jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 09:48:13

فاشسىت گىتلىرنىڭ ئۇرۇش ئالدىدىكى نۇتۇقى

http://v2.freep.cn/3tb_140116114652b15h512293.jpg

بۈگۈن بىز بۇ يەردە، گېرمانىيىلىكلەرنىڭ زېمىنىداــ بېرلىندا تۇرۇپتىمىز!  ئەجدادلىرىمىزنىڭ  ساپ قانلىرى ۋە غورۇرى بىلەن سۇغۇرۇلغان زېمىندا تۇرۇپتىمىز!
     كۆز ئالدىمدا بىر مىللەت ـــ ھاقارەت ئىچىدە ئىڭراۋاتقان بىر مىللەت تۇرۇپتۇ! ئاشۇ ئۇرۇشتىن كېيىن بىزنىڭ بۇ مىللىتىمىزنىڭ مەغرۇرلىقى يوقالدى!  ئاشۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر ھازىر بىزنىڭ شىللىمىزدە زورلۇق قىلماقتا. بىزنىڭ غورۇرىمىزنى دەپسەندە قىلماقتا، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ ئېسىل بىر مىللەتنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلماقتا! ماڭا ئېيتىڭلارچۇ، سىلەر بېنيامىن، مارتىندەك بىر ھۆرلۈك جەڭچىسى بولماقچىمۇ ياكى قۇل بولماقچىمۇ؟! سىلەر بەلكىم: ”ھېتلېر ئەپەندىم! ماڭا بىر كىشىلىك خىزمەت، قۇرساق تويغۇدەك بولكا بولسىلا بولدى“دېيىشىڭلار مۈمكىن.  شۇنداق، سىلەرنىڭ دېگىنىڭلارمۇ توغرا، ھايات ھەقىقەتەنمۇ قىممەتلىك. بىراق سىلەرگە شۇنى دەپ قويايكى، بۇ دۇنيادا ھاياتتىنمۇ  قىممەتلىك بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ ھۆرلۈك! ئۇ بولسىمۇ غورۇر!
     ئارزاس ۋە لوررېين كۆكلىرىدە فرانسىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى لەپىلدەپلا  تۇرىدىكەن، بىزنىڭ غورۇرىمىز دىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ!  ئاشۇ فرانسىيىلىكلەر، ئەنگىلىيىلىكلەر ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىنىدا داۋاملىق زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىدىكەن، بىزدىكى غورۇردىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ! ياۋروپا خەرىتىسىدە گېرمانىيە ئىسىملىك بۇ دۆلەت پارچىلىنىپ، مۇشۇنداق شۈمشىيىپلا تۇرىدىكەن بىزدىكى غورۇردىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ!
     بىزگە كېرەكلىكى بىر پارچە بولكا بولماستىن بەلكى بىر ماكان، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن ياشايدىغان ماكان كېرەك! بۇ ماكانغا بىز يالۋۇرۇپ ياكى نارازىلىق بىلدۈرۈپ يۈرۈپ ئەمەس ئەكسىچە قورال ۋە قان تۆكۈشكە تايىنىپ ئېرىشىمىز!
    باشقىلار بىزنى بوزەك قىلسا، ھەتتاكى ئەڭ ئاجىز مىللەتلەرمۇ كېلىپ بىزنى دەپسەندە قىلسا بىز غىڭشىپ: ”بىز كۈچلۈك نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز!“ دەپلا يۈرسەك، بۇنداق ئادەملەرنى يۇمشاقباش دېسەك بولىدۇ! بۇنداق ئادەملەر پەسكەش ئادەملەردۇر!  بىز زەمبىرەكلىرىمىزنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋازلىرى بىلەن دۈشمەنلەرنى غال - غال تىترىتىشىمىز، ئۇلارنىڭ غورۇرىنى يەنجىۋېتىشىمىز كېرەك، ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ پەقەت نارازىلىق بىلدۈرۈشنىلا بىلىدىغان ئاجىزلاردىن ئەمەسلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك!
    شۇنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەككى، پەقەت نارازىلىق بىلدۈرۈشنىلا بىلىدىغان دۆلەت ياكى نارازىلىق بىلدۈرۈشنىلا  بىلىدىغان ھۆكۈمەت يۇمشاقباش دۆلەت ياكى ھۆكۈمەتتۇر! بىزنىڭ غورۇرىمىز، زېمىنىمىز، ياشاش ماكانىمىز دەپسەندە قىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتىمۇ يەنىلا ئىزا تارتماستىن «نارازىلىق بىلدرۈپ» يۈرگەن ھۆكۈمەت بىزگە كېرەك ئەمەس! سىلەر ھامان بىر كۈنى ئۇلارنى تاشلىۋېتىسىلەر! شۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىمەنكى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا، بۇنداق يۇمشاقباشلار يوق دېيەرلىك! مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇۋاتقانلار مىڭ يىللاپ قان ئاققۇزغان بولسىمۇ تىز پۈكمىگەن بىر قوشۇن!
