UyghurWeb يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 17:03:02

قارارلىق Android ئەمەلىي ئىقتىدار تەربىيىلەش كۇرسى

4-قارارلىق Android ئەمەلىي ئىقتىدار تەربىيىلەش كۇرسى

http://alip.biz/data/attachment/forum/201307/02/0341123kzh7zojoho36yp3.jpg


ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون تېخنىكىسىنىڭ تېزلىكتە تەرەققىي قىلىشى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغا رۇم قاچىلاش(يانفون ئانا سىستېمىسى)، ئەپ قاچىلاش، ئەپ تەرجىمە قىلىش، ئەپ گۈزەللەشتۈرۈش، ئەپ ئېچىش قاتارلىق بىلىملەر، مۇشۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئادەتتىكى يانفون ئىشلەتكۈچىلەردىن تارتىپ، كەسپىي خادىملارغىچە ئۆگەنمىسە بولمايدىغان زۆرۈر بىلىمگە ئايلاندى.

Android بولسا يادروسىدىن ناھايىتى مۇكەممەل لايىھىلەنگەن سىستېما بولغاچقا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە تىز ئومۇملىشىپ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىردى. ھازىر ھەممىمىزنىڭ قولىدا Android قاچىلانغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر بار بولدى. Android يادروسىدىن كۆپ تىللىق لايىھىلەنگەن بولغاچقا، ئۇنىڭغا تۈزۈلگەن ئەپلەرنىمۇ تامامەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۆز ئېھتىياجىمىز بويىچە گۈزەللەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ Android نىڭ تېخىمۇ تىز ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىن Android قا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرگە بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇ قېتىمقى كۇرس ئارقىلىق بىز Android دۇنياسىغا كېرىمىز.
بۇ قېتىمقى تەربىيىلەشتە ئەڭ ئەمەلىي بولغان مەزمۇنلار سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ھەرخىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغا سىستېما قاچىلاش، ئەپ ئۆزگەرتىش، ئەپ ئېچىش سىستېمىلىق ئۆگىتىلىدۇ.

ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق مەزمۇنلار:

[*]Android قۇرۇلما ئانالىزى
[*]داڭلىق ماركىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغا رۇم قاچىلاش
[*]جوڭگودا ئىشلەنگەن ھەرخىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغا رۇم قاچىلاش
[*]Android مۇھىتى ھازىرلار
[*]Android لىق ئۈسكۈنىلەرگە ئۇيغۇرچە تونۇتۇش
[*]Android ئەپلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش
[*]ئۇيغۇرچە روم ياساش
[*]Android قا ئەپ ئېچىش ئاساسىي بلىملىرى

ماس كېلىدىغان ئوبيېكتلار:

[*]Android ھەۋەسكارلىرى
[*]Android ئەپ تەرجىمانلىرى
[*]ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون تىجارىتى قىلىدىغانلار
[*]مۇشۇ ساھەدە خىزمەت تاپماقچى بولغانلار

دەرسلەرنى مۇشۇ ساھەدە ئەمەلىي تەجرىبىلىرى مول، ئوقۇتۇش مېتودى ياخشى بولغان تېخنىك ئوقۇتقۇچىلار سۆزلەيدۇ. تەربىيىلەش ئورنى قەشقەر شەھىرىدە بولۇپ، ئارام ئېلىش كۈنلىرىگە ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مەھمۇد قەشقەرى مازىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت پۇرىقىغا تويۇنغان جايلىرى ساياھەت قىلدۇرۇلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئىگىلىك تىكلىگەن دىرېكتورلار، جەمئىيەتشۇناسلار مۇۋاپىق لېكسىيىلەرگە تەكلىك قىلىنىپ، كۇرسانتلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىدۇ.

دەرس مەزمۇنى نۆلدىن باشلاپ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا تەپسىلىي سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ئازراق كومپيۇتېر ئاساسىنى تەلەپ قىلىدۇ، باشقا جەھەتلەرگە يۇقىرى تەلەپ قويۇلمايدۇ. ئوقۇش پۈتۈن كۈنلۈك بولۇپ، ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ(يۈك-تاقا ئېلىپ كەلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ)، كۈنىگە 8 سائەت دەرس ئۆتىلىدۇ، ئوقۇش مۇددىتى 15 كۈن، 100 سائەت، 1-ئاينىڭ 20-كۈنى دەرس باشلىنىدۇ، ئوقۇش 1500 سوم، ياتاق پۇلى 300 يۈەن.

