ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 18:33:00

شارون ئۆلدى

شارون ئۆلدى

http://www.trt.net.tr/medya6/resim/2014/01/10/67ac429d-5e2d-4370-907c-4ec058419717-444x333.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى (12.01.2014) خەۋىرى:
ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئارىئېل شارون ئۆلدى؛ شارون مېڭىسىگە قان چۈشۈش سەۋەبىدىن 8 يىلنىڭ مابەينىدە سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈلمەكتە ئىدى.
1982-يىلى يۈز بەرگەن لىۋاندىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرى قەتلىئامىنىڭ جاۋابكارى، دەپ قارىلىۋاتقان 85 ياشلىق شارون، «بېيرۇت قاسسىپى» دېگەن نام بىلەن ئەسلىنەتتى.
شارون 14 يېشىدا ھەربىي سەپكە كىرگەن بولۇپ، دۆلىتىنىڭ بارلىق ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. 1982-يىلى ئىسرائىلىيە لىۋاننى ئىشغال قىلغان ئەسنادا خىرىستىيان فالانگىستلار سابرا ۋە شاتىللا ناملىق پەلەستىن مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا قەتلىئام يۈرگۈزۈپ، 3500 ئەتراپىدا پەلەستىنلىكنى ئايال، كىچىك بالا دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن ئۆلتۈردى.
ئىسرائىلىيە پارلامېنتى تەرىپىدىنمۇ قەتلىئامنىڭ جاۋابكارى، دەپ قارالغان شارون، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «بېيرۇت قاسسىپى» دېگەن نام بىلەن ئەسلىنىدىغان بولدى.
شارون، پەلەستىن زېمىنىدا يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش لايىھەلىرىنى ئورۇندىدى. شۇنداقلا قىلغان ئەڭ چوڭ ئىشى، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ نومۇسى بولغان تامنى قوپۇرۇش ئارقىلىق غەربىي قىرغاقنى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئوچۇق ساھە تۈرمىسىگە ئايلاندۇرۇش بولدى.
2001-يىلى ئۈستىگە ئالغان باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى 2006-يىلى پالەچلىككە مۇپتىلا بولۇشى بىلەن بىرلىكتە ئاخىرلاشتى.
★★★★★


