izdinix يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 13:47:14

مەن تۇنۇيدىغان پەخرىدىن قارلۇق (ئىزدىنىش)







    بۇگۈن ئىزدىنىش تورىنىڭ ئەزالار سانلىق مەلۇماتىنى رەتلەۋېتىپ، ئىزدىنىش تورىنىڭ مەنىۋى ئۇستازى، ئىزدىنىش تورنىڭ ئەڭ كاتتا مويىسپىتى مەرھۇم ئوردەك بوۋاينىڭ تېمىلىرى ئارىسدىن پەخرىدىن قارلۇقنىڭ 2005- يىلى سۆزلىگەن بىر نوتۇقىنى ئۇچرىتىپ، شۇ چاغدا قانچىلىك ھاياجانلانغان بولسام ھازىرمۇ شۇنچىلىك ھاياجان ئىچىدە ئۇقۇپ چىقتىم.
    ياشانغانلارنىڭ ئارىسىدا مەرھۇم ئۆردەك بوۋاي مېنى رىغبەتلەندۇرىدىغان، ئىزدىنىشتىن ۋاز كەچمەسلىككە، تىرىشىشقا، ئۈمىتتىن ۋاز كەچمەسلىككە ئۇندەيدىغان كىشى ئىدى. ئۇنىڭ شۇنچە ياشقا كىرىپمۇ يەنە كومپىيۇتېر بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى، توختىماي ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشى، پۇتۇن ئانا يۇرتىمىزنى سۈرەتكە تارتىپ ئىشلىگەن ئانايۇرت تور بېكىتى، يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر مېنى قاتتىق ئويغا سالغان ئىدى. مەرھۇمنىڭ روھى جەننەتتە بولغاي.
بىر دوستۇم ھايات ھەققىدە مۇنداق دەپ يېزىپتىكەن. «ئادەم خۇددى ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ، ئاستا- ئاستا ئۆلۇمگە قاراپ ماڭىدۇ. بالىلىق دەۋر كۇلۇمسىرەپ تۇرغان بىر كىچىك ئېرىق، بۇ كىچىك ئېرىقتىكى سۇ گاھ ۋىلىقلاپ كۇلۇپ، گاھ ئېسەدەپ يىغلاپ، شامالنىڭ مەيىن پەپىلىشدە شىلدىرلاپ ئاقىدۇ؛ ياشلىق دەۋرىگە كەلگەندە، بۇ ئېقىن شاشلىشىدۇ، گاھ ئوخچۇپ، گاھ سەكرەپ، گاھ ئېتىلىپ، قىرغاقتىكى تاشلارغا زەرىپ بىلەن ئۇرۇلۇپ ئاقىدۇ، گاھ غەمكىن ئاقسا، گاھ غەزەپلىك شاۋقۇن تارتىپ ئالغا ئىلگىرلەيدۇ، ئاخىرقى مەزگىلگە بارغاندا، ئۇ چەكسىز ئۆلۈم دېڭىزغا قۇشۇلۇپ كېتىدۇ.»
ھايات تولىمۇ قىممەتلىك، شۇنداقلا، ئىنتايىن قىسقا بىر جەريان. كىمنىڭ قانداق ياشىشى، قايسى يولىنى تاللىسا توغرا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر بەلگىلەنگەن يول ياكى نىشان يوق (ماۋۇ گەپتىن دىننى كەمسىتكەن ياكى ئېتراپ قىلمىغان مەنا چىقمايدۇ). شۇنىسى بەلگىلەنگەن ئىكەنكى، ھەممىز ئۇلۇپ كىتىمىز. ھەممىيلەن ئۇلۇمگە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىمىزنى ئويلىغىنىمىزدا چۇقۇم دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا ئېلىپ قۇيۇپ ھاياتىمىز توغۇرلۇق ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.
مەن شۇنداق بىر ئادەمنى تۇنۇيتۇم، ئۇ كىشى بىزنىڭ ئوينىڭ ئالدىدا موزدوزلۇق قىلاتتى. ھەر قېتىم ئاياق يامىتىش ياكى باشقا ئىشلار بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا بارغىنىمدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ قۇياتتىم. بۇ كىشى دائىم ئۆزىنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ھالال جان بېقىۋاتقانلىقى توغۇرلۇق سۆزلەپ بىرەتتى. كىيىن ئۇقسام بىر ئوغلى يۇك تۇشۇش ئورنىدا ئىشلەيدىكەن، بىر ئوغلى ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ بىر شىركەتتە ئىشلەۋېتىپتۇ. ئۇ ھەر قېتىم ئوغۇللىرىنى تىلغا ئالغاندا ھالال ئىشلەپ جان بېقىۋاتىدۇ، دىيانەتلىك ئادەم بولدى، دەيتتى. سۆزلىگەندە شۇنچىلك پەخىرلىك ھىسياتى بىلەن سۆزلەيتى. شۇ ۋاقتتا مەن يۇك تۇشۇيدىغان يەردە ئىشلەيدىغان ئوغلىدىنمۇ شۇنچە پەخىرلىنىدىكەن دەپ ئازراق ھەيران بولغان ئىدىم . چۈنكى مېنىڭ نەزىرىمدە چولپانلار، يازغۇچىلار، ئالىملار پەقەت ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەن كىشىلەرلا پەخىرلىنىشكە ئەرزىيتى. ئۆمرۇمنىڭ يېرىمىنى ياشاپ بۇلۇپ شۇنى ھىس قىلدىمكى ئادىمىلىك بىلىم بىلەن چولپانلىق، ئالىملىق بىلەن ئىپادىلەنمەيدىكەن. پاك، ھالال، دىيانەتلىك ياشىغان ھەرقانداق ئىنسان پەخىرلىنىشكە، ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىكەن. ھەر قېتىم مەن ھۆرمەتلەيدىغان كىشىلەر كىم دەپ ئويلىغىنىمدا ئاشۇ موزدوز بوۋاي ئېسىمگە كىلىدۇ.
