izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 21:27:45

نەچچە مىڭ توننا سېرىق ئالتۇن غەربتىن جۇڭگوغا ئېقىپ كىردى

     تاشقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دېيىشىچە، 2014-يىلىنىڭ دەسلىپىدىكى ئالتۇن ئالماشتۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، نيۇيورىك ۋە توكيو بازىرى يۇقىرى باھادا ئېچىلىشنى كۈتۈۋالغان.
   «ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، سېرىق ئالتۇننىڭ باھاسى تەخمىنەن %30 ئەتراپىدا تۆۋەنلىگەن. بۇ بولسا ئامېرىكىنىڭ ئالماشتۇرۇش پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى كېڭەيتىشىنىڭ دەسلەپكى تۈرتكىلىك رولى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، مەبلەغ سېلىنغان پۇل ئالتۇننىڭ مەبلەغ سېلىنىشىنى سىقىپ چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا ياۋروپا ئامېرىكا مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۆكمە قىلىپ ساتقان 1000 توننا سېرىق ئالتۇن جۇڭگو بازىرىغا ئېقىپ كىرگەن.
      دوكلاتتا دېيىلىشىچە، شياڭگاڭدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئېلان قىلغان سودا ستاتىستىكا سانلىق قىممەتلىرى بولسا جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىگە ئېقىپ كىرگەن ئالتۇننىڭ مىقدارىنى ئۆلچەيدىغان ئاساسى بىرلىك بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شىياڭگاڭ ئارقىلىق ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىغا ئېقىپ كىرگەن سېرىق ئالتۇننىڭ ئومۇمى مىقدارى 2013-يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە جەمئىي 1263 توننىغا يېتىپ، ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلدىكىدىن ئىككى ھەسسە ئاشقان، ھەمدە 2012-يىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. ئەمما دۆلەت ئىچىدىن شياڭگاڭغا كىرگەن ئالتۇننىڭ ئومۇمى مىقدارى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن 2.5 ھەسسە ئاشقان.
       سېرىق ئالتۇننىڭ شياڭگاڭغا ئېقىپ كىرىش يولىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان. شياڭگاڭنىڭ شۋېتسارىيىدىن ئىمپورت قىلغان ئالتۇننىڭ ئومۇمى مىقدارى 2013-يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە 793 توننا بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى 131 توننىدىن زور دەرىجىدە ئاشقان. ئەمما شۋېتسارىيىنىڭ ئەنگلىيىدىن ئىمپورت قىلغان ئالتۇننىڭ ئومۇمى مىقدارى ئوخشاش يىلدىكى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا 1141 توننا بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 13 ھەسسە ئاشقان.
لوندون بولسا سېرىق ئالتۇننىڭ تارقىتىلىش ئورنى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى سېرىق ئالتۇننى تۇتقۇ قىلغان پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىغا مەبلەغ سالغان ۋاقىتتا، دائىم ئالتۇن ھاۋالە باشقۇرۇش شىركىتىدە ساقلىنىدىكەن. بىر قىسىم تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەنگلىيىدىن شىۋېتسارىيىگىچە بولغان ئالتۇننىڭ ئېكسپورت مىقدارىدىكى ئېشىشتا، كۆپ قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇنغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تاۋارلارنى مەبلەغ سېلىش نىشانى قىلغان. ئالتۇن تاياقچىسىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئالماشتۇرۇش فوندىدىكى ساپ مەبلەغ قىممىتى 2013-يىلىنىڭ دەسلىپىدىن 9-ئايغىچە تەخمىنەن 700 توننا ئەتراپىدا كېمەيگەن. ھەمدە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى بولسا شىياڭگاڭ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىغا كىرگەن.
    دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى ئىمپورت مىقدارىنىڭ ئېشىشى بولسا ئىستېمالچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىكەن. ياپونىيە پۇل-مۇئامىلە ۋە قىممەت باھالىق زىبۇزىننەت تەھلىلچىسى گۇيجىڭشىڭيىلاڭ:« جۇڭگودا «ئالتۇننى نىشان قىلغان مەبلەغ يولى بولسا ناھايىتى كۈچلۈك ، شۇنداق بولغانلىقى ناھايىتى ئاسانلا سېتىپ چىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دىگەن.

