karquga يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 19:43:45

بازاردىكى ئاشخانىلاردا تاماق يېگىلى بولامدۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karquga تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-15 20:27  

بازاردىكى ئاشخانىلاردا تاماق يېگىلى بولامدۇ؟ ئەلىۋەتتە بۇ تىمىنى كۆرگەن ئوقۇرمەن - بۇ تىمىغا ھەيران قېلىشى ۋە شۇنداقلا تىما يوللىغۇچىغا ھەيران قېلىشى مۈمكىن، ئالدىرىماڭ -بۇمۇ بىر تەھلىل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىش.
كونىلاردىن قالغان بىر تەمسىلىمىز بار ،يەنى ‹‹ ھەرقانداق ئەقىللىق ئادەمنى، بازاردىن بىر قېتىم تاماق يېگۈزىۋەتسە ،ئۇ ئادەم دۆتلىشىپ كىتىدۇ!›› بۇ ئەمەليەتتە ناھايىتى جايىدا ئېيتىلغان سۆز.

  ئەمدى تۆۋەندە بىز بازاردىكى ئاشخانىلار ۋە تاماقلار توغۇرۇلۇق توختىلايلى:
  ئومۇمەن تاماقلارنى چوڭ جەھەتتىن- قورۇپ ئېتىلگەن تاماق ۋە قورۇلماي ئېتىلىدىغان تاماق دەپ بۆلۈپ قاراشقا بولىدۇ. مەيلى قايسى تۈردىكى تاماقلار بولسۇن، ئۇ تاماقلارغا مەينەت ياكى زەھەرلىك خۇرۇچلار ئارلىشىدىكەن - شۇ تاماقنىڭ مەينەتلىك ۋە زەھەرلىك دەرىجىسى، شۇ خۇرۇچنىڭ مەينەتلىك ۋە زەھەرلىك دەرىجىسىگە تەپمۇ -تەڭ بولىدۇ. شۇ ئاساستا بازاردىكى تاماقلارنى دەرىجىگە ئايرىپ باقايلى:

1.   قورۇپ ئېتىلگەن تاماقلارغا كىتىدىغان خۇرۇچلار ۋە مەينەتلىك ۋە زەھەرلىك دەرىجىسى:

ئۇن ياكى گۈرۈچ: - مەينەتلىك ۋە زەھەرلىك دەرىجىسى= 0؛(ئاشپەزلەر قولىنى يۇيۇپ ئەتكەن بولسا)

سەي كۆكتاتلار   : -   مەينەتلىك ۋە زەھەرلىك دەرىجىسى= 0؛( پاكىز يۇيۇلغان بولسا)

ياغ -مەينەتلىك ۋە زەھەرلىك دەرىجىسى= 10؛(ھازىر ھەرقانداق ئاشخانىلاردا سۈپەتسىز ۋە كىلىش مەنبەسى نامەلۇم چىگىت يېغى ئىشلىتىلىدۇ، مەينەت ۋە زەھەرلىك، ئۇزۇن ۋاقىت ئىستىمال قىلىنسا بەك زىيانلىق، ئىپادىسى: ئاشقازان ۋە مەقەتنى قانىتىۋىتىدۇ، ئۆسمە پەيدا قىلىدۇ). ئادەتتە ئائىلىگە ياغ ئالغاندىمۇ، چوقۇم ياغ تارتىدىغان يەردە(جۇۋازخانىدا)، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئېلىش كېرەك. تۇڭلۇق ياغلارنى ئالغاندا قاتتىق دېققەت قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكىلەر: ‹‹قەشقەر باھارى›› ماركىلىق ياغنى ئىستىمال قىلماڭ، بولمىسا دوختۇرخانىدا كىرىپ قالىسىز!

تۇز :-مەينەتلىك ۋە زەھەرلىك دەرىجىسى=5؛(تەكشۈرۈش ئارقىلىق،كۆپ ساندىكى ئاشخانا ۋە ناۋايخانىلاردا سانائەت تۇزى ئىشلىتىلىدىغانلىغى ئېنىقلاپ چىقىلغان)

گۆش:-  مەينەتلىك ۋە زەھەرلىك دەرىجىسى= 2؛  ( مول تەجىربىلىك قېرىندىشىمىزنىڭ پىكىرى: ئەڭ ياخشىسى بازاردىن گۆش يىمەڭ.)


