kuspurush يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 01:27:59

كۆزگە ئاق چۈشۈشتىن ياردەم سورايمەن

ئىزدىنىشتاتېببىي ساھەدىكى مۆھتىرەملىرىمىز خېلى بار، شۇڭا مەسىلھەت بەرسەڭلار:
دادام ھازىر 80 ياشتا، كۆزى يېقىننى كۆرۈشكە ياخشى، كىتاب خېتىنى ئوقۇيالايدۇ، ئەمما 20 - 30 مېتىر نېرىدىكى نەرسىنى ياخشى پەرق قىلالمايدۇ. دوختۇرلار كۆزگە ئاق چۈشۈپتۇ، ئوپېراتسىيە قىلىمىز دەيدۇ. ئاق ئوڭ كۆزىدە سەل ئېغىر، سول كۆزىدە سەل يېنىك ئىكەن.
      ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان بەزى كىشىلەر كۆزىنىڭ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن دۇغلىشىپ كەتكەنلىكىنى دېدى، بەزىلەر يەنە كۆزىنىڭ ئالاھىدە ياخشى بوپ كەتكەنلىكىنىمۇ دەۋاتىدۇ. شۇڭا ئوپېراتسىيە ئىشىدا ئىككىلىنىپ قالدىم.
    زادى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش كېرەكمۇ؟
    ئوپېراتسىيە قىلدۇرسا، قانداق جەھەتتىن دىققەت قىلىش كېرەك؟
   ئېغىرراق بىر كۆزنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، يېنىكرەك بولغان كۆزنى قىلدۇرماي قويسا (ئالىمادسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن) بولامدۇ؟ بىر كۆزنىڭ يەنە بىر كۆزگە تەسىرى بارمۇ؟
   ئوپېراتسىيە قىلدۇرمىسا، كۆزدىكى ئاق بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتەمدۇ؟
   ئوپېراتسىيە قىلدۇرماي، دورا ئارقىلىق ئېغىرلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟ قانداق دورىلار بار؟
   ---------
   دوختۇرلار ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىن، يېقىننى كۆرەلمەيدۇ، كىتاب ئوقۇماقچى بولسا، كۆزەينەك تاقىشى كېرەك. يىراقنى ياخشى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ھازىر يېقىننى كۆرۈشى ياخشى. ئوپېراتسىيە قىلدۇرساق شۇ يىراقنى كۆرۈش ئىقتىدارىغا يېقىننى كۆرۈش ئىقتىدارىنى تېگىشىۋېتىدىكەنمىز؟ دوختۇرنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، سەل ئادەمنى زاڭلىق قىلغاندەك ھېس قىپ قالدىم.

مۇشۇ خىل ئوپېراتسىيەنى بېشىدىن كەچۈرگەنلەر ۋە تېببىي ئىلىمدىن خەۋرى بارلار ئېغىر كۆرمەي مەسلىھەت بەرسەڭلار، رەھمەت!

hector يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 07:06:03

ئەڭ ياخشىسى دادىڭىزنى ئوبدان تەكشۈرتۈڭ. دىئابېىت كېسىلى بارلاردا قوشۇمچە كۆزگە ئاق چۈشىدۇ.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 08:37:45

دوختۇر توغرا دەپتۇ . ئېغىرلاشقان كۆزنى باشتا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ ،يىنىك كۆزگە بەي نېي تىڭ دەپ تۆت يۇەنلىك تىمىتما دورا بار ،شۇنى تىمىتىپ بەرسە ئاقنى كونتۇرۇل قىلىدۇ . كىتاپ ئوقۇسا ئوپراتسىيە قىلمىغان كۆزى ،يىراقنى كۆرمەكچى بولسا ئاپراتسىيە قىلغان كۆزى ئېنىق كۆرىدۇ . ئېغىرىنى قىلىۋەتسە يىنىكى قەنت كېسەلنى كونتۇرۇل قىلىش بىلەن تىمتىدىغان دورىنى ۋاقتىدا ئىشلىتىپ بەرسە بەش ئون يىلغىچە شۇ پىتى تۇرىدۇ .

