izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 23:22:21

ئىسلام دىنى بىلەن ئىلىم پەننىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىز قانداق تۇنۇيمىز؟

قانچىلىك ئەركىن پىكىر قىلالايمىز؟
ئىسلام دىنى بىلەن ئىلىم پەننىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىز قانداق تۇنۇيمىز؟
فىزىكا پەنلىرى دوكتۇرى بىلەن ئىسلام پەنلىرى دوكتۇرى ئوتتۇرىسدا سۆھبەت.
تۆۋەندىكى مەزمۇنلار قوللىنىشچان فىزىكا كەسپىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان مەن بىلەن ئىسلام پەنلىرى دوكتۇرى (B) ئوتتۇرىسىدا بۇلۇنغان پىكىر ئالماشتۇرۇش. دىققەت! بەس-مۇنازىرە، تالاش-تارتىش ئەمەس. دوكتۇرى (B) نىڭ ۋاقىت چىقارغىنىغا، ھەم ئىپادىلىگەن سەۋىرچانلىق، كەمتەرلىكىگە رەخمىتىمنى بۈلدۈرىمەن. ئەسلى يازمىنى قايتا تەھىرلەشنى ئويلاشقان، لىكىن بۇنداق قىلسام دوكتۇرى (B) غا ئادىل بولمىغۇدەك. شۇڭا پەقەت بەزى قوپال چىقىپ كەتكەن سۆزلەرنى ئۇزگەرتىپ قويدۇم. جۇملىلەر، تەھرارلانغان مەزمۇنلار ئۆزگەرتىلمىدى. ئەگەر دوكتور B نىڭ داۋاملىق ۋاقتى چىقسا بۇلۇنغان پىكىرلەرنى يەنە يىزىپ قۇيىمەن.
+++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
فونوندىن:
سالام سىزگە!
ئۆزۇم چەتئەلدە قوللىنىشچا فىزىكا كەسپىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيمەن. ئاللاھ خالىسا بۇيىل ئوقۇش پۈتىدۇ. مەنمۇ ۋاقتىم بولسا تورغا ئانچە مۇنچە ئىنكاس، ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ قويىمەن. كۆپىنچىسى دىن ۋە مىللەتكە مۇناسىۋەتلىك تېمىلار. بىرنەچچە توردا فونۇن نامىدا تىزىملاتقان. ئەگەر سىزمۇ تور ئارىلىسىڭىز يازما، ئىنكاسلىرىمنى كۆرۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
مەقسەت!
تورغا يەنە ئويلىغانلىرىمنى يىزىپ قويماقچى ئىدىم، مەزمۇنلار ئىسلام، قۇرئان كەرىم، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئالدى بىلەن سىز بىلەن بىر پىكىر ئالماشتۇراي دەپ ئويلىدىم. يازغىنىمنىڭ باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تورلارغا كۆچۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن گەپ سۆزنى ياساپ يازمىساق بولمايدۇ. … جاۋاب قايتۇرۇششىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!
مەزمۇن ئەركىن پىكىر قىلىش؟ قورۇقماي پىكىر قىلىش؟ چوڭقۇر پىكىر قىلىش؟
تورلاردىكى دىن بىلەن پەن نىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ماقالىنى كۆردۇم. مەن ئۈچۈن دىن، ئىلىم-پەن نىڭ مۇناسىۋىتى ئۇنچىلىك مۇرەككەپ ئىش ئەمەس. پەقەت ئىككىسىنىڭ جاۋاب قىلىش ئوبىكتى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن ئىلىم-پەن داۋالىنىش ئۇسۇلىنى تەمىنلىدى، لېكىن ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىككە، قانداق ئىشلىتىشكە جاۋاب قىلمايدۇ. بۇنىڭغا دىن بىلەن جاۋاب قىلساق بولىدۇ. بۇ جەھەتتە دىن ئىنسان جەمىيىتىنى، ئەدەپ-ئەخلاق دىگەنلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەنلەر بىلەن ئوخشاش.
ئەگەر ئىلىم-پەندا ئېرىشكەن نەتىجىلەر ئاللاھ ياراتقان مەۋجۇدات، قانۇنىيەتلەرنى توغرا چۈشىنىشتىن كەلگەن بولسا، بۇ ھەرگىزمۇ ئىسلام بىلەن زىت بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ياراتقان مەۋجۇدات، قانۇنىيەتلەر ھەرگىز بىر-بىرىگە زىت بولمايدۇ.
ەگەر ئىلىم-پەندا ئېرىشكەن نەتىجىلەر ئاللاھ ياراتقان مەۋجۇدات، قانۇنىيەتلەرنى توغرا چۈشىنىشتىن كەلگەن بولسا، بۇ ھەرگىزمۇ ئىسلام بىلەن زىت بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ياراتقان مەۋجۇدات، قانۇنىيەتلەر ھەرگىز بىر-بىرىگە زىت بولمايدۇ.
بۇ مەزمۇنلارنى بۇرۇن تورغا يازغان. ئاخىرقى جۈملىگە ھەممە ئادەم باشقا پىكىردە بولمىغان. مەن مۇشۇ جۈملە ئۈستىدە پىكىر قىلماقچى. ئىسلامنى چۈشەندۈرۈشتە ئاساسىمىز قۇرئان كەرىم، سەھىد ھەدىس. مەن بۇنىڭغا يەنە تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى قوشۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. (بۇنى تېخى كۆپلەپ تەشۋىق قىلغىنىم يوق). چۈنكى ھەركىمنىڭ چۈشەنچىسى ئوخشاش بولمايدۇ، پەرىقلىق بولىدۇ. بۇنى سىز بەرگەن پەتىۋالاردىن ئېنىق كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. ھەدىسنى توقۇغىلى بولىدۇ. قۇرئاننى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. لېكىن مەيلى ياخشى ئادەم بولسۇن، يامان ئادەم بولسۇن، مۇسۇلمان بولسۇن، ئېتقادى يوق بولسۇن ھەممىسى ياراتقۇچىنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە بويسۇنىدۇ، بۇ قانۇنىيەتلەرنى بۇزغىلى بولمايدۇ، ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. مەسىلەن قىزىق نەرسە قولنى كۆيدۈرىدۇ. مۇسۇلماننىڭ قۇلى كۈيۈدۇ،باشقىلارنىڭ قۇلى كۈيۈدۇ، پەيغەمبەرلەرنىڭ قۇلىمۇ كۈيۈدۇ. يەرشارىدا سۇ يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە ئاقىدۇ. كۈچ بەرمىگۈچە يۇقۇرىغا ئاقمايدۇ. ياراتقۇچىدىن باشقا ھەممە مەۋجۇداتنى، پەرىشتىلەرنى، جىن-شەيتان، ئىبلىسنى، ياردەمگە چاقىرتساقمۇ سۇ يەنىلا يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە ئاقىدۇ. مەن مۇشۇنداق تۇنۇشتا بولغاچقا قۇرئاندا تەسۋىرلەنمىگەن تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە زىت بولغان ھەرقانداق ھەدىس، مۆجىزىلەرگە گۇمان قىلىش، ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەدە بولىمەن. مەسىلەن ھازىرغىچە ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقان زەمزەم نىڭ خاسىيىتى، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى مۆجىزىلەر…. قۇرئاندىكى ئايەتلەرنىڭ تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان چۈشەندۈرۈشلىرىگىمۇ ئوخشاش پوزۇتسىيە تۇتىمەن.. مەسىلەن ئاينىڭ يېرىلىشى، پىل ئۇرۇشى…. قاتارلىق.