    بۇ قانلار ئىلگىرى بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تومۇرىدا ئاققان، ئۇلار تىز پۈكمىگەن! ھازىر بۇ قان بىزنىڭ تېنمىزدە قايناپ تاشماقتا! ئېيتىڭلارچۇ، سىلەر بۇ قاننىڭ مۇزلاپ قېلىشىنى خالامسىلەر؟!
     كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرالايدىغان ئىككى نەرسە بار، يەنى، ئورتاق غايە ۋە ئورتاق جىنايەت. بىزنىڭ گېرمانىيە بايرىقىغا نەقىشلەپ قويغان ئۇلۇغۋار غايىمىز بار، بىز بۇ غايىمىز ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمىزنىمۇ ئايىمايمىز! بۈگۈنكى بېرلىندا ھېچقانداق نەرسە بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى قۇتقۇزالمايدۇ، پەقەتلا مۇشۇ غايىمىز بار!
     ۋېرسال شەرتنامىسى بىز ئۈچۈن غايەت زور ھاقارەت ! بىزنىڭ بۇنداق شەرتنامىنى ئىجرالاشنى رەت قىلىش ئىرادىمىز ۋە ھەققىمىز بار! ئۆزەڭلارنىڭ ئويلىغىنىنى قىلىڭلار! خۇددى بىنيامېن. مارتىنغا ئوخشاش، قولۇڭلارغا قورال ئېلىپ، خۇددى ئۇنىڭ باشلاپ ماڭغان قېرىنداشلىرىدەك ھۆرلۈك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۈشمەنگە باتۇرلارچە ئېتىلىڭلار!  ئەگەر شۇنداق كۈرەشلەرنى قىلىشنى ئويلىغان بولساڭلار كۈرەشكە ئاتلىنىڭلار! شۇنداقتىلا بىز سىلەرنىڭ 70 مىليون قۇل ياكى تىز پۈكمەس ئارىئانلار ئىكەنلىكىڭلارنى كۆرىمىز!
    ناۋادا شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ، پېقىر ئادولف.ھېتلېر، ئۆزىمىزنىڭ يەنى گېرمانىيەنىڭ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خۇددىي بىنيامېن. مارتىندەك، سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭالىسام، جەڭدە ئۆلسەممۇ، جەننەتكە كۈلۈمسىرەپ كىرىپ كەتكەن بولاتتىم. ئۇ يەردە مەن گېرمانىيەنىڭ سەلتەنەتلىك ئەجدادلىرى بىلەن كۆرۈشەتتىم،  بېشىمنى تىك تۇتۇپ بۈيۈك ئىمپراتور فرېدېرىكنىڭ ئالدىغا بېرىپ، مەغرۇر ھالدا ئۇنىڭغا: ”سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ سېنىڭ يۈزۈڭنى تۆكمىدى، مەن ئۇلۇغ گېرمانىيە ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمنىمۇ ئايىمىدىم، بىز قۇللۇققا قارشى كۈرەش قىلدۇق! بىز ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! بىز ماشىنا ياكى ھايۋان ئەمەس، بىز ئادەم! ئەزەلدىن قەددىمىزنى پۈكمىگەن ئارىئانلار! بىز ھۆرلۈك ئۈچۈن ئۇيۇشتۇق!  يېڭى، ئادالەتلىك بىر دۇنيا ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! بىزنى قۇل قىلماقچى بولغانلارنى گېرمانىيە تۇپرىقىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! غورۇرىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! كۈنبويى نارازىلىق بىلدۈرۈپلا يۈرمەسلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! بىز ئۆز لەۋزىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! بىز بۇ دۆلىتىمىز ئۈچۈن جەڭ قىلدۇق! بىز ئارىئانلار، ئەجدادلىرىمىزنىڭ شەرىپى ئۈچۈن،  ئەۋلادلىرىمىزغا مەغرۇر ھالدا: بىز ئەزەلدىن تىز پۈكمىگەن ئارىئانلار دېيەلىشىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! “ دېگەن بولاتتىم.
    قېرىنداشلىرىم! گېرمانىيە شۇنداقلا گېرمانىيە خەلقى ياشىسۇن! ئەركىنلىك - ھۆرلۈك ياشىسۇن

