weyrani يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 14:08:27

ئەڭ قىممەت پاي

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   weyrani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-18 14:12  


51 يىل بۇرۇن  سىز 8 دوللارغا بوكشىر خاساۋېينىڭ بىر تال پايچىكىنى سېتىۋېلىپ،ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرغان بولسىڭىز نەچچە پۇل بولغان بولاتتى بىلەمسىز؟
172350 دوللار بولغان بولاتتى.(تۈنۈگۇنكى باھا)
1963-يىلى بافىت بوكشىر خاساۋېينى سېتىۋالغاندا ،ھەر بىر پايچىكى 8 دوللارغا يارايتتى.بافىتنىڭ قۇلىغا ئۆتكەندىن كىيىن كۆپ قېتىم سېتىۋېلىش ۋە مەبلەغ سېلىشى نەتىجىسىدە 1970-يىلى 130 دوللارغا چىققان.1977-يىلىدىن 2007-يىلغىچە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 30.4% ئۆسكەن،ئەڭ يۇقۇرى ئۆسكەن ۋاقتى 1979-يىلى بۇلۇپ،110.5% بولغان.2014-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۇنىگىچەھەربىر پاي 173284دوللار بۇلۇپ، ئا پاي بازىردىكى ئۇمۇمىي قىممىتى 284 مىليارد بۇلۇپ ئىسىمى _جىسمىغا لايىق ئەڭ قىممەت پايچەك دەپ ئاتالغان.
ئەڭ قىممەت پايچەك بۇلۇشنىڭ سىرى قەيەردە؟
پايچەكنى پارچىلاش ۋە پايدا ئايرىماسلىق-بوكشىر شىركتى 1967-يىلى بازارغا چىققاندىن بۇيانقى تۇنجى ھەم ئەڭ ئاخىرقى قېتىم  ھەر بىر پايغا 10 سىنىتتىن پايدا ئايرىغان.بافىتنىڭ قارىشىچە،شىركەتنىڭ ئەڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش يۇنلىشى بولغاندا پايچىكلارغا نەق پۇل پايدا ئايرىشىنىڭ ھاجىتى يوقكەن،مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن پايچىكلارنىڭ قىمىتىنى ئەڭ يۇقۇرى چەككە يەتكۇزۇپلا قالماستىن ،مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قايتا باج تاپشۇرىشىدىن  قۇتۇلۇپ قالغىلى بولدىكەن.
پاينى پارچىلىماسلىق
بافىتنىڭ قارشىچە پاينى پارچىلاش پايچىكنىڭ قىمىتىنى ئاشۇرمايدىكەن.بىر تال چوڭ نان بىلەن 2 تال يېرىم ناننىڭ پەرقى يوق دەپ قارايدىكەن.ئۇنىڭ ئۇستىگە بافىت ئۇششاق پايچىكلار بىلەن تەڭ ھەمبەرىمەن بۇلۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىغان.
1996-يل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئا بازاردىكى پايلارنى سېتىۋالالمايدىغان ئۇششاق پايچىكلارنىڭ تەلپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ب بازاردا پايچىك تارقاتقان. ئا بازاردىكى 30پاينى ب بازارغا يۆتكىگەن. ب بازاردىن ئا بازارغا قايتىش مۇمكىنچىلىكى يوق بولغان ھەمدە ب پاينىڭ باھاسى ئا پاينىڭ باھاسىنڭ 30دىن 1گە يەتمىگەن.
.2010-يىل 1ئاينىڭ 22-كۈنى بوكشىر شىركىتى 50دىن 1 نىسبەت  بىلەن ب پاينى بۇزغان.شۇ ۋاقىتتا ب پاينىڭ باھاسى 70 دوللار بولغان.(ب پاينىڭ بۇگۇنكى باھاسى 115.07دوللار)ب پاينى بۆلۇش مەقسىتى بولسا ئامىرىكدىكى ئىككىنچى چوڭ تۈمۈر يول شىركىتى     (BNSF) نى سېتىۋېلىش ئۇچۇندۇر.يەنە بىر مەقسىتى بولسا ب پاينى  ئۆلچەم پۇر 500 كۆرسەتكۇچىگە ئەزا بۇلۇشنى قولغا كەلتۇرۇش.
چۇنكى تۈمۈر يول شىركىتىنى سېتىۋالغاندىن كىيىن ،تۈمۈر يول شىركىتى بۇ كۆرسەتكۇچتىن چىكىنىپ چىقاتتى.ئەپسۇس ، يۇقۇرى باھا،تۆۋەن ئېغىشچانلىقى بىلەن بۇ كۆرسەتكۇچكە كىرەلمىگەن ئەڭ چوڭ شىركەت بۇلۇپ قالغان.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 15:19:54

شىركەتنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن قانداق باسقۇچلار كېتىدۇ؟
ھازىرقى ئۇيغۇر كارخانچىلار ئارىسىدا پېيىنى سېلىشقا شەرتى توشىدىغان شىركەتلەر بارمۇ؟ بىر ۋاقىتتا ئارمان شىركىتى شۇنداقراق پاراڭنى سېلۋاتاتتى.....

arqin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 15:26:06

ئىچكىرىدىكى گۇگۇتچىلىك شىركەتلەرنىڭمۇ پېيى بار دەپ ئاڭلىغان ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخى پېيى بازارغا سېلىنغۇدەك شىركەت چىقمىدى ......... بولمىسا شىنجاڭ ئىچىدە پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەردىن 30 گە يېقىنى بارغۇ دەيمەن ....

ئەگەر بىرەر ئۇيغۇرنىڭ شىركىتى پېيىنى بازارغا سالغان بولسا ، مەن بىرەر مىڭ تال سېتىۋېلىپ قوللاپ قوياتتىم ، مەندەكلەر كۆپقۇ دەيمەن ..

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 15:39:07

Typography يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 15:19 static/image/common/back.gif
شىركەتنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن قانداق باسقۇچلار ...

شىركەت پېيىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن مەبلەغنى كۆپرەك تەلەپ قىلىدۇ ،يەنى بىر شىركەت پېيىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن  ئاز دېگەندە 30 مىليۇن مەبلەغ بولمىسا ،ھەمدە مالىيەسىدە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ يىلغىچە زىيان تارتمىغان بولىشى يەنى ،ئىزچىل پايدا كۆرۈلگەن ھالەت بولمىسا ،پېيىنى ئالدىراپ بازارغا سالالمايدۇ...... شىنجاڭدا ھازىر 40 گە يېقىن 上市公司 بار،، مەن ماتىريالنى كۆرگەندە 39 دەپ سانلىق مەلۇمات باركەنتۇق (2012 يېلى).ئەمما ئۇيغۇر كارخانىلىرىمىزدىن پېيىنى بازارغا سالغان بىرمۇ كارخانا يوق ھازىرچە،،بەلكىم كەلگۈسىدە بولۇپ قېلىشى مومكىن،  چۈنكى ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇر كارخانىلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى زور بولىۋاتىدۇ ،،،،ئەگەر مىللىي كارخانىلىرىمىزدىن شۇنداق بىرى مەيدانغا چىقسا بىزمۇ قوللايتۇق.

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 15:50:41

yapraq يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 15:39 static/image/common/back.gif
شىركەت پېيىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن مەبلەغنى كۆپرەك تە ...

ماڭا 10 تەڭگە قوشۇلۇپ قاپتىغۇ :lol ،  ما سېستىمىنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى بولىدىكەن.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 16:15:40

30مىليۇن! بۇ شەرتكە توشىدىغان ئۇيغۇر شىركەتلىرى كۆپكەنغۇ ئەمسە؟ ئارمان نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا 200 مىليۇن دەۋاتاتتى
   غەربى نۇر ، مەغرىپ ، ئەبۇ سەخىر     گورۇھلىرىنىڭ مەبلىغىمۇ خىلى كۆپ ، ئىخلاسنىڭ يىڭى قۇرغان زاۋۇتىغىلا 50 مىليۇن مەبلەغ كىتىپتۇ ـ yapraq ئەپەندى تەپسىلىرەك چۈشەندۇرۇپ قويسىڭىز ، پاينى بازاغا سىلىش ئۈچۈن باشقا شەرتلەرنۇ بارمۇ ؟ بىزنىڭ كارخانىلار نىمىشقا پاي بازىرىغا كىرەلمەيدۇ؟
  ئۆتكەندە ئوتتىرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ پاي بازىرى قۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى ، پاي بازىرى نەچچە دەرىجىگە بۆلىنىدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز

rocky1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 16:51:50

30 مىليۇن بولسا بەك جىق ئەمەسكەن ،،،، ھەرەمباغمۇ 2014 يىلى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرغا 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىمىز دىگەندەك قىلغان ،،،،،

junker يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 16:54:31

junker يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 16:57:59

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 18:57:47

junker  چۈشەندۇرگىنىڭىزگە رەھمەت، ئەمما نىمانداق خەقنى ياراتمىغاندەك ، مەسخىرە  قىلغاندەك گەپ قىلىسىز ، yapraq نىڭ ئىنكاسىنى قىززىق دىگىنىڭىز نىمە گەپ ئەمدى ، ھەرقانچە بىلىملىك بولسىڭىزمۇ خەقنى مەسخىرە قىلماي   خاتا بولسا توغرىسىنى دىسىڭىزلا بولىدىغۇ!

junker يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 19:38:49

aymakbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 19:49:04

پاي بازىرى  شىېركەت پېيى دىگەن گەپلەرانى تىلۋىزوردا كۈرەتتۇق ئەمدى ئازراق  چۈشەنچىگە  ئىگە بۇلىۋاتىمىز...

arqin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 22:49:07

مانا بىرتېمىنىڭ باھانىسدا بىر ئوبدان ئىشتىن بىرنى چۈشىنىۋالدۇق

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 23:55:41

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 18:57 static/image/common/back.gif
junker  چۈشەندۇرگىنىڭىزگە رەھمەت، ئەمما نىمانداق خەقنى ي ...

مەن شىركەتىنىڭ  پېيىنى بازارغا سېلىشى ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتتىن قىسقىچە ئىككىنىلا يىغىنچاقلاپ ئۆتتۈم، ئەمىلىيەتتە دۆلىتىمىزنىڭ  پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغا شىركەتكە بولغان تەلىپى بەك يۇقىرى.ئەڭ زۆرۈر شەرت شىركەت چوقۇم ئۆزىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش يەنە چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتى بولسا ،ئەگەر پېيىنى بازارغا سالىمەن دېسە ھەم سېلىشقا ئېھتىياجى چۈشسە ئاۋۋال چوقۇم پېيىنى بازارغا سېلىشى شىركەت قۇرۇلمىسىنى  پايچەك شىركىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك ،بۇ دېگەن ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ .ئاندىن قالغانلىرى دۆلىتىمىزنىڭ «شىركەت قانۇنى» دېكى ماددىلار  بويىچە پېيىنى بازارغا سالسا بولىدۇ .يەنى بىرىنچىدىن :پايچىكى چوقۇم گوۋۇيۈەن ئاكسىيە باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتىشى ھەم جەمئىيەتكە ئاشكارە پاي تارقىتىشى كېرەك.ئىككىنچىدىن :شىركەت پايچىكىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 50 مىليۇندىن تۆۋەن بولماسلىقىياكى شىركەتنىڭ ئەنگە ئالدۇرغان سوممىسى 30 مىليۇندىن تۆۋەن بولماسلىقى شەرت.ئۈچۈنچىدىن: شىركەتنىڭ تىجارەت باشلىغان ۋاقتى ئۈچ يىلدىن يۇقىرى بولىشى ،ئەڭ يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە ئىزچىل پايدا ئالغان بولىشى،مالىيە ھېساباتىدە ھىچقانداق مەسىلە چىقماسلىقى يالغاندىن ياسىغان ياكى ئويدۇرۇلغان بولماسلىقى كېرەك. گوۋۇيۈەن بېكىتكەن باشقا بەلگىلىمىدىكى شەرتلەر بار.شۇ تەلەپلەرنى مۇكەممەل ھازىرلىغاندىلا ئاندىن پېيىنى بازارغا سالالايدۇ،پايچەكلەرگە بولغان تەلىپىمۇ ئاندىن  يۇقىرى،چۈنكى پاينىڭ  ئاكسىيە بازىرىد بازارغا سېلىنىش،مەشغۇلات ،باشقۇرۇش جەھەتلەردە قويۇلىدىغان تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى ،قېلىپلاشقان ئۆلچەمگە چۈشىشى،شىركەتنىڭ تەسىر دائىرسى بەك زور بولىشى  كېرەك  ۋە ھاكازالار.........  خەۋىرىڭىز باردۇ ،بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىز كۆلەم ،باشقۇرۇش ،تىجارەت جەھەتلەردە تېخى مۇكەممەل پىشىپ يېتىلگىنى يوق ،ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە مىللىي كارخانىلىرىمىزنى چۈشۈرگىنىم يوق ،تەرەققىياتى تىز كارخانىلىرىمىزمۇ بار،لېكىن باشقۇرۇش ،مەبلەغ،ئادەم كۈچ... قاتارلىق  جەھەتتەردە يەنىلا يېتەرسىزلىك مەۋجۈت،لېكىن بۇندىن كېيىنكى تەرەقىيات مۇساپىسى جەھەتتە بەلكىم بۇ يېتەرسىلىكلەر ئاستا -ئاستا تولۇقلىنىشى مومكىن، ھەرمباغ تىلغا ئېلىنىپ قالدى ،ھەرەمباغنىڭ  رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 10 مىليۇن،ھازىرچە شىنجاڭدىن پېيىنى بازارغا سالىدىغان مىللىي كارخانىلىرىمىزدىن چىققىنى يوق ،چۈنكى بۇ شەەرتلەرنى تېخى تولۇق ھازىرلىيالمىدى ،بۇندىن كېيىن بەلكىم چىقىشى مومكىن.........