   مەنبە:قۇتيار تورى
  قۇتيار تورىغا چىقىرىلغان تىما ئىكەن ، بىرمۇ ئىنكاس يىزىلماپتۇ، ئىزدىنىش ئاۋات مۇنبەر بولغانلىقى ئۈچۈن كۆچۈرۈپ قويدۇم

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 22:30:14

2013-يىلى ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈشى جۇڭگولۇقلارغا بولۇپ بەردى-دە.تۈنۈگۈن بىرخەۋەرنى كۆردۈم.خىنەندە بىر زەرگەر دۇكىندا قىممىتى 5 مىليون يۈەنلىك ئالتۇن ئىچ كىيىم كۆرگەزمە قىلنىپتۇ.:L
خۇدايىم ساقلىسۇن!!!
ئاۋۇ ياپۇنلىق مۇتەخەسسنىڭ نام -شەرىپى خەنچىدىن بىۋاستىلا ئېلنىپتىغۇ؟:o

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 23:00:49

دىمىسىمۇ ئۆتكەن يىلى روسىيە بىلەن جۇڭەولا ئالتۇن سىتىۋالدى ، ياۋرۇپا ئالتۇنلىرىنى سىتىپقەرىز كىرزىسىنى ئازىراق بولسىمۇ ئوڭشىۋالدى.  

tuygu0995 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 11:31:07

ئەگەر ئالتۇن باھاسى يەنە چۈشسە جۇڭگو بىلەن روسسىيە زىيان تارتىدىكەندە.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 11:38:33

tuygu0995 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 11:31 static/image/common/back.gif
ئەگەر ئالتۇن باھاسى يەنە چۈشسە جۇڭگو بىلەن روسسىيە زىي ...

شۇنداق بولىدۇ . شۇڭا ئۇلار ساتقاندە؟ :L

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 11:39:07

توي قىلدىغان ۋاقىت كەپتۇ ئەمىسە

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 11:48:30

ئالتۇننىڭ    ئاشلىق،       مال باھاسى ، پۇل قىممىتى، پايچىك باھاسى قاتارلىقلار بىلەن قانداق باغلىنىشى بار ؟ ئالتۇننىڭ باھاسى خەلىقئارادا بىردەك ئوخشاش باھادا بولىدىغۇ، ئامرىكىنىڭ جۇڭگۇدا ئالتۇننى تۆكمە قىلىشى ئامرىكىغىمۇ زىيىنى باردۇ ، ئاڭلىسام دوللار بىلەن ئالتۇن باھاسى مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىدا بىلىمى كۆپلەر چۈشەندۈرسە بوپتىكەن

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 13:11:10

ئۇيۇن بار ئالتۇننىڭ چۇشۇپ كىتىشىدە...ئالتۇنننىڭ بۇنداق چۇشۇپ كىتىىشىگە ئالتۇن سودىگەرلىرى ھەرگىز يول قويمايدۇ...

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 20:25:38

غەرپ ئەللىرىنىڭ ھىيلىسى بەك كۆپكەن باللا :
http://www.xahtur.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2430  :funk:

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 00:24:24

ئالتۇن باھاسى يەنەچۈشسە بولاتتى.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 11:19:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-16 11:25  