مەنبە : سەئىدىيە ئۈندىدار سالونى

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 10:01:10

مۇشۇ ئادەم ماڭا قالتىس ياخشى ئادەمدەك،دۇنيانىڭ تەرەقىياتغا قالتىس توھپە قۇشۇپ،دۇنيا تەرپىدىن ياخشى ئىشلىرى ئېتىراپ قىلىنماي كىتىپ قالغاندەكلا تۇيۇلىدۇ.
مەن يا نۇرمال ئەمەسمۇ...

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 10:04:04

نۇرمال ئەمەسكەنسىز  ، ئۇ بىر قاتىل

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 10:14:05

بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە قاتىل بولىدۇ ئەيىپلىنىدۇ، مىليون ئادەمنى ئۆلتۈگەنلەر ھۆكۈمران بولىدۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ.

esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 10:31:58

نۇتۇق قابىلىيەت بىلەن سەمىمىيەت باشقا باشقا گەپ ، ئەگەر مۇشۇ دىگەنلىرىگە ئەمەل قىلغان بولسا مىليۇن خەلىقنىڭ قىنىنى ئاققۇزمايتتى ....

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 10:37:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-16 10:58  

ناتسىسىزىم (دۆلەت سوتسىيالىزىمى) بىر ئەخلەت ئىدىيە.
لېكىن ھېچكىم:

«ھۆرمەتسىزلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۆزگە مەدەنىيەتنى چەتكە قاققانغا باراۋەر
سانسىز قېتىم تېرىك كۆمۈپ، زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىپ، قوشۇپ دەپنە قىلىپ
ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئايان قىلىپ
ئۇلارنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش ياكى ئۆزىنىڭ ئۆلۈش جەريانىنى كۆرۈش ئارزۇسىنى قاندۇرغاچقا
كىشىلەر ئاشۇ جاللاتلارنى بەك ياخشى كۆرىدۇ
جىنسىي جەھەتتە ئېچىرقاپ كەتكەنلەر ھاياسىز كۆرۈنۈشلەردىن لەزەتلەنگەندەك
كوچىدىكى كىشىلەر ئەسەبىيلىك بىلەن كۆيدۈرۈلگەن جەسەتلەردىن لەززەتلىنىدۇ
قان كۆلچىكىدىكى نىلوپەر يۇقىرى ئاۋازدا گىرمانىيە دۆلەت مارشىنى ئوقۇغان ئارقا كۆرۈنۈشتە
قەبرىستانلىقتىكى چاشقانلار كۆرۈشنى خالىمايدىغان قەبرىلەردىنمۇ ئېگىز ھەرقانداق ئىمارەت سۆكۈلىدۇ
جەسەتلەرنى كۆيدۈرۈپ ئويناش ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات- سەنئەت
قانلىق ئاينىڭ كەينىگە مۈكۈۋالغان ئىلاھ
كۈلگۈسى كېلىپ پەيلاسوپلارنىڭ تالاش- تارتىشلىرىغا قارايدۇ
چۈنكى ئادەملەر پەقەت قان تۆكۈشكىلا لايىق، تەپەككۇرغا لايىق ئەمەس»

دەپ شېئىر يازمايدۇ.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 11:40:57

