Qunek يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 15:32:23

لەڭپۇڭغا ھۆددىگەر پىرىمنىڭ تەپسىلىي تەرجىمىھالى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Pinhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-18 15:36  



ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى لەڭپۇڭشۇناس پىر ئۇستاز قۇنەك لەڭپۇڭ ، مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ كىچىكىدىنلا لەڭپۇڭپەرۋەر ئائىلىدە چوڭ بولغاچقا ، كىچىكىدىن تارتىپلا لەڭپۇڭغا بولغان مىھىر - مۇھەببىتى چوڭقۇر ، لەڭپۇڭ بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى ئۇزۇن بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن لەڭپۇڭنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان . ئۇ يەنە شىنجاڭ لەڭپۇڭچىلار ئىلمى جەمىيىتىنىڭ ئامالسىز تەكلىپ قىلغان تەكلىپلىك ئەزاسى ۋە قۇشۇمچە يۈگۈر - يىتىم ئىشلىرىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى بولۇپ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ ئالدىدىن ئۈچ قېتىم ئۆتكەن ، ئەركىنلىك جەڭچىسى ماندىلانىڭ تەرجىمىھالىنى ئوغۇرلۇقچە چالا بۇلا ئوقۇغان ، دۇنياغا مەشھۇر مۇۋەپپىقىيەتشۇناس دالى كارنىگىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت دەستۇرى ناملىق كىتابنىڭ كىرىش سۆزىنى كىتابخانىدا ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇپ تۈگەتكەن ، دۇنيادىكى مەشھۇر ئېلىكتىرون ساھەسىنىڭ ماگىناتلىرىدىن بولغان مىكروسوفىت ۋە ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئارىيەت ئېلىپ ياكى مۇددەتكە تۆلەپ ھەق تۆلەش ئۇسۇلى ئاقىلىق سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەن . ئامرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كېلىنتون ئۈرۈمچىگە كەلگەندە چۈشكەن مىھمانساراينىڭ ئالدىدا ئىككى پارچە رەسىمگە چۈشكەن . ئامرىكىنىڭ مەشھۇر زۇڭتۇڭى ئبراھام لىنكولىننىڭ رەسىمىنى بىر دوللارلىق پۇچۇق پۇلدىن كۆرۈۋالغان ، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ بايراقدار ئەپلىرىدىن بىرى بولغان ۋىچەتنى كۇپەي تېلفۇنىغا قاچىلاپ ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلەتكەن . جوڭگۇنىڭ ئامرىكىدا تۇرۇشلۇق كونسولخانىسىنىڭ يانتۇ تارتىلغان رەسىمىنى توردىن كۆگەن . داڭلىق كىنو شىركىتى ھوللىيۋودقا بېرىپ فىلىمدە رول ئالغان نۇرغۇن داڭدار ئارتىسلارنىڭ كىنولىرىنى دوغاپچىنىڭ ئالدىدىكى ئۇزۇن ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ يېرىم - يارتا كۆرگەن . 2014 - يىللىق دۇنيا پۇتبۇلى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان كىرىستىيانو رونالدو ئوينىغان مۇسابىقىنىڭ 3 مىنۇتلۇق بۆلىكىنى قوشنىسىنىڭ تېلۇزۇدىن كۆرگەن . تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردۇغان ئۈرۈمچىگە كەلگەندە كەينى تەرەپتىن كۆرگەن ،  ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى داڭلىق ئەدىپ ۋە ئارتىسلارنى تونۇيدىغان نۇرغۇن كىشلەرگە لەڭپۇڭ ساتقان ، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ يىمەكلىك مەدەنىيىتى كارخانىسى بولغان ھەرەمباغ تىز تاماقخانىسىنىڭ تاللا بازىرىدىن بااھاسى چۈشۈرۈلگەن مىنىرال سۇدىن ئىككى بوتولكا سېتىۋېلىپ ، پۇلىنى نەق مەيداندا