ئىلىپبە ئۆگىتىش دىتاللىرى كىرەك ئىدى
ئەسسالاممۇئەلەيكوم تورداشلار :تەتىللىك دەم ئىلىشتىن پايدىلىنىپ ئىلىپبە ئۆگىتىدىغان كۇرس ئاچقانىدىم ، تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى خەنزۇزۇۋان بالىلار ، ئۇلارنىڭ ئانا تىل ساۋادىنى چىقىرىش بىلەن بالىلار ئەدەبىياتى ، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قۇشۇمچە قىلىپ 25 كۈنلۈك ، كۈنىگە 2سائەتتىن دەرس ئۆتمەكچىدىم .
شۇڭا تورداشلارنىڭ بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ماس كىلىدىغان دەرىسلىك دىتاللىرى بولسا تەۋسىيە قىلىشىنى ، ئىغىر كۆرمەي خەت ساندۇقىمغا ئەۋەتىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ! ئىلخەت ئادرسى : 598590758@qq.com ئورنىنى قەيەردە ئاچاي دەيسىز، كاللا دىسە پاچاق دىگەندەك ئىنكاس يېزىپ سالدىم، يازدا قىزىمنى بىر يەرگە ئېلىپبە ساۋادى چىقىرىدىغان كۇرسقا ئاپىرىپ بەرگەن ئىدىم،ئۇ يەردىمۇ 20كۈن ئەتراپىدا كۇنىگە 2سائەتتىن ئۆگەندى، بىراق ھەرپ تونۇش بىلەنلا ئاياقلىشىپ، ھەرپلەرنى قوشۇپ راۋان ئوقۇغىدەك بولمىدى، مۈمكىن بولسا تەكلىۋىم ئىمكانقدەر ئۆگۈنۈش ئاياقلاشقاندا بالىلار ھەجىلەپ خەت ئوقۇيالىغۇدەك سەۋىيىدە بولسا بوپتىكەن( سەمىمىي تەكلىپ) ئىلىپبە ئۆگىتىش :http://pan.baidu.com/s/1ntFKCYH يەنە باشقىسى لازىممۇ؟ قارلۇقنىڭ «ئېلىبە» دېتالى بارغۇ choice يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 11:05 static/image/common/back.gif
ئورنىنى قەيەردە ئاچاي دەيسىز، كاللا دىسە پاچاق دىگەند ...
بالىلارنىڭ مىڭىسىنى ماشىننىڭ مڭىسىگە ئوخشاتمايلى، بولمىسا باللارنى خامۇش، قورقۇنچاق، ئىجاتچانلىقى يوق، ماشىنىغا ئوخشاش بىرنەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىمىز، 20كۈندە ساۋادىنى چىقىرىش دىگەن بالىغا نىسپەتەن مۇئەللىمنى ئالۋاستىغا، كىتاپنى زەھەرگە، ئاتا-ئانىنى قاتتىق قول قازىغا ئوخشىتۇپ قويىدۇ. مېنىڭ ساۋادىم 2 يىلدا چىققان، ھېچ ئىشقا پۇتلاشمدى. مەسىلە شۇ يەردىكى بۇ 20 كۈن ئوقۇيدنغان خەنزۇۋان بالىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى تەتىلدىن كېيىن يەنە ئوقۇتامدۇ يوق ؟ ياكى كېلەر تەتىلدە ئوقۇتامدۇ يوق ؟
ئەگەر كېلەركى تەتىلدە ئوقۇتسا ئۇ ۋاقىتقىچە بۇ بالىلار بۇ 20 كۈندە ئۆگەنگەنلىرىنى ئېسىدە ساقلىيالامدۇ يوق؟
بۇ ئۆگىنىش ئىزچىللىقىنى ساقلىيالامدۇ يوق ؟ choice يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 11:05 static/image/common/back.gif
ئورنىنى قەيەردە ئاچاي دەيسىز، كاللا دىسە پاچاق دىگەند ...
ئورنى قورغاستا ، 25 كۈندە دىمىسىمۇ ساۋادىنى تولۇق چىقىرىپ بولغىنى بولمايدۇ ، كۇرس تۈگىگەندە ئائىلىدىمۇ ئۇلارنىڭ بالىلار كىتابلىرىنى ئوقۇشىغا يىتەكچىلىك قىلىغاندا بالىلارنىڭ ساۋادىنى غەلبىلىك چىقارغىنى بولىدۇ ، بولمىسا ھەر تەتىلدە ئەۋەتكەن بىلەن مەكتەپكە بارغاندا ئۈگەنگىنىنى يەپ قويىدۇ . Faith يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 12:05 static/image/common/back.gif
قارلۇقنىڭ «ئېلىبە» دېتالى بارغۇ
چۇشۇرۇش ئادرىسى بولسا تەمىنلىگەن بولسىڭىز بوپتىكە ، ئىزدەپ تاپالمىدىم . alwun12 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 12:00 static/image/common/back.gif
يەنە باشقىسى لازىممۇ؟
كۆپ رەھمەت ، ئاۋۇ دىتالمۇ بولىدىكەن ، يەنە باشقىلىرى بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز ... قارلۇقنىڭ ئىلپبە دېتالى ئالما ۋە ئەنجۈر سېستىمىلىرىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ .
2 ياشلىق بالامغا ، خانقىز خانقىز ئۆيۈمگە ئوت كەتتى دىگەننى قۇيۇپ بەرسەم ھىجاراپ خوش بولاپ كىتىدۇ ! arqin يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 15:48 static/image/common/back.gif
قارلۇقنىڭ ئىلپبە دېتالى ئالما ۋە ئەنجۈر سېستىمىلىرىدا ...
كومپىيىتىر دىتاللىرى كىرەك ئىدى... بىلكان تورىغا كىرسىڭىز بار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yolyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-16 20:21
بۇ يەردە ھەربىر ھەرىپ بويىچە سىن تېمىسى بار . چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىزدىنىش ياكى ئاشۇ يەردىن flv دەپ ئىزدەپ بىلىۋېلىڭ. چۈشۈرۈپ بولۇپ FormatFactory دا خالىغان پىچىمغا ئاغدۇرۇۋېلىڭ. esyankar75 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 14:12 static/image/common/back.gif
ئورنى قورغاستا ، 25 كۈندە دىمىسىمۇ ساۋادىنى تولۇق چىق ...
راس دەيسىز 20كۈندە ساۋادىنى تولۇق چىقىرىپ بولغىلى بولمايدىكەن، مۇشۇنىڭ بىلەن 2 ياز بولدى ھەر تەتىلدە ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگىلى ئاپىرىپ بېرىۋاتىمەن،بىرىنچى قېتىمدا بالا سەل كىچىكى ئىدى، تۈزۈك نەرسە يۇقماپتۇ،كېيىنكى قېتىمدىمۇ ھەرپنىلا تونۇپ بولغىچە كۇرس ئاياقلىشىپ قالدى ئىشقىلىپ ھەر قېتىمدىلا ئېلىپبەنى تۈزۈك تونۇپ بولالمايلا ئۆگۈنۈش ۋاقتى توشتى دەپ كۇرس تامام بولدى .ئۇلارغا داۋامىنى ئۇلاپ يەنە 15كۈن ئاچساڭلار، بالىلار ھەجىلەپ ئوقۇغۇدەك بولسا بولمامدۇ دىسەم ئىزچىل مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان دەپلا تۈگەتتى گەپنى، ئۆيدىمۇ پات پاي ئەسلىتىپ تۇرىۋاتىمىز، ئاشخانىدىكى تاماق تىزىملىكى، ئېلان تاختىلىرى قاتارلىقلارنى ئوقۇپ بېقىڭ دەپ ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇمەن، بۇ يىل باشلاپ ئۇلارنىڭ مەكتىۋى ئۇيغۇر تىلى مۇئەللىمدىن 2نى تەكلىپ قىلىپ ھەر ھەپتىدە 2 سائەتلىك ئانا تىل دەرسى ئورۇنلاشتۇردى،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ بۇ غەمدىن خالاس بولدۇم،ئىزچىللىق بولغاچقا ئۈنۈمى خېلى يامان ئەمەس بولىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق داۋاملاشسا كىتاپلارنى راۋان ئوقۇغۇدەك بولۇپ كېتەر دەيمەن ئىنشائاللا.
alwun12 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 11:57 static/image/common/back.gif
ئىلىپبە ئۆگىتىش :http://pan.baidu.com/s/1ntFKCYH
مەن ئۇ مەنزىلدىن تاپالمىدىمغۇ؟ كېىچكىپ قاپسىز دەپ ئەسكەەرتىش چىقتى arqin يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 15:48 static/image/common/back.gif
قارلۇقنىڭ ئىلپبە دېتالى ئالما ۋە ئەنجۈر سېستىمىلىرىدا ...
چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى تەمىنلەپ قويسڭىز بوپتىكەن choice يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 07:56 static/image/common/back.gif
چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى تەمىنلەپ قويسڭىز بوپتىكەن
ئاندروئىد نۇسخىسى https://play.google.com/store/apps/details?id=air.com.elipbeandroid.qarluq&hl=en
ئالما نۇسخسى https://itunes.apple.com/de/app/uyghur-alphabet-elipbe/id528502495?l=en&mt=8
بەت:
[1]
2