2.   قورۇلماي ئېتىلگەن تاماقلارغا كىتىدىغان خۇرۇچلار ۋە مەينەتلىك ۋە زەھەرلىك دەرىجىسى:

ئۇن ياكى گۈرۈچ: - مەينەتلىك ۋە زەھەرلىك دەرىجىسى= 0؛(ئاشپەزلەر قولىنى يۇيۇپ ئەتكەن بولسا)

سەي كۆكتاتلار   : -   مەينەتلىك ۋە زەھەرلىك دەرىجىسى= 0؛( پاكىز يۇيۇلغان بولسا)

تۇز :-مەينەتلىك ۋە زەھەرلىك دەرىجىسى=5؛(تەكشۈرۈش ئارقىلىق،كۆپ ساندىكى ئاشخانا ۋە ناۋايخانىلاردا سانائەت تۇزى ئىشلىتىلىدىغانلىغى ئېنىقلاپ چىقىلغان)

گۆش:-  مەينەتلىك ۋە زەھەرلىك دەرىجىسى= 2؛ ( مول تەجىربىلىك قېرىندىشىمىزنىڭ پىكىرى: ئەڭ ياخشىسى بازاردىن گۆش يىمەڭ.)


3. باشقا تۈردىكى تاماقلار ۋە مەينەتلىك ۋە زەھەرلىك دەرىجىسى:

كاۋاپ:-مەينەتلىك ۋە زەھەرلىك دەرىجىسى=1؛ قىيمىلىق كاۋاپدىن باشقا كاۋاپلارنى دىققەت قىلىپراق يېسىڭىز بولىدۇ.

شورپا:- مەينەتلىك ۋە زەھەرلىك دەرىجىسى=1؛ ئومۇمى جەھەتتىن يېسىڭىز بولىدۇ.

قىيمىلىق تاماقلار:-مەينەتلىك ۋە زەھەرلىك دەرىجىسى=5؛ (گۆشىدە ئىشەنىچ يوق،ئەڭ ياخشىسى يېمەڭ.)


  يۇقارقىلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقارغىلى بولىدۇكى: يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولسا، دىيارىمىزدىمۇ بەك ئېغىر؛  پايدىنى كۆزلەپ زىيانلىق، مەينەت ۋە زەھەرلىك خۇرۇچلارنى ئىشلىتىغان ئاشپەز ۋە ئاشخانا خوجايىنلىرى ھەرگىز يوق ئەمەس، بار؛ ۋە بەلكى بارغانسىرى ئاۋۇپ كىتىپ بارىدۇ.

شۇ سەۋەبلىق- ھەممەيلەن سالامەتلىگىمىز ئۈچۈن، ئىمكانقەدەر ئۆيدە تاماق ئېتىپ يەيلى.

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 19:57:50

بازارنىڭ گۆشىدە قانداق مەسىلە بار؟!ھارام گۆشلەر دېمەكچىمۇيا؟!!

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 20:08:10

كونىلاردىن قالغان بىر تەمسىلىمىز بار ،يەنى ‹‹ ھەرقانداق ئەقىللىق ئادەمنى، بازاردىن بىر قېتىم تاماق يېگۈزىۋەتسە ،ئۇ ئادەم دۆتلىشىپ كىتىدۇ!›› بۇ ئەمەليەتتە ناھايىتى جايىدا ئېيتىلغان سۆز.      

    ما گەپنى تۇنجى ئاڭلىشىم كونا زامانلاردا ھازىرقىدەك خىمىيەلىك نەرسىلەر (يوق دىيەرلىك)ئاز تۇرسا بۇ گەپنى كونىلار دىگەندەك ئەمەس. بىزدە يبمەككە شەك چۈشۈردىغان گەپنى دېيىشنى خالىمايمىزغۇ بولۇپمۇ ئۆزىمىزنىڭكىنى .

karquga يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 20:14:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karquga تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-15 20:15  

