sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 11:05:09

ئىزدىنىش تورى كۆرۈنمە يۈزى ھەققىدە 1

بىز سەنئەتكار ئەمەس، بىز پەقەت لايىھىلىگۈچى !

قايسى كۈنى لايىھە ساھەسى داڭدارلىرىنىڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىش پۇرسىتى نېسىپ بولۇپ قىلىپ ، شۇ سورۇندا  مەلۇم بىر لايىھە شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دېگەن يۇقىرىقى بىر جۈملە سۆزنى خېلىغىچە ئانالىز قىلدىم. ئەلۋەتتە بۇ سۆزنىڭ ئالدىدا يەنە مۇنداق ھىكايە بار :
( بۇ ھېكايە ئاپتور تىلىدا بايان قىلىندى )
كىرئالغۇ شىركىتىنىڭ مەھسۇلات كۆرۈنمە يۈزى لايىھە توختامىنى قولغا ئالدىم. ھەم  ئۆيۈمدىكى كىرئالغۇغا نەچچە ھەپتىلەپ قاراپ كەتتىم. ھەممىمىز بىلىمىز ، ھازىرقى كىرئالغۇلار پۈتۈن ئاپتۇماتىك بولۇپ كەتتى. كىرئالغۇ سىرتىدا نۇرغۇن كۇنۇپكا بار ، سىز شۇ كۇنۇپكىدا مۇۋاپىق تەڭشەپ قويسىڭىزلا ، ھەممە ئىشلارنى كىرئالغۇ ئۆزى تاماملاپ پۈتتۈرىدۇ.
-        تاپتىم. ئاددىيلاشتۇرۇش كېرەك ! دىمىسىمۇ نېمە جىق كۇنۇپكىلار بۇ  ! -– شۇنداق دېگىنىمچە كىرئالغۇ كۆرۈنمە يۈز لايىھەسىنى باشلىدىم.

( مېنىڭ ئۆيۈمدىكى كىرئالغۇ )
شۇنىڭ بىلەن بىر ھەپتە لايىھىلەپ ، كىرئالغۇ كۆرۈنمە يۈزىنى ھەم باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ناھايىتى ئاسان ھالغا كەلتۈرۈپ لايىھە نەتىجەمنى كۆتۈرۈپ كىرئالغۇ شىركىتىگە باردىم.
باش دېرىكتور كۆرۈپ ،دەرھال قۇشۇمى تۈرۈلدى .
-        نېمە دېگەن ئاددى بۇ كۆرۈنمە يۈز ؟
-        پەقەت كونترول تاختىسى ئاددىيلاشتۇرۇلدى ، لېكىن يەنىلا ھەممە ئىقتىدارلارنى تولۇق ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
-        سىز بۇ ساھەنى قىلغىلى قانچىلىك بولدى ؟
-        4 يىل بولۇپ قالدى.
-        ئىقتىسادى ساھەنى چۈشىنەمسىز ؟
-        يامان ئەمەس.
-        ئەمىسە ئىيتىپ بېقىڭە ، ئەگەر مەن جۇڭگو بازىرىدا سىز تەمىنلىگەن لايىھە بويىچە مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارسام ، قانداق نەتىجە كىلىپ چىقىدۇ ؟
-        ........... مەن بىر نېمە دېيەلمەيمەن.
-        سىزدىن بىر سوئال سوراي ، ئوخشاش باھادىكى ئىككى خىل مەھسۇلات ، لېكىن  ئىككىنچى خىل مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارى بىرىنچى خىل مەھسۇلاتتىن كۆپ ، سىز قايسىنى سېتىۋالىسىز ؟
-        ئەلۋەتتە ئىككىنجىسىنىدە ...
-        ئەمىسە ئىككىنچى مەھسۇلاتنىڭ 10 خىل ئىقتىدارى بىرىنچى مەھسۇلاتتىن ئارتۇق ھەم  باھاسىمۇ بىرىنچى خىل مەھسۇلاتتىن 100 يۈەن ئارتۇق. سىز قايسىنى سېتىۋالىسىز ؟
-        ئىككىنچىسىنى ئەلۋەتتە 10 خىل ئىقتىدارغا 100 يۈەن كۆپ تاپشۇرساممۇ ئەرزىيدۇ ...
-        ئەمىسە مېنىڭ بۇرۇنقى مەھسۇلاتىمنىڭ كونتىرول تاختىسىنا كۇنۇپكا كۆپ ، سىزنىڭكىدە بولسا ئاز ، خىرىدارلار ئېنىقلا مېنىڭكى مەھسۇلاتىمنىڭ ئىقتىدارى كۆپ دەپ ئويلايدۇ. ئەلۋەتتە سىزگە ئوخشاش لايىھىلىگۈچىلەر بۇنداق ئويلىماسلىقى مۇمكىن ، لېكىن مەھسۇلات سېتىۋالىدىغان كۆپ قىسىم كىشىلەر يەنىلا ئادەتتىكى كىشىلەر  ... گىپىمنى چۈشەندىڭىزمۇ ؟ سىزنىڭ لايىھەرىڭىز مەھسۇلاتىمنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈش رولىنى ئوينىشى كېرەك ، سىز بۇ ساھەگە كىردىڭىز سىز ھازىر ھەرگىزمۇ سەنئەتكار ئەمەس بەلكى بىر لايىھىلىگۈچى !
شۇنىڭ بىلەن يەنە ئىككى ھەپتە سەرپ قىلىپ كىرئالغۇ كۆرۈنمە يۈزىنى قايتا لايىھىلەپ چىقتىم.
img]http://image226-c.poco.cn/mypoco/myphoto/20140116/12/17449284820140116123805021.jpg
دەرۋەقە ، ئۇ باش دېرىكتور دېگەندەك بۇ كىرئالغۇنىڭ باھاسى بۇرۇنقىدىن 300 يۈەن ئۆستۈرۈلدى. لېكىن ئىقتىدارى بۇرۇنقىسى بىلەن ئوخشاش ، پەقەتلا كۆرۈنمە يۈزىدە بىر قانچىلىغان كۇنۇپكا ئارتۇق قۇشۇلدى. ھەم شۇ يېلى بازاردىكى ئەڭ تېز سېتىلغان كىرئالغۇ بولۇپ قالدى.

