[Android] قولاي ھېساباتچى ئۇيغۇرچە 3.5 نەشرى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلارقولاي ھېساباتچى ئەپچىسى ئاندرويىد يانفونلاردا ئىشلەيدىغان كىرىم-چىقىم ئىشلىرىنى خاتىرلەپ ماڭىدىغان مالىيە ئەپچىسىدۇر. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى ئۇچۇرلاردىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ تېمىنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.
بۇ قېتىم ئاپتورى بۇ ئەپكە ئەڭ چوڭ ئىقتىدار تورغا ماس قەدەملەش ئىقتىدارىنى قوشۇپتۇ يەنى سىز Google ھېساباتى ۋە Baidu ھېساباتىنىڭ خالىغان بىرسىگە ساندانىڭىزنى زاپاسلاپ ماڭلايدىكەنسىز.
بۇ قېتىملىق نەشرىنىڭ بارلىق ياردەم ھۆججەتلىرى يەنە بىر قېتىم تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ چىقىلدى.
ئۇنداق بولسا ئالدى بىلەن ئەپنى چۈشۈرۈپ تۇرۇڭ.
ئۇيغۇرچە ئورگان تورىغا كىرىپ چۈشۈرۈش
http://qutyar.net/qh
خەنزۇچە ئورگان تورى
http://jianyi360.info
ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزلىرى:
مەزكۇر ئەپكە قارىتا تەكلىپ پىكىر بولسا بىزگە بەرسەڭلار بىز ئاپتورغا يەتكۈزپ ياخشىلاشقا تىرىشىمىز. دوستلىرىڭلارغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭلار.
ئەسلى مەنبە: قۇتيار مۇنبىرى ياخشى نەرسىدەك قىلامدۇ نىمە ؟ يېقىننىڭ ياقى ئۆيگە سەي گۆش ئۇن دەپ پۇل يانچۇقتىن ھەجەپ چىقتى ، ئايلىق ھسىاباتنى بىر قىلىپ سىناپ باقسام بولغۇدەك ! ئىقتىدارى يۇقىرى ئەپ ئىكەن. تەرجىمىسىمۇ ياخشى چىقىپتۇ.
ئەكىرىش دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا يۈكلەش دىسە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولامدۇ قانداق. QUYASH يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 09:55 static/image/common/back.gif
ئىقتىدارى يۇقىرى ئەپ ئىكەن. تەرجىمىسىمۇ ياخشى چىقىپتۇ. ...
转入,转出 دېگەن گەپ شۇ، يەنى سىز ئىككى خىل ھېساباتچى ھالىتىدە تۇرۇپ ئۆز ئارا ھېسابات ئاغدۇرسىڭىز مۇشۇ يەردە ئاغدۇرغان ھېساباتنىڭ كىرىش ۋە چىقىش سوممىسى چىقىدۇ. يەنى ھېساباتنى ئاغدۇرۇپ بېرىش، ئاغدۇرۇپ چىقىرىش دېگەندەك مەنىدىكى گەپ. ئاۋۇ يەرنى كۆرگەنسىز، ئۇ يەرگە ئۇنداق ئۇزۇن گەپنى يازسام پاتمايدۇدە. شۇڭا قىسقارتىپ ئەكىرىش ۋە چىقىرىش دەپ ئالدىم. بۇنىڭدىن بەلەن ماس كېلىدىغان قىسقا بىرلا ئېغىز سۆز بولسا كېيىنكى نەشردە ئالماشتۇرۇۋەتسەم بولىدۇ. سانداننى ئەكىرىش دىگەن سۆزنى دەۋاتىمەن QUYASH يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 10:06 static/image/common/back.gif
سانداننى ئەكىرىش دىگەن سۆزنى دەۋاتىمەن
导入数据 سانداننى يۈكلەش دېسەك بولماس بۇنى. 载入数据 ئەمەس بۇ. نەچچە يىل بۇرۇن بىلىكتە ئۇبۇنتۇ تەرجىمە خىزمىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن كومپيۇتېر سەركىلىرى ۋە تىل يېزىق خىزمىتىدىكى پىشقەدەملەرنى يىغىپ بىرەر شىركەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاۋال ئاتالغۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئاتالغۇ لۇغىتى تۈزۈپ چىقىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن ئىدىم. كېيىن ئاندروئىد بىلەن ۋىندوۋس تەرجىمە قىلىندى. پارتىزانچە روم تەرجىمانلىرى پەيدا بولدى. لېكىن ھەممىمىزنىڭ تەرجىمىسى ئوخشاش ئەمەس. ئويلىسام بىر ئەمگەكنى نۇرغۇن ئادەم خەخنىڭكىنى ياراتماي بىر قېتىمدىن قىلىپتۇق. بۇ ئەمگەكنى يىغىپ ھىساپلىسا تەرجىمىنىڭ جۈملە مىقدارى ھازىرقى لىنۇكىس، ۋىندوۋس ئائىلىسىدىكى بارلىق مەشغۇلات سېستىمىسىنى تەرجىمە قىلىشقا يىتىپ ئېشىپ قالىدىكەن.