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 08:42:17

جەمىيەتتىكى كۆرەلمەسلەرگە پايدا قىلارمۇ بۇ بەي نېي تىڭ دىگەن دورا.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 11:29:22

@دىلنازۇك ياخشى بىلىشى مۇمكىن.
ئۇيغۇر تېبابىتى نۇقتىسىدىن پايدىلىنىشقا  بولىدىغان تېما:
كۆزنىڭ تەشرىھى ۋە كۆزگە ئاق چۈشۈش ھەققىدە

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 19:19:10

    1. ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان بەزى كىشىلەر كۆزىنىڭ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن دۇغلىشىپ كەتكەنلىكىنى دېدى، بەزىلەر يەنە كۆزىنىڭ ئالاھىدە ياخشى بوپ كەتكەنلىكىنىمۇ دەۋاتىدۇ. شۇڭا ئوپېراتسىيە ئىشىدا ئىككىلىنىپ قالدىم.
جاۋاب :كۆز كېسەللىكلىرى ، كۆرۈش ئىقتىدارىىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى ئادەتتە تۈرلۇك سەۋەپلەردىن بولىدۇ ، كۆزگە ئاق چۈشۈش بولسا كۆز كىرىستال تەنچىسىنىڭ قېرىلىق يېتش يەنە باشقا سەۋەپلەردىن ئەسلىدىكى سۈزۈك ھالىتىنى يوقىتىپ كۆرۈشكە تەسىر يەتكۈزۈش، بۇ غەرب تىبابتىدە ئوپىراتىسيە ئارقىلىق سۈنئىي كىرىستال سېلىش ئۇسۇلى  بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ،بەزىلەرنىڭ ئوپىراتىسيەدىن كېيىن كۆزى دۇغىلىىپ كېتىشى ئىككى خىل ئېھتىماللىق ، بىرسى كۆزنىڭ باشقا قىسىملىرى مەسىلەن ئەينەكسمان تەنچە قاتارلىقلاردا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن بولىشى مۇمكىن ، يەنە بىرسى كۆز كىرىستالى جايلاشقان ئورۇن كىرىستال خالتىسىنىڭ دۇغلىشىشىدىن بولىدۇ ، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئەسلىدىكى ئوپىراتسىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بىرىنچى خىل مەسىلىلەردە دىئاگنوزغا قاراپ دورا بېرىشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىلىدۇ ، ئىككىنچىسى كىرىسىتالنىڭ قايتا دۇغلىنىشى دېيلىپ لازىر نۇرى ئارقىلىق كىرىستال تەنجىدىن تۆشۈك ئېچىلسا ھەل بولىدىغان مەسىلە..
2.زادى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش كېرەكمۇ؟
جاۋاب :تاللاش ئۆزۈڭلاردە ، مەن دادام بىلەن ئاپامنىڭ كۆزىنى ئوپىراتسيە قىلىشنى تاللىغان ، ئۇلارنىڭ يىشى بوۋىڭىزدىن كىچىك ، كۆزىدىكى مەسىلە پەقەت كىرىستالدىكىلا مەسىلە بولۇپ ، كۆز ئاستى قىسىمى يەنى كۆرۈش تور پەردىسىدىكى سېرىق داغ، ئەينەكسىمان تەنجە دېگەنلەردە ھېچقانداق مەسىلە يوق بولۇپ ئوپىراتسيە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى .
3.ئوپېراتسىيە قىلدۇرسا، قانداق جەھەتتىن دىققەت قىلىش كېرەك؟
جاۋاب : ئوپىراتسىيە قىلدۇرغان دەسلەپكى مەزگىلللەردە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورىنى ۋاقتىدا تېمىتىپ ، قەرەللىك تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇشۇڭلار كېرەك ، ئالتە  ئايدىن كېيىن تامامەن نورماللىشىدۇ
4.ئېغىرراق بىر كۆزنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، يېنىكرەك بولغان كۆزنى قىلدۇرماي قويسا (ئالىمادسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن) بولامدۇ؟ بىر كۆزنىڭ يەنە بىر كۆزگە تەسىرى بارمۇ؟
جاۋاب :بۇمۇ ئۆزەڭلەرنىڭ تاللىشى ، ئىككى كۆزىنىڭ بىر بىرىگە تەسىرى بولمايدۇ ، بىراق ئادەتتە ئىككى كۆزنى بىر ئاي ئىچىدىكى ۋاقىتتا قىلغاندا نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەرنى بىرلا قېتىم قىلىسىلەر، بىر ئايدىن كېيىن دەسلەپكى ئوپىراتسىيە ئالدىكى بەدەن تەكشرۈش ئىناۋەتسىز ھېسابلىنىپ ھەممە تەكشۈرۈش قايتا ئېلىپ بېرىلىدۇ .
5.ئوپېراتسىيە قىلدۇرمىسا، كۆزدىكى ئاق بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتەمدۇ؟
جاۋاب : نەزىرىيە بويىچە بولغاندا ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ ، لېكىن بەزىلە غەربچە دورا دورا تېمىتىش ( ئوكسدلىشقا قارشى دورىلار ) ، جۇڭيى مىللىي تىبابەت دورىلىرى ئارقىلىق ئۈنۈملۇك كونتۇرۇل قىلىنىغان مىساللارمۇيوق ئەمەس ،دورا ئۈنۈمى  بۇ ھەر بىر ئادەمدە ئوخشاش بولمايدىكەن ، سەۋەبىنى بىلمەيمەن.قوشۇپ قويۇشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئەسكەرتمە بار، ھازىرقى ئوپىراتسىيە شەكلى بۇرۇنقىدىن پەرقلىق ، تېخىمۇ ئىلغار، ئىلگىرىكى ئوپىراتسيە شەكلىدە ئوپىراتسيە ئېغىزى چوڭ بولۇپ كىرىستالدىكى ئاق قانچە پىشقان بولسا شۇنچە ياخشى ئىدى ، ھازىرقىسىدە بولسا بەك قاتمىغان بولسا ياخشى ، چۈنكى ئوپىراتسىيەدە كىرىستال تەنچە 超声波ئارقىلىق سۇيۇقلاندۇرلۇپ تەن سىرتىغا تارتىپ چىقىرىلىدۇ ، قانچە پىشقان ئاق بولسا ئوپىراتسيەگە شۇنچە پايدىسز، كىرىستال تەنجە ئاقلىشىپ قېتىپ كەتكەندە ئەگەشمە كېسەللىك بولغان 青光眼كېسىلى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ، بۇ كۆرۈش قۇۋۋەتكىلا ئەمەس ،كاللا كۆزگە ئاغرىق ئېلىپ كېلىدىغان دورا ئارقىلىق كونتۇرۇل قىلىنىپ تۇرىدىغان دىققەت قىلمىسا كۆز نېرۋا يېگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك
6.ئوپېراتسىيە قىلدۇرماي، دورا ئارقىلىق ئېغىرلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟ قانداق دورىلار بار؟
جاۋاب :نەزىرىيە بويىچە بولىدۇ ،مەن ئۆزۈم بىلىدىغان دورىلارنى قالدۇراي
白内停,卡林优,天亿,ھازىرچە مۇشۇ بىر نەچچە دورا ئېسىمگە كەلدى ،


