izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 21:55:22

ھون ۋە قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تەرەپلەرنى رەڭلەر بىلەن ئىپادە قىلىشى ھەققىدە

ەقەدىمكى زاماندا ھونلار، تۈركلەر تۆت تەرەپنى رەڭلەر بىلەن ئىپادىلەشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئادەتتە ئاق شەرقنى، كۆك غەربنى، قىزىل شىمالنى، قارا بولسا جەنۇبنى كۆرسىتىدۇ.
تارىخ بەتلىرىدىكى «ئاق ھونلار» تېرە رەڭگىنىڭ ئاق بولۇشى سەۋەبلىك ئەمەس، بەلكى شەرق تەرەپكە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن «ئاق» نامى بىلەن ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن ھونلار ئىچىدىن تېرىسى ئاقلار بىلەن تېرىسى قارىلارنى ئايرىپ ئىككى قەۋىمگە بۆلۈش ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش. «ئاق ھونلار» كېيىنچە غەرب يازمىلىرىدە «ئېفالىتلار» نامى بىلەن قەيت قىلىنىدۇ؛ «كۆك تۈركلەر» ۋە «كۆك تۈرك ئىمپېرىيىسى» ئېنىقكى غەرب تەرەپتىكى تۈركلەرنى كۆرسىتىدۇ خەنزۇچە يازمىلاردىمۇ 西突厥 دەپ ئېلىنىدۇ؛كۆك قۇجۇ دۆلىتى«خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە 西夜国 دەپ ئېلىنغان؛ خەنزۇچە يازمىلاردىكى 赤狄 (قىزىل تۈركلەر) بولسا شىمالدىكى تۈركلەر ئىكەنلىكى مەلۇم، ۋەھاكازىلار.
خەن گاۋزۇ ليۇباڭ بەيدىڭ تېغىدا باتۇر تەڭرىقۇت تەرىپىدىن قامالغا ئېلىنغاندا، غەربتە ئاق ئاتلىقلار، شەرقتە كۆك ئاتلىقلار، شىمالدا قارا ئاتلىقلار، جەنۇبتا قىزىل ئاتلىقلار قورىشىۋالىدۇ. بۇ يەردە قارشى رەڭدىكى ئاتلىقلار قورشىۋالغان بىلەن، ئاق ئاتلىقلار شەرق تەرەپكە، كۆك ئاتلىقلار غەرب تەرەپكە، قىزىل ئاتلىقلار شىمال تەرەپكە، قارا ئاتلىقلار جەنۇب تەرەپكە ھۇجۇم قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، ھونلار شۇ زامانلاردىلا جەڭ مەيدانىدىمۇ تەرەپلەرنى رەڭ بىلەن ئىپادە قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرك ئىمپېرىيىسىدىن تارتىپ ئافاق غوجىنىڭ زامانىلىرىدىمۇ رەڭ ئارقىلىق تەرەپنى ئىپادىلەش كۈچىدىن قالمىغان. تۈركىي مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ ناملىرىدىمۇ يۇقارقى تۆت خىل رەڭنىڭ ناملىرىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بۇلارنى تۆۋەندە بايان قىلىپ ئۆتىمەن.
ەقەدىمكى تۈرك تىلىدىكى «قارا» سۆزى «قارا رەڭ» ۋە «ئۇلۇغ» دېگەندىن باشقا، يەنە «ساپ» ۋە«جەنۇب» دېگەندەك مەنىلەرگىمۇ ئىگە.
ھازىرقى موڭغۇلىيەگە چېگرىداش بولغان تۇۋا، ئالتاي، خاككاس قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردىكى تۈركىي مىللەتلەر ھېلىھەم شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇ يەرلەردىكى شامان دىنى «قارا شامان» ۋە «سېرىق شامان» دەپ ئايرىلىدۇ. «قارا شامان» دېگىنى ساپ بولغان ئەسلىدىكى شامان دىنىنى، «سېرىق شامان» بولسا بۇددا دىنى تەركىبلىرى ئارىلاشقان «ئەبجەش شامان» دىنىنى كۆرستىدۇ. ئادەتتىكى تىلىمىزدىمۇ «گۆشنىڭ قارا يېرىدىن كېسىپ بېرەي»، «قارا قۇل»، «قارا تەر»، «قارا تۈرك» دېگەندەك سۆزلەر ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ سۆزلەرمۇ ئاساسان مەلۇم نەرسىنىڭ ساپلىق ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ؛ «سېرىق\ سار» سۆزىنىڭ يۇقارقى مەنىسىگە قارىغاندا، كاللىمىزدا ئىختىيارسىز ھالدا «قەدىمكى گەنجۇدىكى سېرىق ئۇيغۇرلار بەلكىم ئارىلاشما قانلىق ئۇيغۇرلار بولۇشى، شۇڭا سېرىق سۆزى قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەندەك ئۇقۇم پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
ھەممىمىزگە مەلۇم، «ئىدىقۇت خانلىقى» بىلەن «قاراخانىيلار خانلىقى» قەدىمكىي ئۇيغۇر ئىتتىپاقدىن قايتا تەشكىللەنگەن ياكى بۆلۈنۈپ چىققان خانلىقلار بولۇپ، «قاراخانىيلار خانلىقى»نى قۇرغۇچىلار ياغما قەبىلىسى ياكى قارلۇقلار دەپ قەيت قىلىنىدۇ. مەيلى قايسى قەبىلە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ياغما بىلەن قارلۇق قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارماقلىرى ھېساپلىنىدۇ. خەرىتىدىن قارايدىغان بولساق، «قاراخانىيلار خانلىقى» دەل يەنە بىر ئۇيغۇر خانلىقى بولغان «ئىدىقۇت خانلىقى»نىڭ غەربىدىن كۆپرەك جەنۇبىغا (ئاساسەن جەنۇبىغا) جايلاشقان، ئۇنىڭ پايتەختى كاشغەر شەھىرى بولسا دەل ئىدىقۇتنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان. كاشغەرنى مەركەز قىلغان بۇ خانلىق بارچە تۈركىي قەۋىملەر ئىچىدە ئەڭ جەنۇبتا تۇرىدۇ، بەلكىم «قاراخانىيلار» ئۆزلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن شۇنداق ئاتالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن (بۇ پەقەت بىر پەرەز خالاس).
قەدىمكى تۇرانلار ھازىرقى «قارا دېڭىز»نىڭ شىمالىدىمۇ ياشىغان ئىدى، قارا دېڭىز يەنە كېلىپ تاتارلارنىڭ ئۆتمۈش ماكانى بولغان قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ دەل جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، بەلكىم شۇ سەۋەبتىن «قارا دېڭىز» دەپ ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى قارا دېڭىز بولسا قىرىم تاتارلىرى ئۇچرىشالايدىغان، ھەمدە باشقا ئەللەر بىلەن دېڭىز يولىدا بېرىش- كېلىش ۋە سودا- ئالاقە قىلالايدىغان بىردىنبىر دېڭىز، شۇڭا تاتارلار جەنۇب تەرەپتىكى بۇ دېڭىزنى «قارا دېڭىز» دەپ ئاتىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئەرەبىستان بىلەن ئافرىقا ئارىسىغا جايلاشقان «قىزىل دېڭىز» قەدىمكى تۈركلەرنىڭ بۇ خىل ئاتاش ئۇسۇلى بىلەن قەتئىي مۇناسىۋەتسىز، ئەلۋەتتە.
ەسەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، يەنى ئافاق خوجا دەۋرلىرىدە، دىيارىمىز خەلقلىرىنىڭ دىننىي سۈلۈكلەر تۈپەيلىدىن «ئاق تاغلىق» ۋە «قارا تاغلىق» بولۇپ بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكى (ئەسلى «ئاق تاقى» ۋە «قارا تاقى» بولۇپ، كېيىنچە «تاقى» سۆزى «تاغلىق»قا ئۆزگىرىپ قالغان) ھەممىگە مەلۇم. خوجا ئەبەيدۇللاھ باشچىلىقىدىكى «ئىسھاقىيە»سۈلۈكىنىڭ مۇرتلىرى «قارا تاغلىق» ئاتىلىپ، ئۆزلىرىگە يەكەن، قاغىلىق ۋە خوتەنلەرنى بازا قىلىدۇ، بۇ رايونلار جەنۇبقا جايلاشقان. خوجا ھىدايىتۇللاھ (ئافاق