xirhan0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 10:02:35

ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئون ماددىلىق ئائىلە تەربىيىسى

ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئون ماددىلىق ئائىلە تەربىيىسى
1. باشقىلار بىلەن ئۇچىراشقاندا ئالدىن سالام بەر، باشقىلارنىڭ ياخشىلىقى ۋە ياردىمىگە ئېرىشكەندە، ئېغىزچە ياكى يازمىچە رەھمىتىڭنى بىلدۈر، باشقىلارغا ئاۋارىچىلىق توغدۇرۇپ سالغاندا جەزمەن نەق مەيداندا كەچۈرۈم سورا.
2. ئاممىۋى سورۇنلاردا(ئويۇن سورۇنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)ئاۋازىڭنى ئۈچىنچى بىر ئادەم ئاڭلىمىغۇدەك دەرىجىدە پەس قىل.
3. داداڭغا ئېيتىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى ئاناڭغا ئېيىت، ئاناڭغا ئېيتىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى داداڭغا ئېيىت. قانداقلا بولمىسۇن، ئىككىسىنىڭ بىرىنى خەۋەردار قىل.
4. يالغان سۆزلەپ باشقىلارنى ئالدىما، بولمىسا ئورۇق-توغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىڭنىڭ

ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم بولۇپ، مەڭگۈلۈك پۇشايمانغا قالىسەن.
5. جىدەللىشىشكە مەجبۇرى بولۇپ قالساڭ  سىرتقى قۇرال ياكى چىشىڭنى ئىشلەتمە، قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە بىر نەرسە سانچىما. يۇقارقىلارغا دىققەت قىلغان ئاساستا پۇخادىن چىققۇچە ئورۇشساڭ بولىدۇ. ئەلۋەتتە، داداڭ سېنىڭ جىدەلدە غالىپ كىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىدۇ.

6. يەرگە چۈشۈپ قالغان تەڭگىلەرنى تىرىۋېلىپ ئۆيدە ساقلاپ قويساڭ بولىدۇ، ئەمما ئۇنى ئەسلا پورتمىلىڭغا سېلىۋىلىپ ئۆزەڭنىڭ قىلىۋالما.
7. باشقىلار سېنى سەمىمىيلىك بىلەن تاماققا تەكلىپ قىلغاندا، مۇبادا تاماقنى ياقتۇرمىساڭ، ”قۇرسىقىم بەك تويۇپ كەتتى“دىگىن، ھەرگىزمۇ ”كۆڭلۈم تارتمىدى“دىمە.
8. ھەر قانداق يىمەكلىك ۋە نەرسىدە ھاياتلىق مەۋجۇت. يىگۈڭ كەلسە يەپ، تاشلىغۇڭ كەلسە تاشلىساڭ بولمايدۇ.
9. زۆرۈر تېپىلغاندا كوللىكتىپ پىكىرى ۋە ئاممىۋى پىكىرلەرگە ھۆرمەت قىلساڭ بولىدۇ. ئەمما قەلبىڭدە جەزمەن ئۆز ئوي-پىكىرىڭدە چىڭ تۇر.
10. ئادەملەر ئۆز-ئارا پەرىقلىق بولىدۇ، شۇڭىلاشقا ئۆزەڭنى باشقىلار سېلىشتۇرۇپ يۈرمە.
مەنبە: ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى
تەرجىمە قىلغۇچى:  ئېھسان
2014-يىلى 10-يانىۋار.
  مەنبە : ئەكلىشپەرۋەرلىك روھى بويىچە مىسرانىمدىن  بۇ يەرگە يۆتكەپ كېلىندى.
بەت: [1]
: ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئون ماددىلىق ئائىلە تەربىيىسى