، «كىيىن بىزنى جازالاپ قالماسلىقى» ئۈچۈن ئىشىنىشىمىز كېرەكمۇ؟
«ئاللاھنى سۆي» دەي دېسەم، بۇ گەپلەر خىرىستىيانلارنىڭكىدەك چىقىپ كېتىدىكەن. لېكىنغۇ بۇ گەپ خاتا ئەمەس.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-1-20 15:58:07

YELKEN يوللىغان ۋاقتى  2014-1-20 12:02 static/image/common/back.gif
بىز نىمىشقا خۇداغا ئىتىقاد قىلىش، خۇداغا ئىشىنىنى «ئ ...

گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن اللە نىڭ ئازابىدىن قورقۇش...
بۇ تېمىدا بۇ تېما ھەققىدە چۇڭقۇرلاپ پاراڭلاشساق ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە دىندا بىر نەرسە سۆزلەشكە سالاھىيتىم يوقلىقىنى بىلىدىم.. كىيىنچە يۈزتۇرانە ياكى توردا بۇ ھەقتە بىرلىكتە پىكىرلىشەرمىز.
بەت: [1]
: بىر رەسىم بىر تۇيغۇ