دۆلىتىمىزنىڭ مۇتەخەسىسسلىرىمۇ قىززىق
2008- يىلى ئالتۇن ئاشقان ۋاقىتلاردا مۇتەخەسىسسلەر
« بۇ ئامىركىنىڭ ئويۇنى ئالتۇننىڭ باھاسىنى ئاشۇرۇپ، دولىتىمىزنىڭ پۇلىنى پاخاللاشتۇرماقچى » دەپ سەرخىل
ماقالىلارنى ئىلان قىلىپ يۇردى. مانا ئەمدى 2013- يىلى ئالتۇن زور كۆلەمدە چۇشسە ، يەنە شۇ مۇتەخەسىسسلەر
« بۇ ئامىركىنىڭ ئويۇنى ئالتۇننىڭ باھاسىنى چۇشۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىكىسپورت قىلىپ تاپقان پۇلىنى يوققا چىقارماقچى»
دەپ سەرخىل   ماقالىلەرنى يەنە ئىلان قىلىۋاتىدۇ.
ئەملىيەتتە ھازىر ئالتۇننىڭ زاپاس مىقدرى بىر دۆلەت پۇلىنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ دىگەن قاراشنىڭ ۋاختى ئۆتكىلىۋاتىدۇ،
ئالتۇن ھازىر پەقەت بىر خىل  مەبلەغ سىلىش ۋاستىسى ھىساپلىنىدۇ،
ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق بولغىنىدەك ، 2008-يىلى ئامىركىدىكى ئاكا ئۇكىلار بانكىچىلىغى ۋەيران بولغانلىغىنى جاكارلىغاندىن كىيىن
دۇنيا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى باشلىنىشىغا سەۋەپ بولدى،ئارقا ئارقىدىن كۆرۇلگەن ياۋرۇپا ئىتىپاقىدىكى
گىرىتسىيە، ئىسپانىيە، پورتىگالىيە ھەتتا ئىتالىيە دىگەندەك دولەتلەردىكى قەرىز مەسلىسى دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىنى
تىخمۇ چۇڭقۇر كىرزىسقا پاتۇردى. ھەتتا ياۋرۇپا ئىتپاقىدا پارچىلىنىپ كىتىش پىكىرى ئەۋج ئىلىشقا باشلىدى.
كىرزىس دىگەنلىك بازار كاسات دىگەنلىك بولىدىكەن،
بۇنداق چاغدا سىز نىمە ياسىسڭىز ياكى نىمە ئالسىڭىز سىتىپ چىقىرالمايدىكەنسىز، پۇلى بارلار قالايمىقان مەبلەغ چىقارمايدىكەن
سەل بىخەتەر مەبلەغ موھىيتنى تاللايدىكەن ،
شۇنداق قىلىپ ھازىر نەگە كەلدۇق ھە.....
ئامىركا ياۋرۇپادىكى بايلارنىڭ شۇنداق قىلىپ  كۆزى ئالتۇنغا چۇشىدىكەن.
چۇنكى ئالتۇن بىر قەدەر بىخەتەر مەبلەغ ۋاستىسى بولۇپ،( ھىچ بولمىسا پايچىكىدەك زىيان نولگە چۇشۇپ قالمايدۇ) خەلىقارادىكى ھەمەيلەنەە تونۇشلۇق بولغان ئەڭ گۇزەل زىننەت بويۇمى، خانىم قىزلارلا بولىدىكەن، ئاتۇن داۋاملىق سىتىلىدۇ .
خەۋرىڭلار بولسا 2008-يىلى ئالتۇننىڭ ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى خەلىقئارادا 800-900 دوللار ئىدى، توت يىلدىن كىيىن
2012- يىلى 6- ئايلاردا ئۆسۇپ 1900 دوللارغا چىقتى، باھا 1000-1100 دوللارغىچە ئۆستى.
ئەمدى بۇ توت يىل جەريانىغا قاراپ باقايلى
ئامىركىنىڭ ئىختىسادى ياخشىلاندى ، بۇنىڭدا ئالما، گوگۇل قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ توھپىسى چوڭ، ھازىرقى ھەربىرەيلەننىڭ قولىمىزدىكى
ئايفۇن، ئايپەد قاتارلىق مەھسۇلاتلار مۇشۇ توت يىل ئىچىدە باھارلىققا كەلگەن .
ياۋرۇپادا بولسا  گىرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق ئىختىسادى ئىزچىل ياخشى دۆلەتلەر باشقا دولەتلەرگە يارىدەم قىلىپ،
ئۇلارنىڭ كىرزىستىن ئۆتىۋىلىشىقا تۇرتكە بولدى، ھازىر ياۋرۇپانى ئىختىسادىمۇ ئەسلىگە كەلگەن چىراي.
مانا 2013- يىلى ئالتۇننىڭ باھاسى 1900 دوللاردىن 1200 دوللارغا چۇشتى ،  بايلار يەنە باشقا مەبلەغ سىلىش نىشانىنى تاپتى دىگەن گەپ.
دىمەك ئۇلار قولىدىكى ئالتۇنلىرنى سىتىپ چىقىرۋاتىدۇ .
ئەمدى بۇيۇك دولىتىمىز خەلىقى ئەس ھۇشىنى كىيىنرەك يىققاچقا بازارنىڭ چۇشۇشىگە ئالتۇن ئىلىپ قالدى. يەنى يۇقارقى مەزمۇندىكىدەك.
مىنىڭچە ئالتۇننىڭ يەنە بىر ئىشىشىنى كۇتۇش، يەنە بىر كىرزىسنى كۇتۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس .

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 14:06:38

تۇنۇگۇن بىرمۇنچە خەتنى بىسىپ بلۇپ تۇرسام ،توك قىچىپ كىتىپ
بىكار بولدى. مانا يەنە قايتا يازدىم.
مۇنبەرگە ىەت يازغاندا ئۇشتۇمتۇت توك قىچىپ كومپىيوتۇر ئوچۇپ قالسا،
مۇنبەردىكى خەت ساقلىنىپ قالامدۇ، ياكى بىرەر ئامال بىلەن تاپامدۇق؟
بىلگەنلەر بىر يول كۆرسەتمەسىلەر.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 14:09:34

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-1-16 14:06 static/image/common/back.gif
تۇنۇگۇن بىرمۇنچە خەتنى بىسىپ بلۇپ تۇرسام ،توك قىچىپ كى ...

ماۋۇ يازمىدا مەخسۇس مۇشۇ مەسىىنى سۆزلىگەن. :(

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=redirect&goto=findpost&ptid=56487&pid=331448&fromuid=2

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 18:28:35

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2014-1-16 14:09 static/image/common/back.gif
ماۋۇ يازمىدا مەخسۇس مۇشۇ مەسىىنى سۆزلىگەن.  

http://bbs.izd ...

رەخمەت ، يەنە بىر قىتىم ئوقۇپ چىقتىم . ئمدى بىلىۋالدىم
بەت: [1]
: نەچچە مىڭ توننا سېرىق ئالتۇن غەربتىن جۇڭگوغا ئېقىپ كىردى