ziltar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 12:37:11

ICP نى قانداق بېجىرىش كېرەك

ئەن (يەنى 备案) نى ئەمەليەتتە بىز ئىشلىتىۋاتقان تور ئىسمىنىڭ كىملىك نومۇرى دېسەكمۇ بولىدۇ، سىز بوشلۇق سېتىۋالغان ئورۇن سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىگە پالانىچى پوكۇنى ئىسمىنى مېنىڭ مۇلازىمىتىرىمغا باغلاپ ئىشلەتمەكچى بولۇپ بوشلۇق ئالدى ، شۇ ئىسىمنى مۇشۇ مۇلازىمىتىرغا باغلاپ ئىشلىتىدۇ دەپ ماترياللىرىڭىزنى يوللايدۇ، سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بۇنى بوشلۇق سېتىۋالغۇچى تۇرۇشلۇق ئۆلكىلىك سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئورگىنىغا يوللايدۇ، ناۋادا ماتىرياللىرىڭىز قانۇنلۇق تەلەپكە ئۇيغۇن بولسىلا بۇ ئىلتىماس تەستىقلىنىپ سىز ئىلتىماس قىلغان بىر ياكى بىر قانچە ئىسىملارغا بىردىن نومۇر بېكىتىلىپ بېرىلدۇ، مانا بۇ جەريان ئەن (يەنى 备案) بېجىرىش جەريانىدۇ.
سىز بىزدىن بوشلۇق سېتىۋالسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللانى تەمىنلىسىڭىز سىزگە ئەن (يەنى 备案) بېجىىرىپ بېرىلدۇ. ئەن (يەنى 备案) بېجىرىشكە لازىم بولىدىغان ماتىرياللار تۆۋەندىكىچە:
1.كىملىكنىڭ ئالدى كەينى سىكاننىر نۇسخىسى(رەسىمگە تارتسىڭىزمۇ بولىدۇ، سۈزۈك بولىشى كېرەك).
2.ئىسىمنىڭ گۇۋاھنامىسى.
3.رەسىم.
ناۋادا يۇقارقى تەلەپلەرنى تولۇق ئورۇنلىسىڭىز ، شەرتكە تولۇق چۈشسىڭىز 20 خىزمەت كۈنى ئىچىدە (20 كۈننىڭ ھەرقانداق بىر كۈنى ،يەنى 1 ھەپتىدىلا ياكى 20-خىزمەت كۈنىدە)، ئەن (يەنى 备案) تەستىقلىنىپ تېلېفونىڭىزغا ئۇچۇر كېلىدۇ.
تۆۋەندىكى قىلمىشلار بېجىرىلگەن ئەن (يەنى 备案) نىڭ بىكار قىلىنۋېتىلدىغان شەرىتلىرى بولۇپ تولۇق ئوقۇپ قائىدىگە دىققەت قىلغايسىز.
1. ئەن (يەنى 备案) بېجىرىشتە يوللانغان ئىسىملارنىڭ بىللە يوللانغان IP ئادىرىسىغا ئۇلانماسلىقى ياكى بىكار قىلىنىشى.
2. ئەن (يەنى 备案) ئىسىملارنىڭ خالىغان بىر تارماق ئىسىمنىڭ بىللە يوللانغان IP ئادىرىسىدىن باشقا IP ئادىرىسىغا ئۇلىنىشى.
3. بېكەت مەزمۇنىدا قانۇنسىز مەزمۇنلارنىڭ بولىشى.
4. قەرەللىك تەكشۈرۈشتە تەمىنلەنگەن تېلېفونى ئۇلانمىغان، ئېتىك ياكى ھەر قانداق سەۋەب بىلەن نورمال ئالاقىلەشكىلى بولمىغان ئابونتلارنىڭ ھېساباتى.
تورداشلارغا شۇنى ئەسكەرتىمەنكى ئەن (يەنى 备案) بېجىرگەندە ۋاكالىتەن ئەن (يەنى 备案) بېجىردىغانلارغا پۇل بېرىپ ئەن (يەنى 备案) بېجىرىشتىن ساقلىنىڭ . سىزگە مۇنداق بىر تۈزۈمنى دەپ بېرەي .