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 08:30:06

junker يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 16:57 static/image/common/back.gif
ئۇدا ئۈچ يىل ياراتقان پايدىڭىز 30% بولۇش  كىرەك .
يىلدا 30% ...

قانداق گەپ بۇ 50 مىليۇن پاي دىگەن؟
قانچە پاي بۇلۇشىنى شىركەت ئەمەس،ئاكسىيە بەلگىلەيدۇ.

junker يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 09:15:21

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 09:19:38

ئارمان بازارغا چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.ھەم تەييارلىق قىلۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرۋاتىمىز.لىكىن بۇنىڭ بىلەن ئارماننىڭ سالاھىيتى توشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.مىنڭچە دۆلەت ئىتىپاقلىق ناخشىسىنى ياڭرىتىپ،ئارمانغا بىر كۆزىنى قىسىۋالسا تاڭ بىلمىدىم.بولمىسا ئارمان ھازىرقى ھالىتى بىلەن خېلى بىر زامانغىچە پەقەتلا تەييارلىق باسقۇچىنى تاماملايدۇ خالاس...
ئەلۋەتتە ئارمانمۇ بازارغا كىرىپلا STغا ئۇچىراپ قىېلىشىنى خالىمايدۇ.
ھەممىڭلار بىلدىغان رىنرىن(人人网)تورى بازارغا يېڭى چىقاندا 12 دوللاردىن چىققان.ھازىرغىچە مۇشۇ 12دوللاردىن قالقىيالمىدى.بازارغا چىقىلى 3 يىل بولاي دىدى.
يۇقۇرقىدەك ھالەتنىڭ ئۇيغۇر كارخانىلاردا يۇز بەرمەسلىكى ئۈچۈن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتىكى ياخشى تاللىشى..

junker يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 09:23:40

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 10:12:18

گۇاڭخۇينىڭ بازارغا چىقىش باھاسىنى بىلەمسىز؟
6.6سومدىن بازارغا چىققان.بۇگۇنكى باھاسىمۇ 7سوم تۇرسا قانداقسىگە مەن دىگەن گەپكە ئوخشايدۇ؟
12دوللاردىن بازارغا كىرگەن پاي 3دوللار ئەتىراپىدا تۇرىدۇ.ئىزچىل ئۆرلەش بولمىسا.

junker يوللانغان ۋاقتى 2014-1-19 10:44:45

بەت: [1] 2
: ئەڭ قىممەت پاي