بۇنداق پوزۇتسىيە تۇتىشىمغا قۇرئاندىن ئاساسىم بار. مەيلى نوھ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى توپان بالاسى بولسۇن، موسا ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى تالاپەتلەر بولسۇن، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا ياردەمگە بارغان پەرىشتىلەر بولسۇن، ئەلەيھىسالاملارنىڭ دىن تارقىتىش جەريانى بولسۇن ھەممىسى ئەقىلگە مۇۋاپىق. تەبىئەت قانۇنىيەتلەرگە ئۇيغۇن. ئىنسانلارنى جازالاشقا، پەيغەمبەرلەرگە ياردەمگە ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام مۇۋاپىق ئىدى. ئىمان ئېيتمىغانلارنى، پەيغەمبەرلەرگە بويسۇنمىغانلارنى شۇ زامان ئامانەتنى ئالسا بۇلاتتى. بۇنداق قىلىنمىدى. بەلكى يەرشارىدا مەۋجۇت بولغان تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى بويىچە بولدى. يامغۇر ئەقىلگە مۇۋاپىق، پەرىشتىلەر بورانغا ئۆزگەردى ئەقىلگە مۇۋاپىق. … كىشىلىرىمىز قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۇچۈن نۇرغۇن ئەجىرلەرنى قىلدى. قۇرئاندىن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى تاپقان بولدى… مەسىلەن سانلار… بۇلارنى مۇسۇلمان كىشىلىرىمىزگە يەتكۈزسەك ئاسان قوبۇل قىلىدۇ. لېكىن بۇ مۆجىزىلەر بىلەن مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرنى قايىل قىلىشقا بەك ئاجىزلىق قىلىدۇ. باشقىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ كىتابى، ئېتىقادىدىن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى سۆزلەپ بېرەلەيدۇ. ئاللاھ قا شۇكرى بۇ يولنى تۇتماي، بەلكى قۇرئان كەرىمنى مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ يازمىغانلىقىنى ئىسپاتلاش يولىنى تۇتقانلار بار، ماقالىلارمۇ كۆپ. مەن بۇ يولنى قوللايمەن. بۇنىڭ قايىل قىلىش كۈچى كۈچلۈك. ماڭا قۇرئان كەرىم، مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ پەزىلىتى، ئەخلاقى يېتەرلىك، ئۇنداق مۆجىزىلەر لازىم ئەمەس. مۆجىزە دېسەك ئەتراپىمىزدا كۆپ، ئىشىپ تېشىپ تۇرىدۇ. كىشىلىرىمىز بۇلارغا پىسەت قىلمايدۇ. شۇنداق ئاجىز، زەئىپ مۆجىزىلەرنى قوغلىشىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟
ىسلامنىڭ بىزگە يىتىپ كەلگەن چۈشەندۈرۈش، چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىدا مەسىلە بار. ئىسلامنى سىرلىقلاشتۇرۇش بىر چوڭ مەسىلە. مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامدا ئەدەتتىكى كىشىلەردە بولمىغان سېھىرى كۈچ بار، مۆجىزە يارىتالايدۇ دەپ سىرلىقلاشتۇرۇش، قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىدىن مۆجىزىلەر يۇشۇرۇلغان، چۈشىنىش تەس دەپ سىرلىقلاشتۇرۇش. قۇرئان كەرىمدە ھەممە سۇئالغا جاۋاب بار دەپ سىرلىقلاشتۇرۇش. پەقەت ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ياكى پەيغەمبىرى ئەۋلاتلىرى، ئىماملارلا ئىسلام توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىش ھوقوقىغا ئىگە دەپ قاراش يەنە بىر چوڭ مەسىلە. بۇ يەردىكى مەقسەت ياخشىدۇر، ئىسلامنى قالايمىقان چۈشەندۈرۈشنىڭ، ئۆز نەپسى بويىچە چۈشەندۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان. ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشقان، چۈشەندۈرۈش ئىشلارنى ئازساندىكى كىشىلەرگە تاپشۇرغان. يامان بولغىنى بۇ مەقسەتكە يېتەلمىدۇق. ئىسلام بۆلۈندى. قالايمىقان ھەدىس، پەتىۋالار ئۇچۇپ يۈرىيدۇ. مەسچىت لەرنى پارتىلتىشلار بولدى.
ئامېرىكا دۆلىتىنى قۇرۇش،قۇرماسلىق توغرىسىدا شۇ چاغدىكى كىشىلەر، ۋەكىللەر ئۇزۇنغا سوزۇلغان بەس مۇنازىرە قىلغان، ئاخىرى ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىش، دۆلەت قۇرۇشنى قارار قىلغان. ئامېرىكا ھازىر ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولدى. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ پارلامېتلىرىدا كۈندە بەس-مۇنازىرە، تالاش تارتىش، سايلام ۋاقتىدا بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىش يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. لېكىن دۆلەتتىن چاتاق چىققىنى يوق. ھەممە ئىشلار نورمال. ئىسلام ئاللاھ تاللىۋالغان ئەڭ ئاخىرقى دىن. قىيامەت قايىم بولغۇچە داۋام قىلىدۇ. مۇشۇنداق تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن ھەممە ئادەمنىڭ بەس مۇنازىرىگە قاتنىشىشىدىن قورققاندەك، يامان ئاقىۋەتلەر يۇز بېرىدىغاندەك ئەنسىرەشتە بولىمىز؟ سەھىھ ھەدىس دەيمىز. كىم بىزگە ئايرىپ بېرىدۇ؟ مەنچە توغرا بولغىنى سەھىھمۇ؟ سەھىھ ئەمەسمۇ؟ دەپ سورىماي. بەس-مۇنازىرە؟ دە-تالاشلاردىن ئۈتۈپتىمۇ دەپ سوراش ياخشى. ياخشى كىتاپلار كۆپ، ئوقۇمۇشلۇق، ياخشى ئادەملەرمۇ كۆپ. لېكىن قالايمىقان نەرسىلەر يەنىلا تارقىلىپ يۈرۇيدۇ. ئسلام توغرىسىدىكى قالايمىقان مەزمۇنلارنىڭ تارقىلىشى، توغرا سەھىھ مەزمۇنلارنىڭ تارقىلىشىدىن تىز، كەڭ. بۇ نېمە ئۈچۈن. قارىغاندا ناچار ئادەملەر ياخشى ئادەملەردىن كۆپ تىرىشچان ئوخشايدۇ.
ھازىرچە مۇشىنچىلىك يېزىپ تۇراي
ئاددى سالام بىلەن، جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ
فونون
دوكتور Bدىن:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام: پىكىرلىشىش ئۈچۈن خەت يازغانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
سىز دېگەندەك ئىلىم-پەندە ئېرىشكەن قانۇنىيەتلەر توغرا چۈشىنىشتىن كەلگەن بولسا، ئىسلامغا زىت چىقمايدۇ، سەھىھ نەقىل بىلەن ساپ ئەقىل ياكى ئىلمى قانۇنىيەتلەر بىر-بىرىگە ھەرگىزمۇ زىت كەلمەيدۇ. زىتلىق كۆرۈلدى دېگىنىمىزدە يا قانۇنىيەتتە مەسىلە بار، يا نەقىل قىلىنغان ئايەت ياكى ھەدىسنى چۈشىنىشتە ياكى ئۇنىڭ دالالىتىدە مەسىلە بار.
ئەلۋەتتە مۇسۇلمان بولمىغان ئادەم ئايەت-ھەدىسنى قوبۇل قىلىشتىن بەكراق تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. بىراق بۇ قانۇنىيەتلەر ئارقىلىق ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى ھەم ناتايىن. پەقەتلا چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلغان يېتۈك ئالىملارلا تەتقىقات نەتىجىسىدە ئاخىرى ئىمان ئېيتقان. ئەمما ئاۋام كىشىلەر ئالىملارغا ئوخشاشلا مۆجىزىلەرگە موھتاج. مۆجىزىمۇ ئەمەلىيەتتە تەبىئەت قانۇنىدىن ھالقىغان پەۋقۇلئاددە ھادىسە.
قانۇنىيەت دېگىنىمىز ئادەتتە داۋاملىق ئىزچىل بولۇپ تۇرسىمۇ قانۇنىيەتتىن چىقىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. چۈنكى ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.
سىزگە پىروفىسسور زەغلۇل ئەل نەججار نىڭ ئىنگىلىزچە سۆزلىگەن ۋە يازغان نۇرغۇن ئىلمى تەتقىقاتلىرىدىن پايدىلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. توردا بار.
