horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 17:10:44

ئافغانىستان قەستەن ئامېرىكىنىڭ « چىشىغا تىگىۋاتامدۇ ؟ »

جۇڭگو ئاخبارات تورى 13-يانۋار تېلگىراممىسى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزاھى يېقىندا، ئىككى قولى ئامېرىكىلىقلارنى ئۆلتۈرگەن72 نەپەر جىنايەتچى مەھبۇسنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بۇ ئادەملەرنى قاماپ قويۇشقا يېتەرلىك دەلىل-ئىسپات يوقلىقىنى ئېيىتقان. ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىش كارزاھى بىلەن ئوباما ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۋەتكەن .
http://www.hawar.cn/pic/2014/01/13/201401131748055427.jpg
بۇنىڭدىن نەچچە ھەپتە ئىلگىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇپ، كارزاھىنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قوللىشىدىن مەھرۇم قېلىش خەتىرى بارلىقىنى ئېيتقان.
ئۇنىڭدىن باشقا، دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولغان بىر تۈرلۈك ئامېرىكا-ئافغانىستان ئۇزاق مۇددەتلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى ھازىرغىچە ئىمزا قۇيۇلمىدى ، مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش ۋەقەسىنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتا يۈز بېرىشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بىر نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارى يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى، بىر پارچە ئىچكى قىسىمدا ئەۋەتىلگەن تېلگىراممىسىدا دوكلات قىلىپ، ئۆزىنىڭ كارزاھى بۇ يىل ئاپرېلدىكى ئافغانىستان چوڭ سايلىمىدىن بۇرۇن كېلىشىم ئىمزالاشقا قوشۇلمايدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئوباما ھۆكۈمىتى تېزدىن كېلىشىم ئىمزالاپ، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرنىڭ ، 2014- يىلىدىن كىيىنكى ئافغانسىتاندا تۇرۇشلۇق چەتئەل ھەربىي كۈچلىرىنى قانداق ئۇرۇنلاشتۇرۇش ھەمدە پىلان تۈزۈپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى .
http://www.hawar.cn/pic/2014/01/13/201401131748443036.jpg


ئامېرىكا ئەمەلدارى، قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلارنىڭ خەتەرلىك تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇلار سوت قىلىنمايلا قويۇپ بېرىلسە، ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان بۇلتۇر ئىمزالىغان بىر تۈرلۈك قاماقتىكى خادىملارغا ئائىت كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قاماپ قويۇشقا ھوقۇق بېرىش كېلىشىمى، بىخەتەرلىك شەرتنامىسىنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ، مەزكۇر شەرتنامە قوش تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 2014-يىلىدىن كېيىن داۋاملىق ئافغانىستاندا تۇرۇپ، ئافغانىستان تەرەپنى ياردەم بىلەن تەمىنلىشىگە ئىجازەت بېرىلگەن.

تېخى بىر ھەپتە ئىلگىرىلا، بىر قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى قەتئىي قىلىپ، بۇ خىلدىكى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش ھەركىتى، كارزاھىنىڭ بىخەتەرلىك كېلىشىمىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشتا ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ تۇنجى ئىنكاسىنىڭ ئېھتىياتچان بولىشى كېرەكلىكىنى ئېيىتقان. ئەمەلدارلار مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش ۋەقەسىنى ئەيىپلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەقەنىڭ بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يەنىلا ئامال قىلىپ بۇ قارارنىڭ مۇكەممەللىكىگە ئائىت ئەھۋاللارنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن .
http://www.hawar.cn/pic/2014/01/13/201401131749095244.jpg


يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، كارزاھى ئامېرىكا تەرەپنىڭ قارشى تۇرۇش سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنى بارغانسېرى ئۇڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى، مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. كارزاھىنىڭ ئوي-پىكىرىنى پىششىق بىلىدىغان بىر قىسىم ئافغانىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئافغانىستاننىڭ بۇ زۇڭتۇڭى، ئافغانىستاندا ئەسكەر تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە يول قويىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ھازىر، يەنە بىر مەيدان زىددىيەتنى كارزاھى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قايتا تۇتاشتۇرۇلغاندەك قىلىدۇ. بۇلتۇر، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى باشتا كارزاھىنىڭ مەھبۇسلارنى قاماش ھوقۇقىنى ئافغانىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىنتايىن تېزلا بۇ خەتەرلىك قوراللىق ئۇنسۇرلارنى قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قايتىدىن جەڭ مەيدانىغا بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان. ئامېرىكا تەرەپ يەنە، كارزاھى ئىلگىرى بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنلىكتىن، بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئۈچۈن يول ئېچىلغانلىقىنى ئېيىتقان.