تىزىملىتىش

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 17:28:19

مەنچە بولسا مۇشۇنداق ئاندرويىد ئەمەلىي تەربىيلەش ئورۇنلىرى ئاۋۋال ئۆزى ياسىغان ئەپلەرنى بىر قۇر چىقرىپ بىز ياسىغان ئەپ مۇشۇ. سىلەرنى مۇشۇ سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز دەپ تىرىك ئېلانلارنى چىقارساڭلار ئۈنۈمى ياخشى بۇلاتتى. ھازىر بىر نەچچە ئېلاننى كۆردۈم iOSدىمۇ تەربىيلەيدىغانلارمۇ بار ئىكەن.ئەمما شۇ ئەپنىڭ ئۆزىنىڭ بىرەسىنى ياساپ باققىنى ئۇققىلى بولمايدىكەن. ھېچ بولمىسا بىر ئەپنى بازارغا سېلىپ ئۆزۈڭلارنىڭ ھەقىقى قابىليتىنى نامايەن قىلساڭلار بېرىپ ئوقۇيدىغانلار جىق بۇلاتتى.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 17:30:17

4-قارارلىق ئىكەن.
ئالدىنقى 3قارار ئوقۇغان بالىلار نىملەرنى قىلۋاتىدۇ. قايسى ئەپنى تەرجىمە قىلدى.قايسسى ئۆزى  ياسىغان ئەپ . يەنە رۇملارنى كۆرسىتىپ ئۆزۈڭلارنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىنى كۆرسەتسەڭلار 4-قارارنىڭ باللىرى ئالدىنقى قاراردىكى بالىلارنىڭ ئەسەرلىنى كۆرسە ئۈنۈمى ياخشى بۇلاتتى. ......

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 18:37:41

ئالما iPhone 5s ياخشىمىدۇ ياكى Sony Xpera ZR M36h ياخشىمىدۇ؟

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 19:38:57

سېستىمىسى بىلەن تولا ئېيتىشدىغان خۇمىرىڭىزبولمىسا ئۈندەللالنى كۈندە مارىمىسىڭىز  iPhone 5s نى ئېلىڭ.
سېستمىنى چۇخچىلاپ تېلفۇننى كىسەك قىلىپ ئوينايدىغان خۇيىڭىز بولسا  Sony Xpera ZR M36h نى ئېلىڭ.
مەندىمۇ بىر سونى- ئېرىكسوننىڭ Lt18iسىدىن بىرسى بارئىككى ئايدا بىر سېستىمىسىنى قاچىلاپ قويىمەن بەك چىداملىق بۇ ماركا

Kamdidar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 20:25:57

Sony Xpera ZR M36h دىن مەنمۇ بىرنى ئالاي دىگەن، لېكىن تونۇش باللانىڭ Android تېلېفون ئالماي Windows Phone تېلېفونى  ئېلىڭلا دىگەن نەسھىيىتى بىلەن توردىن تەكشۈرۈپ  HTC c620e 8X نىڭ سەپلىمە ۋە باھاسنىڭ ئۈزۈمگە خېلى ماس كىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم. ئەمما ھازىرغىچە يەنىلا بىر قارارغا كېلەلمەي دىلغۇل بۇلۇپ تۇرۇۋاتىمەن. كۆڭلۈمدە Windows Phone VS. Android ئۇرۇشى بۇلۇۋاتىدۇ. قېنى قايسى تەرەپ ئۇتۇپ چىقاركى؟

UyghurWeb يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 20:29:27

Typography يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 17:30 static/image/common/back.gif
4-قارارلىق ئىكەن.
ئالدىنقى 3قارار ئوقۇغان بالىلار نىمل ...

