شىرئەلىجان ۋە CBAچۇلپانلار ھەپتىلىگى ۋاقىت ئۇرۇنلاشتۇرۇشى
2014-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 18-19-كۈنى بىيجىڭ ۋەن شىدا تەنتەربىيە مەرگىزىدە ئۆتكۈزىلىدۇ.
ئاۋال يىڭى چولپانلار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ، ئۇچ نۇمۇرلۇق توپ چۇشۇرۇش مۇسابىقىسى، ماھارەت رىقابەت مۇسابىقىسى، گارغا توپنى كۆمتۈرۈپ بېسىپ كىرگۈزۈش مۇسابىقىسى قاتارلىق يەككە مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلىدۇ.
2014-يىللىق CBAچۇلپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسىنىڭ تەپسىلى ۋاقىت جەدىۋىلى تۈۋەندىكىدەك ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى.
18- يانۋار ( شەنبە) كەچ ئۈرۇمچى ۋاختى؛ 30؛5-00؛8 گىچە يىڭى چولپانلار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلىدۇ. يىڭى چولپانلار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن يەككە مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلىدۇ.
19-يانۋار ( يەكشەنبە) كەچ ئۈرۇمچى ۋاختى؛ 00؛5-30؛5 گىچە ئىچىلىش مۇراسىمى ئىلىپ بىرىلىدۇ. 30؛5-00؛8 گىچە چولپانلار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلىدۇ. ئىككى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن يەككە مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلىدۇ.
ئالدىنقى چولپانلار ھەپتىلىگىنىڭ ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ چۈشۈرۇش چىمپىيۇنى، ئۇيغۇر ۋاسكىتبۇل چولپىنمىز شىرئەلىجان مۇختەر بۇ قىتىمقى چۇلپانلار مۇسابىقىسىدە ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ چۈشۈرۇش چىمپىيۇنلىقىنى داۋاملىق ساقلاپ قالالامدۇ؟ قىزىقسىڭىز بۇ قىتىمقى چولپانلار ھەپتىلىگىگە نەزەر سىلىڭ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php
بۇ ئىنىمىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن!!!!!! ئۇنىڭغا ئۇتۇق تىلەيمەن ئاللادىن ئۇتۇق تىلەيمەن، غەلىبە يار بولسۇن. شىرئەلى ئىنىمىزغا ئۇتۇقلار يار بولسۇن! ئۆزىنىڭ تالانتىنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە نامايەن قىلىشىغا تىلەكداشمەن! ھەييى، ۋەن شىدا دىگەن بىزنىڭ مەكتەپنىڭ يېنىدىلا ئىدى دە،
ھەي ئىسىت نەتىجىسى چىقىپ بولغاندۇ، ما ۋاققا؟ ھىچ بىرەرسى خەۋەر قىلاي دىمەيدىغۇ.
بەت:
[1]