9-يانۋار، ئافغانىستان ئەمەلدارى، 72 نەپەر مەھبۇسنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈش ھەركىتىنىڭ، قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، سەۋەبى، ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ۋە ئافغانىستان بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىگە زىيان يەتكۈزۈش ھەركىتىگە ئالاقىدار ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. كارزاھىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر.فايىس: «بىزنىڭ بۇ كىشىلەرنى قويۇپ بېرىش ھوقۇقىمىز بار، ئامېرىكىغا ناھايىتى ئېنىق، ئۇلار بۇ كىشىلەرگە قارىتا يېتەرلىك دەل-ئىسپات بىلەن تەمىنلىيەلمىدى» دېگەن، ئۇ سۆزىدە يەنە، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئىسپاتلارنىڭ قورالدىكى بارماق ئىزى ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان، ھەمدە، ئافغانىستاندا ھەممە ئادەمدە دىگۈدەك قورال بارلىقىنى كۆرسەتكەن.
بۇ مەھبۇسلار ھازىر باغرام ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئەتراپىغا قامالغان، ئۇ يەر ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تەسىس قىلغان ئاساسلىق تۈرمىسى. قايىس، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنىڭ كونكېرت ۋاقتىنى تۈرمە ئەمەلدارى ۋە مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن ئافغانىستاننىڭ ئۈچ كىشلىك قولغا ئېلىش كومىتېتى قارار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ ئايال باياناتچىسى جېن مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش قارارىنى ئەيىپلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ۋەقەنىڭ ئافغانىستان قانۇن-بەلگىلىمىسىنىڭ ئادىللىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيىتتى، ھەمدە، پات يېقىندا قويۇپ بېرىلىدىغان ئۇ مەھبۇسلارنى ئامېرىكا قارا تىزىملىكىگە چۈشكەن «خەتەرلىك جىنايەتچى» ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تېرورلۇق جىنايىتى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭ ئاددىي پارتلاتقۇچ قۇرۇلمىلارنى ئىشلىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئاددىي پارتلاتقۇچ قۇرۇلمىلارنىڭ بولسا ئافغانىستان ئاددىي پۇقرالىرىنىڭ بىرىنچى قاتىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئافغانىستان 2013-يىلى مارتتا قاماش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن، ئافغانىستاننىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كومىتېتى 560 نەپەر مەھبۇسنى قويۇپ بەردى، ھەمدە، مالىمانچىلىق توغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن شۇغۇللانغان دىگەن جىنايەت بىلەن سوت قىلىنغان 114 نەپەر جىنايەتچىنى قويۇپ بېرىش تەكلىپىنى بەردى. شۇنداق بولغاندا، يەنە 88 نەپەر مەھبۇسنىڭ دېلوسىغا كېسىم چىقىرىشنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

ئەنگىلىيە رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 9- يانىۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئاففانىستاننىڭ 88 جىنايەتچىسىنى «خەتەرلىك ئۇنسۇر» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ، بىراق ئاففانىستان ھۆكۈمىتى ئىسپات تولۇق بولمىغانلىقتىن بۇنىڭ ئىچىدىكى 72 جىنايەتچىنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاففانىستانغا قاماپ قويۇلغان مەزكۇر جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىشكە قارشى تۇرغان، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيسى ۋە بىرلەشمە قىسىمغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئەگەر قويۇپ بېرىلسە بىخەتەرلىككە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى پساكى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ قويۇپ بېرىلىش ئالدىدىكى مەزكۇر 72 جىنايەتچىنى " خەتەرلىك ئۇنسۇر " دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىزنىڭ ئۇلارنىڭ تېررورلۇق ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك ئىسپاتىمىز بار، ئۇلار بومبا ياسىغان، كۆپلىگەن ئاففانىستان خەلقىنى ئۆلتۈرگەن ھەقىقىي قاتىل" دېگەن.
http://www.hawar.cn/pic/2014/01/13/201401131750166585.jpg

بۇنىڭغا نىسبەتەن ئاففانىستان ھۆكۈمىتى ئىنكاس قايتۇرۇپ: " مەزكۇر 88 جىنايەتچىنىڭ ئىچىدە 45 جىنايەتچىنىڭ جىنايىتى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات كەمچىل، 27 جىنايەتچىگە ئىسپات يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن سوتلانمايدۇ، بىز سەۋەپسىزلا بىگۇناھ ئادەمنى تۈرمىگە بىر نەچچە ئاي ھەتتا بىر نەچچە يىل قاماپ قويالمايمىز" دېگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەگەر ئاففانىستان مەزكۇر جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىشتە چىڭ تۇرسا ئامېرىكا-ئاففانىستان مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مكائىن بىلەن گراخام جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىشكە قارشى تۇرغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