تۆلەپ چىقىپ كەتكەن . ئامرىكىنىڭ دۆلەت ئاتىسى ۋاشنىگىتوننىڭ گىلاس دەرىخىنى چېپىۋەتكەنلىكتەك دۇنياغا پۇر كەتكەن ھىكايە يېزىلغان كىتابنى خەلىق مەيدانىدا ئۇيۇشتۇلغان قالايمىقان مۇزىكىلارغا تىتەمپەدە دەسسەش كاتتا يىغىلىشلىرىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇرۇندۇق يەتمىگەندە كاسسىغا سېلىنچا قىلىپ ئولتۇرغان ، داڭدار مۇزىكانتلاردىن بىتخوۋىن ۋە مۇزارتلارنىڭ ناخشىلىرى ئويۇلغان نۇر دېسكىنى لەڭپۇڭ ئېچىپ قايتقان جانانلارنىڭ ئەكسىنى كۆرۈپ تۇرۇپ لىۋىنى سۈرۈتۈشى ئۈچۈن لەڭپۇڭ ھارۋىسىغا تەتۈر قاداپ قويغان ....... ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە كاتتا ساخاۋەتچى بولۇپ ، مەلۇم بىر ئاتا - ئانىسى يوق يىتىم بالىغا يېرىم تەخسە لەڭپۇڭغا لازا ئاچچىقسۇنى جىق سېلىپ ھەقسىز بەرگەن ، ھەر ئىككى ھېيىت نامىزىدا مەسچىت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەي تۇرۇپ بەش موچەن ئىئانە قىلغان ، پەيزىۋاتتا يەر تەۋرىگەندە توققۇز يىل بۇرۇن ئېلىپ ھازىر ئۆزىگە كىچىك كىلىپ قالغان ، گەرچە نەچچە يەردىن يامالغان بولسىمۇ پاكىز يۇيۇلغان جۇڭسەنپۇ چاپىنىنى ئىئانە قىلىۋەتكەن . دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ پۇل يەتمەي قالغان مۇھتاجلىقتا قالغان كىشلەرنى ئۇچراتقاندا كۆپلەپ پۇل ئىئانە قىلىنىىشى ئۈچۈن تىلەك تىلىگەن . باققۇچىسى يوق بىر بىچارە كۈچۈكنى كوچىدا ئۇچىرىتىپ قالغاندا ئۆز ئۆيىگە ئەكىتىپ بېقىپ سەمىرتىپ چاغانننىڭ ئالدىدا ***لارغا سېتىۋەتكەن . يولدا ئېزىپ قالغان مەلۇم نارسىدىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ 5000 سوم سۆيۈنچە بېرىش شەرتى بىلەن دادىسىنىڭ قولىغا ساق سالامەت تۇتقۇزغان . ئۇ يەنە تەبىئى پەن ساھەسىدە ئۆزگىچە ئۇتۇقلارنى قازانغان بولۇپ ، باشلانغۇچىتىكى ئوغلىغا نەچچە قېتىم ماتىماتكىنى ياخشى ئۆگەن دەپ نەسىھەت قىلغان ، ئۆيىدىكى رادىئونىڭ باتارىيىىسى تۈگگەندە باتارىيىنى چىشلەپ سىقىپ قايتا ئىشلەتكەن ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئىككىنچى يىللىق بىرىنچى مەۋسۇم فىزىكا كىتابىنى تېپىۋېلىپ ئۆز ئۆيىنىڭ ئوبىرنىسىغا ئەكىرىپ قويغان ، كومپىيۇتېر قوللىنىش دەسلەپكى دەرىجە كىنىشكىسىنى ئېلىش ھەققىدە قوشنىسىنىڭ قىزىغا مەسلىھەت بەرگەن ۋە ئىمتىھانىدىن يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتسىلا كىنىشكە ئالالايدىغانلقى ھەققىدە كاپالەت بەرگەن . بۇ زات نۆۋەتتە دۆلەت ئىككىنچى دەرىجىلىك لەڭپۇڭچى ئۇنىۋانىغا ئىگە بولۇشقا بەل باغلىغان بولۇپ ، ئەنئەنىۋى لەڭپۇڭچىلىقىنى ئېنتېرنىتتا ئېلىپ بېرىپ سېتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئويلاپ چىققان ۋە بۇ تۈرنىڭ پاتنىتىنى ئىلتىماس قىلغان . ئۇ يەنە ئۇزۇندىن بۇيان پۇل بەرسىلا سېتۋېرىش ، قاچىلارنى يۇيۇپ ئىشلىتىش ، مايماق چوكىلارنى ئىشلەتمەسلىك ، خېرىدار نان كۆتۈرۈپ كەلسە ئاچچىقسۇنى جىقراق قۇيۇپ بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ئۆز كەسپىدە ئۆزگىچە يول تۇتقان يېڭىلىق ياراتقۇچى لەڭپۇڭ پىرىغا ئايلانغان .

تۆۋەندە قۇنەك لەڭپۇڭنىڭ ئېلانىدىن بىر كۆرۈنۈش

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 15:41:53

:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 15:41:57

لىكسىيە سۆزلىمەمدىكەن بۇ پىرىم....

