istikbal يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 13:26:38

ئۇيغۇر خەۋەر تورى ئەپ دىتالى 2.0 تارقىتىلدى

ئۇيغۇر خەۋەر تورى كەڭ خەلق ئاممىسىنى ساپ ،پاكىزە خەۋەر بىلەن تەمىنلەيدىغان ، ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلنىڭ بۈيۈكلىكىنى ساقلاش ۋە قوغداشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان ،قېرىنداشلىرىمىزنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى ھەر خىل مول –مەزمۇنلۇق يىڭى-يىڭى ئۇچۇر ۋە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن تۇلۇق خەۋەردارقىلىشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان تور بىكەت بۇلۇپ. تور بىكىتىمىز 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېچىۋېتىلگەن .تور بىكىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىل بولغانلىقىنى تەبىرىكلەش شۇنداقلا بىزنى قوللىغان بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمىتىمىزنى بىلدۇرۇش  مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن يەنى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇيغۇر خەۋەر تورىمىز ئەپ دىتالىنىڭ 2.0 نۇسقىسىنى ئېلان قىلدۇق.
يىڭى نۇسقا ئەپ دىتالىدىكى ئالاھىدىلىكلەر يۇقۇرى ئىنىقلىقتىكى ئىكرانلاردا نۇرمال كۆرۈلمەسلىك مەسىلىسى تۈزىتىلدى. بەزىبىر خاتالىق چىقىپ چىكىنىپ كىتىدىغان يىتەرسىزلىكلەر تۈزىتىلدى.ئەپ سىنبەلگىسى قوزغىلىش رەسىمى يىڭىلاندى .
كەڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.
ئەپكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم رەسىملەر
http://www.uynews.com/tubiao/icon.png
http://www.uynews.com/tubiao/splash.jpg
چۈشۈرۈش ئادىرسى :http://www.uyhawar.com/mobile
ئۇيغۇر خەۋەر تورى:http://www.uyhawar.com
قۇشۇمچە ئەپنىڭ ios ئالما نەشىرى applestore غا يوللىنىۋاتىدۇ...
ئىلگىرى يانفۇنغا قاچىلىغان قېرىنداشلىرىمىز ئەپنىڭ يىڭىلاش ئۇچۇرىغا ئاساسەن يىڭىلىۋالساڭلارمۇ بولىدۇ.
ئەپكە تەكلىپ پىكىربەرمەكچى،ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز 0903-2966101

naprat2009 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 14:11:10

بۇنىڭدىن كېيىن ئوكيان تورىدىن خەۋەر يۆتكىمەڭلار، بولمىسا ئوغرىلىق قىلدى دەپ ئاشكارا ئەيىبلەيمىز...
ھەر قانداق باھانە كېرەك ئەمەس...

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 14:57:39

بىر خىل نۇرنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشاپ قاپتۇ بولسا ئايكون ۋە رەڭنى ئالماشتۇرغان بولساڭلار خاسلىقنى ساقلىساڭلار بۇلاتتى.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 15:02:56

http://a5.mzstatic.com/us/r30/Purple6/v4/0e/e8/b1/0ee8b1a0-41a9-f3a0-3fbe-6a89f33ee868/screen568x568.jpeg

naprat2009 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 16:17:27

ھەر قانداق باھانە كېرەك ئەمەس...

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 16:19:42

ھەر ھالدا ياخشى قىپسىلەر، تېخىمۇ ياخشى قىلىڭلار.
نۇر تورىنىڭ ئېلانلىرىدىن بىزار بولدۇم، تاللاش ئىمكانىيىتى كۆپرەك بولسا ياخشى بولاتتى.
@naprat2009 ئەپەندى، ئوكياننىڭ ئاندرويىد نۇسخىسىنى ساقلاپ ئېڭىكىمىز چۈشۈپ قالاي دېدى، پىكرىمىزنى يەتكۈزسىڭىز بوپتىكەن.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 16:27:17

naprat2009 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 16:17 static/image/common/back.gif
ھەر قانداق باھانە كېرەك ئەمەس...

بۇنداق كۆزىگە كىرۋالغۇچە چىرايلىق ئەسكەرتسەڭلارمۇ بولىدىغۇ؟ بىر قېتىم ئىنكاستا تەنقىد بېرىپ ئىككىنچىسدە ياخشى تىلەكلەرنى قىلساق.......ھەممە ئىشنى يامان تەرەپتىن كۆرمەي. ھەي............سەۋر كەمدە . بەلكىم بۇنىڭدىن بۇرۇن تەنقىد بىرىپ بولغانسىلەر. بۇ يەردە تېما ئېلان قىلسا كۆزىگە كىرۋېلىپ قايتا دېۋىلشنىڭ ئورنى بارمۇ؟

datman يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 16:28:15

مىنىڭچە ھازىر تىرمىنال چىقىرىشنىڭ بەك ئانچە زورورىيىتى يوق مىكىن دەيمەن

naprat2009 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 17:26:39

esir يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 16:19 static/image/common/back.gif
ھەر ھالدا ياخشى قىپسىلەر، تېخىمۇ ياخشى قىلىڭلار.
نۇر ت ...

ئانجروئىد نۇسخىسى پۈتۈپ بولدى، پات ئارىدا ئېلان قىلىمىز، قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!

naprat2009 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 17:28:43

Typography يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 16:27 static/image/common/back.gif
بۇنداق كۆزىگە كىرۋالغۇچە چىرايلىق ئەسكەرتسەڭلارمۇ ب ...

دېگەن، ھەر نېمە دەپ باققان، مېغىزنى خەق چېقىپ، بالاسىغا بىز قېلىۋاتىمىز ھازىر...
چىرايلىق گەپ قىلغانغا ھە دەمدۇ دەيسىز...بىر بىرىدىن ئۇششۇق، ئۆكتەم...
مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك بولىۋاتىدۇ....
ھېچقانداق باھانە كېرەك ئەمەس...

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 18:37:39

naprat2009 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 17:28 static/image/common/back.gif
دېگەن، ھەر نېمە دەپ باققان، مېغىزنى خەق چېقىپ، بالاسى ...

راس دەيسىز بەزى ئادەملەرگە گەپ قىلىپ  ھېرىپ قالىدىغان گەپ.  باشقىلار جاپا تارتىپ  يازغان تېمىنى بىردەمدە ھەممە تور بېكەتلەردە كۆرىمىز...  مۇشۇنداق  چوڭ سورۇنلاردا تەنقىت قىلىپ قويمىسا  ئۆزىنى بىلىمەيدىغانلار كۆپ ھازىر

rockman يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 03:11:15

قېرىندىشىم istikbal ،
ئاۋۇ ئايكوننىڭ ئاستىدىكى رەسىمدە شوئار تەرىقىسىدە يېزىلغان جۈملىدە مەسىلە بارمۇ قانداق ، ' ئەڭ يېڭى جاھان يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولاي دىسىڭىز، ...' دا ئېمىلا خاتالىقى باردەك قىلىدۇ. 'دىسىڭىز' ئەمەس 'دېسىڭىز' بولسا توغرا بولامدۇ قانداق ؟؟  چۈنكى بۇ سۆز 'دېمەك ' دېگەن پىئىلدىن تۈرلىنىپ كەلگەن .  تەكلىپىم بولسا ئىملاسىنى يەنە بىر تەكشۈرۋېتىپ ئاندىن تارقاتساڭلار تېخىمۇ ياخشى بولامىكى دەيمەن.

يەنە خەۋەرلىرىڭلارنىڭ ئىملاسىغىمۇ كۆڭۈل بۆلگەيسىلەر. چۈنكى بۇرۇن ئەلكۈيى تورىنىڭ ئىملاسىغا دېققەت قىلمايتى، ئاندا-ساندا خاتالىق ئەمەس بەلكى كۆپ يەردە خاتالىق بولدىغان. تېخى 5000نىڭ بىر نۆلىنى ئوشۇق قويۋېتىپ 50000 قىلىپ چىقىرىپ قويغان ئىشلارمۇ بار تېخى، كۆپ ئىدى ئىشقىلىپ، ئاخرى بولماي شۇ ۋاقىتتا كىرمىگەنچە بىر يىلدەك بوپتۇ بىر قېتىممۇ ئېچىپ باقماپتىمەن. شۇڭا ئىملا بەك مۇھىم، مېنىڭچە.

ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن، سالامەت بۇلۇڭلار !

istikbal يوللانغان ۋاقتى 2014-1-21 17:01:22

rockman يوللىغان ۋاقتى  2014-1-16 03:11 static/image/common/back.gif
قېرىندىشىم istikbal ،
ئاۋۇ ئايكوننىڭ ئاستىدىكى رەسىمدە شو ...

تەكلىپ پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت قېرىندىشىم . ئىملانى چۇقۇم چىقڭ تۇتۇشقا تىرىشىمىز
بەت: [1]
: ئۇيغۇر خەۋەر تورى ئەپ دىتالى 2.0 تارقىتىلدى