فايىس 9-يانۋار، يىغىلغان بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى كارزاھى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق يىغىندا، 88 ئادەمنىڭ ئىچىدىكى پەقەت 16 ئادەمنىڭلا ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن، كارزاھى قالغان 72 ئادەمنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
ئافغانىستاننىڭ باشقا بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى، ئىشنىڭ ھەرگىزمۇ مۇنداق ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك مىنىسىتىرلىقىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى 88 نەپەر ئادەمنىڭ كۆپ قىسمىنى قاماپ قويۇپ سوراق قىلىشنى كۈتۈش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، بىراق كارزاھىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. زۇڭتۇڭنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ ئەمەلدار ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان. بۇ بىخەتەرلىك ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ۋە زۇڭتۇڭنىڭ ئوي-خىيالىنى پىششىق بىلىدىغان يەنە بىر نەپەر ئافغانىستانلىقنىڭ ئېيتىشىچە، كارزاھى بۇ مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشتە ئىككى مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ دەپ قارىغان: بىرىنچىدىن، تالىبانلارغا ياخشىچاق بولۇپ، مالىمانچىلىق تۇغدۇرغان ئۇنسۇرلارنى سۆھبەت ئۈستىلىگە تارتىشقا بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئامېرىكىنى جازالاش، چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلاشقا بولغان تىرىشچانلىقى يېتەرلىك ئەمەس.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت. M . گايتېس بىر پارچە يېڭى بايانىدا ئاشكارىلاپ، ئوباما ئافغانىستاننىڭ بۇ رەھبىرىنى ياخشى كۆرمەيدىغاندەك قىلىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشقا بولغان تىرىشچانلىقىغا ئىشەنچىسى يوق دىيەرلىك .خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا قارىغاندا، كارزاھى ئوبامانىڭ ئۆزىگە بولغان ئىپادىسىدىن ئىنتايىن نارازى بولغان.
http://www.hawar.cn/pic/2014/01/13/201401131750551040.jpg

مەنبە :http://www.hawar.cn/news/2014/01/13/22208.shtml









kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 00:25:36

بۇ مۇسۇمانلار كوكا كولا ئىچسە ھارام دەپ ، پېپىس كولا ئىچىپ كەتتىمۇ نىمە :lol

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 01:40:35

kangasman يوللىغان ۋاقتى  2014-1-14 00:25 static/image/common/back.gif
بۇ مۇسۇمانلار كوكا كولا ئىچسە ھارام دەپ ، پېپىس كولا ئى ...

ئۇنىڭ قىپى كولانىڭ بولغىنى بىلەن ئىچىدىكىسىنى سۇمىكىن دەيمەن :lol ،،،،

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 03:57:26

مۇشۇ كوكا-كولا شىركىتى بىلەن پەپسى كولا شىركىتىمۇ ھازىر تالىبانلار بىلەن ئەلقائىدەنى خەۋەرگە كۆپ چىقىدىكەن دەپ، ھە دېسە ئۇلارغا ھەقسىز كولا تارقىتىپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ. ئۆتكەندە ئەلقائىدە ھەققىدىكى خەۋەردىمۇ، كوكا-كولا كۆتۈرۈپ يۈرگەنلەر چىققان.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 07:59:11

چەينا دېگەن خېتى بولمىسىلا ھالال بولىۋېرىدۇ باللا.
ما خەۋەرگە قايتىپ كېلىڭلا.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 08:12:33

ما خەق بىزگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن.

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 08:27:11

ئىككى قولى ئامېرىكىلىقلارنى ئۆلتۈرگەن72 نەپەر جىنايەتچى مەھبۇسنى قويۇپ بېرىشكە ......
بۇلارنىڭ ئىككى قولى ئامرىكىلىقلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويلىپتىكەندە.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 08:44:17

ئىككى قولى ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئىسسىق ۋى قىزىل قېنى بىلەن بويالغان ، تەڭسىز ئۇرۇشتا چۈشكۈنلىشىپ ، ئەسەبىيلەشكەن ئامرىكا ئەسكەرلىرى قويۇپ بېرىلدى . ھىچكىم بۇ ھەقتە ئىككى ئېغىز ھەق سۆزلىيەلمىدى . ئەمدى ئىسپات تولۇق بولمىغانلىق سەۋەبى بىلەن بىگۇناھ ئافغانىستان پۇقرالىرى قويۇپ بېرىلدى ، ئامرىكا ھۆكۈمىتى قايناپ ، چېچىلىپ كەتتى . ئاجايىپ مەنتىقە {:107:}