--------------
لايىھىلىگۈچى – مېنىڭچە ئەڭ تەس كەسىپلەرنىڭ بىرى. چۈنكى ئۇ سىزدىن گۈزەللىك سىزىمى ، يىڭىلىق يارىتىش كۈچى ، يۇقىرى تېخىنىكا تەلەپ قىلىپلا قالماستىن يەنە ناھايىتى مول بولغان ئۇنۋىرىسال بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئېگە بولمىسىڭىز بولمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى سىزدە ئىقتىسادىي ئاڭ بولمىسا بولمايدۇ.
( يۇقارقى مەزمۇنلەر مېنىڭ « بىز قانداق مۇلازىمەت قىلىمىز ؟ » دېگەن ماقالەمنىڭ كىرىش بۆلىكى. قىززىقىدىغانلار مېنىڭ شەخسىي بلوگىمدىن تۇلۇق نۇسخىسىنى كۆرىۋالساڭلار بولىدۇ ، مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدە تۇلۇق نۇسخىسىنى يوللاپ قويىمەن.
بلوگ ئادىرىسى : ئەسئەدنىڭ بلوگى     www.asadblog.info  )

-------------

ئۆزىمىزنىڭ گىپىگە كەلسەك ، ئىزدىنىش تورىمۇ بىر مەھسۇلات. شۇڭلاشقا بۇ تور بېكەتنىمۇ كۆپ قىسىم ئابونتلار ( تور بېكەتتىكى كۆپ قىسىم ئابونتلارنىڭ يېشى ، ئارقا كۆرۈنىشى .... قاتارلىقلارنى سىستاستىكىلاپ ، ئۇلارنىڭ گۈزەللىك قارىشى بويىچە ................ بۇ گەپلەر قىسقارتىلدى ) ياقتۇرغان شەكىلدە لايىھىلەپ چىقىش ، مەھسۇلاتنىڭ بازىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. شۇڭلاشقا تۈنۈگۈن ئىزدىنىش ئەپەندىمنىڭ تەلىپى بويىچە تور بېكەت كۆرۈنمە يۈزىگە تەكلىپ بىرىش يۈززىسىدىن بۇ تېمىنى يوللىدىم. تېمىدا ۋاقىت سەۋەبىدىن « لازىم ، كىرەك » دېگەن سۆزلەر كۆپ ئىشلىتىلدى. بۇ جەھەتتىن توغرا چۈشەنگەيسىزلەر :

