waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 15:18:03

شىرئەلىجاننىڭ چولپانلار ھەپتىلىگىگە قاتنىشىشدىن ئۈمۈت بار

   
  ۋاڭيى تەنتەربىيە تورىنىڭ 11-يانۋار بەرگەن خەۋىرى؛  2014-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان تەنھەركەتچىلەرنى توردا بىلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى  نەتىجىسى ئىلان قىلىنغاندىن كىين، ئىرىشكەن بىلەت سانى جەھەتتە  ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان بىيجىڭ كوماندىسىدىن ماربولنىڭ CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنىڭ بار يوقلىقى تاراتقۇلار ۋە توپ مەستانىلىرى ئەڭ كۈڭۈل بۈلىدىغان گەپ-سۆزىگە ئايلاندى. تۈنۈگۈن ماربول ئۆزىنىڭ 2014-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۇردى، ئەمما ئۇ تۈنۈگۈن كەچ ئىلىپ بىرىلغان بىيجىڭ كوماندىسى بىلەن گۇاڭشىيا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى تاماشىبىن سۈپىتىدە كۆردى.
   2014-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى  بىلەت تاشلاپ تاللاش نەتىجىسى ئىلان قىلىنغاندىن كىيىنلا، بەزى تاراتقۇلار ماربولنىڭ قائىدە بۇيىچە بولغاندا CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدىغانلىقى خۇسۇسىدىكى گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ ماربول كوماندىدىن ئايرىلىپ، ئامىرىكىغا قايتىپ داۋالانغاندىن كىيىن، بىيجىڭ كوماندىسى يىڭى چەتئەللىك ئەزا Damien Wilkins نى بىرلەشمىگە تىزىملاتتى، ھازىر ماربول CBA بىرلەشمىسى تىزىملىگىدىكى چەتئەللىك ئەزا ئەمەس، شۇڭا تەبىئىيلا مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى بۇلمايدۇ. ماربول CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇسى بولسا، بىيجىڭ كوماندىسى چۇقۇم چەتئەللىك ئەزاسىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۇنى قايتىدىن تىزىملاتسا بۇلىدۇ. ئەمما ماربولنىڭ تۇلۇق ئەسلىگە كىلىشىگە يەنە 6-8 ھەپتە كىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۇ تەنھەركەتچى سالاھىيىتىدە  CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدۇ. ئەمما ماربول ئۆزىنىڭ تاماشىبىن سالاھىيىتىدە CBAچولپانلار ھەپتىلىگى پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن.  
   
ماربول CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدۇ، ئۇنداقتا كىم ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ؟ ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى CBAچولپانلار ھەپتىلىگى ئىرىشكەن بىلەت سانىغا ئاساسەن، ئىرىشكەن بىلەت سانى ئەڭ كۆپ تەنھەركەتچىنى ئەتراپلىق ئويلۇشۇپ، چولپانلار كوماندىسىنىڭ تىرىنىرى بىلەن مەسلەھەتلىشىش ئارقىلىق، بىر نەپەر ئارقا بىكنى تاللاپ چىقىپ، ماربولنىڭ CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان ئورنىغا سەپلەيدۇ.  
نۆۋەتتىكى ئەھۋالغا قارىغاندا،  CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان بوش ئورۇنغا كىمنىڭ سەپلىنىشى يەنىلا قىزىق نوقتا بۇلۇپ، شەندۇڭ كوماندىسىنىڭ چەتئەللىك ئەزاسى Eugene Jeter بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچى شىرئەلىجان مۇختەرنىڭ بۇ ئورۇننى ئىگەللەش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقۇرى ئىكەن.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 16:23:26

ئۇنداق بولسا يەنە بېلەت تاشلاپ قىلامدىغاندۇ ياكى ئۆلىرى ماندالام ‹مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق› بېكىتەمدىغاندۇ؟!

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 21:18:43

شىر ئەلىجان ھازىر مەيداندىكى رولى جەھەتتىن ئۆزگىرىش ياساۋاتقان موھىم باسقۇچتا. شىر ئەلىجان بىر كۈچلۈك مۇداپىئەچىدىن قابىل تەشكىللىگۈچىگە ئايلىنىۋاتىدۇ.  س ب ئا دا ئەڭ كەم بولىۋاتقىنىمۇ شۇ تەشكىللىگۈچى.  بۇ ھەم ياش چوڭايغانسىرى،  شىر ئەلىجاندەك بويى ئانچە ئىگىز بولمىغان ۋاسكىتبول تەنھەرىكەتچىسى ئۈچۈن  بىر مۇۋاپىق تاللاش.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 21:54:36

atarut يوللىغان ۋاقتى  2014-1-11 21:18 static/image/common/back.gif
شىر ئەلىجان ھازىر مەيداندىكى رولى جەھەتتىن ئۆزگىرىش ي ...

توغرا دەيسىز.بۇ پەسلدىكى مۇسابىقىلەردىن مەنمۇ شۇنى ھېس قىلۋاتمەن.ئاۋۇ چولپانلار ھەپتىلىكىنى بېلەت تاشلاش نەتىجىسىنى كۆرۈپ يەنىلا قول ئىچىگە ئىگىلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم.{:118:}
بەت: [1]
: شىرئەلىجاننىڭ چولپانلار ھەپتىلىگىگە قاتنىشىشدىن ئۈمۈت بار