ئاچچىق قۇستىنىڭ بازىرى چىقتى
ئەمەلىيەتتە بازىرى چىقمىدى نامى چىقىدىغاندەك قىلىدۇ.بۇ كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئاچچىق قۇستىنىڭ يىلتىزى بولۇپ، تەمى ئاچچىق كېلىدۇ.
خېمىيەلىك تەركىبى: ئاچچىق قۇستە تەركىبىدە 0.3-3% گىچە ئۇچۇچان ماي بار. يەنە stigmasterol ، betulin، saussurine، قۇستە ئىشقارى، رېزىنا قاتارلىقلار بار.
فارماكولوگىيەلىك تەسىرى:
1. تارتىشىشنى قايتۇرۇش ۋە قان بېسىمىنى چۈشۈرۈشتەسىرى : قۇستە ئالكولوئىدى كانايچە ۋە كىچىك ئۈچەي سىلىق مۇسكۇلىنىڭ تارىيىشىغا قارىتا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە سىپازما قايتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە . قۇستە يېغىدىن ئايرىپ ئېلىنغان مەلۇم تەركىبلەر سىلىق مۇسكۇلنىڭ تارتىشىشىنى بوشاشتۇرىدۇ، كانالچىلارنى كېڭەيتىدۇ ۋە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.
2. باكتىرىيەگە قارشى تەسىرى: ئاچچىق قۇستە قايناتمىسى تەجرىبە نەيچىسىدە a تىپلىق پاراتىف تاياقچە باكتىرىيەسىنى يەڭگىل دەرىجىدە تۇرمۇزلاش تەسىرى بار. تولغاق تاياقچە باكتىرىيىسى، يېشىل رەڭ تاياقچە باكتىرىيىسى، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتىرىيىسى، زەنجىرسىمان تاياقچە باكتىرىيەلىرىنى تۇرمۇزلاش تەسىرى يوق. بەزى كېسەل پەيدا قىلغۇچى زەمبۇرۇغلارنى تۇرمۇزلايدۇ.
تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇقئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: پەي-مۇسكۇللارنى چىڭىتىش. تېرىنى قۇۋۋەتلەش، قاننى جانلاندۇرۇش،ئەزالارنى قىزىتىش، رەئىس ئەزا(يۈرەك،مېڭە،جىگەر)لارنى كۈچەيتىش، ئاشقازان ، بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ھۆل سوغۇق ۋە غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتىنى تەڭشەش، يەل تارقىتىش، قان تازىلاش،توسالغۇلارنى ئېچىش، مەددە قۇرتنى ئۆلتۈرۈش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىقلار .
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: پالەچ ، لەقۋا، پەي-بۇغۇملار ئاغرىقى، تارتىشىپ قېلىش، ئۇنتۇغاقلىق، قۇلاق ئاغرىقى، سوغۇقتىن بولغان يۆتەل، زىققە، داغ،سەپكۈن، تەمرەتكە، سۈيدۈك ۋە ھەيز تۇتۇلۇش، ئۈچەي قۇرتى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1- قۇستىدىن مۇۋاپىق ئېلىپ، يامغۇر سۈيىگە چىلاپ، شۇ سۇنى بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە ، كونا باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
2-قۇستىنى مەلھەم قىلىپ باشقا چاپسا ئۇنۇتقاقلىقنى يوقىتىدۇ.
3-قۇستىنى زەيتۇن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چېپىپ بەرسە پالەچ ۋە ئەزالار بوشىشىپ قېلىشقا پايدا قىلىدۇ.
4-قۇستىدىن ياغ تەييارلاپ قۇلاققا تېمىتسا سوغۇقتىن بولغان قۇلاق تۇسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ.
5- قۇستىنى يۇمشاق سوقۇپ،ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ يالاپ بەرسە سوغۇقتىن بولغان كۆكرەك شىلىمشىق خىلىتلىرىنى پارچىلايدۇ ۋە تازىلايدۇ، بېقىن ئاغرىقىغامەنپەئەت قىلىدۇ.
6- قۇستىنى يۇمشاق سوقۇپ، ھەسەل سۈيى بىلەن ئىچىپ بەرسە بەلغەم ۋە ئارتۇق ھۆللۈكلەرنى يوقىتىدۇ، يەللەرنى تارقىتىدۇ. ئاشقازان، جىگەر، بۆرەك ۋە دوۋساقنى قۇۋۋەتلەيدۇ. جىگەر-تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ. تالنىڭ ئىششىقلىرىنى قايتۇرىدۇ، يەرقان ۋە بالىياتقۇ ئاغرىقى ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ.
7-قۇستىنى سۇغۇق سۇ بىلەن ئىچسە ئۈچەي قۇرتلىرىنى چۈشۈرىدۇ، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىدۇ.
8-بىر يېرىم گرام قۇستە تالقىنىنى ھەسەل بىلەن ئىچسە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، قۇستىنى خېمىر قىلىپ چاپسىمۇ ياكى يېغىدا مايلىسىمۇ ئوخشاش تەسىر قىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 2.5-4.5گرامغىچە.
زىيانلىق تەسىرى: دوۋساق ۋە ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: رۇمبەدىيان، گۈلقەنت.