گىتلىر دىيارىمىزغا كىرمىگەن ، ئەگەر بۇ يەرلەرگىمۇ تاجاۋۇز قىلىپ  سىزنىڭ بوۋا مومىلىرىڭىز گىتلىرنىڭ قولىدا ئۆلگەن بولسا ئاندىن قاتىل دەمتىڭىز ! ئەگەر ئۇنىڭ قىلغانلىرى توغرا بولغان بولسا  گىرمانىيە زۇڭتۇڭى 2―دۇنيا ئۇرشىدا ۋاپات بولغانلارنىڭ  ئائىلە تاۋاباتىدىن تىزلىنىپ تۇرۇپ كەچۈرۇم سورىمىغان بولاتتى، گىرمانىيەلىكلەرمۇ ئىتراپ قىلغان ئىشنى سىز نىمىشقا ـــــــ ــ  ـــ  ـ

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 11:46:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-16 11:47  

دۆلەت ،مىللەت ،سوتسىيالىزىم دىگەن گەپتىكى سوتسىيالىزىم دىگەن گەپ بالا چاغلىرىمدا مېنى بىرئاز قىنياپ قويغان ئىدى،ھەرقانچە قىلساممۇ ناتسىستلار بىلەن سوتسىيالىزىمنىڭ قانداق بۇلۇپ بىر يەرگە كەپ قالغانلىقنى چۈشۈنەلمىگەن ئىدىم،كىيىن بىلسەم بىزنىڭ سوتسىيالىزىمنى چۈشىنىشىمىز بىلەن ئەجنەبىلەرنىڭ سوتىسيالىزىمنى چۈشىنىشىدە  پەرق باركەن،غەرپنىڭ ماركىسىزمچىلىرى ماركىسنى باشقىچىرەك چۈشىنىدىغان ئوخشايدۇ،يەنە بىزنىڭ زەكىلرىمىز ئارىلاپ تىلغا ئېپ قويدىغان خابىرماسنىمۇ سوتسىيالزىمچى دەپ قويدىكەن .يەنە ئەرەپ سوتسىيالىزىمى دەپ بىر نەرسە باركەن،كازافى،سادام،ھازىرقى بەشىرنىڭ چوڭ دادىسى ھاپىز باشار (ئىسىمى شۇنداقتەك قىلغان)قاتارلىقلارمۇ ئۆزىنى سوتسىيالىزىمچى دەيدىكەن،يەنە سوتسىيالىزىم بىلەن فاشىزىمنى بىر ئورۇنغا قويدىغانلارمۇ باركەن،مەن بۇرۇن  بىر كىتاپنىڭ موقاۋىسىدىكى كۆرگەن ئۈچ كاتتىۋاشنىڭ تېھراندا چۈشكەن سۈرىتىنىڭ ھەجۋى نۇسقىسى بەكمۇ ئۆزگىچە ئىدى.
مېنىڭ تونۇشىمدا ناتسىسىزىمنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى مىللەتچىلىك ۋە ئېرىقچىلىق،بۇنى پەيدا قىلغانلار بۇنىڭدىن ۋاز كەچتى،يۇقتۇرۋالغانلارۋە يۇقتۇرۇلغانلار بولسا ھازىر بۇنڭغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى.
مۇشۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتقاندىكى بېسىم سەۋەبىدىن بىلەن بىرتال تاماكىنى ئارتۇق چېكىش مۇناسىتى بىلەن نۇرغۇن گەپلەرنى ئۇنتۇپ قالدىم  ياكى ئېنىق بىلمەيمەن دەپ ئويلاشقا ئۆزۈمنى كۆندۈرۈپ مۇشۇ يەردە توختاپ قالدىم.

ئىشخانىنىڭ ئۆگزىسى قشلىق كىيىمدەك ئېغىر،  كۈلداندىكى ناتسىتلارنى ئىسلاپ ،كۆيدۈرۈپ ،مىجىپ ئۆلتۈرۈپ خۇمارىمنى باسىمەن.
ھاۋادىن  ئەتىر پۇرىقى يوقاپ كەتتى،ئۇنى گىتلىرغا دۆڭگەپ قويمايمەن

