قازاق ماتېماتىك قىيىن مەسىلىدىن بىرنى ھەل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
قازاق ماتېماتىك مىڭ يىل چوڭ مۇكاپاتى بار قىيىن مەسىلىدىن بىرنى ھەل قىلغانلىقىنى جاكارلىدىhttp://static.cnbetacdn.com/newsimg/2014/0112/25_1iQGwV86i.jpg
قازاقىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋرو ئاسىيا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋرو ئاسىيا ماتېماتىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى مۇقتارباي ئوتېلبايىۋ )Mukhtarbay Otelbaev( مىڭ يىل چوڭ مۇكاپاتى بار قىيىن مەسىلىدىن بىرنى ھەل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنىڭ ماۋزۇسى ناۋىي-ستوكىس تەڭلىمىسىنى مەجبۇرىي يېشىشنىڭ مەۋجۇتلۇقى )论纳维-斯托克斯方程强解的存在性(Existence of a strong solution of the Navier-Stokes equation)》(PDF)( چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.math.kz/images/journal/2013-4/Otelbaev_N-S_21_12_2013.pdf
نۆۋەتتە رۇسچە نەشرىلا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تېخى ئىنگلىزچە تەرجىمە نەشرى يوق.
پىروفېسسور ئوتېلبايىۋ— كىشىلەر ھۆرمەتلەيدىغان ئالىم بولغاچقا ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىسىغا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلۇغ ئالىملارمۇ خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. ناۋىي-ستوكىس تەڭلىمىسى ئاقما جىسىم مېخانىكىسىدىكى مۇھىم تەڭلىمە بولۇپ، كېرىي ماتېماتىكا تەتقىقات ئورنى 2000-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان مىڭ يىل چوڭ مۇكاپاتى بار قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئۇ بوشلۇقتا پىرىسلىغىلى بولمايدىغان ئاقار جىسىملار ھەركىتىنى تەسۋىرلىگەن.
تەڭلىمىنىڭ يېشىمىنى نۇرغۇن ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ساھەلەردە قوللىنىشقا بولىدۇ، نۆۋەتتە ماتېماتىكلار پەقەت بىر قىسىم ئالاھىدە يېشىش ئۇسۇلىنىلا تاپقان. مىڭ يىل مۇكاپاتى بار 7 قىيىن مەسىلىدىن، نۆۋەتتە پەقەت پوئىنكەير تەسەۋۋۇرى ئىسپاتلانغان، رۇسىيەلىك ماتېماتىك گىرىگورىي پىلىرمان 2003- يىلى ئىسپاتلىغان ئەمما ئۇ 2010-يىلى مىڭ يىل مۇكاپاتى ۋە مىليون دوللار مۇكاپات پۇلىنى رەت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار:
ماقالە مەنبەسى:
http://www.cnbeta.com/articles/268236.htm
مىڭ يىل مۇكاپاتى بار 7 قىيىن مەسىلە
پوئىنكەير تەسەۋۋۇرى
Jules Henri Poincaré
مۇبارەك بولسۇن! ئىلىم - پەن دۇنياسىدا مۇسۇلمانلار كۆپەيگەي. مۇبارەك بولسۇن. ماتېماتىكىغا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدىكى تۇردىبېكتىنمۇ قالتىسلىرى باركەندە، مەن شۇياقنى قازاقلانىڭ ئالدى دەپ بىلىدىكەنمە قازاقلار ماتېماتىكا بىلەن تىبابەتكە ئالاھىدە ئىقتىدارلىق ، سەۋەبىنى بىلىدىغانلار بولسا تونۇشتۇرىۋەتسە بوپتىكەن ... چۈنكى پەرزەنتىمنىڭ چوڭىنى ماتېماتىكىدا ، كىچىگىنى تىبابەتتە ئوقۇتاي دىگەن ، باكلاۋۇر ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئالىي ماتىماتكىنى بىر قازاق مالىم بېرىدىغان، كىتاب دىگەننى ئېلىپمۇ قويمايتى قولغا. ئىشقىلىپ قاچانلا قارىسا «ساۋۇركام» پۇراپ يۈرىتى، لىكىن ھېساب دىگەننى قاس چىقىرىۋىتىدىغىنىدا گەپ يوق .... http://v.youku.com/v_show/id_XNjYwMTYzNTIw.html مۇبارەك بولسۇن! durak يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 10:18 static/image/common/back.gif
چۈنكى پەرزەنتىمنىڭ چوڭىنى ماتېماتىكىدا ، كىچىگىنى تى ...
شۇنداق بولغاندىكىن، قازاقتىنلا خوتۇن ئالماي.... :P
خوش خەۋەركەن!
بىزدىنمۇ مۇنداقلار كۆپلەپ چىقسا ھە!! durak يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 10:16 static/image/common/back.gif
قازاقلار ماتېماتىكا بىلەن تىبابەتكە ئالاھىدە ئىقتىد ...
28يىل قازاقلارنىڭ ئارسىدا ياشاپ بۇ گەپنى ئەمدى سىزدىن ئاڭلاۋاتىمەن.{:102:}
ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ئاساستا گەپ قىلىڭ!:handshake
بۇ قازاق ئالىم راستىنلا بۇ قىيىن مەسىلىنى يەشكەن بولسا ئاپىرىن ئوقۇيمىز.{:112:} مۇبارەك بولسۇن, ئوبدان بولاپتۇ.
مىڭ يىل چوڭ مۇكاپاتى بار دىگەن نېم گەپ ھوي ئەمدى يايلاقتىكى قويلارنىڭ سانىنى چىقىرىش ئاسان بوپتۇ-ھە!!!
چاقچاق جۇمۇ قازاقلىرىم قاحشاپ كەتمەڭەلر يانا....
بەت:
[1]