izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 22:26:31

نىمە ئۈچۈن ئىشەك شەيتانلارنى ، خوراز پەرىشتىلەرنى كۆرەلەيدۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqi1991 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-14 15:15  

نىمە ئۈچۈن ئىشەك شەيتانلارنى خوراز پەرىشتىلەرنى كۆرەلەيدۇ؟          رەسۇلى ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:          « سىلەر خورازنىڭ چىللىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا، ئاللاھنىڭ فەزلى-رەھمىتىنى تەلەپ قىلىڭلار. چۈنكى خوراز پەرىشتىلەرنى كۆرگەندە چىللايدۇ. ئىشەكنىڭ ھاڭرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاندىن پاناھلىق تىلەڭلار. چۈنكى ئىشەك شەيتاننى كۆرگەندە ھاڭرايدۇ.»          بىز بۇ ھەدىسنى كۆپ ئاڭلىغان بولساقمۇ ئۇنى تازا چۈشىنەلمىگەن ۋە ئۇنىڭ ئىلىم-پەننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ يېڭى بىر ئىلمى كەشپىياتنى بايقىشىمىزغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق. ئالىملار بۇ يېڭىلىقنى بىلگەن چاغدا ھەيران قېلىشتى. مەن ھازىر سىلەرگە شۇ مۇسۇلمان دوختۇر ئالىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن:          بۇ ھەدىس بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇكى ، ھەدىسكە كۆرە ئىنساننىڭ كۆرۈش ئەزالىرى چەكلىك بولۇپ ئىشەكنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە يەتمەيدۇ. ۋە ئۇ ئىشەكنىڭ كۆرۈش دەرىجىسى كۆرۈش قۇۋۋىتى جەھەتتە خورازنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە يەتمەيدۇ.          شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەدىسكە كۆرە ئىنساننىڭ كۆزى چەكلىك ئىقتىدارغا ئىگە بولغاچقا ئىنفىرا قىزىل نۇر ئاستىدىكى ۋە ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرى ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى كۆرەلمەيدۇ. لىكىن خوراز ۋە ئىشەكنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى يۇقارقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ.          ئەمدى بۇيەردە بىر سۇئال تۇغۇلىدۇ. ئىشەك ۋە خوراز جىن-شەيتانلار بىلەن پەرىشتىلەرنى قانداق كۆرەلەيدۇ؟          جاۋاپ:ئىشەك ئىنفىرا قىزىل نۇرىنى كۆرەلەيدۇ. شەيتان بولسا جىنلار تىپىدىن بولۇپ ئوتتىن يارىتىلغان يەنى ئوتتىن چاچراپ چىققان قىزىل ئۇچقۇندىن يارىتىلغان. ( شۇڭا ئىشەكنىڭ ئىنفىرا قىزىل نۇرىنى كۆرەلەيدىغانلىقتىن ئىبارەت كۆرۈش ئىقتىدارى ئۇنىڭ قىزىل ئۇچقۇندىن يارىتىلغان شەيتاننى كۆرۈشكە يول ھازىرلىغان)          ئەمما خورازغا كەلسەك ئۇ ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرىنى كۆرەلەيدۇ. پەرىشتىلەر بولسا نۇردىن يارىتىلغان يەنى ئاددى كۆز بىلەن كۆرۈش ھەم بىۋاستە سېزىم بىلەن سېزىش مۇمكىن بولمايدىغان غايەت كۈچلۈك نۇردىن يارىتىلغان. (شۇڭا خورازنىڭ ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرىنى كۆرەلەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت كۆرۈش ئىقتىدارى ئاددى كۆز بىلەن كۆرۈش مۇمكىن بولمايدىغان غايەت كۈچلۈك نۇردىن يارىتىلغان پەرىشتىلەرنى كۆرۈشكە يول ھازىرلىغان).          ئەمدى بۇ تەتقىقات بىزگە شەيتانلارنىڭ نىمە ئۈچۈن ئاللاھ ياد ئېتىلگەن چاغدا ئۈركۈپ قاچىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بىرىدۇ:          بۇنىڭ سەۋەبى، چۈنكى ئاللاھ زىكىر قىلىنغان جايغا پەرىشتىلەر ھازىر بولىدۇ. شۇڭلاشقا شەيتانلار قاچىدۇ.          ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن شەيتانلار پەرىشتىلەر بار جايدىن قاچىدۇ؟          جاۋاپ:چۈنكى شەيتان (ئۇچقۇن)لار پەرىشتىلەرنىڭ كۈچلۈك نۇرىدىن زەرەتلىنىپ غايەت زور كۈچلۈك نۇرنىڭ تەسىرىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ.          دىمەك، كۈچلۈك ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر بىلەن ئىنفىرا قىزىل  نۇر بىر ئورۇندا ئۇچراشقان ۋاقتىدا ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرىدىن ئاجىز بولغان ئىنفىرا قىزىل نۇر يوقىلىدۇ...     
         والله  اعلم
مەنبە: ئۇندىدار ھەمبەھىر چەمبىرىكى .  