خوجا) باشچىلىقىدىكى «ئىشقىيە» سۈلۈكىنىڭ مۇرتلىرى «ئاق تاغلىقلار» دەپ ئاتىلىپ، ئۆزلىرىگە كاشغەر، ئاقسۇ، كۇچا، كورلا تەرەپلەرنى بازا قىلىدۇ، ھەتتا قۇمۇل- تۇرپانلارغىچە يېتىپ بارىدۇ (ھىدايىتۇللاھنىڭ ئەسلى يۇرتى شەرق تەرەپكە جايلاشقان قۇمۇل شەھىرىدە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەك). بۇ يۇرتلارنى خەرىتىدىن قارايدىغان بولساق، «ئاق تاغلىقلار» شەرققە مايىل شىمال تەرەپكە، «قارا تاغلىقلار» جەنۇب تەرەپكە جايلاشقانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇ رەڭلەر بىلەن تەرەپلەر ئاشۇنداق تاساددىپىي ئۇددۇل كېلىپ قالغاندىمۇ؟ كىتاپلاردا «ئاق بۆك» ۋە «قارا بۆك» كەيگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئاق ۋە قارا رەڭلىك بۆكلەرنى كېيىشكە زادى نېمە سەۋەبچى بولغاندۇ؟ سۈلۈكلەرنىڭ بۇنداق رەڭلەر بىلەن ئاتىلىشى قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تەرەپ رەڭلىرى بىلەن ئازراقمۇ ئالاقىسى يوق، دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە
ەئەمدى رەڭلەرنىڭ تەرەپ ئىپادىسىدىن تۈركىيپ رايونلاردىكى جۇغراپىۋى ناملارغا نەزەر سېلىپ باقايلى:
ئوتتۇرا ئاسىيادا «قىزىل قۇم» ۋە «قارا قۇم» دىن ئىبارەت ئىككى قۇملۇق بار. لېكىن بۇ قۇملارنىڭ رەڭگى قىزىل ياكى قارا ئەمەس، بەلكى ئوخشاش بىر رەڭدە. بۇ ئىككى قۇملۇق ئامۇ دەرياسىنى چېگرا قىلىپ تۇرۇپ، بىرى غەربىي شىمالغا ۋە يەنە بىرى شەرقىي جەنۇبقا، كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، قىزىل قۇم شىمالغا، قارا قۇم جەنۇبقا جايلاشقان. دېمەك، بۇ قۇملۇقلار قۇمنىڭ رەڭگىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تەرەپلەرنى رەڭ ئارقىلىق ئىپادىلەش ئادىتىگە ئاساسەن، يۇقارقىدەك قىزىل ۋە قارا ناملار بىلەن ئىپادە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.
1920-يىلى، ھازىرقى قازاقىستان «قىرغىزىستان» نامىدا ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان بولۇپ،ھازىرقى قىرغىزىستان بولسا «قارا قىرغىزىستان» دەپ قۇرۇلغان. خەرىتىدىن قارايدىغان بولساق، قىرغىزىستان قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. ئەينى چاغدىكى بۇنداق ئاتاش تەرەپلەرنىڭ رەڭ بىلەن ئىپادىلىنىشىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، يەنە «قارا» سۆزىنىڭ «ساپ»، يەنى «ساپ قىرغىز، جەنۇبقا جايلاشقان قىرغىز» دېگەن مەنىلىرىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئاتاشنى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرىدىغان بولساق، يېڭى قۇرۇلغان دۆلەت «جەنۇبىي سۇدان»نى «قارا سۇدان» دېيىش مۇمكىن. چۈنكى بۇ دۆلەت سۇداننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقاندىن سىرت، ئاھالىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى قارا تەنلىكلەردۇر. شۇنداق بولغاندا «شەرقىي ئاسىيا»نى «ئاق ئاسىيا»، «شىمالىي ئامېرىكا»نى «قىزىل ئامېرىكا» دېيىش مۇمكىن.