ئەركىن سىدىق ئاقسۇغا تۇققان يوقلاپ كەلگەندە بىر قېتىم دىدار كۇرۇشۇش ۋە سۆھبەتتە بۇلۇش پۇرسىتى كەلگەن ئىدى. دۇنيا ئېتراپ قىلغان بۇ ئۇيغۇر ئالىمىنى قۇچاقلاپ تۇرغىنىمدا چەكسىز پەخىرلەنگەن ئىدىم. ئۇنىڭ كىچىك پىئېل، ئىلىمنى ھۆرمەت قىلىدىغان پەزىلىتى، بىزنى ئىلىم ئىگەللەشكە دەۋەت قىلغان سۆزلىرى مېنى قاتتىق تەرسىرلەندۇرگەن ئىدى. شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ يىلقى نەتىجىلىرى مېنى ئەمەس بارلىق ئۇيغۇرلارنى پەخىرلەندۇردى. بۇنىڭدىن باشقا  يەنە ئىسمى ئاتالمىغان نۇرغۇن ئالىملىرىمىز  توھپىكار كىشىلىرىمىز، كارخانىچىلىرىمىز، ئاددى ھالال ياشاپ كىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى مېنى پەخىرلەندۇرىدىغان كىشىلەردۇر.
بۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە مەن پەخىرلىنىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان، تۇنۇيدىغان پەخرىدىن قارلۇقمۇ بار. پەخرىدىن قارلۇقنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ۋاقتىم 1999- يىللىرى بولسا كېرەك، ئالى مەكتەپتە ئۇقىۋاتقان مەزگىلىم ئىدى، شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر كومپىيۇتېر يېزىقى، م ل تىلى، يەنە ئۇيغۇرچە ھەر خىل خەت نۇسخىلىرى بارلىققا كىلىپ، تازا قالايمىغان بۇلۇۋاتقان مەزگىلى ئىدى. شۇ چاغدا مەن قاتناشقان ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىن يېزىقىدا ئىپادىلەپ تۇرۇش تۇغۇرلۇق يىغىنغۇ دەيمەن، شۇ يىغىندا بىر لاھىيىنى ئوتتۇرىغان قويغان، ھەم قاتتىق تالاش تارتىش بولغان، شۇ سۇرۇندىكى، شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ساھەسىدە تەتقىقات قىلىۋاتقان كىشىلەر ئالدىدا قىلچە تەمتىرىمەي ئۆز لاھىيىسىنى ياقلىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە ھازىرقى بىرلىككە كەلدى دەپ قارالغان لاتىن يېزىقى بويىچە ئىپادىلەش شۇ چاغدا پەخرىدىن قارلۇق ئوتتۇرىغان قويغان لاھىيىگە ئاساسەن ئوخشاپ كىتىدۇ. (نۇرغۇن ۋاقىت ئۇتۇپ كەتكەن بولغاچقا ئېسىمدە قالغىنى بويىچە يازدىم، خاتا بۇلۇپ قالغان بولساتۈزىتىمەن).  شۇ چاغدا بۇ يىگىتنىڭ كومىيۇتېر بىلىملىرىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنلىكىنى بىلىپ تىرىشچانلىقىغا قول قويغان ئىدىم .
ئىككىنچى قېتىم پەخرىدىن قارلۇقنى كۆرگەن ۋاقتىم 2002- يىللىرى بولسا كېرەك، يەنئەن يولى ئەتراپىدا «قارلۇق كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى»نى قۇرغان مەزگىلىدە، بىر قېتىم  پاراڭلاشقان، شۇ چاغدا، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن بىر خىل قەتئىلىكنى، تىرىشچانلىقنى، چىدامچانلىقنى كۆرگەن ئىدىم. ئارىلىقتا مانا ھەش پەش دىگۇچە 10 يىل ئۇتۇپتۇ، شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن يۇزتۇرانە كۇرۇشۇپ باقمىدىم. ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى كىشىلەردىن، توردىن، تېلۋۇزۇردىن ئاڭلاپ تۇردۇم.
2005- يىلىغا كەلگەندە ئۇنىڭ مىللەتلەر ئونۋېرسىتىدا سۆزلىگەن نوتۇق نى توردىن ئۇقۇپ ئۇنى يەنە بىر قېتىم قايتا تۇنىغاندەك بولدۇم. مانا بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇ ئاشۇ چاغدا دىيىلگەن گەپلىرىگە نەتىجىلىرى ئارقىلىق جاۋاب بىرىپتۇ. مەن ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى نوتۇقىنى يەنە بىر قېتىم بۇ يەرگە كۆچۇرۇپ قۇياي.

مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق
پەخرىدىن قارلۇق

2005- يىل 6- ئاينىڭ 18- كۈنى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
دەسلەپتە بۈگۈنكى ئۇچرىشىش ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا، ئۆزەمنىڭ كەسپى بولغان لايىھەلەش-تارقىتىش تىپىدىكى كومپيۇتېر گرافىك ساھەسى ۋە كۆرۈم ئۇقۇمى توغرىسىدا سۆز ئېچىشنى پىلان قىلغان ئىدىم. ئەمما بۇ خىل كەسپى ئىبارىلەردىن كۆرە كۆز ئالدىمىزدىكى شەخس بىلەن تۈركۈم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە مۇۋەپىقىيەت توغرىسىدا سۆز ئېچىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلىپ قالدىم.
شۇ زۆرۈرىيەت بىزنى بۇ يەردە جەم بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى. بىز بۇ يەردە ئۈمىد ۋە ئىرادە توغرىسىدا، ئەقىدە، ھەمكارلىق ۋە مۇۋەپىقىيەت توغرىسىدا سۆز ئاچماقچىمىز.
بىر زۆرۈرىيەت بىزنى بۇ يەرگە جەم قىلدى. بىز بۇ يەردە ئۇزۇندىن بېرى بىزگە ھەمكار بولۇپ كېلىۋاتقان گۇمان ۋە تېڭىرقاش ئۈستىدىن، بىزنى چىرمىۋالغان چۈشكۈنلۈك، بېكار تەلەتلىك، غايىسىزلىك ئۈستىدىن شىكايەت قىلماقچىمىز.
بىر زۆرۈرىيەت بىزنى بۇ يەرگە جەم قىلدى. بىز بۇ يەردە ئۈزلۈكسىز تىرىشىشنى، بۇ تىرىشىشنىڭ ئەقىدىگە ۋە مەنىگە ئىگە بولىشىنى تەشەببۇس قىلماقچىمىز.
بۈگۈنكى كۈندە بىز كۆزىمىزنى مۆلدۈرلىتىپ يېڭى ئاتالغۇلارنى يادىلاۋاتقاندا سىرتنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىش ۋاستىلىرى بىزنىڭ غېلىپىمىزغا ماس كەلمىگەن باشقا بىر دۇنيانىڭ ئەندىزىسىنى ئىپادە قىلىۋاتىدۇ. تاشقى دۇنيادىكى نەچچە ئەسىرلىك سەنئەت ۋە تېخنىكىنىڭ جۇغلانمىسى بىراقلا پارتىلاپ، بۇ پارتىلاشتىن ھاسىل بولغان ۋاقىت كارىدورى بىزنى سانائەت دەۋرىمۇ ئەمەس، ھەتتا غايە ۋە ئەقىدىمۇ شەكىللەنمىگەن ئىپتىدائى دەۋىرگە ئاپىرىپ تاشلاپ قويغاندەك قىلىدۇ.
قاراڭلار، بۇ ئالەمدە ئەتراپتىكى بىز ياراتمىغان، ھىچ نەرسىنى بىز ئۆزگەرتمىگەن، ھىچكىمىنىڭ ئىدىيەسىگە ۋە تەپەككۈر ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسەتمىگەن ھالدا ياشاپ كەلدۇق. تاشقى دۇنيا خەلقى بىزنىڭ ئۆلۈمىمىز ئۈچۈن ياش تۆكمەيدۇ، بىزنىڭ غەلبىمىز ئۈچۈن باش قاتۇرمايدۇ. بىز راستىنلا بۇ ئالەمدىكى مۇھەببەت ۋە ھىسداشلىقتىن ئايرىلىپ قالدۇقمۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلىشقا ئامالسىز قالدۇقمۇ؟! بىز بۇ ئەھۋالنىڭ يەنە داۋاملىشىشىنى ھەرگىز خالىمايمىز.