6.







terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 20:41:26

تەكشرۈش ھەققى ئومۇمى ھەقنىڭ يىگىرمە پىرسەنتى ئەتراپىدا . ئەڭ قىممىتى كىرستاك تەنچە. شۇڭا بۇ پۇلنى تىجەشنى تەۋسىيە قىلمايمەن . ئوپراتسىيە بولغانكەن خىيىم —خەتىرىنى كۆزدە تۇتقاندا بىردىن –بىردىن قىلىش ئاقىلانە تاللاش . يېرىم كۈننىڭ ئىچىدە بىر دوختۇر ئوپراتسىيە قىلغان تەڭ ياشلىقتىكى ئىككى بىمارنىڭ بىرى ئۈچ كۈندە ساقىيىپ چىقىپ كەتسە يەنە بىرى ئون كۈندىن كىيىنمۇ كۆزىنىڭ ئىششىقى يانماي ئۆيىدە داۋاملىق كۈتۈنۈپ داۋالىنىشقا بۇيرۇلدىكەن . ئىككى كۆز بلەن بىر كۆزنىڭ ئوپراتسىيە ھەققى تەڭ بولغان تەقدىردىمۇ يەنىلا بىردىن –بىردىن ئوپراتسىيە قىلىش بىمارنىڭ ئەسلىگە كىلىشتىن بۇرۇنقى روھى بېسىمىنى يىنىكلىتىدۇ .  سىزنىڭ سورغان ئەھۋالدا ئېغىرنى ئوپراتسىيە قىلىپ يىنىكىنى دورا بىلەن كونتۇرۇل قىلىش ئەڭ تاخشى تاللاش .

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 20:48:25

يانفۇندا خەت بەك كىچىك چىقىپ قېلىپ تەھرىرلەيمەن دەپ نەچچە قېتىم بۇزۇلۇپ كېتىپ  ئىچىم پۇشۇپ يوللىۋەتتكەن ، بىر مۇنچە ھەرىپ  خاتا بېسىلغان ھەرىپلەرنى تۈزۈتۈپ ئوقۇغايسىلەر .

kuspurush يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 20:22:45

dilnazuk يوللىغان ۋاقتى  2014-1-14 19:19 static/image/common/back.gif
1. ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان بەزى كىشىلەر كۆزىنىڭ بىر نە ...

سىزگە ۋە باشقا قېرىنداشلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!
بەت: [1]
: كۆزگە ئاق چۈشۈشتىن ياردەم سورايمەن