يولدىكى ماشىنلارنى مەن ياسىمىغان،شۇڭا ماشىنامنىڭ يوقلۇقىدىن خىجىل بولمايمەن ۋە ھەسرەتلەنمەيمەن
ئىشخانىنىڭ گاز لامپسى كۈندۈزدىمۇ يۇرۇپ تۇرىدۇ،ئۇنى ئۆچۈرمەيمەن،بۇ مېنىڭ نارازىلىقمىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلۇم.سەن بۇنى ئويلاپمۇ تاپالمايسەن
ئىنكاس يېزىۋاتقاندا تىلىفۇن كەلسە ئىچىمدە مىڭنى تىللايمەن
تىلىفۇننى ئالسام ئايالىم ماڭا تاماق يەيدىغان ئورۇننى ۋە يەيدىغان تامىقىمنى دەپ بەردى
شۇنىڭ بىلەن تەسكىن تېپىپ ئاچارچىلقتا قالغان ئادەمدەك ھەرخىل تاماقلارنى ئويلىغۇم كېلىدۇ.
لېكىن ئاخىرىدا ئۆزۈمگە دەيدىغىنىم قورساق ئاچسا نان يىيىش ئۇسسىسا سۇ ئىچىش ياخشى ئىش،شىئر يېزىش ئۆزنى خارلاش،ئۆزىنى خارلىغانلارنى دورىما ،ناتسىسىتلارنى بىلمەسلىك بەخىت كۆرسەتكۈچىڭنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.:lol:lol:lol


nasin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 11:57:10

ئاپاق خوجىنى ئاقلىغانلار چىققاندەك گىتلىرنى ئاقلايدىغانلار چىقسىمۇ ھەيران قالمايمەن. دۇنيادا ئىككى خىل ئەڭ قانخور ئىدىيە بار. ھەر ئىككىسى دارۋىننىڭ كۈچلۈكلەر تاللىنىپ ئاجىزلار شاللىنىپ يوقىلىدۇ دىگەن نەزىرىيىسىنى ئىجتىمائىلاشتۇرغان. بىرسى مۇشۇ فاشىزىم، فاشىزىمنىڭ ماھىيىتى بولسا چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىك. مىللەتچىلىك چېكىدىن ئاشقاندا ئۆز مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەرلىكىنى كۆككە كۆتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇنەۋۋەر مىللەت ياشاپ، پەس مىللەتلەر يوقىلىشى كىرەك ياكى مۇنەۋۋەر مىللەتكە بويسۇنۇشى زۆرۈر بولىدۇ دەيدىغان فاشىستىك ئىدىيە بارلىققا كىلىدۇ. شۇڭا گىتلىرنىڭ مىللەت توغرىسىدىكى دەبدەبىلىك سۆزلىرىدىن ئارتۇقچە تەسىرلىنىپ كىتىشكە بولمايدۇ.
فاشىزىم مىللەت بويىچە ئىنسانلارنى مۇنەۋۋەر، پەس دەپ ئايرىغان بولسا، يەنە بىر خىل ئىدىيەدە بولسا ئىنسانلار سىنىپلار بويىچە ئايرىيدۇ. ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سىنىپ كونا سىنىپنى يوقىتىپ ئورنىنى ئالىدۇ.
گەرچە ھازىر كىشىلەر كۆپرەك فاشىزىمنى تىللىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۈستىدىكى ئىككى خىل ئاشقۇن ئىدىيە قۇربانى بولغان ئىنسانلارنىڭ سانى تەڭ دىگۈدەك.

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 12:43:48

@windows100 بېرىلىپ ئوقۇۋاتقاندا ئىنكاسىڭىز تۈگەپ كەتتى. يېقىندىن بېرى بەكلا ئوماق سۆزلەيدىغان بوپقالدىڭىز {:112:}

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 13:31:40

يېقىندىن بۇيان ئىدىيەسىز دۇنيادا ياشاشنى ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىممۇ نېمە؟{:92:}{:92:}{:92:}

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 14:14:12

يامان يېرى ھازىرمۇ ئارىمىزدا گېتلىرنى ئۇلۇغ بىلىدىغان، ھېلىقى « مېنىڭ كۆرەشلىرىم » ناملىق ئەخلەت يازمىسىنى ھاياجانلىنىپ، كۆزلىرىدىن ياشلار تۆكۈپ تۇرۇپ تىلغا ئېلىپ ئوقۇيدىغان، نۇمۇس قىلماي تورلاردا باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىدىغان، ئادەملىك تەبىئىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن غالجىر ئۇيغۇرلىرىمىز بار.

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 15:26:46

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-16 10:04 static/image/common/back.gif
نۇرمال ئەمەسكەنسىز  ، ئۇ بىر قاتىل

ئىزدىنىشقا كىرمىگىلى خىلى ئۇزۇن بولغانتى، يىڭى باللا تىخىچە «يىڭى» پىتى تۇرۇپتۇ-!