قايىل قىلىش كۈچ قايىل قىلىنغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشاش بولمىسا كېرەك. فىزىكا مۇتەخەسسىسى بىلەن باشقا كەسپتىكى ئىختىساس ئىگىسى ۋەياكى ئادەتتىكى سەۋىيەدىكى بىر كىشىنىڭ قايىل بولۇشى ئەلۋەتتە پەرقلىق.
سىز دېگەندەك قۇرئاننىڭ ئىلاھىي ۋەھىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئەڭ ساغلام ھەم قىسقا يوللارنىڭ بىرى.
ھەرھالدا سىزنىڭ ئەركىن، چوڭقۇر ۋە قورقماي پىكىر قىلىش روھىڭىزغا بارىكاللا.
ھۆرمەت بىلەن: B
فونون دىن:
ئشلىرىڭىزغا ئاللاھ مەدەت قىلغاي! خەت قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت! ۋاقتىڭىز بولسا بۇ پىكىرلىشىشنى يەنە داۋاملاشتۇرساق دېگەن ئۈمىدتە!
مۆجىزە دېگەن ئۇقۇم كىشلەرنىڭ چۈشەندۈرۇشكە ئاجىزلىق قىلغان ھادىسلەرگە تاپقان بانىسى. مۆجىزە پەقەت ئاللاھ غىلا خاس. بۇ قۇرئاندا ئېنىق بايان قىلىنغان. يارالغان مەۋجۇداتلار قانۇنىيەتتىن چىقىپ كىتەلمەيدۇ. مۆجىزىگە كۈتۈرىلەلمەيدۇ. تەبىئەت قانۇنىدىن ھالقىغان پەقەت ئاللاھ. زەغلۇل ئەل نەججار نىڭ ئىنگىلىزچە يېزىلىشىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز مەن ئىزدىنىپ كۆرەي. توردا ئاينىڭ يېرىلىشىنى چۈشەندۈرگەن بىر يازما بار. بۇ يازمىدا < گېئولوگىيە ئالىمى دوكتور زەغلۇل نەججار > دېگەن ئىسىم بار. بۇ يازمىنى سىز كۆرگەنمۇ؟ سىز دېگەن كىشى مۇشۇ ئادەممۇ؟ سىز بۇ يازمىغا قانداق قارايسىز!
مەن بۇيازمىنڭ ئىشەنچىلىك ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلالمايمەن. لېكىن ئاينىڭ يېرىلىشىنى چۈشەندۈرۈشى بەك ئاجىز، ئىشەنچىسىز. چۈنكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھېچكىم ئاينىڭ يېرىلغىنىنى خاتىرلىگىنى يوق. ئاخىردىكى ئەنگىلىيىلىك ياشنىڭ بايانلىرى تېخىمۇ ئىشەنچىسىز. نە ئۇنداق ئىشلار بولسۇن. بۇيەردە يەنە ئىككى خىل چۈشەندۈرۈش بار. ئاي يېرىلىش ئەمەس، ئاي كولاش، قېزىش. بۇنداق بولغاندا ئىنسانلارنىڭ ئايغا چىقىشى بۇنىڭغا ماس كېلىدۇ. ئاي يېرىلىش تېخى يۇز بەرمىدى. قۇرئاندا ئاخىرەتتە زىمىننىڭ تۈپتۈز باياۋانغا ئايلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ھازىرقى زامان فىزىكا ئىلمىدىمۇ ئالەمنىڭ بىر نوقتىغا قايتىش دىگەندەك كۆزقاراش بار. بۇمۇ ئاي يېرىلىش دىگەنگە يېقىن كېلىدۇ.
ئەڭ مۇھىم گەپ <ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ>مۇ ياكى <ئاللاھ خالىغىنىنى قىلالايدۇ>مۇ؟ بۇ ئىككى جۈملىنىڭ بىرنەچچە ھەرىپى ئوخشاش بولمىغان بىلەن ئىپادىلىگەن مەزمۇنى كۆپ پەرق قىلىدۇ. ئۈگەنگەن بىلىملىرىم مىنى كىيىنكى جۈملىگە مايىل قىلىدۇ. سىزمۇ ئاڭلىغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن. دىننى ئىتقادى يوق كىشىلەر <ئاللاھ ھەممىگە قادىر بولسا، ئۆزى كۆتۈرۈلمەيدىغان تاشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلەمدۇ؟> دېگەن سوئال سورايدۇ. مەيلى يارىتالايدۇ، مەيلى يارىتالمايدۇ دەڭ ئوخشاشلا تۇتۇلۇپ قالىمىز <يارىتالمايدۇ> دەپ جاۋاب قىلساق، ئاللاھ ھەممىگە قادىر بۇلالمىغان بولىدۇ. <يارىتالايدۇ> دەپ جاۋاب قىلساق، ئاللاھ تاشنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولىدۇ. يەنىلا ھەممىگە قادىر بۇلالمىغان بولىدۇ. ئىنسانلار بويسۇنىدىغان قانۇنىيەت، لوگىكا بويىچە پىكىر قىلىنىپ، ئاللاھ نىڭ بۇ قانۇنىيەتلىرىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتقانلىقىدىن يۇقارقىدەك سوئال-جاۋابلار كىلىپ چىقىدۇ. قۇرئاندا ئېنىق كۆرسىتىلدى. ئاللاھ ئەڭ ئادىل، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى. قۇرئان كەرىمدە زىت نەرسە يوق. شۇنداق بولغاندا <ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى> مۇ ياكى<ھېكمىتى بىلەن ئىش قىلغۇچى>مۇ؟ مەن يەنىلا كىيىنكىسىگە مايىلراق. بۇنداق بولغاندا نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈش بەك ئاسانغا توختايدۇ. مەسىلەن تەقدىر، دۇئا تىلاۋەتنىڭ قوبۇل بۇلۇشى، زۇلۇم، بەخت …. دىگەندەك
جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ
ئاددى سالام بىلەن
فونۇن
+++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
دوكتور B دىن:
تەپەككۇر ئۇسۇلىڭىز ھەقىقەتەن چوڭقۇركەن. ئادەتتە كىشىلەر ئانچە ئيلاپ بقامايدىغان ئىشلارنى ئويلاپ مۇلاھىزە قىلىدىكەنسىز.
ئەھۋالدىن قارىغاندا سىز ماجىزىگە ئىشەنمەيدىغاندەك تۇرىسىز. ياكى مۆجىزە دېگەن نېمە بۇنى خاتا چۈشىنىۋالغاندەك تۇلارىسىز.
ماجىزە دېگەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ قولىدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئادەتتىكى قانۇنىيەتكە خىلاپ بىر ئىش دېسەك، بۇنى پەيغەمبەر يەنى ئىنسان قولىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ دەيمىز.
قۇرئاندىمۇ مۇنداق مۆجىزىلەرنى خېلى كۆپ بايان قىلغان.
بولسا مۆجىزىنى ئىنچىكە بىر تەرىپ قىلىپ باقسىڭىز مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ. مۆجىزە ئاللاھقىلا خاس دېگەن سۆزدىن مەقسىتىڭىز ئېنىق چۈشىنىلمىدى.
دوكتۇر زەغلۇل نەججار سىز ئىزدىنىۋاتقان ساھەدە خېلى تونۇلغان ئالىم. كاپىنچە ئنگىلىزچە لىكسىيىلىرى بار. مەن ئادەتتە كەسپ دائىرەم فىقھى ئەھكام بولغاچقا دوكتۇرنىڭ لىكسىيىلىرىنى ئاڭلىمايدىكەنمەن. لېكىن ئادەتتىكى دىن ئالىملىرىنىڭ كۆپ قىسمى دوكتۇرنىڭ ئىلمى تەتقىقاتقا بۇ تەرىقىدە چۆكۈپ قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى ئىلمى ئىزاھلىشىغا ئانچە ئىسسىق قارىمايدۇ.
دوكتۇرنىڭ تور بېتى ئادرىسى:
<
http://www.elnaggarzr.com/en/index.php>
ئاينىڭ يېرىلىش ۋەقەسى قۇرئاندىمۇ بايان قىلىنغان. قەمەر سۈرىسى 1-ئايەت. سەھىھ ھەدىسلەردىمۇ كەلگەن. بۇنى قايتا ئىزدىنىپ باققايسىز.
ئىككى جۈملە پەرقىگە دىققەت قىلماپتىمەن. پەرقى بولسا قانچىلىك پەرقى بولا؟
ئازى كۆتۈرەلمەيدىغان تاشنى يارىتىش دېگەن سوئال ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھنى تەرىپ قىلايلى، ئاللاھ دېگەن بىر نەرسىنى قىلالمايدىغان ياكى ئاجىز كەلمەيدىغان قۇدرەت ئىگىسى تۇرسا، كۆتۈرەلمەيدىغاننى دېگىنى باشتا ئېتىراپ قىلغان قۇدرەتكە زىت بوپ قالىدۇ. دېمەك سوئال ئۆزىدە زىتلىقنى كۆتۈرۈپ كەلگەن قاملاشمىغان مەنىقىسىز سوئال.
ھۆرمەت بىلەن: B
فونۇن دىن:
جاۋاب قىلغىنىڭىزغا رەھمەت!