دۇنيا مىقياسىدا ئارىيىل شاروننىڭ ئۆلۈمىگە بىلدۈرۈلگەن ئىنكاسلار

http://www.trt.net.tr/medya6/resim/2014/01/11/f084dbd6-35e8-420c-99e5-927e83dc8cf8-444x333.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:
دۇنيا مىقياسىدا سابىق ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئارىيىل شاروننىڭ ئۆلۈمىگە ھەر خىل ئىنكاسلار بىلدۈرۈلدى.
بەزىلەر «شارون بىلەن ئىشلەش شەرەپلىك بىر ئىشتۇر» دېگەن بولسا، بەزىلەر «ئۇرۇش جىنايەتچىسى ئىدى. سوتلىنىشى لازىم ئىدى» دېيىشتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما «شارون پۈتۈن ئۆمرىنى ئىسرائىلىيە دۆلىتىگە ئاتىدى» دېدى.
سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بىل كىلىنتون ۋە رەپىقىسى ھىلارى كىلىنتون، شارونغا يۇقىرى باھا بېرىپ «ئۇنىڭ بىلەن ئىشلەش پەخىرلىك بىر ئىشتۇر» دېيىشتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە كومىتېتى باشلىقى كاترېن ئاشتون «شارون دۆلىتىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلدى» دېدى.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل «جەسۇر بىر رەھبەر ئىدى. تىنچلىق يولىدا مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىدى»دەپ بايانات بەردى.
ئەنگلىيە باش مىنىستىرى دېيۋىد كامېرون شاروننىڭ تىنچلىقنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇسىيە باش مىنىستىر ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ «بۈيۈك بىر سىياسىي ۋە ھەربىي شەخس ئىدى» دەپ بايانات بەردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇنمۇ «شارون سىياسىي جاسارىتى بىلەن ئەسلىنىدۇ» دېدى.
تۈركىيەدە ئىنگلىزچە چىقىدىغان تۇدېىس (بۈگۈن) زامان گېزىتىنىڭ شاروننىڭ بىئوگرافىيەسىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتقان خەۋىرىدە شارون ھەققىدە «دەۋىر بۆلگۈچ ئىشلارنى قىلغان»، «تەجرىبىلىك گېنېرال» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.
مەزكۇر گېزىت ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ ئىبارىلەرنى باشقا ئىبارىلەرگە ئۆزگەرتىپ، شارون ھەققىدە «دۇنيا قارىشى ۋە ھەرىكەتلىرىدە ئەركىنلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان زات ئىدى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «مەۋرىك» كەلىمىسىنى ئىشلەتتى.
پەلەستىن بولسا يۇقىرقىلاردىن پەرقلىق بىر ئىنكاس قايتۇردى.
ئەل فەتىھنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان جىبرىل راجۇب مۇنداق دېدى: «شارون ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە سوتلىنىشى كېرەك ئىدى. ئارافاتنىڭ ئۆلۈمىدىن ئۇ جاۋابكار.»
ھاماستىن بېرىلگەن باياناتتىمۇ «قوللىرى پەلەستىنلىكلەرنىڭ قېنى بويالغان قاتىل ئۆلدى. بۇ زالىمنىڭ ئۆلۈمى پەلەستىن خەلقىگە نىسبەتەن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ قالىدۇ.» دەپ بايانات بەردى.
ئارىيىل شاروننىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان ئۆلۈم خەۋىرى لىۋاندىكى پەلەستىنلىكلەر ياشاۋاتقان شەتىللا لاگېرىدا قالتىس خوشاللىق پەيدا قىلدى.
1982-يىلدىكى سابرا-شاتىللا قەتلىئامىنىڭ جاۋابكارى بولغان شارون «بەيرۇت جاللىتى» دەپمۇ تەرىپلىنىدۇ.
★★★★★

function يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 19:38:20

بۇ شارون ئۆلسە يەنە بىرسى شارون چىقىدۇ

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 20:34:12

ھەربى كۈچى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن ھاكىمىيەت ئەزەلدىن ئاجىزلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدۇ. شارۇندەكلەرنىڭ كېسەل بىلەن ئۆلۈشى خوش بولغۇدك ئىشمۇ ئەمەس، قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەي كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان بىر ئۆلۈمتۈكنىڭ ھاياتلىقى بىلەن ئۆلگىنىنىڭ ھىچبىر پەرقى يوق. ئەگەر ئۇنىڭ كۆكسىگە ئادالەتنىڭ ئوقى تەگكەن بولسا ئىدى، ئاندىن ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار بايرام قىلسا ئەرزىيدۇ.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 21:24:42

ياتقان يىرى دوزاختا بولغاي، ئامىن!
ئەتە ئۆلەمىكى ئۆگۈن ئۆلەمىكى دەپ يۈرۈپ سەككىز يىل ھۇشسىز يېتىپ ئاخىرى ئۆلدى،  شارۇن ھۇشىدىن كەتكەن سەككىز يىلنىڭ ياقى پات پات شارۇن ئۆلدىمۇ دەپ بەيدۇلاپ قۇيىمەن، ھىچ ئۆلۈم خەۋىرى يوق، چەتئەلچە بىلىدىغانلار گوگىللاپ باققان بولساڭلار، راسىت ئۆلدىمۇ يا يەنە ھۇشسىز ياتامدۇ،

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 21:32:24

خىلى بۇرۇنلا ئۆلدىمىكى دەپ يۈرۈپتىمەن،ئەمدى ئۆلتۈپتۇدە...

