شىنجاڭ كوماندىسى 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى
ئۈرۈمچى ۋاقتى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 25- ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا 1-ئاۋغۇسىت ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى باشتىن ئاخىرى ئۆستۈنلۈكنى ساقلاپ ئاخىرى 141-91 نەتىجە بىلەن 1-ئاۋغۇسىت ۋاسكېتبول كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا بەش مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى 20 مەيدان غەلبە قىلىش 5 مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن يەتتە ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 31 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سېنگېلدون 20 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياڭ جىمىڭ 20 نۇمۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ تاڭ جىڭدۇڭ 18 نۇمۇر، 8 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 13 نۇمۇر، 8 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ لىيۇ شۇنەن 14 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ يۈچاڭدۇڭ 10 نۇمۇر، 9 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۇۋىي 2 نۇمۇر، 1 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىدىن ۋاڭ جىجى 11 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جاڭ بو 29 نۇمۇر ئالدى، 5 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ شۇ جۇڭخاۋ 15 نۇمۇر، 10 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛دېلى خېي 12 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 21-يانۋار ئۆز مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا جېجىياڭ گۇاڭشىيا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php
نىمە دىگەن چوڭ نۇمۇر پەرقى بۇ. ئادىلجاننىڭ كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى تازا ياخشى ئەمەسقۇ يىقىنقى بىر نەچچە يىلنىڭ ياقى... 1- ئاۋغۇسىت كوماندىسى بەك كۈچلۈك كوماندىتىيا. ئارمىيەنىڭ يۈزىنى توكىۋەتتىمۇ نېمە؟ تېخىچە باكىنا ئا ئا ۋاڭ دىگەن قېرى گۇي tarim يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 20:54 static/image/common/back.gif
بۇ خەنزۇلار بەك قىزىقكەن ،شىنجاڭ گۇاڭخۇي چەتئەلنىڭ ك ...
ۋاسكىتبول دېگەنگە قىززىقىپ كەتمەيمەن، ئەمما بۇنداق ئەھۋالنى تۇنجى ئاڭلىشىم {:107:}
بەت:
[1]