ئىنسانلار بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان، بارلىققا كەلتۈرۈلگەن مەۋجۇدات، قانۇنىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مۆجىزە. قۇرئان كەرىمگە ئىمان ئىيتقان بولغاندىكىن ئەلۋەتتە قۇرئاندا تەسۋىرلەنگەن مۆجىزىلەرگە ئىشىنىمەن. مىنىڭ گۇمان نەزىرىدە قارىغىنىم پەقەت قۇرئاندا تەسۋىرلەنمىگەن مۆجىزىلەر ھەم قۇرئاندا تەسۋىرلەنگەن مۆجىزىلەر ئۈستىدە پىكىر قىلماسلىق. قۇرئان كەرىمدە تەسۋىرلەنگەن كۆپ ئادەملەرگە تونۇش بولغان مۆجىزىلەر
پىل ئۇرۇشى. بۇ ئۇرۇش تارىخ كىتابلاردىمۇ تەسۋىرلەنگەن. قۇشلار تەسۋىرلەنمىگەن. پىل قوشۇنىدا يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان، كىسەلنىڭ ئىپادىسى قۇرئاندىكى تەسۋىر بىلەن ئوخشاش. بۇنداق بولغاندا بۇ مۆجىزىنى ئاللاھ قۇشلار ئارقىلىق يۇقۇملۇق كېسەل تارقىتىپ پىل قۇشۇنىنى نابۇت قىلدى دەپ چۈشەنسەك بولماسمۇ؟
ئەيسا ئەلەيھسسالامنىڭ يارىتىلىشى. بۇنى يىقىنقى زامانغىچە چۈشىنىش تەس بولغان مۆجىزە ئىدى. يىقىنقى كېلون تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى بىزنى يىڭى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى. ئەلۋەتتە بۇ مۆجىزىنى تېخى تولۇق چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ كېلون تېخنىكىسىغا ئوخشاش ئۇسۇل ئىشلىتىلگەن بۇلۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلساق بولماسمۇ؟
پەرىشتە جەبرائىل نىڭ مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلىشى. ھازىرقى زامان فىزىكا ئىلمىدا كۆپ ئۆلچەملىك بوشلۇق دەيدىغان نەزەرىيە بار. جەبرائىل بىلەن مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام مۇشۇ بوشلۇقلار ئارا پەرۋاز قىلغاندىمۇ؟ مۇشۇنداق پىكىر قىلساق بولماسمۇ؟
قالغان ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشى، تاشتىن تۆگىنىڭ بارلىققا كىلىشى قاتارلىق مۆجىزىلەرنى ھازىرچە چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىمىز. لېكىن ئاللاھ ئەقىلنى پىكىر قىل دەپ بەرگەنكىن ئاخىرقى زامان بولغۇچە ھەممە ئىش – شەيئى، مۆجىزىلەر ئۈستىدە توختىماي پىكىر قىلساق، بۇ ئاللاھ ! دەپلا ياقىمىزنى چىشلەپ ئولتۇرغاندىن كۆپ ياخشى ئەمەسمۇ؟
قالغان قۇرئاندا بولمىغان مۆجىزىلەرنى مەسىلەن، مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ ئاغرىقنى داۋالىشى، قولدىن سۇ چىقىرىش دىگەنلەرنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە. بۇلاردىن گۇمانلىنىش ئىمانغا تەسىرى يوق. قۇرئاندا ئېنىق قىلىپ مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىنغان. باشقا پاكىتلار بولسا جەڭلەردە مۇھەممەت ئەلەيسالامنىڭمۇ يارىلانغانلىقى، ئەلىنىڭمۇ يارىلانغانلىقى، مەغلۇپ بولۇنغان ئۇرۇشلارنىڭ بولۇنغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. جەڭ مۆجىزىگە ئەڭ تەقەززار، لېكىن مۆجىزە قوللىنىلمىدى. بۇنىڭدەك سوئالدىن يەنە بىرنەچچىنى سورىغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە خۇددى ئاللاھ نىڭ ھەممە ھىكمەتلىرىنى بىلىدىغاندەك <مۇنداق بولغاچقا ئاللاھ مۇنداق قىلغان، ئانداق بولغاچقا ئاللاھ ئانداق قىلغان> ياكى <ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ> دەپلا چۈشەندۈرۈش بېرىدىغانلار بار. ھەر بىر چۈشەندۈرۈش بۇ قاراشلارنى ئاجىزلىققا ئىلىپ بارىدۇ. مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىم يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ باشقا مۆجىزىلەر نە ھاجەت؟
ئاللاھ ئالەمنى ياراتقاندا بىر ھېكمەت( قانۇنىيەت) بىلەن ياراتتى. ئىنساننى، پەرىشتىلەرنى، جىنلارنى ھەممىسىنى ئۆزلىرىگە ماس ھېكمەت بىلەن ياراتتى. ئاللاھ بۇ ھېكمەتلەرنىڭ ئۈستىدە. ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ياراتقان ھېكمىتى بىلەن ئنسانلارغا تەسىر قىلارمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ دېسەك بۇ ئېھتىماللىق مەۋجۇت. بۇلا ئەمەس نۇرغۇن سۇئالغا ئېنىق جاۋاب قىلىش تەس بولىدۇ. ئاللاھقا ئىمان ئىيتقان ئادەم چوقۇم جەننەتكە كىرەمدۇ؟ … ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىپ كىرگەسمىسىچۇ؟ ئەسكى ئادەم دوزاققا چۈشەمدۇ؟ …. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىسا … يەنە نۇرغۇن سۇئالغا مۇشۇنداق ئېنىق بولمىغان جاۋابلارنى بەرگىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولسا، كىسەللىرىمىز شىپالىق تاپسا، ساغلام پەرزەنتلىرىمىز بولسا ئاسانلا بۇلار ئاللاھنىڭ شاپائىتى رەھمىتى دېيەلەيمىز، ئاللاھ غا ھەمدۇسالاملار ئېيتىمىز. ئەگەر ئىشلار تەتۈر بولسا ئىشلار ئىلگىرى باسمىسا، كىسەللەر شىپا تاپمىسا، شۇنداق مۆمىن ياخشى ئادەملەرنىڭ باللىرى مىيىپ تۇغۇلۇپ قالسا قانداق قىلىمىز؟. ئاللاھ نىڭ رەھمىتى دىگىنمىز كەلمەيدۇ. پەقەت تەقدىر – پېشانە دەپ تەسەللى بېرىمىز. قۇرئاندا ئېنىق قىلىپ ياخشى يامانلىق ئاللاھدىن دەپ يىزىلغان تۇرسا يەنىلا مۇشۇنداق مۈجىمەل جاۋاب قىلامدۇق. ئاللاھ ئەڭ ئادىل. ھېكمىتى بىلەن ئىش قىلغۇچى. قۇرئاندا ئېنىق يىزىلغان، قىچىلىق زىددىيەتلەرگە ئىمكان قويمايدۇ. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىگە، ھېكمىتىگە بويسۇنىدۇ دەيمىز، تۇرۇپ-تۇرۇپ بۇنى ئۇنتۇپ قالىمىز. ئاللاھ ئىنسانلار يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا ئىنسانلار تۇرىۋاتقان پۈتكۈل ئالەم، ئىنسانلاردا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى يېزىپ بولغان. بۇ قانۇنىيەتلەر قىيامەت قايىم بولغىچە داۋاملىشىدۇ. مەيلى ئاللاھ نىڭ رەھمىتى بولسۇن، جازاسى بولسۇن ھەممىسى شۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ نەتىجىسى. مۆمىن ياخشى ئادەمنىڭ بالىسىنىڭ مىيىپ بولۇپ قىلىش، بالدۇر تۈگەپ كىتىشى ھەممىسى شۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ نەتىجىسى. بۇ يەردە ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىپ قىلغان ئىش يوق! بۇ قانۇنىيەتلەر ھەممە ئىنسانغا ئورتاق. مەيلى ئتقادى بولسۇن بولمىسۇن. ئېتىقادىڭىز بولسۇن ھەممە پەرىزنى ئادا قىلىڭ، كېچە كۈندۈز دۇئا تىلاۋەت قىلىڭ، لېكىن سىز قۇدرەت تېپىشنىڭ قانۇنىيەتلىرى بىلەن ئىش قىلماڭ، سىز قۇدرەت تاپالمايسىز. ھازىر غەرىپتىكى دۆلەتلەر شۇ ئاللاھنىڭ تەرەققىي قىلىشتىكى ھېكمىتىنى تاپقانلار. تەقدىرمۇ ئوخشاش ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن ئنساننىڭ تاللىشىنىڭ نەتىجىسى. ئاللاھ ھەربىر ئىنساننىڭ قانداق تاللاش قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. قانداق ئىشلارنىڭ يۇز بېرىدىغانلىقىنى، كەلگۈسىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. شۇسەۋەپ ئىنساننىڭ تەغدىرى ئاللاھ ئالدىدا ئۆزگەرمەيدۇ.