60~ 70 خىل قىلمىشلارنى(بۇلارنى مەن ئايرىم بىر كۈنى تەپسىلى يوللاپ قوياي) سادىر قىلغان تور بېكەتلەر ۋە ساختا ئۇچۇرلار بىلەن ئەن (يەنى 备案) بىېجىرگەنلەرنىڭ تور ئىسمى ۋە كىملىك نومۇرى ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۋېتىلدۇ. بۇنداق بولسا بۇ ئىسىملارنى ۋە مۇشۇ كىملىكتە ئەن (يەنى 备案) بېجىرىش مۇمكىن ئەمەس ، بۇنى ھەتتا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىمۇ بىر تەرەپ قىلىش تۈگۈل سۈرۈشتە قىلىپمۇ بېرەلمەيدىكەن ، توردا بۇ ئىسىملارنى سۈرۈشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەسكەن ، پەقەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىلا سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىكەن. قىسقىسى ناھايتى زور قولايسىزلىق كېلىپ چىقىدىكەن.
مۇنداقچە ئېيتقاندا سىز باشقىلارغا ئەن (يەنى 备案) بېجىرگىلى پۇل تاپشۇرۇپ پەقەت ئىسىمنىلا تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز ئۇلار يەنە باشقا بىر قانچە ئىسىم بىلەن ساختا ئۇچۇر ياساپ ئەن (يەنى 备案) بېجىرگەن بولسا ناۋادا شۇ ئىسىملارنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىرسى يۇقارقى قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ قارا تىزىملىككە كىرىپ قالسا ، سىزنىڭ ئىسمىڭىزمۇ شۇ قاتاردا قارا تىزىملىككە كىرىپ قالىدۇ ، ۋە ئەن (يەنى 备案) بېجىرىش مۇمكىن بولمايدۇ . مەن تېلېفون قىلىپ سورىسام بۇنىداق ئىسىملارنى قارا تىزىملىكتىن چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس دەپ جاۋاپ قايتۇردى(مېنىڭمۇ بىر ئېلىپ تاشلاپ قويغان تور ئىسمىم شۇ قىسمەتكە دۇچ كەلدى) ، كېيىن توردىن ئىزدىسەم مەخسۇس قارا تىزىملىكتىن چىقىرىپ بېرەلەيدىغانلار بار ئىكەن ئالاقىلىشىپ شۇلار قارا تىزىملىكتىكى ئىسىمنى سۈرۈشتە قىلىپ بەردى ، قارا تىزىملىكتىن چىقىرىش ھەققىنى 3000 يۈەن دەيدۇ. بۇلار راست چىقىرىپ بېرەلەمدۇ ، بېرەلمەمدۇ ئۇنىڭغا بىر نىمە دېمەك تەس. شۇڭا تورداشلارنىڭ ئازراق ۋاقىت كەتسىمۇ كىچىكىنە ئاۋارچىلىقتىن قورقماي ئۆلچەملىك ، قانۇنلۇق ئەن (يەنى 备案) بېجىرىش يولىنى مېڭىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
شۇ جەرياندا مەن 3~4 تور بېكەتنى ئۇچرتىپ قالدىم قارا تىزىملىكتىكى ئىسىملارنى تەكشۈرۈش دەپ ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر قىسىم ئىسىملارنى تەكشۈرەلىگەن بىلەن لېكىن يەنىلا كۆپ قىسىم ئىسىملارنى تەكشۈرەلمەيدىكەن. شۇڭىلاشقا بۇ تۈردىكى بېكەتلەرگە ئىشىنىپ كەتمەڭ. ئاخىردا دوستلارنىڭ تور مۇلازىمەتچىلىكى لازىم بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