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 21:46:17

پوق سۈيدىكىنى تۇتالماي يەنە ئۇزاقراق ئۆمۈر كۆرگەن بولسا بوپتىكەن

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 21:49:48

ئاۋۇ رەسمىگە قاراپ بىر قىسىملا بولۇپ قالدىم دىسە....:shutup:

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 22:02:01

تەبرىكلەر بولسۇن…

bibaris يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 23:36:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bibaris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-12 23:38  

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياخشى دوستى!بۇ ئاداش ھوقۇق تۇتقان مەزگىللەردە دۆلىتىمىزگە خېلى ياردەملەرنى قىلغان,

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 08:51:22

14يېشىدا ئەسكەر بولغان
دۆلىتىدىكى بارلىق ئۇرۇشلارغا قاتناشقان
ئۆز دۆلىتىنىڭ،خەلقىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ھېچقانداق ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمىغان...
بەلكىم ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ نەزىرىدە ھەقىقەتەن بىر قەھىرماندۇر

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 09:16:11

شارون ياش  ۋاقتىدا كوچا لۈكچەكلىرىنى ئەرەپچە  كىيىندۈرۈپ بىرىتانىيە گازارما يېنىدا دائىم پارتلىتىش ۋەقەلىرىنى تۇغدۇرۇپ  ئەرەپلەرنى دۇنياغا  تېرورچى كۆرسەتكەن  بىرىنچى  كىشى ، بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ  ئەقىللىق مىللى قەھرىمان ، لېكىن بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ بىر ئەخلاقسىز  ئادىمىيەتسىز  مەخلۇق .

لېكىن ھاياتلىغىدا قىلغان ئەتكىنىنىڭ سورىغىنى ئۆزى شەخسەن ھىساپ  بېرىدۇدە ئۇ دۇنيادا .

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 11:15:59

شارۇن ئۆسۈملۈك ئادەم بولۇپ ئۆلگەندىن پەرقسىز ياتقان ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاشنىڭ خىراجىتى يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئىسرائىلىيە پارلامېنتى ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا بېرىلىدىغان خىراجەتنى توختىتىشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى ھەققىدىكى شەرمەندە خەۋەرلەرمۇ تاراتقۇلاردا كۆرۈلگەن ئىدى.
ئۆلگەن ئادەمنى تىللىغۇم  كەلمىدى.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 14:08:48

ئىتنىڭ كۈچىكى ئاخىرى ئۆلەپتۇدە ، ياتقان يىرى قاپقاراڭغۇ   يەرئاستىدا بولسۇن !{:112:}

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 14:39:33

ئىت ئۆلۈمۈدە  ئۆلەپتۇ

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 14:42:02

مۇسۇلمان تەشكىلاتى ۋە ئەل باشلىرنىڭ قانداق پوزۇتسىيە بۈلدۈرگىننى ئۇققۇم كىلۋاتىدۇ

mamboo يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 14:51:27

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 15:07:03

ئەرەپلەرنى ياقتۇرمايسىز ھە.مەن ياخشىمۇ كۆرمەيمەن،يامانمۇ كۆرمەيمەن.
بىر نەرسىنى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتسىڭىز ياكى يامان كۆرۈپ كەتسىڭىز بۇ نەرسىگە ئىلمى ھەم لىللا باھا بېرەلمەيسىز.بۇ مېنىڭ كۆز قارىشىم.
فىلىپ ھىتتى نىڭ كىتاۋىدىن باشقا ئەرەپ تارىخى توغرۇلۇق نوپۇزلۇق كىتاپ بولسا  تەۋسىيە قىلىڭ.ئەرەپلەرنىڭ ئۆزى يازغىنى بولسا تېخى ياخشى.لېكىن بەيدۇدىن ئىزدەپ تاپقىڭىزنى ئەمەس ئۆزىڭىز ئوقۇپ باققىنىنى.ھىتتىنىڭ كىتاۋى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ باققۇم بار.
خاتا چۈشىنىپ قالماڭ،مېنىڭ ھەرقاندا ئادەم بىلەن ئەرەپ توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلغۇم يوق.بۇنداق گەپلەر ماڭا بەك رىئاكسىيە قىلىدۇ.

mamboo يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 15:19:21

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 15:45:23

چۈشىنىشلىك بولدى

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 15:59:52

فىلىپ ھىتتىمۇ لىۋانلىق ئەرەپكەن ئەمەسمۇ،فىلىپ ھىتتى،ئىدۋارد سەئىد،ئادەمنى قايدۇرىغان ئىسىملار.
بەت: [1] 2 3
: شارون ئۆلدى