تۆۋەندە مەن ئۈچ چوڭ تۈر بويىچە ئىزدىنىش تور بېكىتىنى تەھلىل قىلىمەن :
1.        كۆرۈنمە يۈز
2.        بەت قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇشى
3.        بەت ئىقتىدارى

1-        بۆلۈم  1 - قىسىم : كۆرۈنمە يۈز  – ( باش بەت )

چوڭ نۇقتىدىن ئىزدىنىش تورىدا مۇنداق يېتەرسىزلىكلەر بار :

1.        بەت  تەگلىك رەڭگى ئاق رەڭنى ئاساس قىلىدۇ. لېكىن ھەممىمىز بىلىمىز ، ئىزدىنىش تورىدىكى ئاساسلىق ئېلېمېنت مەزمۇن. كۆپ مىقتاردىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغاندا ، ئاق تەگلىك قارا خەت كۆزگە ناھايىتى زىيان قىلىدۇ.
2.        رەڭ ئىشلىتىش جەھەتتە ئىزدىنىش تورىغا ئىشلەتكەن رەڭلەر زىيادە كۆپ ھەم بىر – بىرىگە يېقىن بولمىغان رەڭلەر ئىشلىتىلگەن. ئادەتتە تور بېكەتكە ئىشلەتكەن رەڭنىڭ ئومۇمىي سانى 3 تىن 5 كىچە بولسا ، ھەم بۇ رەڭلەر ئىچىدە ئاز دېگەندە 3 ئۆز ئارا قوشنا ھېسابلىدىغان رەڭ بولسا تور بېكەت تېخىمۇ سۈپەتلىك چىقىدۇ.
3.        بۆلەك ئورۇنلاشتۇرىشى قالايمىقان.  ئىزدىنىش تورى 960 قېلىپ ئۆلچىمىگە ( بۇ نېمە ئۆلچەم  ؟ http://960.gs/ ) قەتئىيلا چۈشمەيدۇ. ھەم ھەر بىر بۆلەكنىڭ ئاستى ، ئۈستى ، ئوڭ ، سول ئارقىلىقى تەڭ ئەمەس ، بەزىلىرىنىڭ چوڭ ، بەزىلىرىنىڭ كىچىك.
4.        تور بېكەتكە ئىشلەتكەن ئۇيغۇرچە فونت. ئەلپىدا خەت نۇسخىسى بولسا كېچىك تىپتىكى خەت چوڭلۇقىدا خىلى يامان ئەمەس كۆرىنىدۇ. لېكىن يەنىلا سۈپەتسىز ياسالغان خەت نۇسخىسى .

ئەمدى بۇلارنى ئىنچىكە تەھلىل قىلايلى :


بۇ بۆلەككە بىر قۇر خەت يېزىلىشىنىڭ ئورنى يوق. باش بەت قىلىش ، ساقلاش دېگەندەك بۇيرۇقلار ھازىر تور كۆرگىگە ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇڭلاشقا تور بېكەتكە يەنە قېتىۋېلىش زۆرۈرىيەتسىز. ئوڭ تەرەپتىكى كىرىش ، تىزىملىتىش ، پارول قايتۇرۇش دېگەندەكلەرنى يېغىپلا سول تەرەپتە تۆۋەندىكىدەك شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.





ئوڭ تەرەپتىكى ئىزدىنىش تورىنىڭ ماركىسىنى چوقۇم قايتا لايىھىلەش كېرەك.



بۇ يەردىكى ئۈستىدىكى ئۈچ ئېلان رايونى بىلەن ئاستىدىكى رايون ئۇدۇل كەلمىگەن. تور بېكەتنىڭ تۇنجى كۆرۈنمە يۈزىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان يەر مۇشۇ يەر شۇ . ئاستىدىكى بۆلەككە ماس كەلگەن شەكىلدە ئېلان سانىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش لازىم.




