Estami يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 09:51:10

ئايفون ، ئايپەدىلەر ios7 ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى


ئەسكەرتىش : تۈرمىدىن قاچۇرلىغان ios سېتسمىسغلام ئىشلىندۇ .

ios7 نى تۈرمىدىن قاچۇرغانىدىن كېىين ، بۇرۇنقىدەك قايىتدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈچ ئورۇنىتشىقا توغرا كەلدى ۋە ئىزدەپ تېپىپ ئورناتتىم.

بۇ ئۇسۇل ئاسان ھەم ئۈنۈملۈك بولغاچىقا كەڭ تورداشلار بىلەن بىللە بەھراىمان بولاي دېدىم .

ئاۋال cydia غا كىرىپ بۇ (http://cydia.ibilge.com) مەنبەنى ئورۇنتىسز .

بۇ مەنبەدە سىزگە لازىم ios7 نىڭ ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى ۋە بىر قانچە چىرايلىق بولغان ئۇيغۇرچە فونتلار بارىكەن .

http://www.guldiyar.com.cn/qq.jpg

پايدىلىنش تور بېكەت  http://xjmac.com


Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 10:30:23

ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىغىلى بولمايدىغان تېلفۇننىڭ نەرى ياخشىدۇ،

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 11:30:03

ھازىرقى تېلېفونلارغا ئومومەن ئۇيغۇرچە قاچىلىغىلى بولمايدۇ، ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرۇش كېرەك، ئاندرويىدتا روتلاش كېرەك، ۋىندوۋسنى بىلمەيدىكەنمە

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 11:41:49

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-1-14 11:30 static/image/common/back.gif
ھازىرقى تېلېفونلارغا ئومومەن ئۇيغۇرچە قاچىلىغىلى بول ...

windows  نى ھېچقانداق قىلىمايلا  ئىلشىتىۋەرسەك ئۇيغۇرچە تونىۋېرىدۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 11:51:33

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-1-14 11:30 static/image/common/back.gif
ھازىرقى تېلېفونلارغا ئومومەن ئۇيغۇرچە قاچىلىغىلى بول ...

ئاندرويدنى روتلىمىسمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى بىۋاستە قاچىلغىلى بولىدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 11:59:16

qalbim يوللىغان ۋاقتى  2014-1-14 11:41 static/image/common/back.gif
windows  نى ھېچقانداق قىلىمايلا  ئىلشىتىۋەرسەك ئۇيغۇرچە  ...

ۋىندوۋسقا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئېلان قىلىندىما؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 12:00:01

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-1-14 11:51 static/image/common/back.gif
ئاندرويدنى روتلىمىسمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى بىۋاستە  ...

مەن فونت قاچىلاش ئۈچۈن دېمەكچىتىم. ئەگەر روتلىمايلا فونت قاچىلىغىلى بولىدىغان ئۇسۇل چىققان بولسا خەۋىرىم يوقكەن

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 12:05:27

ئاندىروئىد4.20دىن   يۇقۇرى بولسا ئىككى يۈز يۈەنلىك تاغتۇرا تېلفۇن بولسىمۇ زاۋۇتتىن چىققان ھالىتىدە  ئۇيغۇرچىنى تۇلۇق تۇنۇيدۇ،  روتلىماي تۇرۇپلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاپ ئۇيغۇرچە يازغىلى بۇلىدۇ

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 16:09:06

مەن بۇ كۇنۇپكا تاختىسىنى ئىشلىتىپ باقمىدىم. لېكىن فونتلىرىنى ئىشلىتىپ باقتىم. كەمچىلىكى، تېلىفۇن خاتىرىسى ۋە تېلىفۇن ئۇرۇش، پاراڭلاشقانلار دېگەندەك يەرلىرى تونۇغۇسىز دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كېتىدىكەن، خەتنىڭ ئۈستىگە خەت چىقىۋېلىپ چاپاق قىلىۋېتىدىكەن.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 16:31:24

ئاندىرويىدقا تولا سىستىما قاچىلاپ زىرىكتىم، مەنمۇ windows قا كۆچۈشنى ئويلىشىۋاتىمەن.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 16:40:32

مەن ئاندرويدقا كۆنۈپ كېتىپتىمە، ئايفوننى پەقەت ئىشلىتەلمىدىم

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 16:57:51

ئاندىرويىد سېستىمىنىڭ بىر يەرلىرى بىر قانداق، چاتىقى خېلى بار. يەنىلا ئالما مەھسۇلاتلىرىغا يەتمەيدۇ

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 19:18:30

بىلكاننىڭ يانفۇنلىرىدەك ئۇيغۇرچە ياسالغان تېلىفۇندىن باشقا سېستىمىلىق تېلىفۇنلارنىڭ ھېچقايسىنىڭ تېخى زاۋۇتتىن چىقىش ھالىتىدە ئۇيغۇرچە فونت ياكى كىرگۈزگۈچى قاچىلاغلىق چىقمايدىغۇ ،
ئۇيغۇرچە نورمال كۆرستىشكە كەلسەك  6 - 7 يىل بۇرۇن تارقىتىلغان بىرىنجى ئەۋلات ئايفۇنمۇ ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتەلەيتى ،  ، ئەمما  ئاندىرويىد تلىفۇنلار تاكى 4.0 نۇسخىسى تارقىتىلغىچە ئالاھىدە ھۆنەر ئىشلەتمىسە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ تۈگۈل ئۇيغۇرچە خەتنىمۇ نورمال كۆرسىتەلمەي بىر دۆۋە كاتەكچىلەرنى چىقىرىپ بېرىپ قاراپ تۇراتتى ،  ئاندىرويىد 4.0 دىن كىيىن ئەھۋال سەل ياخشىلاندى ئاندىرويىدنىڭ ،  ئاندرويدقىمۇ كىيىن قاچىلايسىلەرغۇ ھەقىچان ھە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ، فونت دىگەنلەرنى ،   ياكى زاۋۇتتىن قاچىلىنىپ چىقىۋاتامدۇيا ؟


putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 22:02:30

سىناپ باقتىم ،لېكىن نورمال كۆرۈنمىدى.:o

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 11:53:05

ماڭا لازىملىكق تىما ئىكەن.ساقلاپ قوياي

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-1-15 12:10:14

بۇ قېتىمقى «جىنايەت» قېرىندىشىمىز ياسىغان ios7 نىڭ ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى بەك پەچەت چىقىپتۇ.ئامېرىكا ياسىسىمۇ شۇنچىلىك ياسا.تۈرمىدىن قېچىپ كونۇپكا تاختىسى قاچىلىۋالدىم. خۇشاللىقىمدا توختىماي چاۋاق چېلىۋاتىمەن.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 01:18:05

تۈرمىدىن قاچۇرىمەن دەپ بۇزۇپ قۇيۇپ قوزغىلالاماي يا زاپاسنى ياندۇرالماي جىق جاپا تارتىپ سېستىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئاندىن يەنە باشقا بىر قورال بىلەن تۈرمىدىن قاچۇرۇپ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇيغۇرچىنى قاچىلىۋالدىم.
پ پ ياردەمچىسى دېگەن ئەخلەتنى ئىككىنچى ئىشلەتمەسمىنا
بەت: [1]
: ئايفون ، ئايپەدىلەر ios7 ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى