izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 15:22:39

نىمە ئۈچۈن خوراز پەرىشتىلەرنى ،ئىشەك شەيتانلارنى كۆرەلەيدۇ؟

نىمە ئۈچۈن خوراز پەرىشتىلەرنى ئىشەك شەيتانلارنى كۆرەلەيدۇ؟          رەسۇلى ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:          « سىلەر خورازنىڭ چىللىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا، ئاللاھنىڭ فەزلى-رەھمىتىنى تەلەپ قىلىڭلار. چۈنكى خوراز پەرىشتىلەرنى كۆرگەندە چىللايدۇ. ئىشەكنىڭ ھاڭرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاندىن پاناھلىق تىلەڭلار. چۈنكى ئىشەك شەيتاننى كۆرگەندە ھاڭرايدۇ.»          بىز بۇ ھەدىسنى كۆپ ئاڭلىغان بولساقمۇ ئۇنى تازا چۈشىنەلمىگەن ۋە ئۇنىڭ ئىلىم-پەننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ يېڭى بىر ئىلمى كەشپىياتنى بايقىشىمىزغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق. ئالىملار بۇ يېڭىلىقنى بىلگەن چاغدا ھەيران قېلىشتى. مەن ھازىر سىلەرگە شۇ مۇسۇلمان دوختۇر ئالىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن:          بۇ ھەدىس بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇكى ، ھەدىسكە كۆرە ئىنساننىڭ كۆرۈش ئەزالىرى چەكلىك بولۇپ ئىشەكنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە يەتمەيدۇ. ۋە ئۇ ئىشەكنىڭ كۆرۈش دەرىجىسى كۆرۈش قۇۋۋىتى جەھەتتە خورازنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە يەتمەيدۇ.          شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەدىسكە كۆرە ئىنساننىڭ كۆزى چەكلىك ئىقتىدارغا ئىگە بولغاچقا ئىنفىرا قىزىل نۇر ئاستىدىكى ۋە ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرى ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى كۆرەلمەيدۇ. لىكىن خوراز ۋە ئىشەكنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى يۇقارقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ.          ئەمدى بۇيەردە بىر سۇئال تۇغۇلىدۇ. ئىشەك ۋە خوراز جىن-شەيتانلار بىلەن پەرىشتىلەرنى قانداق كۆرەلەيدۇ؟          جاۋاپ:ئىشەك ئىنفىرا قىزىل نۇرىنى كۆرەلەيدۇ. شەيتان بولسا جىنلار تىپىدىن بولۇپ ئوتتىن يارىتىلغان يەنى ئوتتىن چاچراپ چىققان قىزىل ئۇچقۇندىن يارىتىلغان. ( شۇڭا ئىشەكنىڭ ئىنفىرا قىزىل نۇرىنى كۆرەلەيدىغانلىقتىن ئىبارەت كۆرۈش ئىقتىدارى ئۇنىڭ قىزىل ئۇچقۇندىن يارىتىلغان شەيتاننى كۆرۈشكە يول ھازىرلىغان)          ئەمما خورازغا كەلسەك ئۇ ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرىنى كۆرەلەيدۇ. پەرىشتىلەر بولسا نۇردىن يارىتىلغان يەنى ئاددى كۆز بىلەن كۆرۈش ھەم بىۋاستە سېزىم بىلەن سېزىش مۇمكىن بولمايدىغان غايەت كۈچلۈك نۇردىن يارىتىلغان. (شۇڭا خورازنىڭ ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرىنى كۆرەلەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت كۆرۈش ئىقتىدارى ئاددى كۆز بىلەن كۆرۈش مۇمكىن بولمايدىغان غايەت كۈچلۈك نۇردىن يارىتىلغان پەرىشتىلەرنى كۆرۈشكە يول ھازىرلىغان).          ئەمدى بۇ تەتقىقات بىزگە شەيتانلارنىڭ نىمە ئۈچۈن ئاللاھ ياد ئېتىلگەن چاغدا ئۈركۈپ قاچىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بىرىدۇ:          بۇنىڭ سەۋەبى، چۈنكى ئاللاھ زىكىر قىلىنغان جايغا پەرىشتىلەر ھازىر بولىدۇ. شۇڭلاشقا شەيتانلار قاچىدۇ.          ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن شەيتانلار پەرىشتىلەر بار جايدىن قاچىدۇ؟          جاۋاپ:چۈنكى شەيتان (ئۇچقۇن)لار پەرىشتىلەرنىڭ كۈچلۈك نۇرىدىن زەرەتلىنىپ غايەت زور كۈچلۈك نۇرنىڭ تەسىرىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ.          دىمەك، كۈچلۈك ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر بىلەن ئىنفىرا قىزىل  نۇر بىر ئورۇندا ئۇچراشقان ۋاقتىدا ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرىدىن ئاجىز بولغان ئىنفىرا قىزىل نۇر يوقىلىدۇ...     
بەت: [1]
: نىمە ئۈچۈن خوراز پەرىشتىلەرنى ،ئىشەك شەيتانلارنى كۆرەلەيدۇ؟