++++++++++++++
فونۇندىن:
كۆپ ئادەملىرىمىز تېبابەت، گېئولوگىيە، ياكى باشقا ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنىڭ قۇرئاندا ئالدىن يېزىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئوقۇغاندا بولغان ئىنكاسى مۆجىزە! مۆجىزە!.. بۇنىڭدىن باشقا ئىنكاس پىكىر يوق. ئەڭ كۆپ ئيتىلغان سۆز< 1400 يىل بۇرۇنلا خاتىرلەنگەن>. ئەسلى قۇرئاندا بار بولغان نەرسىنى 1400 يىلدىن بۇيان نېمە ئۈچۈن بىز بايقالمىدۇق؟ قۇرئاننى تونۇمايدىغان باشقىلار بايقىدى دىگەننى كۆپ ئويلىساق ياخشى بۇلاتتى. يەنە بىر ئويلاشقا تەقەززار ئىش قۇرئاننى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇم ئىلىم- پەننى بىرمۇھېم كەم بولسا بولمايدىغان ۋاسىتە قىلىشىمىز لازىم. بۇ پەقەت بىرىنچى ئايەت <ئوقۇ>. ئىسلام ئىلىم-پەنگە قارشى ئەمەس، زىت ئەمەس دەپلا گەپنى تۈگەتمەي، ئىلىم ئۈگۈنۈشنى بىر ھەقىقى يۇقىرى ئورۇنغا قويساق دەپ ئويلايمەن. كەسپىمنىڭ ئىسلام تەتقىقاتى بولمىغاچقا مىنىڭ سۆزلىرىمنىڭ تەسىر قىلىدىغىنى پەقەت ئاز سانلىق بىر نەچچە كىشى. لېكىن ئوخشاش سۆز دەۋەتلەر دىننى ئۆلىمالارنىڭ ئاغزىدىن چىقسا بۇنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ئىسلامدا ئوخشاش ئىشلار توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار. ئاخىرەتتە ئەيسا ئەلەيھىسسالام زىمىنغا چۈشەمدۇ؟ بۇنىڭغىمۇ چۈشىدۇ، چۈشمەيدۇ دەيدىغان ئىككى خىل كۆزقاراش بار، ھەممىسى قۇرئاندىن ئىسپاتلار قىلىدۇ. لېكىن بىز بىلىدىغىنىمىز پەقەت <كېلىدۇ> دەيدىغان كۆزقاراش. مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنى باشقا ئنسانلارغا ئوخشاش ئاللاھ نىڭ بەندىسى دەپ تونۇيمىز، ئەمما يەنە <قىساسۇل ئەنبىيا> دىگەندەك كىتابلارنىڭ تەسىرىدە نوقسانسىز مۇكەممەل ئىنسان دەپ تونۇيمىز. كىچىك ۋاقتىدا ئۇنداق بۇنداق ئىشلار بولغان، بەدىنىدە ئىزنالار بار دېگەندەك مەزمۇندىكى يازمىلار تارىلىپ يۈرۈيدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئېنىق ئايەتلەر مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ مۇكەممەل ئادەم ئەمەسلىگىنى ئىسپاتلاپ تۇرسا، كۆپ كىشىلىرىمىز يەنىلا مۇكەممەل دەپ تۇنۇيدۇ. بەس مۇنازىرە، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ بولغىنى ياخشى. بولۇنغان بەس مۇنازىرە، پەتىۋا بەرگەندە كەلتۈرگەن ئىسپاتلىرىمىزنىڭ ئىچىدە قانچىسى ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ؟ قانداق قىلساق كىشىلەرنى قورقماي ئەركىن پىكىر قىلىشقا ئۈندىگىلى بۇلار؟
ئاددى سالام بىلەن: فونۇن
دوكتور B دىن:
we eleykum essalam:
siz bayan kilgan kozkaraxlar aldirimay tohtulup munazire kilixka mohtaj.
xunga mening teklivim siz bu turdiki munazire temisini etraplik izdinix we baxkilar bilen ortaklixix uqun birer munazire munbirige yollisingiz yahxi.
bolsa mawu munberge yollisingiz ezherde okuwatkan okuguqilar kop kiridu. paydilik bolidu.
http://bbs.meripetyoli.com/forum.php
men jawab yazgan abzaslarni temingizda nekil kilsingiz bolidu.
+++++++++++++++++++
++++++++++++++++++++
فونۇن دىن:
مەن يەنە يازغاچ تۇراي، ۋاقتىڭىز بولغاندا خەت قايتۇراسىز.
دارۋىننىڭ نەزىرىيىسى ھەممەيلەنگە تونۇش. مەزمۇنلار مۇسۇلمان ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن بىز مۇسۇلمانلار ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، ھەم ئېتىقادىمىزدىن باشقا ھىچ قانداق رەدىيە قىلىدىغانغا پاكىت تاپالمىدۇق. يەنىلا شۇ قۇرئاننى تۇتۇپ باقمىغان غەربلىكلەر فىزىكا قانۇنىيەتلىرى، كۆز،يۈرەك ۋە باشقا ئەزالارنىڭ يېتىلىش جەريانى، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، گېن تېخنىكىسى قاتارلىق بىر قاتار نەتىجىلەر بىلەن دارۋىننىڭ نەزىرىيىسىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئاللاھ غا شۈكرى بۇ نەتىجىلەرنىڭ پاتنىت ھوقوقى يوق، بولمىسا مۇسۇلمانلار قانداقمۇ قىلاتتۇق؟ بۇ ئىشلار ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئېتىقادىمىزنى قوغداش، چىڭىتىش ئاللاھ نى تۇنۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كۇندە قىلغان دۇئا تىلاۋەتلىرىمىز، ئادا قىلغان پەرز، سۈننەتلەر ھەممىسى ئاللاھ نى تونىغاندىن، ئىشەنگەندىن كىيىنكى ئىشلار، بۇ بەندىچىلىك. ئاللاھ نى تۇنۇشنىڭ، ھېس قىلىشنىڭ تۆۋەن باسقۇچى. ئاللاھ ياراتقان بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدە ئەركىن، دادىل پىكىر قىلىپ ئاللاھ نىڭ ھىكمەتلىرىنى بايقىغاندا ئىسپانلىغاندا، بۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ نەقەدەر گۈزەل، مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندا ئاللاھ بولغان تونۇشىمىز، ئتقات ئىشەنچىمىز بىر چوڭ بالداق ئۆرلەيدۇ.
قۇرئان كەرىم ئاللاھ نىڭ سۆزى، كىتابى. لېكىن ئالەمدىكى بارلىق سىرلارنىڭ جاۋابى ئەمەس. قۇرئان كەرىم ياشاش يۈلۈنىشىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى. مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ گەپ سۆز، ئىش پائالىيەتلىرى قۇرئان كەرىم كۆرسەتكەن ئىشلارنى تۇلۇقلىدى. قۇرئان كەرىم بىلەن ئىلىم- پەن تەتقىقاتى ئىلىپ بىرىش دىگەندەك سۆزلەر توغرا ئېيتىلمىغان سۆز. ياپۇنلارنىڭ تەرەققىياتى؟ غەربلىكلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ ھەر قانداق ئىلىم- پەن تەتقىقاتى ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى، ئۇسۇلى بىلەن ئىلىپ بېرىلىشى لازىم. ئەلۋەتتە بۇ ئىدىيە، ئۇسۇلى ئاللاھ ياراتقان قانۇنىيەتلەرگە ئۇيغۇن بولۇش كېرەك. بۇ يەردە ھىچ قانداق زىتلىق يوق. ئاللاھ نىڭ ھېكمىتى بولغان ئىلىم-پەندە يۈكسەلمەيدىكەنمىز، تەرەققىي قىلىشتىن ئىغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.
مەن يازمىنى جېك تۇراسىغا چاپلاپ تۇراي.
ئاددى سالام بىلەن
فونۇن
جىك بىلوگىدىن كۆچۈرۈپ ئىلىندى
مەنبە:http://jeckblog.com/qanchilik-erkin-pikir-qilalaymiz/