بۇ يەردىكى تەۋسىيىلەر بۆلىكىنىڭ رولى يوق. بۇ بۆلەك بەك تار ، تەۋسىيە تېمىلارنىڭ تېمىسىمۇ تولۇق كۆرۈنمەيدۇ.
يېڭىلىقلارنىڭ ئىچىدە باشتا تېما تەۋە سەھىپە كۆرۈنىدۇ. ئەلۋەتتە توغرىسى باشتا تېما ماۋزۇسى ئارقىسىدا كىچىك ھەم سۇس رەڭدە تەۋە سەھىپە كۆرۈنسە بولىدۇ. لېكىن بۇ يەردە دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ...
ھەم بۇ بۆلەكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ رامكا قىرلىرى ئىچىگە 1 px   كىرىپ كەتكەن. ھەممە تور كۆرگۈچتە ئاشۇنداق.


بۇ يەردىمۇ ئوخشاش. ئۈستىدە ئىيتىپ ئۆتكەندەك ، ئوڭ سول ، ئاستى ئۈستى ئارىلىق ئوخشاش ئەمەس. سەھىپە ئالدىدا تېزىلغان. ئاۋات تېما ، جەۋھەر تېما مۇھىم نۇقتا ئەمەس ، شۇ خەتنىڭ ئارقىسىدىكى قىزىل رەڭلىك شەكىل كۆزگە تۇنجى چىلىقىدىغان بولغان.


بۇ يەردىمۇ ئوخشاش ... خەت قارا ، رامكا كۆك ، خەتنى ئوقۇغىلى بولمايدۇ. كىچىكلىتىلگەن سۈرەتنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر ئاز بوشلۇق بار ، ئەسلى ئۇنىڭدىن يەنە ئازراق چوڭ قىلىۋەتسەكمۇ بولىدۇ سۈرەتنى.


---------------

بىر مۇنچە كاپشىۋەتتۇق ... ئەمىسە كۆرۈنمە يۈزنى قانداق قىلىش كىرەك ؟ كىيىنكى تېمىمىزدا بۇ تۇغۇرلۇق يەنە توختىلىمىز. ھازىر c تېلىدىن ئىمتىھانىم بار. بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ...
ئاخىرىدا يەنە بىر قېتىم تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئۇدۇللىقىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن ...

:lol  ئېلان بىرىۋىتەي راس ...:lol
لايىھە مۇلازىمىتىگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز ( ماركا ، ئورالما قاپ ، تور بەت ، تور بىكەت ) سىزنى رازى قىلىشقا ئىشەنچىمىز بار ...
ئالاقىلىشىش : ئەسئەد  qq 935343059

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 13:20:01

باشقا تورداشلارمۇ تەكلىپ - پىكىرنى ئايىمىسا .....

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 13:43:58

ھەممىسى بايقىماي ئەمەس، ۋاقتىنچە قالدۇرۇپ قويۇلغان مەسىلىلەركەن. {:87:}

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 15:32:07

      بەت لايھەلىگۈچىلەر بولسا بەت رەڭگىنى تۈۋەندىكى ئۇسۇل بۇيچە تەڭشىگەندە چىقىدىغان رەڭدە تەڭشىگەن بولسا .كۆز ەوختۇرلىرى مۇشۇ رەڭنى كۆزگە ئەڭ پايدىلىق دەپتۇ .


  ئۇزاق ۋاقىت كومپىيۇتىر بىلەن ھەپلىشىدىغان ئادەمگە نىسپەتەن ئېيىتقاندا كۆزىنى ئاسىراش ئىنتايىن مۇھىم ، سىز تۈۋەندىكى كىچىك ھۈنەرنى ئۆگىنىۋالسىڭىز ئازراق بولسىمۇ بۇ مەقسەتكە يىتەلەيسىز ، قېنى سېناپ بېقىڭ !

    xp  سېستىمىدا مۇنداق تەڭشەڭ :
  桌面-->右键-->属性-->外观-->高级-->项目选择(窗口)-->颜色1(L) -->其它-->色调=85,饱和度=123,亮度=205-->添加到自定义颜色-->确定

    win7  سېستىمىدامۇنداق تەڭشەڭ :   
   桌面-->右键-->个性化-->窗口颜色-->该机外观设置--项目选择(窗口)--颜色1(L)-->其它-->色调=85,饱和度=123,亮度=205 -->添加到自定义颜色-->在自定义颜色选定-->确定