ئالدىنقى قارارلىق كۇرستا ئوقۇغان بالىلار كورلا، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا دۇككان ئېچىپ ياكى بۇرۇنقى دۇككىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئۆز تۇرمۇشىنى قامداۋاتىدۇ. مۇشۇ كۇرس ئارقىلىق يېڭى بىر خىزمەت شارائىتىغا ئىرىشتى. تېخىمۇ تەپسىلاتى لازىم بولسا قىسقا ئۇچۇر قىلسىڭىز مەن ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئادرىسىنى سىزگە يوللاپ بىرەي، كۆرۈشۈپ بىقىڭ. ئەپ ۋە روملارنىڭ ئىشىغا كەلسە ئالپ تورىدىكى مېنىڭ تېما ۋە ئىنكاسلىرىمدىن بىلەلەيسىز، ئىزدىنىپ بىقىڭ.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 01:10:46

Kamdidar يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 20:25 static/image/common/back.gif
Sony Xpera ZR M36h دىن مەنمۇ بىرنى ئالاي دىگەن، لېكىن تونۇش بال ...

ئەسلى مەنمۇ Windows Phone بەك ياقتۇرىمەن. سىزگە تەۋسىيەرىم، ئەگەر Windows Phone ئالماقچى بولسىڭىز، نوكىيا ئېلىڭ. HTC دېگەننى قويۇڭ. نەرى بولمايدۇ دېمەكچىمۇ؟
1. كامېراسى ناچار.... نوكىيانىڭ كامېراسىغا كارل سايز ماركىلىق كامېرا ئىشلىتىلىدۇ. كارل سايز كامېرانىڭ ئەڭ نوچىسى. باشقا ھەرقانداق يانفوننىڭ كامېراسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ھازىر پەقەت سونى ۋە نوكىيالا مۇشۇ كامېرانى سەپلەيدۇ. بۇ كامېرانىڭ باھاسىمۇ قىممەت. شۇڭا كامېرا ئېنىقلىقى يۇقىرى نوكىيالارنىڭ باھاسى ئالاھىدە قىممەت. HTC نىڭ كامېراسى زاپەر تېلېفوننىڭ كامېراسىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن، مەن كۆپ ئىشلىتىپ كەتتىم.
2. تىڭشىغۇچىسى ئالدامچى. HTC يانفونلارغا Beats Audio ماركىلىق تىڭشىغۇچ سەپلىدۇق دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ماركىسىلا Beats Audio ئىكەن، باشقا جەھەتتە 3 كويلۇق تىڭشىغۇچتىن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئىشەنمىسىڭىز، Beats Audio نىڭ دۇكىنىدىن ئەڭ ئەرزان تىڭشىغۇچتىن بىرنى سېتىۋېلىپ، HTC نىڭ ئەڭ قىممەت تېلېفونىغا سەپلەنگەن تىڭشىغۇچ بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. بۇ ئېنىقلا ئادەم گوللىغانلىق. ئەلۋەتتە، Beats نىڭ تىڭشىغۇچلىرى بەك قىممەت بولغاچقا، بەزى ماتېرىياللارنىڭ ئورنىغا ئەرزان نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، باھا ئۆرلەپ كېتىشتىن ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن.
3. ئاندرويد سىستېمىلىق يانفونلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ تۇرغاندا، HTC ھەرقانداق جەھەتتە نوكىياغا يېتەلمەيدۇ.
------------
مەن شۇ نوكىيا ئالاي دېسەم، مەن يانفوندا Gmail نى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىمەن. يانفوندا مەن ئىشلىتىدىغان بىردىنبىر قوشۇمچە ئەپ Gmail دېسەممۇ بولىدۇ. ئەمما Google دېگەن بەدبەخلەر Gmail نى پەقەت ئايفون ۋە Android ئۈچۈنلا ئىشلىدى، Windows Phone ئۈچۈن ياسىمىدى. شۇڭا ماڭا ئامال يوق، سىز بولسىڭىزمۇ نوكىيانى تاللاڭ!

