waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 20:02:15

شىرئەلىجان23 نۇمۇر ئىلىپ شىنجاڭ جىياڭسۇ كوماندىسىنى يەڭدى

    ئۈرۇمچى ۋاختى 1-ئاينىڭ 12- كۈنى كەچ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو  ۋاسكېتبول  بىرلەشمە مۇسابىقىسى 24- ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا جىياڭسۇ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە  ئىلىپ باردى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە  شىرئەلىجان 23 نۇمۇر ئالدى، ئاخىرى شىنجاڭ كوماندىسى 90-81 نەتىجە بىلەن جىياڭسۇ ۋاسكېتبول كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا تۆت مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.   نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى 19 مەيدان غەلبە قىلىش 5 مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى  شىرئەلىجان 23 نۇمۇر، 7 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 6 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  خاندېرسېن 28 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 8 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  سېنگېلدون 13 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۇۋىي 11 نۇمۇر، 10 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ يۈچاڭدۇڭ 8 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياڭ جىمىڭ 3 نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛    تاڭ جىڭدۇڭ 2 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
جىياڭسۇ كوماندىسىدىن خاسىلىپ 10 نۇمۇر ئالدى؛ سۇلىمان 11 نۇمۇر، 10 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ خوشۇپىڭ 19 نۇمۇر، 8 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ مىڭ دا 17 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
  مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 15-يانۋار ئۆز مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىغا قايتىپ 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 21:35:33

شىراخۇننىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسى ئوبدان{:112:}

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 08:53:35

ئەپسۇس، ئاخشام مۇسابىقىنى كۆرەلمەي قالدىم. قارىغاندا شىرنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولغان ئوخشايدۇ. كۆز تەگمىسۇن شىرئەلى.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 10:15:27

شىرئەلىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئاز نۇمۇر ئېلىشى ئۇنىڭ ئىپادىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى تاكتقكا ئۇرۇنلاشتۇرىشى ئىكەندە {:101:}

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 10:40:18

@新疆男篮-外援部落
今晚江苏的体育馆有一位维族小伙,命中6记三分球砍下23分7篮板6抢断3助攻的全能数据!!!!0点过后就是他的生日,这是西热给自己的礼物吗?西热这赛季的变化依我看来真是太大了,从一个投手变成了组织者!2013年的西热收获真的太棒了!西热现在有一手漂亮的传球和关键时刻的三分球!@西热力江粉丝团


ئۇزۇندىن بېرى دىققەت قىلسام شىرئەلىجان ئۆز كوماندىسىدىكى ئىككى چەتئەللىكتىن قالسىلا تايانىچ كۈچ بولۇپ ئويناۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچىنجى 外援 دەپ نامى بار ئىكەن.

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 11:06:39

chewendaz يوللىغان ۋاقتى  2014-1-13 10:40 static/image/common/back.gif
@新疆男篮-外援部落
今晚江苏的体育馆有一位维族小伙,命中6记三分球砍下23分7篮板6抢断3助攻的全能数据! ...

ماۋۇ دىيەنشىدە شىرئەلىجاندىن كۆرە ياڭ جىمىڭ دىگەننى بەكەرەك ئۇچۇرىۋاتىدۇ. بۇ يولداشلار.......

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 11:42:31

ياڭ جىنمىڭمۇ ئۈچ نۇمۇرلۇق توپقا خېلى يامان ئىكەن

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 15:53:57

شىرئەلىنى 外援 دىگىنى نېمىسى؟ گەرچە چاقچاق قىلىپ بولسىمۇ، ئەجىبا ئۇ جۇڭگو پۇقراسى ئەمەسىمىكەن!؟

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 16:33:35

koktash يوللىغان ۋاقتى  2014-1-13 15:53 static/image/common/back.gif
شىرئەلىنى 外援 دىگىنى نېمىسى؟ گەرچە چاقچاق قىلىپ بولسىم ...

外援 لىرى بەك يامان كېلىدۇ ئەمەسمۇ :lol باشقىچە مەنا يوق، ئېرىقى ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن دېدىمىكىن تاڭ. سەلبى مەنىدە ئەمەس.

TILSIMAT يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 23:38:15

koktash يوللىغان ۋاقتى  2014-1-13 15:53 static/image/common/back.gif
شىرئەلىنى 外援 دىگىنى نېمىسى؟ گەرچە چاقچاق قىلىپ بولسىم ...

بەك يامان دىمەكچى!
بەت: [1]
: شىرئەلىجان23 نۇمۇر ئىلىپ شىنجاڭ جىياڭسۇ كوماندىسىنى يەڭدى