زىلتار تور مۇلازىمىتى : http://idc.ziltar.com

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 15:34:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kurax007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-16 16:08

备案پېئىلبولغاندا ئارخىپ تۇرغۇزۇش، ئىسىم بولغاندا ئارخىپدەپ تەرجىمە قىلىمىز .

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 17:47:38

زىلتار سىزدىن بىر ئىشنى سوراپ باقسام مەندە بىر ئىسىم بار qiqak.com مۇشۇ ئىسىم بۇ ئىسىمغا ئەن بىجىرگىلى بولماسمىش مەنغۇ سىناپ باقمىدىم. باشقىلار قارا تىزىملىكتىكى ئىسىم دەپ بەك بېشىمنى ئاغرىتىپ كەتتى مۇشۇ ئىسىمنى قارا تىزىملىكتىن چىقىرۋىتىپ ئەن بىجىرگىلى بولارمۇ؟

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 19:28:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziltar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-16 19:31

قارا تىزىملىكتىكى ئىسىم بولسا ئامال يوق، مەن ئاپتونوم رايونلوق ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىغىمۇ تېلېفون قىلىپ باقتىم، بېيجىڭغا ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلىپمۇ باقتىم ئۇلارنىڭ بىردەك جاۋابى ئىسىمنى قارا تىزىملىكتىن چىقىرىش مۇمكىن بولماسمىش ، ھەتتا بۇنى سۈرۈشتۈرگىلىمۇ بولمايدىكەن، بۇنى ئايرىم ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلايدىكەن.
تاۋباۋ دا مەخسۇس مۇشۇ ئىشنى قىلىدىغانلار باركەن ئالاقىلاشقانتىم ئۇلار بىزنىڭ ئىچكى قىسىمدا ئادىمىمىز بار دېدى ، راسمىدۇ دەپ ئىسىمدىن 3 نى دەپ بەرسەم قارا تىزىملىكتىكى ئىسىمنى ئايرىپ بېرەلىدى. قارا تىزىملىككە كىرىپ قالغان ئىسىمنى سۈرۈشتۈرۈشمۇ بىر مەسىلە ، سىز ئەن بېجىرىش ئۈچۈن 5 ئىسىمنى يوللىغان بولسىڭىز شۇنىڭ ئىچىدىن خالىغان بىر ئىسىملا قارا تىزىملىكتە بولسا ئىلتىماسنى قايتۇرۋېتىدۇ ، پالانى ئىسىم قارا تىزىملىكتىكەن دېگەن جاۋاپمۇ يوق، ئايرىماق قىيىن ئىكەن.
جوڭگۇچىلىقتا بەلكىم مۇناسىۋەتكە تايىنىپ ھەل قىلغىلى بولىشى مۇمكىن.
http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.14.10.AtFTxa&id=35433268822
بۇلار مۇشۇ ئىسنى قىلىمىز دەپتۇ ، قىلالامدۇ قىلالمامدۇ بىلمەيمەن.

ھېچ ۋەقەسى يوق ، قارا تىزىملىككە كىرىپ قالسا پەقەت شۇ ئەن بېجىرگىلى بولمايدۇ.
ئەن بېجىرمىسىمۇ بولىدىغان بوشلۇق ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ئەمەسمۇ
لېكىن تەۋسىيەرىم قانداقلا بولمىسۇن توردىكىلەرگە پۇل بېرىپ تېز ئەن بېجىردىغان ئىشنى قىلماڭلار

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 23:37:58

ئۇيغۇر تىلىدا يىگىرمە ئوتتۇز يىلدىن بۇيان ئىشلىتىلىۋاتقان «ئەنگە ئېلىش» دەپ بىر گەپ بارغۇ دەيمەن، ئەمدى «ئەن بېجىرىش» دەپ باشقا سۆز ياساش ھاجەتسىز.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 23:53:52

بولىدۇ پىرىم دىققەت قىلاي

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 09:31:45

ھېچ ۋەقەسى يوق ، قارا تىزىملىككە كىرىپ قالسا پەقەت شۇ ئەن بېجىرگىلى بولمايدۇ.
-------
ئەن بىجىرگىلى بولمايلا قالماي يەنە ئىسىمنى نورمال يەشكىلى (解析)قىلغىلى بولمايدىغۇ دەيمەن

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 09:42:59

كەپتەرخانىنىڭ بوشلۇقىدا بۇرۇن قارا تىزىملىكنى تەكشۈرگىلى بولاتتى، ھازىر يوق تۇرىدۇ.
ما شىنجاڭ تىلگىرافتىكى ئەبلەخلەر kokkaptar كەلگەن ھەر قانداق ئىسىمنىڭ www نى چەكلەپ قويۇپتۇ. www دىن باشقا ھەر قانداق ئىسىم نورمال. زىيارەتچىلەر باشقا DNS ئىشلەتسە يەنە نورمال. :dizzy:

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 10:35:10

قارا تىزىملىك بىر خللا بولمايدۇ ، مەن بىلىدىغىنىم ئەن قارا تىزىملىكى ، dns قارا تىزىملىكى، ئەخلەت ئۇچۇرلارغا قارشى تۇرۇش ئورگىنىنىڭ قارا تىزىملىكى.
بۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنىم ئەن قارا تىزىملىكى بولۇپ ، بۇ تۈردىكى قارا تىزىملىك ئىسىملىرىغا ئەن بېجىرگىلى بولمايدۇ.
بەت: [1]
: ICP نى قانداق بېجىرىش كېرەك