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 15:27:23

3- ئىمپىرىيە غەلبە قىلغان بولسا بەلكىم تارىخىمىز باشقىچە يېزىلغان بۇلىشى مۇمكىن ئىدى {:116:}

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 15:35:01

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-16 11:40 static/image/common/back.gif
گىتلىر دىيارىمىزغا كىرمىگەن ، ئەگەر بۇ يەرلەرگىمۇ تاج ...

گىتلىرنىڭ ياۋرۇپا ئەحلەتلرىنى تازلىشى ۋەزىيەتنىڭ ئىھتىياجى دەپ چۅشەنسەك
يىڭى گىرمانىيەنىڭ يەھۇدىلاردىن كەچۅرۅم سورىشىمۇ ئوحشاشلا ۋەزىيەتنىڭ ئىھتىياجى
ياۋرۇپا گىرمانىيەگە رەھمەت ئىيتىشى كىرەك، يەھۇدىلارمۇ گىرمانىيەگە رەھمەت ئىيتىشى كىرەك
گىتلىرۋە گىرمانىيە 1-دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزعىمىعان بولسا ياۋرۇپا شىرىن چۅشتىن ئويعانمىعان
بۅگۅنكى كۅچلۅك ئىسرائىليەمۇ بولمىعان بولاتتى
ئۇرۇشتىن قىچىش، ئۇرۇش قىلىشنى حالىماسلىق ئاجىزلارنىڭ پىسحىكىسىدۇر
ئەنە قانلىق ئۇرۇشنى باشتىن كەچۅرگەن بىربرىىگە قىلىچ تەڭلەشكەن ياۋرۇپا ھازىر ئىنتايىن تىنىچ
باي،باياشات تۇرمۇش كەچۅرۋاتمامدۇ، ياۋرۇپانىڭ تارتىش كۅچى ھازىر ئەڭ ئالدىدا، ياۋرۇپانىڭ شارائىتى
ئامرىكىدىنمۇ ياحشى، ئەنە شۇ گىتلىر قوزعىعان چىگرا ئۇرۇشى ھازىر بارلىق ياۋرۇپا چىگرالىرنى
بىتچىت قىلىۋەتتى ، شەرقى ياۋرۇپامۇ روس تەسىردىن قۇتۇلۇپ ياۋرۇپاعا ئىنتىلىۋاتمامدۇ!؟
تۅركىيەمۇ ياۋرۇپاعا كىرەلمەي ئاۋارە....

ھەق:  قارىعاندا ئۇرۇش ئانچە ناچار ھەركەتمۇ بولمىسا كىرەك

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 16:00:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kurax007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-16 16:02  

kartanesi يوللىغان ۋاقتى  2014-1-16 14:14 static/image/common/back.gif
يامان يېرى ھازىرمۇ ئارىمىزدا گېتلىرنى ئۇلۇغ بىلىدىغان ...

..................ئادەملىك تەبىئىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن غالجىر ئۇيغۇرلىرىمىز بار.  

     سىز يۇقىرقى جۈملىدە  «ئادەملىك تەبئىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن » ،«غالجىر  » دىگندەك ئادەمنى سەسكىندۈردىغان    سۈپەتكە ئىگە  بۇ ئۇيغۇرلارنى   ئۇلارنىڭ ئىسمىغا  « مىز » دىن ئىبارەت ئىگىلىك كىلىش قۇشۇمچىسىنى قۇشۇش ئارقىلىق ئۈزىڭىزنىڭ شۇ «ئۇيغۇرلار» بىلەن بىر توپتا ئىكەنلكىڭىزنى  بىلدۈرۈپسىز  .  پۇتۇن ئنكاستىن قارىسام سىز بۇ توپقا تەۋە ئەمەستەك . شۇڭا مىنىڭ چۈشەنمىگىنىم سىز زادى شۇ «ئۇيغۇرلار» بىر توپتىمۇ  ياكى   بىر توپتا ئەمەسمۇ ؟!     

