tuygu0995 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 14:33:08

مۇھەببەت

                                                                  مۇھەببەت

تۆۋەندىكىسى مېنىڭ مۇھەببەت ھەققىدىكى كۆز قارىشىم، بىۋاستە تەجىربەم ئەمەس،
ئىككى يات جىنىستا ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن مېنىڭچە ئىككى ئاساس ( روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن شەرت شارائىت پىشىپ يىتىلگەن بولۇش) تۆت شەرت ( رەسمىيەت، ئىشەنچ، لاياقەت، كۆڭۈل) بىر ئەمەل (جۈپلىشىش) ھازىرلانغان بولىشى كېرەك دەپ قارايمەن.
رەسمىيەت - نىكاھ خېتى ۋە ئۆز ئارا بىر بىرسىنى قۇبۇل قىلغانلىقىنى خالايىققا ئوچۇق ئاشكارا جاكارلاشنى كۆرسىتىدۇ.
ئىشەنچ - ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۆرسىتىدۇ.
لاياقەت- ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا بىر بىرسىنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قۇبۇل قىلالىسىلا لاياقەت دىگەن شۇ.
كۆڭۈل- ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا بىر بىرسىنى ئارزۇ قىلىش، خالاش، تەلەپ قىلىش، ئىنتىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

س : ئاشىق بولغان كىشىسىنى ئۇنتۇپ كەتكىلى بولامدۇ ؟
ج: مەلۇم دەرىجىدە ئۇنتۇپ كىتەلەيدۇ، ئاشىق بولغان كىشىسىنى ئۇنتۇش نىيىتىگە كەلگەن كىشى ۋاقىت ۋە ئىرادىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۇنىڭ ئۆز كاللىسىدىكى ئورنىنى بىرەر ساۋاقدىشىنىڭ ياكى دوستىنىڭ ئورنىغا تەڭلەشتۈرەلەيدۇ ياكى يېقىنلاشتۇرالايدۇ. بۇ چاغدا ئۇ كىشى ئازاپلانمايدۇ ياكى قاتتىق ئازاپلىنىپ كەتمەيدۇ. لېكىن ئۇنى ئۆز كاللىسىدىن يوق قىلىۋېتەلىشى ناتايىن.

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 22:36:30

ئۇ سىزنى ، سىز ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىزلا بولدى ... بۇنداق كىتاۋىي گەپنى جىق قىلسىڭىز ، مەڭگۈ تەجىربە توپلىيالماي ئۆتۈپ كېتىسىز ...

ماۋۇ مۇھەببەتكە ئەمەس نىكاھقا چۈشىدىغان گەپكەن :
لاياقەت- ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا بىر بىرسىنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قۇبۇل قىلالىسىلا لاياقەت دىگەن شۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

tuygu0995 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 12:14:13

بىر ئوغۇل بالا بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن قىزلارنى ياخشى كۆرەلەيدۇ، قىزلارمۇ مېنىڭچە شۇنداق، ھەقىقى مۇھەببەت نىكاھتىن كېيىن بولىدۇ دېمەكچى ئىدىم .  تەجىربە توپلاش نىيىتىم يوق.

mihriban يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 21:10:03

tuygu0995 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-13 12:14 static/image/common/back.gif
بىر ئوغۇل بالا بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن قىزلارنى ياخشى كۆر ...

بىرىنچى بۇلۇپ اللانى اندىن قالسا پەيغەمبەرنى ياخشى كورسىڭىز مانا بۇ ھەقىقى مۇھاببەت بۇلىدۇ

tuygu0995 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 13:52:29

mihriban يوللىغان ۋاقتى  2014-1-16 21:10 static/image/common/back.gif
بىرىنچى بۇلۇپ اللانى اندىن قالسا پەيغەمبەرنى ياخشى ك ...

مېنىڭ يازغىنىم ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى يەنى ئىككى يات جىنىس ئوتتۇرسىدىكى ھەقىقى مۇھەببەت ئىدى . ئىنساننى سۈيۈش ۋە ياخشى كۆرۈش بىلەن ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش ئۆز ئارا زىتلاشمايدۇ يەنى تەتۈر تاناسىپ تۈزمەيدۇ  دەپ قارايمەن.

mihriban يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 22:40:49

ەگەر ىنساننى ياخشى كورۇشنى اللانىڭ الدىغا قويىۋالساق اللاغا شىرىك كەلتۇرگەن بۇلىسىز

izchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-16 00:12:23

tuygu0995 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-13 12:14 static/image/common/back.gif
بىر ئوغۇل بالا بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن قىزلارنى ياخشى كۆر ...

ھەقىقىي مۇھەببەت تويدىن كىيىن بولىدۇ.
_________________________


ماڭا بۇ گىپىڭىز بەك يارىدى. ئىمام يۈسۈف قەرزاۋىدىن بىر مۇخبىر « سىز ئايالىڭىز بىلەن تويدىن بۇرۇن مۇھەببەتلىشىپ، ئاندىن توي قىلغانمۇ؟ » دەپ سورىسا ، « مەن تويدىن كىيىن مۇھەببەتلەشكەن » دەپ جاۋاب بىرىپتىكەن. ( بەلكىم بۇ مۇخبىر غەرب مۇخبىرى بولسا كىرەك )
بەت: [1]
: مۇھەببەت