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 10:16:46

ناۋادا ئافغانىستان بىلەن ئامرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى قاتتىق يامانلاشسا يەنە ئۇرۇش يۈز بىرىشى مۇمكىنمۇ؟

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 11:11:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kurax007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-14 11:21  

NeXter يوللىغان ۋاقتى  2014-1-14 08:44 static/image/common/back.gif
ئىككى قولى ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئىسسىق ۋى قىزىل قېنى ب ...


  
       توغرا ،  شۇنچە قاتتىق  تەربىيلەنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئەسەبىيلششىنى توغرا چۈشىنىپ ، تەربىيە كۆرمىگەن پۇقرالارنىڭ ئاچچىقلىنىشىنى توغرا چۈشەنمىسە بۇلامدۇ .
   
       يەنە بىرى ، ئامىرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ مىلقىدىن چىققان ئوق ئافغانىستان پۇقرالىرىغا  كۆرمەي تىگىپ كىتىش ، باشقۇرۇلىغان بومبىلار پۇقرالارنىڭ ئۇيىگە پۇتلۇشۇپ پارتىلاپ كىتىش قاتارلىق مەسىللەرنىڭ كۈپىيشى ،ھەم مىلتىق تۇتقانلارنىڭ ، بۇمبا تاشلىغانلارنىڭ توغرا چۈشنىلىشى توغرا چۈشەندۈرلىشى كارزايىنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ مۇشۇنداق قارار چىقرىپ ساغۇزغاندۇ  .:lol :lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 12:55:18

كارزايىمۇ دۆلىتىنى تىنچ قىلىشنىڭ ھالاكەتچىلىكىدە

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 13:02:11

پەپسىي ئىچىۋىتىپتۇ ئاۋۇ بىرەيلەن !

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 13:08:41

1814-يىلى ناپالىئون قوزغىغان ئۇرۇش.
1914-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى
2014-يىلى... ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئامانەت{:107:}

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 14:12:26

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-1-14 13:08 static/image/common/back.gif
1814-يىلى ناپالىئون قوزغىغان ئۇرۇش.
1914-يىلى بىرىنچى دۇني ...

2014-يىلىدىكى ئۇرۇش ئەتىگەننىڭزى سىلىنىڭ تېماڭلاردا پارتلاپ شۇ يەردە ئاخىرلىشىپ بولدى،خاتىرجەم بولۇڭلار،ھازىر ئەل ئامان.:lol

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 14:17:14

بۇ يىلمۇ ......... بولىدۇ.
:lol:lol:lol:lol:lol:lol

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 15:51:09

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-1-14 14:17 static/image/common/back.gif
بۇ يىلمۇ ......... بولىدۇ.

مانا مۇنداق پەرەزلەر بولۇۋېتىپتۇ بۇ يىل :
http://www.nur.cn/news/2014/01/151836.shtml

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 15:53:19

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-1-14 03:57 static/image/common/back.gif
مۇشۇ كوكا-كولا شىركىتى بىلەن پەپسى كولا شىركىتىمۇ ھازى ...

ھا ھا ھا ....ما ئىنكاسزەەە جىڭ گەپ بوپتۇ .;P  :lol  دەنشى يەنى دىلبۇزۇرغا غا  ئېلان پۇلى تۆلىگەندىن بۇنداق ھەقسىز تەمىنلەپ ئېلان بەرسە ،ئەرزان ھەم دۇنياغا كەڭرى تارقالغۇدەك .:lol

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 15:56:47

orkexjan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-14 15:51 static/image/common/back.gif
مانا مۇنداق پەرەزلەر بولۇۋېتىپتۇ بۇ يىل :
http://www.nur.cn/new ...

ھە دەپ قۇياڭلا بۇ گەپلىگە...

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 18:53:18

بىلكاننىڭ ھوزورنى سۈرۈپ بىر ئىنكاس يازاي.
بىنلادىننى ئۆلتۈردۇق دەپ كۆرەڭلەپ كەتكەن بىلەن يەنىلا ھېچ بىخەتەر ھېس قىلغىنى يوق بۇ ئامرىكا ھۆكىمتىنىڭ
بەت: [1] 2
: ئافغانىستان قەستەن ئامېرىكىنىڭ « چىشىغا تىگىۋاتامدۇ ؟ »