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 15:45:06

ھەجەپ لەڭپۇڭ  لەڭپۇڭلا دەيدۇ ،يا بېرە قېتىم يەپ باقمىدۇق لەڭپۇڭلىرىنى {:117:}

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 16:07:34

مىشەدىمۇ رونالدونىڭ لوڭقا ئالغانلىقىنىڭ گېپى :L

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 16:08:15

ھا ھا ھا ........ «ئىشەك مۇھىممۇ لەڭپۇڭمۇ؟» دېگەننى ئوقۇغاندىن كىيىن قايسىسىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلەلمەي بىر نەچچە تال چېچىمغا بالدۇر ئاق كىرىپ كەتكەن ئىدى. قارىسام لەڭپۇڭ مۇھىم ئوخشايدۇ.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 16:16:26

ئېسىل تەرجىمال بوپتۇ،
لىكسىيە سۆزلىسە قاتناشمىساقمۇ باشقىلاردىن ياكى توردىن شۇ لىكسىيە توغرۇلۇق ئۇچۇرئاڭلاشنى كۆڭۈلگە پۈكتۇق !

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 16:28:08

پاھ پاھ پاھ! cctv, xjtv نىڭ مۇخبىرلىرى قەيەردە يۈرىدىغاندۇ دەيمەن.
قۇنانىكا، ئۆزلىرىمۇ خېلى كەمتەردەك تۇرىلا. قازساق- قازساق تۈگىمەيدىغان خەۋەر مەنبەسىكەنلا. مەن ھازىرلا ئىۋۇ  xjtv نىڭ مۇخبىرىغا تىلىفون قىلىۋېتەي.
ئەسلىرىدە بولسۇن، باشقا يەرنىڭ مۇخبىرلىرى كېپ قالسا گەپ قىلماي تۇرۇپ تۇرسىلا ھە!

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 16:42:55

جىم تۇرۇڭلا تادۇبەگ . بۇ تاز لېكسىيە ۇيۇشتۇرسا مىنىڭ بازىرىم ۆلىدۇ.

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 16:53:44

لەمپۇڭ  :lol:lol:lol:lol

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 17:17:20

ماۋۇ لەڭپۇڭغا ئائىت لىكسىيەنى ئوقۇپ ،لەپپۇڭغا بولغان چۈشەنچەم ئاشتى :lol

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 17:37:15

لەڭپۇڭ ئەمەس لېغىرداق دەيتۇقا قۇارېم

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 17:37:18

لەڭپۇڭ ئەمەس لېغىرداق دەيتۇقا قۇارېم

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 17:37:20

قۇنەكنىڭ بى تىمىسى باغۇ شەكىل نەزەرىيىسىمۇ ؟ شەكىل سەپسەتىسىمۇ ؟ دەيدىغان . ئۇ تىما دەششەت قىزىغانىدى :lol

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 17:49:28

ئالامەت جۇما.....

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 20:24:48

قۇنەك بىر ئەلانى مەن باستىم، بۇدا لەڭپۇڭ يىگەندە ئاچچۇقسۇنى كۆپرەك قۇيۇپ بىرەسىلە:lol

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 20:26:16

قۇنەك لەڭپۇڭغا ئۆزىمىزنىڭ مىللىچە لەڭپۇڭچىلىقىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشنى، تۇڭگاننىڭ ئامىركاننىڭ، غەرىپنىڭ شەرقنىڭ لەڭپۇڭچىلىقىنى قارغۇلارچە دورىماي، ئۆزىمىزگە خاس بولغان مىللىچە  لەڭپۇڭچىلىق نەزىيە سېستىمىسىنى قۇرۇپ چىقىش توغرىدىسىدا تەكلىپ بىرىمەن

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 20:33:12

داڭلىق پەيلاسوپ، جامائەت ئەربابى،  ئەل سۆيگەن شائىر يازغۇچى، قۇنەك قۇنەكباي قۇنەكى شۇنداق دەيدۇ: بىز ئۇيغۇرلار لەڭپۇڭ يەپ نادانلىقتا قالغان

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 20:44:31

ماڭەۋاي،قارىسام ئاچچىقسۈيى سېنىڭ،لازىسى پىنھاننىڭ چىراي تۇرىدۇ ماۋۇ تەرجىمھالىڭغا قارىسام،:P:P:P:P:P
بەت: [1] 2 3
: لەڭپۇڭغا ھۆددىگەر پىرىمنىڭ تەپسىلىي تەرجىمىھالى