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 06:46:56

بۇ ئىككىسىنى ھۆكۈمەتمۇ، چالا موللىلارمۇ بىر بىرىگە قارشى قىلىۋالىدۇ!
بىزدە دىنى ئىلىملەرلا ئىلىمغا ھېساپ ، پەننى ئىلىمغا بەك سوغۇق مۇئامىلە قىلىنىۋاتىدۇ.
ئىككى قۇتۇپقا ئايرىۋېتىلىدۇ.
ئاللاھ بۇ زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئىنسانغا بويسۇندۇرۇپ بەردى،بۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن پەننى بىلىم كېرەك ، تۇنجى ۋەھى ئوقۇ دەپ باشلاندى.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ « بۇ دۇنيالىقنى دەپ ئۇ دۇنيادىن ۋاز كەچكەنلەر ، ئۇ دۇنيالىقنى دەپ بۇ دۇنيالىقتىن ۋاز كەچكەنلەر مۆئمىنلەردىن بولالمايدۇ » دەپ بىزلەرنى كەسكىن  ئاگاھلاندۇرغان ھەدىسى بولىدىغان يادىمدا…
دىنى ئىلىم بىلەن پەننى ئىلىم بىزنىڭ ئىككى قولىمىزغا ئوخشايتتى ، ئەمما ئۆزىنى دىن يولىدا ماڭدىم دەپ ئاتىۋالغانلار ، ئاشقۇنلار ، مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن كەڭ ئاۋام پەننى ئىلىمنى ئىنكار قىلمىسىمۇ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 06:50:02

ئىسىت،يانفوندا نۇرغۇن ئىنكاس يېزىپ بولسام ئۆچۈپ كەتكىنىنى

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 08:59:43

http://bbs.meripetyoli.com/forum.php
ئېچىلمايدىكەن، بۇ قاچان بولۇنغان سۆھبەتلەر؟
فونۇن مۇشۇ ئىزدىنىشتا ئۆزى بار، ئۆزى ئالدىراش ئوخشايدۇ، شۇڭا باشقىلار كۆچۈرۈپ كەپتۇ دە

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 09:40:36

نەچچە يىل بۇرۇنقى سۆھبەت ئىكەن ، جىك بىلوگىدا بار ،  فونۇن ئەپەندىنىڭ رۇخسىتىسىز كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم ، ئەگەر كۆچۈرۈشكە بولمايدىغان بولسا يۇيىۋىتەي
   ئىسلام پەنلىرى دوكتۇرى تولۇق ھەم قايىل قىلارلىق جاۋاپ بەرمەپتۇ ، بىلىدىغانلار جاۋاپ  بەرسىكەن، فونۇن ئەپەندىنىڭ تەپەككۇرى ئۆزگىچە، ئۇتتىرىغا قويغان مەسىلىرى خىلى ئوينىلىشقا تىگىشلىك ئىكەن
   بەلكىم فونۇن ئەپەندىنىڭ گەپلىرىنى  بەزىلەر  قۇرئان ، ھەدىستىن كۆپ نەقىل ئالماپتۇ ، 《مىنىڭچە》بوپقاپتۇ دەپ نارازى بولىدىغۇ دەيمەن  

beliver يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 10:00:42

پەن دېگەن دىننىڭ بىر تارمىقى،دىننى چوڭ بىر دەرەخكە ئوخشاتساق پەن بولسا ئۇنىڭ بىر شېخى.بۇنى تالاشقاننىڭ نېمە ئەھمىيتى؟!{:92:}

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 11:15:47

مىنىڭچىمۇ ‹‹
دىن بىلەن ئىسلام زىت بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ياراتقان مەۋجۇدات، قانۇنىيەتلەر ھەرگىز بىر-بىرىگە زىت بولمايدۇ.››  بۇ شەكشۆھبىسىز توغرا ،،،،،،،،،،،،،،،   

ھازىر پەقەت ماتىرۇالىزىمچىلار ، ماركىسىزىمچىلار ئۆزلىرى زىت قىلۋالغان

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 11:22:40

دىن ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى ئۇقۇم،پەن ئۇنداق ئەمەس،ئۇ ئىككىسىنى زىت قىلاي دەپمۇ قىلغىلى بولمايدۇ.:lol

elturk يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 14:03:45

دەۋزەختىن قورقۇپ ئەمەس. ئاللاھقا تەلپۇنگەنلىكىدىن دىنغا ئئىشەنگەنلەر ھەقىقى بەخىتلىك.
باشقىلارنىڭ چايناپ بەرگىنى ئەمەس ـ ئۆزىمىزنىڭ ھەزىم قىلالىغىنى ئاندىن بىلىم بولىدۇ...

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 18:01:03

لېكىن بىزنىڭ موللىلىرىمىز ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا ئىنكار قىلمىغىنى بىلەن پەنگە قىلچىلىك ئەھمىيەت بەرمەيدۇ،
ئاددى ئاۋاممۇ شۇنداق
تۇنجى ۋەھى ئوقۇ دىگەن سۆزدىن باشلانمىغان بولسا نىمە قىلاتتىكىن دەيمەن مۇسۇلمانلارنى ؟
پەن بىلەن دىن ئىنساننىڭ ئىككى قولىغا ئوخشايدۇ ، بۇ دۇنيالىق بىلىم ۋە ئۇ دۇنيالىق بىلىم
بۇ ئىككىسىنى زىت قىلىۋالىدىغىنى ھۆكۈمەت بىلەن ئۆزىنى دىندار سانىۋالغان چالا موللا ۋە ئاشقۇنلار
بۇ دۇنيالىقنى دەپ ئۇ دۇنيالىقتىن ۋاز كەچكەنلەر ، ئۇ دۇنيالىقنى دەپ بۇ دۇنيالىقتىن ۋاز كەچكەنلەر مۆئمىنلەردىن بولالمايدۇ دەيدىغان بىر نھەدىسى بولىدىغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ
سىز دىنلا ئۆگىنىپ پەنى ئۆگەنمىسىڭىز يۇقىرىقى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىگە نەق چۈشىسىز، ئاللا سىزگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ، سىزنى پايدىلانسۇن دەپ بەرگەن زىمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى قانداق ئىشلەتمەكچى ؟ مۇسۇلمانلار ئۇ دۇنيالىق ئۈچۈن بۇ دۇنيادا باشقىلارنىڭ ئالدىدا خار ، تۆۋەن ھالەتتە ياشىسۇن دىگەن بۇيرۇقنى سىز تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمۇ ؟ ئۆيدىن چىقماي، ھېچ ئىش قىلماي ھاياتىڭىزنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈڭ دەپ كىم جەننەتكە كاپالەت بەردى ؟

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 18:35:54

مەن بىلىدىغان ھەم ئۇچراتقان ھەقىقى موللا ئۆلىما ، دىندار كىشىلەرنىڭ ئىلىم پەنگە قارشى پوزىتسىيە تۇتقان، ئىلىم پەن ئۈگىنىشتىن توسقانلىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم ،  ئەكسىچە ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىگى زامانىۋى پەن تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگەللەپ ، بۇ ساھەدە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشنى مۇسۇلمانلارغا پەرىز كىپايە ساناپ ئەتراپىدىكىلەرنى تەرغىپ قىلىدىغانلارنى كۆپ ئۇچراتتىم ،  ئەلۋەتتە توغرا بىر ئېتىقادقا ئىگە بولۇپ ، شۇ ئېتىقادنىڭ يېتەكلىشىدە .
مەسجىدلەردە ئىمام  بولغانغىلا موللا - ئۆلىما بولۇپ قالمايدۇ بۇرادەرلەر ،  خېلى كۆپ مەسجىدلەردە قۇرئاننى ئېزىپ  كەتمەي توغرا ئوقۇيالايدىغان كىشىلەرمۇ سەللىنىڭ چوڭىنى ئوراپ « موللا - ئۆلىما » ئاتىلىپ ئىمام بولۇپ يۈرگەنلەر نۇرغۇن ،  ئۇلارغا نىسبەتەن پەندىنمۇ مەلۇماتلىق بولۇشنى تەلەپ قىلىش تۈگۈل ، دىندىن راۋۇرۇس مەلۇماتلىق بولۇشنىمۇ كۈتكىلى بولمايدىغان ئىماملىرىمىزمۇ نۇرغۇن .