كۆپىنچە تىللاردا ئاق بىلەن قارا بىر-بىرىگە قارشى قويۇلسا، بىزنىڭ تىلىمىزدا ئاق بىلەن قارىدىن باشقا يەنە، ئاق بىلەن كۆكمۇ كۆپرەك بىر-بىرىگە قارشى قويۇلىدۇ. مەسىلەن: «ئاق كەپتەر، كۆك كەپتەر»، «ئاق تېرەك، كۆك تېرەك»، «ئاقتاش، كۆكتاش»، «ئاقچى، كۆكچى»، «ئاقنىياز، كۆكنىياز»، «ئاق مارجان، كۆك مارجان» ۋەھاكازالار. «ئاق ئۆستەڭ» بەلكىم يۇرتنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇشى مۇمكىن. «كۆك ئۆستەڭ» بەلكىم يۇرتنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئۆستەڭ بولۇشى مۇمكىن. ئۈرۈمچىدىكى «ئاق قوۋۇق»نى خەنزۇچە «南门» (جەنۇبىي قوۋۇق) دەپ ئاتىغان بىلەن، لېكىن بۇ ئورۇن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كونا رايوننىڭ شەرق تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ.
اقسۇ شەھىرىگە خەرىتىدىن قارايدىغان بولساق، شەھەر دەل ئاقسۇ دەرياسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. قەدىمدە «سۇ» سۆزى «قوشۇن»دىن باشقا، يەنە «دەريا» مەنىسىنىمۇ بىلدۈرۈپ كېلىدۇ، «ئاق» سۆزى بولسا يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك «شەرق» تەرەپنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنداقتا «ئاق» بىلەن «سۇ» سۆزىدىن تەركىب تاپقان «ئاقسۇ» سۆزىدىن «دەريانىڭ شەرقىگە جايلاشقان يۇرت» دېگەن مەنانى قىياس قىلىش ئانچە تەس ئەمەس.
ئۈرۈمچىدىكى قىزىل تاغ ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلىشىپ قالدى. لېكىن تارىخنى 100 يىلدەك كەينىگە ياندۇرساق، ھازىرقى قىزىل تاغ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ شىمالى قاقاسلىق، ئاساسەن ئادەم ئولتۇرمايتتى. بۇ تاغ ئۈرۈمچىنىڭ شىمالىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن «قىزىل تاغ» دەپ ئاتالغانمۇ ياكى رەڭگى قىزغۇچ بولغانلىقى ئۈچۈن «قىزىل تاغ» دەپ ئاتالغانمۇ؟!
قۇمۇلدا «قارادۆۋە» دەپ بىر يېزا (ھازىر يېڭىدىن بازار بولدى) بار بولۇپ، ئېغىز تىلىدا «قارتۈۋ» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. «بابۇرنامە»دىمۇ«قاراتۈ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يۇرتنىڭ نامى قەيت قىلىنىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ بابۇرنامىدىكى قاراتۈ قۇمۇلدىكى «قارادۆۋە» ئەمەس. قارادۆۋەنىڭ شىمالىدا تارانچى ۋە دۆربىجىن، شەرقىدە قۇمۇل شەھىرى، غەربىدە ئۇزاق ماڭسا پىچان بار بولۇپ، جەنۇبىدا چۆلدىن باشقا ھېچقانداق يۇرت يوق. دېمەك قارادۆۋە ئەڭ جەنۇبتا بولغانلىقى ئۈچۈن، يۇرتنىڭ نامىغا «قارا» سۆزى قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن.
تۈركىي مىللەتلەر جايلاشقان رايونلاردىكى يۇرتلارنىڭ ناملىرىدا ئاساسەن ئاق، قارا، كۆك ۋە قىزىل قاتارلىق سۆزلەر كۆرىلىپ تۇرىدۇ. دېمەك بۇ سۆزلەردىن شۇ يۇرتلارنىڭ مەلۇم جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى قىياس قىلغىلى بولىدۇ.
قەدىمقىنى ھازىرغا خىزمەت قىلدۇرۇش پرىنسىپى بويىچە بەزى تەسەۋۇرلارنى قىلىپ باقساق، تۆۋەندىكىدەك بەزى ئەھۋاللارنى قىياس قىلالىشىمىز مۇمكىن.
قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تەرەپلەرنى رەڭ بىلەن ئىپادىلەش ئۇسۇلى بويىچە بولغاندا، ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان نەنسەن تېغىنى «قارا تاغ»، غەربىگە جايلاشقان قىبلتاغنى «كۆكتاغ» (خەنزۇچە شىسەن دەيدۇ)، شەرقىگە جايلاشقان دۇڭسەن تېغىنى «ئاق تاغ» دەپ قاراشقا بولىدۇ.
مىدۇڭ (米东) رايونى بولسا، مىچۈن (دانبۇلاق) بىلەن دۇڭسەن (ئاق تاغ)نىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، خەنزۇچىدىمۇ مۇشۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ باش خەتلىرىنى ئېلىش ئارقىلىق ياسالغان رايون نامى ھېساپلىنىدۇ. بىزمۇ مۇشۇ ئاتالغۇلار ئىچىدىكى «دان، بۇلاق، ئاق، تاغ» سۆزلىرىدىن مۇۋاپىقلىرىنى تاللاپ، لاياقەتسىزلىرىنى شاللاپ ئالساق، «مىدۇڭ» سۆزىگە قارىتا «ئاقبۇلاق» سۆزىنى بەرپا قىلىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى، «ئاق» دىيىشتىكى سەۋەب، بۇ رايون ئۈرۈمچىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، «بۇلاق» دىيىشتىكى سەۋەب، بۇ رايوندا سۇ ياخشى، شال ئوخشايدۇ. شۇنداق بولغاندا، «ئاقبۇلاق رايونى» دېگەن سۆز ئىسمى- جىسمىغا لايىق «شەرق تەرەپكە جايلاشقان سۇلۇق رايون» دېگەن مەنىگە چۈشكەن بولىدۇ، لېكىن گەپ بۇنى ئۆزلەشتۈرۈشتە.
بۇ قەدىمكى تەرەپ ناملىرىنى يەنە يول- كوچىلارغا ئىشلەتسە قانداق بولار دەپمۇ ئويلاپ قالدىم. يەنى يولنىڭ بېشىدىكى شەرق، شىمال، غەرب، جەنۇب دېگەندەك تەرەپ سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا، قىزىل، كۆك، قارا، ئاق دېگەندەك تەرەپ رەڭلىرىنى ئىشلىتىپ باقساق دېمەكچى. مەسىلەن: 雅山北路 – قىزىل يامانلىق يولى، 雅山中路 – ئارا يامانلىق يولى، 牙山南路 -قارا يامانلىق يولى، 西虹西路 – كۆك شىخۇڭ يولى، 西虹东路 – ئاق شىخۇڭ يولى دېگەندەك. لېكىن بۇلار يەنىلا بىر قىياس، مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر خام خىيالدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ خىل رەڭلىك تەرەپ ناملىرىنى ئەمەلىي قانداق قوللىنىشنى ئەمگەكچى خەلقىمىز ئۆز تۇرمۇشىدا تاۋلاپ بېكىتكۈسى.
ايدىلانغان ماتېرىياللار:
قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا تارىخى (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن)
تارىخىي رەشىدى (مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان)
تارىختىن قىسقىچە بايانلار (ئىبراھىم نىياز)
تۈركىي تىللار تەتقىقاتى (2) (1980-يىلى 11-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۈركى تىللار تەتقىقاتى مۇھاكىمە يىغىنىدا تىل تەتقىقاتى خادىملىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى)
بابۇرنامە (زەھىررىدىن مۇھەممەد بابۇر)
شىنجاڭ خەرىتىسى
دۇنيا خەرىتىلەر توپلىمى (بېيجىڭ، جۇڭگو خەرىتە نەشرىياتى، 2009.4)
بەيدۇ خەرىتىسى (http://map.baidu.com/)
ۋىكىپېدىيە قامۇسى (http://wikipedia.com/)
——————-
مەنبە: يۈكسەل بلوگى،يازما: ھون ۋە قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تەرەپلەرنى رەڭلەر بىلەن ئىپادە قىلىشى ھەققىدە
ازما مەنبەسى: http://www.yuksel.me/2295.html      ئاپتۇر :ئىسكەندەر جىلىل

