kitabhumar1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 19:59:53

تارىخمىزنى بىلىدىغانلارغا چاقىرىق

تارىخىمىز توغورلوق مەلۇماتى بارلارغا چاقىرىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار .
تارىخىمىز توغورلوق ئويلىنىشىمىز ۋە ئۇنى بىلىشىمىز بىز ئۈچۈن ئارتۇقچە بولمىسا كىرەك.بىز بەلكىم ئۆتكەن بىر ئەسىردىكى تارىخىمىزنى بىلىشىمىز مومكىن،ئاندىن قاراخانىلار ۋە سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىلىرىگە ئايىت تارىخىمىزنىمۇ ئازراق بىلىشىمىز مومكىن.ئەمما ئۇندىن باشقا ۋاقىتقا مۇناسىۋەتلىك تارىخىمىزنى بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ بولماسلىقى مومكىن.بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن.بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ئۇندىن باشقا ۋاقىتتا ياشىمىغان بولغىيمىدى ؟
بىز ئۆزىمىزنىڭ تارىخىدىكى مەلۇم دەۋر ياكى مەلۇم ئىشلارغا نىسبەتەن چۈشەنچىمىز بولسىمۇ،كىتابخانىلاردا،تورلاردا بۇ خىلدىكى تىمىلار ئۇچراپ تۇرسىمۇ ئەمما بىزنىڭ ئومومى تارىخىمىزنىڭ قىسقىچە كارتىنىسى،تىزىسى توغرىسىدا بىرەر تىما ئۇچراتمىدىم.
مىنىڭ ئويلاۋاتقىنىم ۋە شەخسەن مەن ئىھتىياجلىق بولغىنى بىزنىڭ ئۆتكەن 2000 يىل مابەيدىنىدىكى تارىخمىزنىڭ قىسقىچە كارتىنىسى ،تولوق تەپسىلاتى ئەمەس...
ھەر 100 يىل يەنى بىر ئەسىرنى بىر بىرلىك قىلىپ تۇرۇپ توختالسىمۇ مەيلى.شۇ يۈز يىل ئىچىدىكى يۈز بەرگەن چوڭ ئىشلار، قىسقىچە سەۋەبى ۋە مۇناسىۋەتلىك شەخىسلەر شۇنداقلا ئەجداتلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتى،ئىقتىسادى ئەھۋالى ،ئىڭى توغورلوق،رەت تەرتىپى بويىچە بەك كىڭەيتىۋىتىلمىگەن ئاساستا قىسقىچە بىر تارىخى كارتىنا ئوتتورغا قويولسا دەپ ئويلايمەن.
بۇ جەھەتتە مەلۇماتى بار دوسلارنىڭ تەكلىپىمنى ئويلىشىپ كۆرۈپ ئىغىر ئالماي بىر قەلەم تەۋرىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مومكىن بولسا ھەر بىر يۈز يىلنى ياكى تۆت بەش ئەسىرنى بىر بىرلىك قىلىپ  تۇرۇپ بولامدۇ ياكى ئۆزى ئويلىغان ئۇسۇل بويىچە بولامدۇ ،يىل نامىلەرنىڭ رىتى بويىچە زىيادە بەك كىڭەيتىۋىتىلمىگەن ئاساستا ئۆتكەن 2000 مىللىق تارىخىمىزدىن قىسقىچە بىر مەلۇمات،كارتىنا ئوتتورغا قويولسا،ئەڭ موھىمى زىيادە بەك كىڭەيتىۋىتىلمىگەن ئاساستا بولسا،نىمىشقا دىگەندە تارىخ دىگەن بەك كەڭرى ئۇزۇن بىر جەريان.شۇڭا تەپسىلىي توختىلىشنى ئايرىم قويوپ ياكى مۇناسىۋەتلىك تارىخى ماتىرىياللارنى تەۋسيە قىلىپ قىزىقىدىغانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشىگە قالدۇرۇپ قويوپ،ئاساسلىق،نوقتىلىق ئىشلار،شەخىسلەر ۋە يىل نامىلەر،كىشىلىرىمىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئىقتىسادى،تۇرمۇش شارائىتى توغرىسىدا يىل،ئىشلار ۋەقەلەرنىڭ ئىلگىرى كىيىنلىك تەرتىپى بويىچە تارىخىمىز توغورلوق قىسقىچە ئومومىي چۈشەنچە بىرىلسە دىگەن ئۈمىتتە مەن.

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 20:39:23

http://bbs.anatuprak.com/read.php?tid=14346

http://www.ejdad.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1091

kitabhumar1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 21:34:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kitabhumar1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-12 21:36  

boran0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-12 20:39 static/image/common/back.gif
http://bbs.anatuprak.com/read.php?tid=14346

http://www.ejdad.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1 ...

سىز قالدۇرۇپ قويغان تىمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=4054
بۇ تور بەتتە .
مەن ئۇ تىمىنى كۆرگەن .ئۇ تىمىمۇ ياخشى يىزىلغان تىما ،پەقەت شۇ تىمىغا شۇ ۋاقىتتىكى زور ۋەقەرلەردىنلا ئىشارەت بىرىلگەن،ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبى،مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر،خەلىقنىڭ ئىقتىسادى،تۇرمۇش ئەھۋالى توغرىسىدا قىلچىلىك  مەلۇمات يوق...
ئەگەر مۇشۇ تىمىغا مەن يۇقاردا دىگەن تەرەپلەر قىتىۋىتىلگەن بولسا بۇ دەل مەن ئىزدەۋاتقان تىما بولاتتى

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 16:09:24

تېمىڭىز قىسقا، سۇئالىڭىز ئىخچام بولغان بىلەن، بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن نەچچە زىيالىنى تەشكىللەپ، نەچچە يىل جاپالىق ئىزدىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق كارتىنىنى ھەممە قايىل بولغۇدەك، توغرا چىقىرىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس.

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 16:14:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-14 07:36  

90-يىللاردا «ئۈچ كىتاب» دەپ ئاتالغان بىر قانچە كىتابلار چەكلەنگەن ئىكەندۇق. باشقىلاردىن ئاڭلىشىمىزچە، شۇ چاغدىكى چەكلەنگەن كىتابلاردا ئادەم ئەلەيھىسالام زامانىسىدىن تارتىپ تاكى 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىغىچە بولغان تارىخ يورۇتۇپ بېرىلىپتىكەندۇق. لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ ئەنۋەر بايتۇر بىلەن خەيرىنسا سىدىق ئاپتۇرلۇقىدىكى «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» دىن باشقا مىللىتىمىز تارىخىغا ئائىت تۈزۈك بىر كىتاب ئۇچراتمىدىم.

kitabhumar1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 17:02:31

دىمەككى بىزنىڭ تارىخىمىزنى قىسقىچە بىلىشىمىزمۇ ئاسان ئەمەس...

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 17:14:23

ئالدى بىلەن تارىخىي رەشىدى، تارىخىي ھەمىدى دېگەندەك كىتاپلارنى بىرەر قۇر ئوقۇپ بېقىڭ. ئاندىن باشقا كىتاپلارغىمۇ مۇراجەت قىلىپ بېقىڭ. چوقۇم كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز.
«قىسقىچە تارىخ» دېگەن سۆز ئاددىي كۆرۈنگىنى بىلەن، نۇرغۇن كىتاپ ۋە نۇرغۇن مەنبەلەردىن نۇرغۇن زېھىن ۋە ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ رەتلىمىسىڭىز بولمايدۇ.
ئاددى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كۈتۈپخانىسىدىكى كىتاپلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلىش ئۈچۈن (تىزىملىك يوق ئەھۋال ئاستىدا)، قانچە ئادەم قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلسا ئەنگە ئېلىپ چىقالايدۇ؟
دېمەك ئاسان بولغان بىلەن، ئەمەلىي تۇتۇش قىلىپ باقمىغان ئادەمنىڭ بۇنى چۈشىنىشى تەس!
بەت: [1]
: تارىخمىزنى بىلىدىغانلارغا چاقىرىق