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 16:40:34

ئەرگىنەقۇن ئەپەندى ، بەلكىم ئاكا دىيىشىم كىرەكتۇ ،   سىزنى  ئىزدىنىشقا ئەزا بولۇشتىن ئىلگىرىلا  ئىنكاسلىرىڭىزنى ئوقۇپ خىلى ئىلغار پىكىرلىك كىشىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم     
ئەمما ئەمدى چۈشەنمىگىنىم نىمىشقا فاشىزىمنى ئاقلايسىز ، سىزنىڭچە گىتلىر شۇنچە ئادەمنى قىرىۋەتمىگەن بولسا ياۋرۇپا        بۇنچە تەرەققى قىلماسمىدى ، سىز بۇلارنى ئىتىزدىكى ئوتلارنى يۇلىۋەتمىسە زىرائەت ياخشى ئۆسمىگەنگەندەك  ھىس قىلىپ   يەھۇدىلارنىڭ گىرمانىيە ئىقتىسادىنى كونتىرىل قىلۋالغانلىق سەۋەبىدىن قىرغىن قىلنىشىنى توغرا دەپ قارايدىكەنسىز دە!  سىزچە بۇ ئادىللىق بولامدۇ
   سىز دۇنياغا ھوكۇمران بولماقچى بولغانلارغا قانداق قارايسىز    : ئوغۇزخان ، باتۇر تەڭرىقۇت ، ئاتىللا ، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ، چىڭگىزخان ، تىمورلەڭ ، ناپالىئۇن  ، گىتلىر  ……
  ئۇلارغا باھا بىرىشتە نىمىگە ئاساسلىنىسىز؟
    بىلىمىمنىڭ تىيىزلىكىدىن  دىگەن گەپلىرىم ، سۇئاللىرىم مۇجمەل بوپقالغان بولىشى مومكىن  

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 16:42:30

ئەرگىنەقۇن ئەپەندى ، بەلكىم ئاكا دىيىشىم كىرەكتۇ ،   سىزنى  ئىزدىنىشقا ئەزا بولۇشتىن ئىلگىرىلا  ئىنكاسلىرىڭىزنى ئوقۇپ خىلى ئىلغار پىكىرلىك كىشىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم     
ئەمما ئەمدى چۈشەنمىگىنىم نىمىشقا فاشىزىمنى ئاقلايسىز ، سىزنىڭچە گىتلىر شۇنچە ئادەمنى قىرىۋەتمىگەن بولسا ياۋرۇپا        بۇنچە تەرەققى قىلماسمىدى ، سىز بۇلارنى ئىتىزدىكى ئوتلارنى يۇلىۋەتمىسە زىرائەت ياخشى ئۆسمىگەنگەندەك  ھىس قىلىپ   يەھۇدىلارنىڭ گىرمانىيە ئىقتىسادىنى كونتىرىل قىلۋالغانلىق سەۋەبىدىن قىرغىن قىلنىشىنى توغرا دەپ قارايدىكەنسىز دە!  سىزچە بۇ ئادىللىق بولامدۇ
   سىز دۇنياغا ھوكۇمران بولماقچى بولغانلارغا قانداق قارايسىز    : ئوغۇزخان ، باتۇر تەڭرىقۇت ، ئاتىللا ، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ، چىڭگىزخان ، تىمورلەڭ ، ناپالىئۇن  ، گىتلىر  ……
  ئۇلارغا باھا بىرىشتە نىمىگە ئاساسلىنىسىز؟
    بىلىمىمنىڭ تىيىزلىكىدىن  دىگەن گەپلىرىم ، سۇئاللىرىم مۇجمەل بوپقالغان بولىشى مومكىن  

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 17:33:30

ھايىت گىتلىر !

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 17:38:23

تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلنى ۋاقتى ۋاقتىدا ئىلىپ  مىھرىبان كومپارتىيەگە رەھمەت ئىيتىپ ئۆتىشىمىز كىرەك !
گىتلىردەك ،روزۋىلىتتەك ،ساماۋى پادىشادەك ۋە ئۇنىڭ سامرۇي گىنراللىرى ،مۇستاپا كاملدەك ،گىتلىردەك
ئۆز خەلقىنى دەپ ئىنسانىيەتنى خاراپ قىلغان  يىرىتقۇچلارنى  توختىماي تىللىشمىز كىرەك ! {:92:}
بەت: [1] 2 3
: فاشسىت گىتلىرنىڭ ئۇرۇش ئالدىدىكى نۇتۇقى