بازاردىكى كۆپلىگەن ئاشخانىلارنىڭ ئالدىدا، ئەركەك قوينىڭ يېرىم ياكى پۈتۈن ھالەتتە ئىلىغلىق تۇرغانلىغىنى كۆرىشىڭىز مۈمكىن. كۆپ ئەھۋاللاردا ئۇ گۆشلەر شۇ ھالەتتىلا تۇرىدۇ، ئىشلىتىلمەيدۇ. دېمەك - بۇ بىر قىلتاق.
جەنۇبتا يۈز بەرگەن ‹‹ئىشەك گۆشى›› مانتىسى ۋە قىيمىلىق تاماق ۋەقەسىگە تېخى كۆپ ۋاقىت بولمىدى، قېرىنداش مىللىتىمىز بايقاپ مەلۇم قىلمىغان بولسا، يەنە قانچە ۋاقىت داۋاملىشاتتىكىن؟
ئىچكىردىن پويىزدا توشۇپ چىقىلغان 70توننا جىگەرنىڭ تۇتۇپ بىراك قىلىنغىنىغىمۇ ئۇزۇن بولمىدى، شۇلارنى قىلغانلارنىڭ ھەممىسى يەنە بىز خەق ئىدى.

....................

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 20:23:00

ئېنىق پاكىت يوق گەپنى دەۋەرماڭلا باللا

karquga يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 20:34:13

يەنە قانداق پاكىت لازىم؟

almali يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 21:02:39

karquga يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 20:14 static/image/common/back.gif
بازاردىكى كۆپلىگەن ئاشخانىلارنىڭ ئالدىدا، ئەركەك قوي ...

ھەممىسى پىتنە. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ئاخاناا بىر ھاجىمنىڭ ئاشخانىسى، ئېشەك گۆشىنىڭ تەمىنى بىلىدىغان بايقىغۇچى بىر خەنسۇ. خەنسۇ يولداش كىرىپ قېلىپ، ھاجىمنىڭ ئاشخانىغا ئېشەك گۆشى ئىشلىتىۋاتقىنىنى ئېچىپ تاشلاپتۇ:
− بۇ مانتىغا سالغان گۆش ئېشەك گۆشى ئىكەن. سەن بىر ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۆز قېرىنداشلىرىڭنى مۇشۇنداق بۇلغىساڭ بۇلامدۇ!
ئۇنىڭ ئېشەك گۆشىنى بىلگىنىگە قارىغاندا ئۇنىڭ غەيرى مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلىۋالماق قىيىن ئەمەس. لېكىن ئىسلامغا ئېتىقاد قىلمايدىغان كىشىنىڭ ئېشەك گۆشىنى يامان دەپ ئويلىغىنىغا ھەيران قېلىشتىن ئاۋال بىز چوقۇم ئېشەك گۆشى يېسە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمانى بۇلغىنىپ كېتىدۇ دەپ ئويلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمانى ئۈچۈن بىر خەنسۇنىڭ پەرياد كۆتەرگىنىگە تاڭ قالماي ئامالىمىز يوق.
مەن ھەممىدىن ئاۋۇ ھاجىمغا ھەيرانمەن. ئېشەك گۆشىنىڭ باھاسىنى توردىن ئىزدەپ باقسام بىر جىڭى 35 كويدىن 45 كويغىچە ئىكەن، دېمەك، بىر كىلوسى 70 يۈەندىن 90 يۈەنگىچە دېگەن گەپ. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە قوي گۆشىنىڭ باھاسى قىرىق كويغىمۇ چىقمىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئابرويغا مەبلەغ سېلىش مۇدا بولۇۋاتقان بۇ جەمئىيەتتە بىر ھاجىم بولغان ئادەم باشقىلارنىڭ ئىمانىنى بۇلغاش ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغ سالدى دېگەن گەپ. ئۇنىڭ ئىمان بۇلغاشقا شۇنچە كۆپ بەدەل تۆلىشى نىمە ئۈچۈندۇ؟

karquga يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 21:19:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karquga تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-15 21:22  

قۇرۇق گەپنى قىلماڭ! قېرىپ كەتكەن ياكى ئۆلۈك ئىشەكنىڭ گۆشىنى ھىچكىم پۇلغا ئالمايدۇ.

جەنۇبنى زىل - زىلىلىگە سالغان بۇ ۋەقە بۇ. باش جىنايەتچىگە 10يىللىق جازا ۋە 80،000يۇئەن جەرىمانە قويۇلغان.

eldos يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 21:31:27

karquga يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 21:19 static/image/common/back.gif
قۇرۇق گەپنى قىلماڭ! قېرىپ كەتكەن ياكى ئۆلۈك ئىشەكنىڭ گ ...