  بۇنداق تەڭشىسىڭىز كۆزنەك رەڭگى كۆزنى چاقنىتىدىغان ئاق رەڭدە كۈرۈنمەي بوز رەڭدە  كۈرۈندۇ  .



arqin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 15:45:59

توربەت كۈرۈنمە يۈزى بىۋاستە ئادەم كۈزى بىلەن ئۇچرىشىدىغان بولغاچقا ، بۇ توربەتنىڭ چىرايى بولۇپ ئاتىلىدۇ .
چىرايلىق نەرسىلەرنى چىرايلىق ئادەملەرنى ئادەم ياخشى كۆرگەچكە ، چىرايى گۈزەل بولغان ئىزدىنىشنى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ !

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 17:20:20

تىلفۇن بەت نۇسخىسنىمۇ  ئۆزگەرتسە ، ئىقتىدار ئاشۇرىلسا بولىتى

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 17:57:57

يىڭى بەت ئىچىلدىغان قىلمامسىلەر ،شۇتوغۇرلۇق تىمىغىمۇ ‹يىڭى بەت ئىچىلسۇن › دىگەن قاراشقا ئەڭ كۆپ
بىلەت تاشلانغان ،ھازىرغۇچە ئىچىم سىقىلىپ يۈرمەن نىمدىگەن ئاۋارچىلىق بۇ بۇرادەرلەر {:101:}

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 20:07:51

مەنمۇ قوللايمەن . تەگلىك يۈزى بەك ئاق ، ئۇزۇن قارىسا ، كۆزنى بەكلا ئاغرىتىدۇ . بولسا بەيدۇدا نۇرغۇن ياخشى لاھىيىلەرنى تاپقىلى بولىدۇ . شۇنىڭ ئىچىدىكى ياخشىراق لاھىيىلەرنى ئىشلىتىپ ، بەت تەگلىكى ۋە رەسىملەرنى ئىسسىق رەڭلەر ئىشلىتىلىپ لاھىيەلەنگەن بولسا ، كۆرۈنۈشكىمۇ چىرايلىق ، ۋە كۆزگە بولغان تەسىرىنىمۇ ئازايتىقلى بولاتتى . ھازىرقى ھالىتىدە نۇر بەك كۈچلۇك . بولسا ئۈچ -تۆت خىل لاھىيە شەكلىنى ئىشلەتكۈچى ئۆز ياخشى كۆرۈشى بويىچە تاللاپ ئىشلىتەلەيدىغان قىلىپ قويسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى .

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 23:16:28

مەن گوگىل كۆرگۈچىدە css  نى تەڭشەپ يىشىل رەڭ قىلۋالغان
لىكىن بەتنىڭ ئىچى ئاق چىقىۋىلىپ كۆزۈمنى چىقىپ كىتىۋاتىدۇ

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 12:52:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-17 13:03  

Photoshop, Auto CAD, Audition, 3DMax لارنىڭ ھازىرقى نەشىرىنىڭ رەڭگى بۇرۇنقىسىدىن يېقىشلىق، كۈلرەڭ، سۇس رەڭلەر تەگ قىلىنغان.

يەنە بىرگە، تور بەت يۈزىدە ئەڭ ئاز چېكىدىغان- ئاچىدىغان بولۇشى كېرەك، ۋاقىت قىممەتلىك. تېما تەستىقلاشتا قايسى سەھىپىدىن كىرسە شۇ سەھىپىدىكى تەستىقلاش چىقىدىغان، «ھەممىسى» نى قايتا ئاچىدىغان شەكلى بەك ئاۋارىچىلىق بوپتۇ. قانچىلىك ئۆمرىمىز بار بىزنىڭ، تور بەت يۈزىدە چېكىپلا ئۆتۈپ كەتسەك..

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 15:07:47

بىزدەك ياشانغانلارنى ئويلاپ بولسىمۇ خېتىنى چوڭراق چىقىدىغان تەڭشەپ قويساڭلار.:lol

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-18 00:06:08

باش سۈرەتنىڭ ئاستىدىكى تىما سىتاستىكىسىنى ھىساپلىغۇچ دۆترەكمۇ-نىمە؟
بەت: [1]
: ئىزدىنىش تورى كۆرۈنمە يۈزى ھەققىدە 1