بوۋاق سېتىش دىلوسى پاش بولدى
بۈگۈن سەھەر CCTV نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا شەنشى ئۆلكىسى فۇپىڭ ناھىيىسى ئانا بالىلار دوختۇرخانىسىدا تۇغۇلغان بوۋاق بالىنى سېتىۋىتىدىغان ئىش بولغان بولۇپ، دىلوغا سوت ئېچىلغان.تۇغۇش ئوپراتسىيىسى قىلغان دوختۇر بالىغا جىگەر ياللۇغى قاتارلىق ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىك بارلىقىنى ئېيتىپ ئاتا-ئانىسىنى قورقۇتۇپ بالىدىن ۋاز كەچكۈزىدىكەن، ئاندىن بوۋاقنى باشقىلارغا ساتىدىكەن.
بۇ ۋەقە ئاشكارلانغاندىن كېيىن سوت ئېچىلىپ، بۇ دوختۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىدىكەن. بارلىق مال-مۈلۈكىنى مۇسادىر قىلىدىكەن.
مەنبە: CCTV-13 بارلىق مال-مۈلۈكى مۇسادىرە قىلىنسا پايدا دۆلەتكە بوپتۇغۇ. پايدىنى دۆلەتكە تاپشۇرۇپ ئىسمى-جىسمىغا لايىق ‹‹پايدا تاپمايدىغان داۋالاش ئاپاراتى›› بوپتۇ. قوللايمىز. بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق ئىشلار بولسا ئاشۇنداق قىلامدىكەن؟ ھايۋاننىڭ ئىشىنى قىپتۇ ئاۋۇ دوختۇر. توردا ، ئۇ بالا سودىسى قىلدىغان ئايال كۈزىدىن جېق سۇ چىقىرپتى ئۈلۈپ جازاسى كەچۈرۈپ قىلندى دىگەن گەپلەر پەيدا بولدىغۇ . ئىچكى موڭغۇلدا بولغان ئىش ئىنىقلانماپتىمۇ بۇنداقلارغا جازا ئىجرا قىلىشنى خەلققە قويۇپ بېرىش كېرەك دەپ ئويلايمەن. بىر پاي ئوق بىلەن جېنىنى ئېلىش بەك رەھىمدىللىك!
ئادەم بىدىكلىرىنىڭ جىنايىتى تېرورچىدىنمۇ ئېغىر دەپ ئويلايمەن. begtash يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 09:27 static/image/common/back.gif
ھايۋاننىڭ ئىشىنى قىپتۇ ئاۋۇ دوختۇر.
ھايۋان باشقا ھايۋانلارنىڭ بالىسىنى ئالداپ سىتىپ يىۋالمايدۇ ؟
بۇنداق كىشلەرنى ھايۋانغا ئوخشاتساق ھايۋانلارغا ئوۋال قىلىپ قويغان بولىمىز !! نېمە ئۈچۈن كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىدۇ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغاندىكىن ئاتىدىغان يەرگە ئەچىقىپ گوملا قويسا بولمىدۇ بەك يىراقلارغا قايناپ كەتمەي باللا،ئېۋۇ كېرىيە ئارىش يېزىلىق پارتكومنىڭ سېكىرتارىنىڭ بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە دىققەت قىلايلى، ئۇ سېكىرتار قانداق جازالاندى؟ شۇنى بىلگۈمىز بار، كېرىيەدىن باللا يوقمۇ بۇ مۇنبەردە؟ قايسى كۈنى كىمنىڭدۇر ئىنكاسىدا «بىر ئىشلار پەقەت كاللاڭدىن ئۆتمىگەندە،ئۆزۈڭنىڭ جۇڭگودا تۇرۇۋاتقانلىقىڭنى ئېسىڭگە ئالغىن»دېگەن خەتلەرنى كۆرگەن. كېچىكىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى دىگەنلىك ئوتتۇرىدا زادى بىر يوچۇق بار.
ئىككى يىلىغىچە نىمە ئىشلار بولىدۇ؟ ئۇ ئايالنى چىقىرۋىتەمدۇ ئاتامدۇ؟ كىم بىلىدۇ؟ بالا سېتىپ تاپقان پۇلىنى خۇشامەتچىلىك قىلسا بەلكىم يېرىم يىلغا قالماي چىكىتىشى مۇمكىن. قايسى بىر ۋاقىتتا بىرسى ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىغان بىرسىنى چىگرا رايونىدا كۆرگەنتىم ھېچكىمگە دىمە دەپ بەك جىكلەپ كېتىپكەن. شۇنداق بۇلۇڭلاردا ياشىسا كىم بىلدۇ ئاتتىمۇ چاپتىمۇ؟ بۇلارغا تېخى قولاي پاسپورت بولسىلا چىكىتىپ يەنە ياشاۋېرىدۇ چەتئەلدە.......
ئىشقىلىپ مۇشۇنداقلارغا دەل ۋاقتىدا ئۆلۈم جازاسىنى بەرمەي كېچىكتۇرۇشىنىڭ ئۆزى مەسئۇلىيەتسىزلىك. nawa717 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 13:39 static/image/common/back.gif
بەك يىراقلارغا قايناپ كەتمەي باللا،ئېۋۇ كېرىيە ئارىش ...
بۇ توغرلىق خېلى خەۋەرلەرنى ئاڭلىدۇق. بۇ خەۋەر چەتكە تارقالغانكىن ئۇ ئىشلارمۇ بېسىقىپ قاپتىمىش. يەنى ئۆلتۈرۈلمەكچى بولغان بوۋاقلار ئانىنىڭ قورسىقىدا تۇرامىش ساق سالامەت. زورلاپ ئېلىۋەتكەنلەرنى كۆمۈپمۇ بولۇپتۇ. يۇقرىدىن بەك چىڭ بۇيرۇق چۈشكەچكە بىزمۇ ئامالسىز قىلدۇق دەپ.......بەكرەك سۆزلەنسە تېما ئۆچۈرۈلۈپ كىتەمدىكىن سىېتۋېتىلگەن بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىغىمۇ ئېغىر جازا بەرسە بولىدۇ،لېكىن ھازىرقى قانۇنلاردا بۇنداق بەلگىلىمە يوق ئوخشايدۇ. nawa717 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 13:39 static/image/common/back.gif
بەك يىراقلارغا قايناپ كەتمەي باللا،ئېۋۇ كېرىيە ئارىش ...
ئاڭلىمىغان گەپكەن بۇ. بۇنىڭدىنمۇ قەبىي ئىشلارنى كۆرسەم ھەيران قالمايمەن ،چۈنكى كۆرىۋىرىپ ئاڭلاۋىرىپ قۇلاق قىتىپ كەتتى ،،ئاللاھ ئۆزى بىرنىمە دىمسە بىكار ئوخشايدۇ قىلمايدىغان ئىشى يوق تە ، بۇ خەقنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى كىچكتۈرۈپ ئىجرا قىلدى دىگەنلىك _ ئۆز ئەجىلىڭ بىلەن ئۆل دىگەنلىك. سىياسىنى تۇتقاندەك تۇتسا ئىدى ھۆكۈمەت بۇنداق ئىشلارنى ئۆلگەنلەرگە سالاۋات، تىرىكلەر مۇھىم دەپ چۈشىنەمدۇق بۇنى؟
بەت:
[1]
2