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 04:02:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oygak2005 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-18 04:25  

نەچچە قېتىم موشۇ ئاتالمىش  تەربىيلەش كۈرسى توغرىسىدا گەپ قىلاي دېگەن ئۆزىڭىز  ئىشىك ئالدىغا كەپسىز !
ئاۋۋال 1500 سوم پۇلغا سىلنىڭ قىلىپ بىردىغان نەرسەڭلا ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە  ئەمەس !
روم ، ئەپ تەرجىمە قىلىشىنى ئۆگىتىدىكەنسىلەر ! روما قاچىلاشىنى ئۆگىتىدىكەنسىلەر !
ئاشۇ كۇرۇسىنى ئاچىدىغان ‹‹ مەلىمدىن ›› سوراپ باقاي!
سىز ئۇنۇڭدىن-بۇنۇڭدىن كۆچۈرمەي، كودلىرىنى قايسى بىر  پروگىرامما تىلىدا بولسۇن ، مۇستەقىل يىزىپ، ئاندىن گوگولنڭ ئەپ ئاچقۇچىلارغا تەممىلەپ بەرگەن ، ئەپ ئىچىش قوراللىرىنى 30% ئىشىلىتىپ( كۆپ بولۇپ كەتتى 30%) يەنى(SDK+Eclipse+ADT) لارنى ئىشلىتىپ ،  مۇستەقىل ھالدا ئەڭ ئاددىي  بىر ئۇيغۇرچە ئانجىرويىد  قويغۇچ  ياساش قولڭىزدىن كىلەمدۇ ؟ كەلسە ،شۇ ئەپنى بىر تۈزۈپ بېقىڭ! مۇشۇ تېما ئاستىغا   چاپلاپ قويۇڭ !
ئاندىن مەن يۇقۇردا دېگەن 1500 كوي ئالغىنىڭىز  ئۇيغۇرنى ئالداپ پۇلىنى ئالماقتىن باشقا ئىش ئەمەس  دىگەن گىپمنى يالغانغا چىقرىپ ئۆزڭىزنى  ئاقلىيالايسىز.
بولمىسا . مەن سىزدەكلەرگە  دەيدىغان گىپىم: قويمۇچۇلۇقتىن باشقا ئىش ئەمەس قىلۋاتقىنىڭلار!
ئەپ، روم تەرجىمە قىلش !
بۇ ئىشىنى ھوش-كاللىسى نورمال بىر ئادەم بولسا 10 مېنۇت سۆزلەپ بەرسە مۇستەقىل قىلالايدۇ.
قالغانلىرىمۇ شۇنچىلىك !

Kamdidar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 07:08:56

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 01:10 static/image/common/back.gif
ئەسلى مەنمۇ Windows Phone بەك ياقتۇرىمەن. سىزگە تەۋسىيەرىم، ...

سىزنىڭ بۇ تەھلىلىڭىزنى كۆرۈپ HTC ئېلىش نىيىتىمدىن ياندىم، ئەمدى شۇ Sony Xpera ZR  نى ئالسام بولغۇدەك

UyghurWeb يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 09:12:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UyghurWeb تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-18 09:24  

oygak2005 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 04:02 static/image/common/back.gif
نەچچە قېتىم موشۇ ئاتالمىش  تەربىيلەش كۈرسى توغرىسىدا گ ...

:lol  ئەگەر سوتچى بولغان بولسىڭىز نۇرغۇن بىگۇناھ ئادەمنى تۈرمىگە قامىۋىتىپ خاتىرجەم يۈردىكەنسىز. سىز بۇ كۇرس توغرىسىدا، كۇرستىكى ئۇقۇتچۇچىلار توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز؟ بۇ كۇرستا ئوقۇپ چىكەتكەن بىرەر ئادەم بىلەن پاراڭلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟  مۇشۇ سۇئاللارغا جاۋاب بەرسىڭىز مەنمۇ سىزنىڭ سۇئالىڭىزغا جاۋاب بىرەي. ئىزدىنىشتا كۆزىنى يۇمۇپ سۆزلەۋەرگەن ئادەمنىڭ گىپىنى باشقىلار ئىتىراپقا ئالمايدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 09:24:59

بىر ئادام بىر ئىشنى باشلاپ قىلاي دەپتۇ، قولىمىزدىن چققان باللا جېنىنى بېقىۋاتىدۇ دەپتۇ.
قوللىياممىساڭلارمۇ قىتىغۇرلۇق قىممىساڭلار بوممامدا؟
سىلەر تىللاپ بەمىسەڭلارمۇ پۇل تۆلىگەن باللا ئالدانغان بولسا تورغا چىقىپ ئۆزى تىللاشنى بىلىدۇ.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 11:14:17

مېنىڭمۇ ئوقۇغۇم كىلىۋاتىدۇ، ماۋۇ كۇرۇستا. يەكەندە مۇشۇنداق بىلىمنى ئۆگىتىدىغان كەچلىك كۇرۇس، تۈرك تىلى كۇرسى بىر ئېچىلىپ باقمىدى.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 11:15:10

بۇ ھايات ئارمان بىلەن ئۆتۈپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 15:42:06

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 09:24 static/image/common/back.gif
بىر ئادام بىر ئىشنى باشلاپ قىلاي دەپتۇ، قولىمىزدىن چقق ...

بۇ قىتغۇرلۇقمۇ ئەمەس ئىدى.
بوپتۇ سۈكۈت قىلاي ،
پۇل تۆۋلىگەنلەر كىرىپ ئېنكاس يازار !

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 15:59:05

UyghurWeb ئەپەندىگە تەكلىپ:
  بۇ كۇرسنى ئاچقىنىڭلار ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. باھاسىمۇ قىممەت ئەمەسكەن. ئەقلى ئىقتىدارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەر جانلىنىۋاتقان بۇ كۈندە، خەلقىمىزنىڭ ئىچىدە بۇ نەرسىلەرنىڭ تىلىنى ئانچە-مۇنچە بىلىپ، نان تېپىپ يېيەلەيدىغان ئادەملەر كۆپەيسە ئىنتايىن ياخشى.  سىلەرنى قوللايمىز!
   ئەمما oygak2005 نىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابىڭىز قەتئىي قاملاشماپتۇ. oygak2005 ئەپەندىم شۇنداق دېگەنىكەن، بەلكىم سىلەردىن نارازى بولۇش سەۋەبلىرى باردۇر. بۇنى ئۆزۈڭلاردىن ئىزدەپ، كەم-كۈتە جايلارنى تولۇقلاش كېرەك. oygak2005 ئەپەندىمۇ سەل ئاشۇرۇۋەتكەندەك تۇرىدۇ. ئەمما خېرىدار ئاشۇرۇۋەتسە، ھېچنېمە بولمايدۇ....

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 16:06:41

بۇ يەردە باشقىچە مەقسەتمۇ يوق ئىدى.  قارىسام قارشى پىكىر يازغانلارنى پۇتاقچىغا چىقرىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ بەزى تورداشلار....بىز نان ئېلىپ قالساقمۇ ئاۋۋال نېنىغا قاراپ ئالىمىز،ھەرگىز قۇرۇق تونۇرنىڭ ئالدىغا بېرىپلا پۇلنى تۆلىمەيمىز. ھېچ بولمىسا بىرەر ئەسىرىنى چىقرىپ بىزنىڭ ئۆگىتىدىغنىمز مۇشۇنداق دەپ تەرجىمە ئەپ، رۇم دىكى ئۇيغۇرچىنى  كۆرسەتسە ئۈنۈمى ياخشى بۇلاتتى دىگەنگە  باشلىغان ئىشىدىن پۇتاق چىقاردىڭ دىگەن مەنە بېرىپ قاپتۇ......

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 16:37:04

gmail نى ئۇچۇر يوللاش ئۈچۈن ئىشلىتەمدۇ؟ Google تور مۇلازىمەتلىرى جۇڭگۇدا ئۇلانماي جىلە قىلىدىكەن ، سىز چەتئەلدىمۇ يا

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 16:40:17

خۇدىكىڭلا بوممىسا ئوچۇق گەپنى دەڭلا، باشقىلار ئىبرەت ئالسۇن، بولمىسا خەقنىڭ ئابرويىنى چۈشۈرىدىغان گەپ ياراشمايدۇ.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 20:49:04

       ئاندىرۇيىد ئەپلىرىنى ياسىيالىغۇدەك بۇلۇش ئۈچۈن نىمىلەرنى ئۆگىنىش كىرەك ؟ java لا  يىتىشەمدۇ ؟
بەت: [1] 2
: قارارلىق Android ئەمەلىي ئىقتىدار تەربىيىلەش كۇرسى