بىر ئويغىنىش بىزگە ئازاپنى ھىس قىلدۇردى. كۆرۈش ئىقتىدارىمىز بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلى ئائىلىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان تۈركۈم-تۈركۈم قېرىنداشلىرىمىزنى كۆرىمىز. ئاڭلاش ئىقتىدارىمىز بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلى تالاي كىشىلەرنىڭ تراگىدىيە ۋە پاجىئەگە تولغان تۇرمۇشىنى بايقاپ قالىمىز. پۇراش سېزىمىمىز بولغانلىقى تۈپەيلى تەڭتۈشلىرىمىزنىڭ چاكىنا ئىس-تۈتەكلەردىن ھوزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز.
قاراڭلار، ھەتتا سەزگۈ ئەزالىرىمىزمۇ بىزنى قەستەن ئازاپلاۋاتىدۇ، بۇ لەنىتى ئاتموسفېرا ۋە بۇلغانغان مۇھىت، بۇلغانغان قېرىنداشلىرىمىز بىزنى ئىستىخىلىك ھالدا مەغلۇبىيەتكە باشلىماقچى بولىۋاتىدۇ...!
بىز بۇ ئازاپلارغا تويۇندۇق! ئەمدى بىز بۇ مەنىسىز چۈشكۈنلۈكلەرگە تويۇندۇق! ئەمدى بىز نۆۋەتتىكى تىرىكلەر ۋە ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بارلىق سەلبى ئاتالغۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكچى،
بىز سەمىمىيلىك، سوغوققانلىق ۋە دانالىققا ئېرىشمەكچى...،
بىز مەسئۇلىيەتلىك ۋە نىشانلىق ئىنسانغا ئايلانماقچى...!
بىز غايەت گۈللەنگەن ماددى تەمىناتقا ئېرىششمەكچى...!
بۇلار بىز ئېرىشىشكە تىگىشلىك نەرسىلەر، بىز بۇلار ئارقىلىق مۇۋەپىقىيەت قازىنالايمىز، بىز بۇلار ئارقىلىق ئاخىرقى غورۇرىمىزنى قوغداشنىڭ چىقىش يولىنى تاپالايمىز!
بەزىدە ھېسسىياتلىنىپ ئەسلىمىمىزدىكى مۇبالىغە تارىخىمىزدىن سۆز ئاچساق، بەزىدە ئازاپلىنىپ مەغلۇبىيەتلىك ۋە ئېچىنىشلىق تارىخىمىزدىن ئۈمىدسىزلىنىمىز. مەيلى بىز ئۆتمۈشنى قانداقلا شەرھىلەيلى ئۇ بۈگۈنكى قىسمەت بىلەن نەتىجىلەندى. مەيلى ئۆتكەن ئەسىردىكىلەر ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان ياكى ئورۇنلىمىغان بولسۇن، بىزنىڭ مۇشۇ دەۋردە تۇغۇلۇپ، خاتالىقىنى تونۇغان، مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىزنى ھىچكىم چەكلەپ قالالىغىنى يوق. بىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىش ئىمكانىيىتىمىزنى ھېچكىم چەكلەپ قالالمايدۇ!
بىز بۇ يەردە سىرتقى كۈچنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايدىغان بىر كۈچلۈك روھقا، بىر قۇدرەتلىك ئىچكى ئېنىرگىيەگە مۇھتاج. بۇ ئېنىرگىيە بىزنى ئالتە مىليارد ئىنسانىيەت ئارىسىدا ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىدۇ. بۇ ئېنىرگىيە بىزنى قولىمىزدىكى بىر تۇتام ۋاقىت ۋە زېھىندىن پايدىلىنىپ، تۇرغۇزۇلغان نىشانىمىزدىكى مۇۋەپىقىيەتنىڭ ئىشىكىنى ئىشەنچ بىلەن ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىدۇ.