تەپسىلى يازمامسىلە ، بىلىپ قالىلى . قاچان ، قايەردە ، يۈزبەرگەن ئىسمى نىمە ئۇ ئادەمنىڭ ؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 21:32:45

Typography يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 20:08 static/image/common/back.gif
كونىلاردىن قالغان بىر تەمسىلىمىز بار ،يەنى ‹‹ ھەرقاند ...

شۇنداق گەپ ھەقىقەتەن بار. شۇ ھەقتە بىر ھېكايەتمۇ بار ئەل ئىچىدە.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 21:51:57

قايسى كۈنى بىرسى چ چ دا ئاقسۇدا پالان- پۇستان دەپ ئۇچۇر يوللىۋىدى ، ئاقسۇلۇق باللار توردا يوقكەن راست- يالغىنىنىى بىلەلمىدىم.
ھازىر بەزى ئىشلارنى كوچا پارىڭىزدىن ئاڭلايدىكەنمىز بۇنداق ئىشلارغا قارىتا ھۆكۈمەتتتىن  ئېنىق بىر خەۋەر بىرىلمەيدۇ، كوچا پارىڭىنى دېسە خاپىلىق سالىدىغان بولغاچقا ئاشكارە سورۇندا شۇ ھەقتە پاراڭلاشقىلىمۇ بولمايدۇ .  شۇڭا ئاڭلاپلا قويۇدىكەنمىز.

almali يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 21:58:15

بەش بەش ياش ۋاقتىمدا بۇ ئىشنى قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى بىر ئاشخانىدا بولغان دەپ ئاڭلىغانىدىم. كېيىن بۇ ئىش يۈز بەرگەن ئورۇن ئۈرمچىگە يۆتكەلدى. ئىشقىلىپ يۈزبەرگەن ئىش بىرلا، لېكىن يۈز بەرگەن ئورۇن توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتىدۇ. پەرىزىمچە بۇندىن كېيىنمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن چوڭ شەھەردىن قورقۇشنىڭ مەھسۇلى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلەردىكى تەكرارلىققا مەپتۇنلۇق كېسىلىنىڭ مەھسۇلى. مەن پالانى كىشى چۈشىدە رەسۇلىللاھنى كۆرۈپتۇ دېگەن خەتنىمۇ 81- يىلى تۇنجى قېتىم كۆرگەن. شۇ چاغدىمۇ بۇ چۈشنى كۆرگۈچى ئوخشاش كىشى ئىدى، چۈشنى كۆرگەن ۋاقتى ئالدىنقى كۈنى ئىدى. يىللاردىن 33 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ چۈش كۆرگەن شۇ كۈن ئالدىنقى كۈن بولۇپ تۇرۇۋەردى.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 22:03:10

سىرتقا چىققاندا نىمە يەيمىز قېرىنداشلار ؟
قازان،چۆمۈچنى ئېلىپ يۈرگىلى بولامدۇ…ئۈچ ۋاق قۇرۇق نان يەمدۇق ؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 22:14:49

ئىشەكنىڭ باھاسى بەك ئۈستۈن ھازىر. ئۇ  سىز كالا گۆشى دەپ يەۋاتقان سامسىنىڭ ئىچىدىكىسى تۆگە گۆشى بولىشى مۇمكىن. تۆگە گۆشى ئەرزانراق ھازىر بودا مالنىڭ گۆشى ئىچىدە.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 22:24:32

almali يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 21:58 static/image/common/back.gif
بەش بەش ياش ۋاقتىمدا بۇ ئىشنى قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى بى ...

شۇ ئىش بىرنېمە ئۇستامنىڭ كالا گۆشى ئۈگرىخانىسىدا بولغان، ئورنى ئۈچ- بەش دوقىدا ئىدى، شۇ چاغدا ئۇ دۇكانغا ( بۇنداق ئۈگرەخانا ئازتى) كىرىدىغانلار بەك كۆپتى.
شۇ ئىش چىققاندىن كېيىن شۇ ئاشخانا ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىنى تاقىدى. ھازىر شۇ دۇكاننىڭ ئورنىغا يېڭىدىن چوڭ سودا ساراي سېلىندى.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 22:25:04

بۇنداق  ئەھۋال  ئاز سانلىق  ئاشخانىلاردا  بولۇشى  مۈمكىن،ئومۇملۇققا  كۆتۈرمەيلى . دەدىل  ئىسپاتسىز  پىسپاس گەپنى  تولا  قىلىدىغان  باللا  باركەن ...............