turgen يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 15:57:54

راستىنلا ياخشىكەن بۇ تىما،بىراق ئىنفېرا قىزىل نۇر ۋە ئۇلتېرا بىنەپشە نۇر توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەر تىخىمۇ تەپسىلىرەك ،ئاممىباپ بولغان بولسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.شۇنداقتىمۇ مۇشۇمۇ يىتەرلىك بوپتۇ ، رەھمەت ئەجرىڭىزگە.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 22:35:25

ھازىرقى دېنىمىز پۈتۈن بولغاچقا ئىمان ئېيىتقان ئىنسانغا سەھىھ ھەدىس ۋە «قۇرئان كەرىم» نى پەن -تېخنىلىق ئىسپاتلاپ كۆرسىتىش ھاجەت ئەمەس. پەن -تېخنىكا ئارقىلىق ئىسپاتلىماقچى بولسا گۇمان قالدۇرغىدەك سۇئال چىقمايدىغان بولىشى كېرەك. مۇشۇ ئۇيغۇرچىلىقتا دىن توغرىسىدا قورىقماي چوڭ-چوڭ گەپلەرنى قىلىدىغانلارغا قاراپ ھەيران قالىمەن. دىن، بولۇپمۇ بىز ئېتىقات قىلىدىغان ئىسلام دېنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى«قۇرئان كەرىم» دىمۇ دېنىي ئالىملار تەپسىر، تەبلىغ قىلالمايدىغان نۇرغۇن ئايەتلەر بار. مۇشۇنداق تېمىلار قانداق يەردىن تېپىلىپ، نىمە مەخسەتتە يېزىلىدىغاندۇ دەپ  قالدىم. مەن بۇتېمىدىكى باشتىلا نەقىل ئېلىنغان ھەدىسكە ئىشەنسەممۇ ، مەن بىلەلمىگەن مۇشۇ تېمىدا ديىلگەن بىر نەچچە تەرەپ بار ، مومكىن بولسا  بىلىدىغانلار ياكى تېما ئىگىسى جاۋاپ بەرسە  ئۈگۈنىشىمگە جىق پايدىسى بولار ئىدى.
1. ئىشەك، ئادەم، خورازلارنىڭ كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋۇتى توغرىسىدا، كۆزنىڭ تۈزۈلىشى توغرىسىدا قانداق، قەيەردە، كىملەر تەرىپىدىن سېلىشتۇرما تەتقىقاتلار بولغان؟ نەتىجىسى نىمە؟
2. «شەيتان بولسا جىنلار تىپىدىن بولۇپ ئوتتىن يارىتىلغان يەنى ئوتتىن چاچراپ چىققان قىزىل ئۇچقۇندىن يارىتىلغان » دېگەن جۈملىدىكى «ئوت» بىز بىلىدىغان ئوتمۇ ياكى ئىلاھى ئوتمۇ؟ بىز بىلىدىغان ئوت بولسا ھازىر بىز كۆمەچ كۆمۈپ يەيدىغان ئوت بلەن شەيتاندىن چىقىدىغان ئىنفىرا قىزىل نۇر ئوخشاشمۇ؟
3. ئىشەك شەيتانلارنى، خوراز پەرىشتىلەرنى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ۋە ئىنفىرا قىزىل نۇرغا قاراپ كۆرەلەيدۇ دىيىلىپتۇ، ئۇلتىرا بىەپشە نۇر ۋە ئىنفىرا قىزىل نۇرنى كۆرگىلى بولىدىغان يۇقۇرى تېخنىكىلىق ئەسۋاپلارنىڭ ئىقتىدارى يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ ئىشەك بىلەن خۇرازنىڭ كۆرۈش قۇۋۋۇتى بىلەن ئوخشاش ھالغا كەلگەندە ئىنسانلارمۇ شەيتان بىلەن پەرىشتنى كۆرەلەمدۇ؟
4. شەيتاننىڭ پەرىشتىلەرنى كۆرسە قېچىپ كىتىشى ‹‹چۈنكى شەيتان (ئۇچقۇن)لار پەرىشتىلەرنىڭ كۈچلۈك نۇرىدىن زەرەتلىنىپ غايەت زور كۈچلۈك نۇرنىڭ تەسىرىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ›› دۇغان فىزىكىلىق ھادىسىمۇ؟

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 22:40:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bayram تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 22:42  

بىر توقام قۇرۇق گەپلەركەن، مۇناسىۋەتلىك تەجرىبە جەريانى،ئۇسۇلى،نەتىجىلىرى،تەجرىبىگە قاتناشقۇچى ئالىم تەتقىقاتچىلار ئىسمى دېگەندەك ئاساس دەلىللەرنى  قوشۇپ يوللاپ  ھۆللەپ قويسا باخشى بولاركەن

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 22:49:23

تېمىنى يەنە بىر ئوقۇپ چىقتىم مېنىڭچە تولۇق ئوتتۇرا فىزىكا ئوپتىكىسىدىن ئازراق ساۋاتى بار ئادەم قىلىدىغان گەپلەر ئەمەسكەن
بەت: [1]
: نىمە ئۈچۈن ئىشەك شەيتانلارنى ، خوراز پەرىشتىلەرنى كۆرەلەيدۇ؟