ئەمما سەمىمىزدە بولسۇنكى ئازاپنى ناركوزلانمىغان ئادەم ھېس قىلىدۇ. يېرىم ئۇيقۇدا بۇ مۇھىتقا سىڭىشىش ھەقىقەتەن راھەتلىك ئىش. بۇ ۋاقىتتا بىز ئۆزىمىزدىن-چېچىلاڭغۇ، چىدامسىز، نىشانسىز خاراكتېرىمىزدىن، ئارىمىزدا يامرىغان چاكىنا كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىدا ئاتالمىش خاتىرجەملىكتىن ھوزۇرلانغۇچى لەنىتى ئاجىز روھىمىزدىن كۈچەپ سورايلى:
- زادى مەن غەلبە قىلغۇچىمۇ ياكى مەغلۇپ بولغۇچىمۇ؟
سىستېمىلىق ياشاش ئۈچۈن شەخىس سۈپىتىدە بىزنى مۇكەممەل فىزىئولوگىيەلىك قۇرۇلمىغا ۋە تەپەككۈرگە ئىگە قىلغان ياراتقۇچىمىزنى تاپايلى. ئىگىمىز بىزگە 1-سۆزىدىلا «ئوقۇ!» دەپ تەلىم بېرىدۇ ۋە بىزنى تەپەككۈرگە ئۈندەيدۇ. ئاندىن بىز تۈركۈم سۈپىتىدە ھەمكارلىشىشنى ئۈگىنىۋالايلى. ئالدىنقى باسقۇچ بىزگە غورۇر بېغىشلاپ ئادىمىيلىك ئۇلۇغلىقىمىزنى ھېس قىلدۇرسا، كېيىنكى باسقۇچ مۇۋەپىقىيەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ. ئەگەر ئېتىقاد ۋە غورۇرغا ئېرىشەلمىسەك، ھەمدە باشقىلار بىلەن قانداق ھەمكارلىشىشنى بىلمىسەك بىز راستىنلا ھەقىقىي مەغلۇپ بولغۇچى بولۇپ قالىمىز.
بىز ماددا سۈپىتىدە تۇغۇلغۇچى ۋە ئۇزۇنغا قالماي توپىغا كىرىپ كەتكۈچى، ئەمما مىنىۋەتلىك ئۇلۇغ يارالمىش بولغانلىقىمىز تۈپەيلى مەڭگۈ ياشىغۇچى ۋە ھەرىكەتلىرىمىزدىن ھېساپ بەرگۈچى. بىز بۇ مەڭگۈلۈك سەپەردە زىيان تارتىشنى ھەرگىز خالىمايمىز.
بىز بۇ ئازاپلارغا تويۇندۇق! ئەمدى بىز بۇ مەنىسىز چۈشكۈنلۈكلەرگە تويۇندۇق! ئەمدى بىز نۆۋەتتىكى تىرىكلەر ۋە ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بارلىق سەلبى ئاتالغۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكچى،
بىز سەمىمىيلىك، سوغوققانلىق ۋە دانالىققا ئېرىشمەكچى...،
بىز مەسئۇلىيەتلىك ۋە نىشانلىق ئىنسانغا ئايلانماقچى...
بىز غايەت گۈللەنگەن ماددى تەمىناتقا ئېرىششمەكچى..
بۇلار بىز ئېرىشىشكە تىگىشلىك نەرسىلەر، بىز بۇلار ئارقىلىق مۇۋەپىقىيەت قازىنالايمىز، بىز بۇلار ئارقىلىق ئاخىرقى غورۇرىمىزنى قوغداشنىڭ چىقىش يولىنى تاپالايمىز!
بەزىدە ھېسسىياتلىنىپ ئەسلىمىمىزدىكى مۇبالىغە تارىخىمىزدىن سۆز ئاچساق، بەزىدە ئازاپلىنىپ مەغلۇبىيەتلىك ۋە ئېچىنىشلىق تارىخىمىزدىن ئۈمىدسىزلىنىمىز. مەيلى بىز ئۆتمۈشنى قانداقلا شەرھىلەيلى ئۇ بۈگۈنكى قىسمەت بىلەن نەتىجىلەندى. مەيلى ئۆتكەن ئەسىردىكىلەر ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان ياكى ئورۇنلىمىغان بولسۇن، بىزنىڭ مۇشۇ دەۋردە تۇغۇلۇپ، خاتالىقىنى تونۇغان، مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىزنى ھىچكىم چەكلەپ قالالىغىنى يوق. بىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىش ئىمكانىيىتىمىزنى ھېچكىم چەكلەپ قالالمايدۇ!

(تامام)   
پەخرىدىن قارلۇقنىڭ ھازىرقى نەتىجىلىرى ۋە تەرجىمالى
پەخرىدىن شېرىپ قارلۇق ئەر، ئۇيغۇر، 1981- يىلى 9-سىنتەبىر ئاقسۇ ۋىلايەت شايار ناھىيسىدە مەدەنىيەتلىك ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1994- يىلى Basic ۋە Assemble تىلىدىن باشلاپ كومپيۇتېر ساھەسىگە كىرگەن. 1996- يىلى 7- ئايدىن 1997- يىلى 8- ئايغىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر شىركىتىدە، 1997- يىلى 8- ئايدىن 1998- يىلى 11- ئايغىچە پەن-تېخنىكا ئەجدىھاسى كومپيۇتېر شىركىتىدە يېزىق- جەدىۋەل ۋە ساندان بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
1998- يىلى 11- ئايدا ھازىرقى قارلۇق شىركىتىنىڭ ئاساسى بولغان «قارلۇق كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى»نى قۇرغان. 2000- يىلى 3- ئايغىچە خەنزۇچە UCDOS مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى، DOS مۇھىتىدىكى كۆپ تىللىق مەتبەئە، جەدىۋەل ۋە ساندان باشقۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان گىرافىك يۈزلۈك قوللىنىش پروگراممىسى Uyghur-word نى، مالىيە- مائارىپ ساھەسىدە قوللىنىلىدىغان ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئىستاتىستكا يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىگەن. 2000- يىلى 3- ئايدىن باشلاپ، نىشانىنى كومپيۇتېر گىرافىك ساھەسىگە قارىتىپ، رايونىمىزنىڭ D3 كومپيۇتېر گىرافىكى ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان تۈرلەرنى ئىشلىگەن ۋە سىستېمىلاشتۇرۈغان. بېيجىڭ پايتەخت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىي ئېستېتىكا تەتقىقات مەركىزى،CG Power  ۋە Days of  View قاتارلىق شىركەتلەردە، CCTV-4، CCTV-9، CCTV-8، بيېجىڭ ۋە تېيەنجىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ كومپيۇتېر گىرافىكىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنىڭ تۈر باشقۇرغۇچىسى، D 3 كۆرۈم ئېغغىكتى مەسئۇلى ۋە تېخنىكا يېتەكچىلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن.
پەخرىدىن قارلۇق − قارلۇق مېدىئا پەن- تېخنىكاچەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجىرائىيە دېرىكتورى. رايونىمىزنىڭ D3 كومپيۇتېر گىرافىكى ساھەسىنىڭ باشلامچىسى. ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ جوڭگۇدىكى تۇنجى خۇسۇسىي شىركەتلەر ھەمكارلىقىدىكى يۇمشاق دېتال تەجرىبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ھازىر ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە D3 تەقىلىدلەش ۋە ئانالىزلاش ئىقىتدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتېرەكتىۋ يۇمشاق دېتال تۈرلىرى ئىشلەنمەكتە.