مەندىمۇ ئاندروئىدنىڭ 20مىڭ قۇردىن ئارتۇق تەرجىمە قىلغان سۆزلۈك ئامبىرى بار. ئىملار، چېكىت پەش، سان ۋە ھەرىپ بىلەن كەلگەن ئۇيغۇرچە يېزىقنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى دىگەندەك مەسىلىلەرنى تۈزۈتۈپ ساندانغا ساقلاپ قويغان. بىر تۇرۇپ سانداننى mysql غا ئايلاندۇرۇپ توردا ھەقسىز تارقىتىۋىتەي دەيمەن. لېكىن قالايمىقانچىلىق ۋە پىتنىگە سەۋەپ بولۇپ قالماي دەپ تۇرۇپ تۇردۇم. بىرەر شىركەت ئاتالغۇ لۇغىتىنى قۇرىمەن دىسە ھەقسىز تەمىنىلەيمەن. ئەمدى گەپنىڭ قىسقىسى ئالدى بىلەن تەرجىمىدە ۋە ئاتالغۇلاردا بىرلىككە كەلسەك بولاتتى. QUYASH يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 10:38 static/image/common/back.gif
نەچچە يىل بۇرۇن بىلىكتە ئۇبۇنتۇ تەرجىمە خىزمىتى باشلى ...
تۆھپىڭىز ھەقىقەتەن كۆپكەن، ئەسلى windows ۋە Ubuntu نىڭ تەرجىمە ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا سىز تۈرتكە بوپتىكەنسىزدە. يارايسىز.
مەن windwos نىڭ تەرجىمىسىگە ئاساسەنراق قىلىۋاتىمەن. قىسمەن ئەپلەرنى Android نىڭكىگە ماسلاشتۇرۇپمۇ قىلدىم. مەندىمۇ تۇرىدۇ 15-20 مىڭ دەك ئاتالغۇ. لېكىن ھەممىسىلا ئۆلچەملىك ئەمەس.
تەنە گەپ قىلماڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-13 11:10
نەق مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە ئەپكە ھاجىتىم چۈشۈپ تۇراتتى:lol كەمپىرىم قەغەزگە پۈتۈش ئاۋارىچىلىقكەن ، يەنە كېلىپ ئۇششاق چۈششەكلەرنى ۋاقتىدا خاتىرلىگىلى بولمايدىكەن دەپ قاقشاپ بېشىمنى ئوچاق ئىتىپ زادى......ماۋۇنى قاچىلاپ بېرىپ دىۋانىغا بەرگىنىدىن تارتىپ ھىسابلاتقۇزمىسام خەپ ، كۆپ رەھمەت ئالما نۇسقسى يوقما tawpik يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 13:13 static/image/common/back.gif
ئالما نۇسقسى يوقما
ئۇ يولداش Android ئوينايدىكەن، ئالمىغا ياسىماپتۇ. بۇرۇن خەنزۇچىسىنى ئىشلىتىپ باققان، لىكىن تورغا ماسقەدەملەش ئىقتىدارى بولمىغاچقا 随手记 نى ئىشلىتىۋاتقان، ئەمدى ماۋۇ ئۇيغۇرچە ئەپكە كۆچەي ئەمدى.
قولاي ھىساباتچىنى ئىشلىتىپ باقتىم، كۆرۇنمە يۇزى ئاددى، مەشغۇلات يىنىك ئىكەن. ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۈلكە ئەپەندىم، بۇ ئەپنى خىلى ئوبدان ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدىم، بىر كۈنى سېغىم كارتىغا زاپاسلانغان ھۆججەتنى قايتۇرۇشقا توغرا كىلىپ قىلىپ ، شۇنچە قىلىپمۇ قايتۇرالماي، كېيىن ئىشلەتمىگەن ئىدىم، مېنىڭ پەرزىمچە بۇ بەلكىم ئاندىروئىد MIUI نىڭ قوللىمىغانلىق بولۇشۇى مۇمكىن دەپ چۈشەندىم، ئەگەر بۇ قېتىمقىسىدا تور ھېساۋاتىغا ماس قەدەملەش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولسا بۇنىمۇ سىناپ بېقىشقا ئەرزىگۈدەك، رەھمەت سىزگە .
بەت:
[1]