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 23:04:24

ئامالنىڭ بارىچە يەيدىغانغا ئىشلىتىدىغان نەرسىنى ئۆزىڭڭز ئىشەنچىلىگىنى تاللاپ،ئۆيدە ئىشلەپ يەڭ،ئۇنى بۇنى دىمەيلى،ھەممىسى ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىگى ئۈچۈن،بىلمەي ھارام نەرسە يەپ قالسىڭىزمۇ ئەپۇسى بار،ئەمما بىجىرىم بولمىغان تەن ئۆزىمىزنى قىيناپ قويىدۇ.
سىرتتا ھەپتىدىن ئارتۇق تۇرىدىغان ئىش بولسا،بىرىنچى قىلىپ قىلىدىغان ئىشىم سايمان،خۇرۇچ تېپىپ،ئۆزەم قىلىپ يەيدىغان ئادەت قىلىۋالدىم،قىلاي دىسەك قىلغىلى بولىدىكەن،بىر سائەت ۋاقىت چىقارسام(ئەمىلىيەتتە ئاشخانىدا تاماققا ساقلىغانچىلىك ۋاقت)ئۈچ ۋاخ تاماقنى بىراقلا قىلىۋالىمەن،ئۈچ ۋاخلىق لەغمەن،ئۈچ ۋاخلىق پولو،ئۈچۋاخلىق مانتا دىگەندەكلەرنى بىر قېتىمدا قىلىپ،ئۈچ ۋاخقا ئىسسىتىپ دىگەندەك يەۋېتىمەن(قوساققا پەقەت ئۇتتۇرمايمەن)،ئىسسىتىپ يىگىنىمىز بەرىبىر ئاشخانىدىكى ھەر خىل شەكىلدىكى تەييار ماتىريالدىن ئەتكەن تاماقتىن قۇۋۋەتلىك ،ئىشەنچىلىك بولىدۇ،بۇنى تاماق ئىتىشنى بىلىدىغان ئادەم بىلىدۇ.
ھەرنىمە دەيمىز،يىمەك؛ىك بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەممەيلەننى مۇشۇنداق روھى كېسەل قىپ قويدى.قايسىڭلار بۇنىڭدىن كۆز يۇمالايسىلەر،ئاز ساندىكى،كۆپساندىكى تاماقخانىلار ئۇنداق مۇنداق دەپ ئۆزىمىزنى ئالدىمايلى بولدى.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 00:06:45

7-قەۋەتتىكى ئۈيۈمنىڭ مېھمانخانىسىغا يۇغان تۇنۇردىن بىرنى سېلىپ، نان يېقىپ، كاۋا-بەرەڭگە كۈمۈپ، سەپەرگە چىققاندا پۇتامغا چىرايلىق يۆگەپ بەلگە چىگىۋالىمەندە ھەممە ئىش ھەل بۇلىدۇ.

xjks يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 00:15:54

karquga   بۇرادەر ‹قەشقەر باھارى ›ماركىلىق ياغدا قانداق مەسلە بار.پاكىت بىلەن سۇزلىمەمسىز؟

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 02:36:45

بۇ بىرلا مىسال ئەمەس قىرىنداشلار،
بىزنىڭ ناھىيىدىمۇ مەن ئاڭلىغان، ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن ئىككى ئاشخانا ئاشۇنداق ھارام ماللارنىڭ  قىيمىسىنى ئەكىلىپ ئاشخانىغا ئىشلىتىپ، ئاشكارلىنىپ قىلىپ بەك غولغۇۋا بولغان. ئاخىرى بىمە بولدى، ھىلقىلار بىز ئاشخانىنىڭ ۋىۋىسكىسىغا مۇسۇلمانچە دەپ يازمىغان دەپ قۇتۇلۇشىتى. ھېچكمنىڭ كارى بولمىدى.
ھارام گۆشنىڭ قىيمىسنىڭ كىلوسى  ئون نەچچە كوي ئىكەن باشقىلاردىن ئاڭلىساق.
بەت: [1] 2 3
: بازاردىكى ئاشخانىلاردا تاماق يېگىلى بولامدۇ؟