يەنە يېقىندا «مىڭ بىر كېچە» كارتۇن فىلىمىنى ئىشلىمەكچى بولغانلىقى، 80 مىىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى خوش خەۋەرلەرنى، ئاپتونۇم رايۇن رەھبەرلكىنڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدۇق ۋە كۆردۇق. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرىنى تەشكىللەپ نۇرغۇن قېتىم لىكسىيە پائالىيىتى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى.
يولۋاس ئىزىدىن قايتماس يىگىت سۆزىدىن. پەخرىدىن ئوزىنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى ۋە ئاشۇرۇش ئۇچۇن تىرىشىۋاتىدۇ. مەيلى ئۇنىڭ نەتىجىسى قانچىلىك بولسۇن پەخرىدىنىڭ ھايات مۇساپىسى بىزنىڭ شەخسەن مېنىڭ ھۆرمەتلىشىمگە ئۇيغۇر دەپ پەخىرلىنىشىمگە ئەرزىيدۇ .  

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 14:23:07

دىۋاندا ئولتۇرۇپ،باشلىقنىڭ بېشىدىن ياغاچ ئۇشتۇغاچ ئوقۇي.

5tash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 14:40:07

كەينىدىن كىرگەنلەر ئازراق ئوتۇن چاۋا ئالغاچ كىرىڭلا، چوڭامنىڭ تىما يازمىقى ئاسان ئەمەس.
:lol

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 14:59:30

     پەخرىدىن قارلۇقنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ۋە شىركىتىنى تونۇپ مۇشۇ مۇنبەردىكى Matu ئىسىملىك بىر تورداشنىڭ « ئۇيغۇرلار گۈللىنىش دەۋرىگە كىردى » دىگەن گېپىگە قوشۇلغاندەك  ھىسسىياتقا كەلگەن ئىدىم  ئەلبەتتە بۇ شەخسىي ھاياجانلىنىش ئەركىنلىگىم بولسىمۇ ھازىرغىچە  شۇ ھىسسىياتتا .

  ھە راس ، تېما ئىگىسى ماقالىسىدە تىلغا ئالغان :«  پاك، ھالال، دىيانەتلىك ياشىغان ھەرقانداق ئىنسان پەخىرلىنىشكە، ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىكەن...» دىگەن جۈملىسىدىكى « دىيانەتلىك » دىگەن كەلىمە مەسىلەن ئىسلام ، خىرىستىيان ياكى بۇددا زەردۈشت يەھۇدى دىگەندەك  بىرەر دىنغا ئىشىنىپ  ياشاش دىگەن گەپمۇ ياكى ئۇيغۇر  تىلىدا بۇ كەلىمىنىڭ ئىستىمال مەنىسىدە ئۆزگىرىش  بارمۇ ؟ توردىكى ئۆلىمالاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن سورىغىنىم .

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 15:01:42

توختاخۇن ئەسلىملەرنى سېغىنىپ قاپتۇ بۈگۈن:lol:lol:lol

xirhan0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 15:09:29

مەشھۇرلىرىمىز بىلەن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي  بەلكى  ئۇلارنىڭ مۇۋەپپىقيەت يولىغا ماڭغان قەدەملىرىدىن ئىلھام ئالايلى. شۇنداقلا  باشقىلارنى زىيادە كۆككە كۆتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭمۇ  شۇلاردەك ئادەم ئىكەنلىكمىزنى ، بىزنىڭمۇ مۇۋەپپىقيەت قازانساق بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا غەلىبە قازىنىشقا لايىق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى.

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 15:16:01

چۈشتە تېخى پەخىردىن قارلۇق بىلەن دوقۇرشۇپ قالغانتىم،بالىسىنى يۆتلەپ ھەرەمباغ تەرەپتىن تاماق يەپ قايتىشىكەنتۇق{:121:}....كۆزۈمگە بەك ئىللىق كۆرۈندى،يېقىندا قازاقىستان بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر تۈرنى ئىشلەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سېننى كۆرگەنتىم، ئىشلىرىغا ئاپىرىن{:112:}

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 15:40:43

yapraq يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 15:16 static/image/common/back.gif
چۈشتە تېخى پەخىردىن قارلۇق بىلەن دوقۇرشۇپ قالغانتىم،ب ...

قايسى بالىسىنى دەيسىز؟:lol

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 15:47:21

مۇشۇنداق ئادەملەردىن ئارىمىزدا قانچىسى ياشاۋاتقاندۇ;

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 15:50:32

chewendaz يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 15:40 static/image/common/back.gif
قايسى بالىسىنى دەيسىز؟

ھېلىقى ئوغلىنىچۇ ؟ بەك ئوماقكەن ئۇ:loveliness:

tayirT يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 16:01:40

تەربىيلەپ چوڭ قىلغان ئاتا ئانىسىغا بارىكاللا ! بۇ ئوغلانلارنىڭ !
تاغ يۇلىدا مېڭىپ چوڭ بولغانلارنىڭ داۋان ئىشىش مۇقەررە {:112:}

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 16:24:27

چۈشتە تېخى پەخىردىن قارلۇق بىلەن دوقۇرشۇپ قالغانتىم،بالىسىنى يۆتلەپ ھەرەمباغ تەرەپتىن تاماق يەپ قايتىشىكەنتۇق....كۆزۈمگە بەك ئىللىق كۆرۈندى،يېقىندا قازاقىستان بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر تۈرنى ئىشلەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سېننى كۆرگەنتىم، ئىشلىرىغا ئاپىرىن

ۋوي ئوتكەندە تېخى بويتاق دەپ چۇشەندۇرۋاتمامتى،  بويتاقتىن يەنە بىرسى ئازلاپتىمۇ قانداق؟

esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 16:49:41

ئۇيغۇر تىلى مونوپول بۇلۇۋاتقان بۈگۈنىمىز مۇشۇنداق ئەل سۆيەرلەرگە كۆپلەپ ئىھتىياجلىق .
  ئەگەر پەخىردىنكام مۇشۇ سەۋىيىسىدە ئىچكىرگە بىرىپ تەرەققىي قىلىشنى ئويلاشقان بولسا پۇل تىپىشى دىڭىزدىن بىلىق تۇتقاندەك تىز بولاتتى ، لىكىن ئۇنىڭ قەلبىدە ئىتىقاد ، دىيانەت ، مىللەتكە بولغان مۇھەببەت بولغاچقا قاقاس قۇملۇققا بىلىق كۆلچىكى ياساپ كىچىك بىلىجانلارنى بىقىپ چوڭ قىلماقتا ...

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 19:16:39

بىز ھەمكارلىققا مۇھتاج !

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 20:46:56

بۇرۇن پەخىردىننىڭ ئىشخانىسىدا تامغا ئېسىقلىق بىر رەسىم بار ئىدى، ئۇنىڭدا بىر ئوماق ئۇيغۇر بالىنىڭ تەبئىي سۈرىتى بار ئىدى، ئۇ بالىنىڭ قولىدىكى قەغەزگە «بۇرچ» دەپ يېزىلغان.

qarluqf34 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 21:02:35

پەخىردىن ئاكامنىڭ مۇشۇنداق جاپا مۇشەققەتلىك   تىرىشچانلىقىغا  چۇشلۇق  نەتىنجىلەرنى  كۆرىۋاتىمىز .،.
ھە  راس  پەخىردىنكام تېخى  توي  قىلمىدى  ،.خاتا  چۈشەنچىلەر  بوپ  قالمىسۇن .،.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 21:21:40

ئىسمىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم، بۇ تېما ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى بىلىۋالدىم.
نوتۇق مەشھور شەخىسلەرنىڭ نوتۇقىدەك... مېنىمۇ قاتتىق ھاياجانلاندۇرىۋەتتى ۋە ئازىراق خىجىللىق ھېس قىلدۇردى...
ئىشلىرى گۈللەپ روناق تاپقاي،  بەرىكىتى زىيادە بولغاي، كۆزتەگمىگەي!

zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 22:25:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zulpikar20 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-17 22:26  

:'(

aplasorry يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 22:30:41

yapraq يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 15:16 static/image/common/back.gif
چۈشتە تېخى پەخىردىن قارلۇق بىلەن دوقۇرشۇپ قالغانتىم،ب ...

پەخرىدىنكام تېخى توي قىلمىدى ، كۆرۈش قۇۋىتىڭىز پەخرىدىن قارلۇقنى تونىيالمىغۇدەك ناچار ئەمەستۇ بەلكىم ;P ، كىمنىڭ بالىسىنى كۆرۈپ قالغانسىز...؟:o

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 23:33:59

@yapraq
ھەجەپ ماڭا ئۇچرىمايسىزغا:-X
بەت: [1] 2 3
: مەن تۇنۇيدىغان پەخرىدىن قارلۇق (ئىزدىنىش)