دىندا ھەقىقى مەلۇماتلىق بىر موللا بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئۈچۈن ، تاس قالىدۇ يېرىم ئۆمۈر كەتكىلى ،  شۇڭلاشقا  موللا ئالىملىرىمىزدىن دىننىمۇ بىلىپ ، پەندىمۇ يۇقىرى مەلۇماتلىق بولۇشنى تەلەپ قىلىش ئارتۇق بىر تەلەپ بولىدۇ ،  ئۇلارغا نىسبەتەن ئىلىم پەننىڭ ئاساسى ئۇقۇملىرىنى ياخشى بىلسىمۇ خېلىلا يېتەرلىك ، قالغىنىغا زامانىۋى ئېلىم پەن ساھەسىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا دىنى تەرەپتىن توغرا يېتەكچىلىك قىلالىغۇدەك ، ئۇلارغا دىن بىلەن زامانىۋى پەن تېخنىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان نىشان كۆرسىتىپ بېرەلىسە كۇپايە .

نۇرغۇنلىغان ئىشلار ئۆز ئەھلىگە تاپشۇرۇلمىغان بۇ زامانلاردا ئىلىم پەنگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان « موللا » لارنىڭ بولىشىمۇ نورمال ئەھۋال مەنچە ...

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 19:07:17

مەن دىندار دەيدىغانلار ئىلىم پەنگىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ دىسە مەن زىنھار ئىشەنمەيمەن
ئابدۇسالامنى سۆرەپ چىقماڭلار، ئۇ تارىختا شۇنداق بىر تاسادىپى چىقىپ قالغان ئادەم.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 20:39:22

ۋىيەي كۈسەن ئۇستازنىڭ ئوقۇغىنىمۇ دەل مۇشۇ پەن بىلەن قۇرئاننىڭ مەنىسىنى يېشىش ھەققىدىغۇ:o

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 22:57:40

قۇرئاندىن مۆجىزە كۆرسىتىۋاتقانلار بەكرەك ئىنچىكە تەتقىق قىلىشى كىرەك ئىدى،  سان―سىفىرلارنى ھەل قىلنىپ بولغان پەن تىخنىكا بىلەن باغلاپلا موجىزە تىپىپ چىقىدىكەن، ئەگەر غەرىبلىكلەر پەن تەتقىقاتى بىلەن بايقىمىغان بولسا ئۇلار نىمىگە تايىنا بولغىيتتى  
  قۇرئاندا ئابىستىراكىتنى ئۇقۇملار بار ، بەزىلەر سىياسى مەقسەت ئۈچۈن ئۇ سان سىفىرلار بىلەن ھوقۇقىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدىكەن،    يىقىندا توردا كۆرىشىمچە   قۇرئاندىكى مىسىر ئاتالغۇسى بار ئايەت سانى ۋە باشقا بەزى رەقەملەر مىسىرنىڭ 1917 يىلى مۇستەقىل بولشىنى كۆرسىتىپ بىردىغان بىشارەتلەر ئىكەنمىش ، بۇ بىر بىمەنىلىك ئەمەسمۇ !

bendora يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 23:27:17

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-12 22:57 static/image/common/back.gif
قۇرئاندىن مۆجىزە كۆرسىتىۋاتقانلار بەكرەك ئىنچىكە تەت ...

نېمىلا دېسەم ئاقمىغۇدەك، سىزگە كۈسەن ئۇستازنىڭ قۇرئان قانداق كىتاب دېگەن ئالتە سائەتلىك ئۈن دەرىسىنى تەۋسىيە قىلاي.  غەرىبلىك ئالىملار تەتقىق قىلماستا قۇرئاندا يەرشارىدىكى يەتتە قىتئەنىڭ ئەسلى بىر قىتئە ئىكەنلىكى، دېڭىزلارنىڭ توسما يوق ھالەتتىمۇ بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدىغانلىقى، مەككىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى قانداق، بىز ئىچىۋاتقان سۇلار قانداق ئۇسسۇلدا نەدىن كېلىپ نەگە توپلىشىپ قانداق ساقلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكىدەك مەلۇماتلار ۋە بىز ئەڭ ھەيران قالىدىغان ھامىلە ھەققىدىكى تەپسىلاتلار ئوچۇق بايان قىلىنغان. ھەممىمىز بىلىمىز «ب كاتتا» دېگەن تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى قۇرئان نازىل بولغاندا يوقتى، بىراق قۇرئان شۇ چاغدىلا بالىنىڭ قانچە كۈندە قايسى ھالەتكە يېتىدىغانلىقىنى ئوپمۇ-ئوچۇقتىن ئوچۇق دەپ بېرىپ بولغان. ئەمما« ب كاتتا» قاچان بىلدى بۇ ئىشلارنى؟ توغرىسىنى دېسەك پەن بىلەن قۇرئاننى ئەمەس، قۇرئان ئارقىلىق پەننى چۈشەندۈرىمىز دېسەك بولىدۇ، بىراق بۇ غەرىب ئىدىيىسى ئەۋج ئالغان كاللا ئىگىلىرىگە سەل تەس كېلىدۇ.
سان سىفىرلارغىلا ئېسىلىۋالغان ئىش يوق. پەقەت سىزنىڭ ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلاردىن بەھرىلىنەلمەيلا قالغان يېرىڭىز بار. خالىساڭلار بىر قانچە ئالىم بار شۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىش جەريانىنى يوللاپ بەرسەممۇ بولىدۇ.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 23:40:06

نىمىشقا ئىسپاتلىنىپ بولغان نەرسىنى قۇرئاندىن ئىزدەشكە كۈچەۋىرىمىز، ئۇنىڭسىزمۇ قۇرئاننىڭ  ئۆزىلا مۆجىزىغۇ ، ئۇنىڭ دىن كۆرە قۇرئاندىن ھەل قىلىنمىغان  پەن تىخنىكا مەسىلىرىگە جاۋاب تاپمامدۇق
……
بەزىلەر قەۋەت قەۋەت بىنالارنىڭ سىلىنىشىدەك بىناكارلىق تىخنىكىنىڭ ئۆسىشىنىمۇ قۇرئاندىكى قىيامەتنىڭ ئالامىتىگە ئوخشىتىپ بارىدۇ،  ماشىنا ، تىلفۇنلارنىمۇ  قىيامەتنىڭ ئالامىتى دەپ كۆرسەتكەنلەرمۇ چىقتى

bendora يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 23:59:18

ئۇكام ئەگەر ئاۋۇ 1991 دېگەن تۇغۇلغان يىلنامىڭىز بولسا مەندىن 6ياش كىچىككەنسىز، شۇڭا ئۇكام دەۋىرەي. بۇ مەسىلىنى بىز زورلاپ ئىسپاتلاپ بېرىڭلار دېمىدۇق بىرىگە، پەقەت شۇ ئالىملار ئۆزلىرى ئىسپاتلاپ بولغان نەرسىنى ئويلىمىغان يەردىن 1400يىل بۇرۇنقى كىتابتا تاساداپىي بايقاپ قېلىپ ھەيرانلىقتا بۇ قانداق بولغىنى دەپ بىر ئالىم ئىككىنىڭ، ئىككى ئالىم بەش ئالىمنىڭ دىققىتىنى بۇراپ قويغانلىقتىن، ھەممىسى ئاستا-ئاستا ئۆزلىرى ئىسپاتلاپ چىقتۇق، بۇنى بىزدىن باشقىسى بىلمەيدۇ دېگەن مەسىلىسىدىن نومۇس قىلىپ جاكارلاپ چىقتى، شۇنىڭدىن بىز بىلدۇق خالاس، ئەمما بىز قۇرئانغا شەكسىز ئىشىنىمىز ھەم بۇ ئالىملارمۇ بىزگە ئاۋارە بولماڭلار، مانا بىزمۇ ئۆلەر تىرىلىشىمىزگە باقماي تاپقان نەتىجىلىرىمىز ئاخىرى قۇرئانغا ئاپاردى، شۇڭا قۇرئانغا جىق قاراڭلار دەۋاتىدۇ.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 00:24:27

ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا قۇرئان « ئوقۇ ! » بىلەن باشلانغان دەپ ھەجەپ بۇ ئايەتنى ئىسلامىيەتنىڭ ئىلىم پەنگە ، ئۈگىنىشكە تەرغىپ قىلىدىغانلىغىغا دەلىل قىلىپ سۆزلەپ كېتىدىكەنسىلەر ،  ئاندىن قوپۇپ دىندارلار پەنگە ئەھمىيەت بېرىدۇ دىسە زىنھار ئىشەنمەسمىشسىزلەر ، بۇ قانداق مەنتىقە بولدى ،  قۇرئان شۇنداق تەرغىپ قىلسۇن ، بۇنىڭغا ئىشىنىسىلەر يۇ  ئەمما شۇ قۇرئاننىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ ياشاۋاتقان دىندارلارنىڭ قۇرئاننىڭ بۇ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشىغا ئىشەنمەيدىكەنسىلەر ،   دىندار بولۇش يالغۇز موللا ئۆلىمالارنىڭلا پاتنتى ئەمەس ، بەلكى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قارىغان بارلىق ئىنسانلارغا ئورتاق ئۇقۇم ، موللا ئۆلىمالار ئۆز ساھەسىدە مەسئۇلىيتىنى تولۇق ئادا قىلسا بولدى ، پەن تېخنىكىدا نەتىجە قازىنىش شۇ ساھەدىكى دىندار زىيالىيلاردىن كۈتىلىدۇ ،  ياكى ئىلىم پەن ساھەسىدىكى زىيالىيلىرىمىزنى دىندار دىمەمدۇق يا ؟  
بۇ گەپچە موللىلىرىمىز 15 - 20 يىل دىندا ئوقۇپ ، ئاندىن يەنە ئىلىم پەندە ماگىستىر ، دوكتۇر بولۇپ ،  ئابدۇسالامدەك ئاتوم بومبىسى كەشىپ قىلسا ئاندىن ئېلىم پەنگە ئەھمىيەت بەرگەن بولامدۇ ؟  
بۇ ئىشلارنىمۇ موللىلار قىلسا دىندار زىيالىيلىرىمىز ،  زامانىۋى تېخنىكا ساھىبلىرىمىز نىمىش قىلىدۇ ؟   بۇلارنى دىندار ئەمەس دىسىڭىز مەن گەپ قىلمىدىم بولدى ...
يەنە بىر گەپ ،  سىز پۈتۈن بىر توپقا قارىتا گەپ قىلغاندا ئېھتىياتچانراق بولغايسىز . ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ سىتاستىكىلاپ چىقمىغاندىكىن ...

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 09:58:23

ئاللا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر  ، قۇرئان ئاللانىڭ سۆزى ، قۇرئاندا  ھەممە بىلىملەر بار ، دىمەك ھەرقانداق پەن تىخنىكا بىلىملىرىنىڭ قۇرئاندا چىقىشى ئىنىق ، بۇنى تەتقىق قىلىپ يۈرۈشنىڭ نىمە ھاجىتى، ئاللانىڭ ھەممىنى بىلگۇچى ئىكەنلىكى كۈپايىغۇ !  1400 يىل بۇرۇن قۇرئاندا دىيىلگەنمۇ دىيىلمىگەنمۇ دەپ ئىزدىنىش ئارتۇقچە
  فۇنۇن ئەپەندى دىگەندەك : قۇرئاننى كۆرۈپمۇ باقمىغان كاپىرلار نىمىشقا  پەن تىخنىكىدا بۇنچە ئىلگىرلىيەلىدى ، مۇسۇلمانلار 1400 يىلدىن بىرى ھەممە بىلىملەر بار قۇرئاننى  ئوقۇپ تۇرۇپ نىمىشقا بۇلارنى بايقىيالمىدى !         
    ھازىر ئالىملارنىڭ بەكرەك تەرغىب قىلىۋاتىقىنى ھىسسى بىلىملەر بولىۋاتىدۇ ، ئەقلى بىلىملەرگە كۈچۈشىمىز كىرەك ئىدى
  1400 يىلدىن بۇيان دىننى  تەرغىبنى ئاساس قىلىۋاتىمىز ، مۇسۇلمانلار ئۈممەتلەرنى كۆپەيتىشنىلا ئويلاپ ئۇلارنىڭ ئەقلى تەپەككۇر تەرەققىياتىغا يىتەرلىك كۆڭۇل بۆلىنمىدى  ـ  كۆسەن ، تەجەللى ئۇستازلار ئۆتىۋاتقان دەرسلەرنىڭ مەزمۇنى  تەۋھىد ، ئەخلاق ئىتىكا مەزمۇنىدىلا بولىۋاتىدۇ   ـ ئۇلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغانلارمۇ يەنە شۇ تەرەقىدە ئۇلارغا ئوخشاش ئىشلاردا مەشخۇل،  توغرا  تەۋھىد ، فىقھى ئىلىملىرىمۇ موھىم  ، ئەمما بارچە كۈچنى بۇنىڭغىلا سەرپ قىلساق ، يىڭىچە ئىقتىساد ، سىياسى ، پەلسەپە ئىلىملىرىنى تەتقىق قىلدىغانلار ئاز بولسا ، پەن تىخنىكا بىلىملىرىمىز يىتەرلىك بولمىسا  ، ئەقلى تەپەككۇرغا كۆڭۇل بولۈنمىسا  

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 09:58:26

ئاللا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر  ، قۇرئان ئاللانىڭ سۆزى ، قۇرئاندا  ھەممە بىلىملەر بار ، دىمەك ھەرقانداق پەن تىخنىكا بىلىملىرىنىڭ قۇرئاندا چىقىشى ئىنىق ، بۇنى تەتقىق قىلىپ يۈرۈشنىڭ نىمە ھاجىتى، ئاللانىڭ ھەممىنى بىلگۇچى ئىكەنلىكى كۈپايىغۇ !  1400 يىل بۇرۇن قۇرئاندا دىيىلگەنمۇ دىيىلمىگەنمۇ دەپ ئىزدىنىش ئارتۇقچە
  فۇنۇن ئەپەندى دىگەندەك : قۇرئاننى كۆرۈپمۇ باقمىغان كاپىرلار نىمىشقا  پەن تىخنىكىدا بۇنچە ئىلگىرلىيەلىدى ، مۇسۇلمانلار 1400 يىلدىن بىرى ھەممە بىلىملەر بار قۇرئاننى  ئوقۇپ تۇرۇپ نىمىشقا بۇلارنى بايقىيالمىدى !         
    ھازىر ئالىملارنىڭ بەكرەك تەرغىب قىلىۋاتىقىنى ھىسسى بىلىملەر بولىۋاتىدۇ ، ئەقلى بىلىملەرگە كۈچۈشىمىز كىرەك ئىدى
  1400 يىلدىن بۇيان دىننى  تەرغىبنى ئاساس قىلىۋاتىمىز ، مۇسۇلمانلار ئۈممەتلەرنى كۆپەيتىشنىلا ئويلاپ ئۇلارنىڭ ئەقلى تەپەككۇر تەرەققىياتىغا يىتەرلىك كۆڭۇل بۆلىنمىدى  ـ  كۆسەن ، تەجەللى ئۇستازلار ئۆتىۋاتقان دەرسلەرنىڭ مەزمۇنى  تەۋھىد ، ئەخلاق ئىتىكا مەزمۇنىدىلا بولىۋاتىدۇ   ـ ئۇلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغانلارمۇ يەنە شۇ تەرەقىدە ئۇلارغا ئوخشاش ئىشلاردا مەشخۇل،  توغرا  تەۋھىد ، فىقھى ئىلىملىرىمۇ موھىم  ، ئەمما بارچە كۈچنى بۇنىڭغىلا سەرپ قىلساق ، يىڭىچە ئىقتىساد ، سىياسى ، پەلسەپە ئىلىملىرىنى تەتقىق قىلدىغانلار ئاز بولسا ، پەن تىخنىكا بىلىملىرىمىز يىتەرلىك بولمىسا  ، ئەقلى تەپەككۇرغا كۆڭۇل بولۈنمىسا  
بەت: [1] 2
: ئىسلام دىنى بىلەن ئىلىم پەننىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىز قانداق تۇنۇيمىز؟