مەنبە :www.4tadu.com ھېلىقى شەيىخ ئەيدىزنى داۋالىغان دورا ئۆسۈملۈكى شۇمۇ? ھەئە مۇشۇ ئۆسۈملۈك شۇ .
http://t1.baidu.com/it/u=1194264137,4057188101&fm=21&gp=0.jpg كونىلار بىلمىگەنلىك ئەيىپ ئەمەس دەپتىكەن،تادۇبەگ ئاكا بىرنەرسىنى سورىۋالاي ،ئادەتتە سىلەر دورا ياسىغاندا يامغۇر سۈيىنى كۆپ ئىشلىتەمسىلەر،يامغۇر سۈيىنىڭ قانداق رولى باركىن؟ ئۇنىڭغا ئېرىشش ئۇسۇلىڭلار قانداق بولىدۇ؟ يامغۇر سۈيىنى بۇرۇنقى نۇسخىلاردا يېزىپتىكەن، مەن يامغۇر سۈيى ئىشلىتىپ باقمىدىم ھەم ئىشلەتكەنلەرنىمۇ كۆرمىدىم.ئىبىنسىنا خەشخەش شەربىتىنى يامغۇر سۈيىدە تەييارلىسا ياخشى دەپ كۆرسەتكەن ئىكەن.
يامغۇر يېغىۋاتقاندا پاكىز قاچىغا يىغىۋالسىلا بولىدۇ، ھاۋاسى ساپ يەرلەرنىڭ يامغۇر سۈيى ياخشى.
يامغۇر سۈيىنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن، مۇشۇ ھەر خىل سۇلار ھەققىدە بىر يازما يوللىغان ئىسىمدە ئىدى ،تاپالمىدىم.
توغراق سۈيىمۇ بەك پايدىلىق دەپ ئۆيگە ئەكىلىپ قۇيۇپ ئىچمەي ساقلاۋاتىمەن، نىمىگە ئەڭ بەك پايدىسى باردۇ بۇنىڭ؟ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا جاھىل قان بېسىمىنى چۈشۈرەرمىش،
كونىلار توغراق سۈيى ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ دەپ قارايدۇ. يىغىپ قويۇپ بېسىمدارلىق قىلاي دەۋاتامسىلەر؟:lol يامان قىرتاق بۇلىدىكەن تەمى، بەزىلەر ھەسەل ئارلاشتۇرۇپ ئىچەمىش. يىغىپ قويغىقدەك جىقمۇ ئەمەس، بىرە ئېھتىياجى بارلىغا بىرەمەن دەپ ساقلاپ قويغان. ئۈرۈمچىگە ئالغاچ كىلىپ سېتىۋەتمەپتىمە يە :lol:lol ھەكىمبەگ،ئەكەلدۇرۇپ بولغان ئوخشىمامسىلە؟:lol يەمەنلىك بىر شەيخنىڭ گېپىئۇيغۇر دورىگەرلەرگە مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ پايدىسى تىگىپتۇغۇ ؟
mayhana يوللىغان ۋاقتى2014-1-15 13:03 static/image/common/back.gif
توغراق سۈيىمۇ بەك پايدىلىق دەپ ئۆيگە ئەكىلىپ قۇيۇپ ئىچ ...
ئىچىۋېتىڭ، بۇزۇلۇپ قالىدۇ، ئاساسلىقى دائىم ئىچىپ بەرسە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ..... مەن سىلىگە ھېلىقىنىڭدىن بىرەي سىلە ماڭا مانىڭدىن بىرىڭلا. ئاخشاپ توپتىن چىقىپ ئايرىم ئۇچۇر قىلغانتىڭلىغۇ:lol
ئاپامنىڭ بېشى داۋاملىق ئاغرىيدۇ.يامغۇر سۈيى بىلەن تەڭشەپ بىرىپ باقاي. ھازىر يامغۇر يوق.قارنى ئىرىتىپ قىلسىمۇ بولامدۇ؟ قاسساپ بۇرادەر سىلى ئۇ نەرسىنى راس ئەۋەتمەكچىما؟
بىر مەزگىل ئۈرۈمچىنىڭ كىچسىنى قالايمىقان قىلاي دەپسىلدە. :lol:lol ئەمما ئۇنى راس ئەۋەتىپ قالساڭلار تادۇنىڭ ئىشلىرى ئىلگىركىدىن 20 ھەسسە ياخشى بوپ كىتىشى مۇمكىن. كەچكىچە يەنە بىر تىما يازىدىغان بولدىدە **** نىڭ بازىرى چىقتى دەپ داتۇبەگ ئايرىم ئۇچۇر قىلىپ بەك يالئۇرۇپ تۇرىۋالدى :lol mayhana يوللىغان ۋاقتى2014-1-15 13:03 static/image/common/back.gif
توغراق سۈيىمۇ بەك پايدىلىق دەپ ئۆيگە ئەكىلىپ قۇيۇپ ئىچ ...
قاچىغا ئېلىپ ئازنە كۈنى ئاق مەسچىتنىڭ ئالدىغا بېرىپ مەسچىتتىن بۇرۇن چىققارلارغا سۈفلەتسىڭىز ،ئۆلەي دىگەندە پايدىسى بار (چاقچاق ).
توغراق سۈيىنىڭ زەھەرھەيدەش ،سۇتۇلۇقلاش ،ئىسسىق قايتۇرۇش رولى بار دەپ ئاڭلىغان مەن .ساقلىماي ئىچىۋېتىپ يەنە ئەكىلىپ ئىچىڭ بۇرادەر .