Kamdidar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 08:20:59

«ھون ۋە قەدىمكى تۈركلەر...» بۇ نىمە گەپ ئەمدى؟ مەن تېخى قەدىمكى زاماندا ھازىرقى تۈركىي قەۋملەر بىرلىشىپ ھون ئىمپىراتورلىقىنى تەشكىل قىلىدۇ دەپ قاراتتىم.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 11:51:52

جەنۇپ-كۈنگەي
شىمال-تەسكەي
ھازىرمۇ ئىشلىتىمىز بىز.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 14:55:42

ئاياق  يۇقاينا ، قىلۋە كۈن چقىش دەپ ئىشلىتىمىز بىز

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 19:13:24

  تەكرار تېما. لېكىن، ئەھمىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر يوللانسىمۇ ھېچۋەقەسى يوق. {:112:}

function يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 19:43:54

باشلام_ جەنۇپ
ئاياغ_ شىمال
قىلۋە_ غەرب
كۈنچىقىش
كۈنپېتىش

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 23:21:46

تۈركىيە تۈركلىرى شەرقنى دور دەيدىكەن ، بۇ  ئەجەپ ئوخشىمايدىكەن يا،   ئەرەب پارس چىدىمۇ ئۇ گەپ يوقتۇ

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 07:14:32

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-12 23:21 static/image/common/back.gif
تۈركىيە تۈركلىرى شەرقنى دور دەيدىكەن ، بۇ  ئەجەپ ئوخشى ...

تۈركىيە تۈركلىرى شەرقنى «دوگو» دەيدۇ، يەنى «توغ» پېئىلىدىن تۈزۈلگەن ئىسىم. بىز «بالا تۇغۇلدى» دەيمىز، لېكىن ئوغۇز تۈركلىرى دائىم «ت» تاۋۇشىنى «د» دەپ تەللەپپۇز قىلىۋالىدۇ. مەسىلەن: تاغ- داغ، تۇنگان- دۇنگان، تۇرسۇن- دۇرسۇن، تۇغدى- دوگدى ۋەھاكازىلار. تۈركىيە باشباقانى ئەردوغانمۇ «ئەر دەپ توغۇلدى» دېگەن مەنانى بېرىدۇ.
غەرب تەرەپنى «باتى» دەيدۇ. بۇمۇ «پات» پېئىلىنىڭ تۈركىيەدە «بات» دەپ ئاتىلىشىدىن كېلىپ چىققان سۆز. بىز «كۈن پاتتى» دەيمىزغۇ، ئۇلار «گۈن باتتى» دەيدۇ. دېمەك كۈن پاتىدىغان تەرەپ «باتى» دەپ ئاتالغان.
بەت: [1]
: ھون ۋە قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تەرەپلەرنى رەڭلەر بىلەن ئىپادە قىلىشى ھەققىدە