waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 20:03:19

شىنجاڭ كوماندىسى چىڭداۋ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى

ئۈرۇمچى ۋاختى 1-ئاينىڭ 10- كۈنى كەچ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو  ۋاسكېتبول  بىرلەشمە مۇسابىقىسى 23- ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا چىڭداۋ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە  خاندېرسېن 27 نۇمۇر ئىلىپ، شىنجاڭ كوماندىسى 105-90 نەتىجە بىلەن چىڭداۋ ۋاسكېتبول كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.   نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى 18 مەيدان غەلبە قىلىش 5 مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 27 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  سېنگېلدون 22 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياڭ جىمىڭ 21 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سۇۋىي 12 نۇمۇر، 7 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشۇنەن 8 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  تاڭ جىڭدۇڭ 6 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  شىرئەلىجان 5 نۇمۇر، 1 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى.
چىڭداۋ كوماندىسىدىن يوش 24 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ رامۇس 20 نۇمۇر، 12 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ساڭ نىي 17 نۇمۇر، 10 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
  مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 12-يانۋار  قارشى تەرەپ مەيدانىدا جىياڭسۇ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

  ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 22:16:04

شىرئەلىجاننىڭ بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە نەتىجىسى بەك تۆۋەن.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 23:47:43

شىرئەلى ئىنىمزىنىڭ نومۇر ئېلىش سانى بارا -بارا تۆۋەنلەپ كەتكەندەك ھېس قىلۋاتمەن.
غەيرەت قىل ئۇيغۇرۇمنىڭ پەخرى!

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 10:54:55

شىرئەلىجان پاس بەرمىسە ئا گۇيلار ئاتاممايدىغان تۇرسا....
بەت: [1]
: شىنجاڭ كوماندىسى چىڭداۋ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى