uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 10:29:56

كومپيوتىر قاتتىق دىسكسىنى كۆچمە دىسكىغا ئۆزگەرتىش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghurqq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-10 10:36  

硬盘 دىگەننى قاتتىق دىسكا ،  移动硬盘 دىگەننى كۆچمە دىسكا ، 硬盘盒 دىگەننى قاتتىق دىسكا قوتىسى دەپ ئالدىم خاتا بولسا تۈزتىپ بىرەسىلەر..

ئۆيگە بىر 3d لىق تىلۋىزور ئالغاندىن بېرى مۇشۇ 3d لىق كىنولارنى بىر كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى قوزغالدى لىكىن 3d لىق كىنونىڭ سىغىنى بەك چوڭ بولغاچقا توردىن چۈشۈرۈپ ئادەتىكى بارماق دىسكىغا پاتمىدى. قانداق قىلىش كىرەك بىرتال كۆچمە دىسكا ئېلىش كىرەك لىكىن بۇ سەل قىممەتكەن شۇڭا كاللامغا ئۆيدىكى كونا كومپيوتىرنىڭ قاتتىق دىسكىسىنى سۆكۈپ چىقارسام مۇشۇنى كۆچمە قاتتىق دىسكا سۈپىتىدە ئىشلەتكىلى بولامدۇ دىگەنى ئويلاپ توردىن ئىزدەپ باقسام. قاتتىق دىسكا قۇتىسى دەپ بىر نەرسە باركەن مۇشۇنى ئالساق كومپيوتىر قاتتىق دىسكىسىنى كۆچمە دىسكا ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولدىكەن.

http://v.youku.com/v_show/id_XNTQ4MDkyNTcy.html?firsttime=87

http://player.youku.com/player.php/sid/XNTQ4MDkyNTcy/v.swf

مانا مۇشۇ ئاشۇ قاتتق دىسكا قۇتىسى دىگەن نەرسىنىڭ ئىلانىكەن. ئەمدى ئازراق مەسلە بار تورداشلار تاۋباۋ توردىن مۇشۇنداق نەرسىنىڭ ياخشىراقىدىن بىرنى تەۋسىيە قىلسا يەنە. بۇ نەرسە راس مۇشۇنداق قىلالامدۇ؟ ئۈستەل كوميوتىرى بىلەن خاتىرە كومپيوتىرنىىڭ كۆچمە قاتتىق دىسكىسى ئوخشاش بولامدۇ؟  ئادەتىكى usb تۆشكىگە سېلىپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟دىگەندەكلەر ئۈستىدە بىر پىكىرلىشىپ باقساق.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 15:15:13

كۆچمە قاتتىق دىسكا شۇ بىر تال قاپ ۋە بىر تال قاتتىق دىسكا شۇ، باشقا ئالاھىدە نەرسىسى يوق. ئۈستەل كومپيۇتېرىنىڭ قاتتىق دىسكىسىنى كۆچمە قاتتىق دىسكا قىلىش ئاقىلانە ئۇسۇل ئەمەس، چۈنكى بەزىلىرىگە ئايرىم توك  بەرگىلى سالىدۇ.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 15:27:11

بولماسمىكى، توكى يېتىشمەي قېلىش مۇمكىنچىلىقى يوقۇرى

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 15:29:29

10 يىل بۇرۇنقى ھۇنەرغۇ بۇ. بۇ بەكلا ئىشەنچىلىك ھەم پىشقان تېخنىكا
ئۈستەل كوميوتىرى بىلەن خاتىرە كومپيوتىرنىىڭ كۆچمە قاتتىق دىسكىسى ئوخشاش  بولمايدۇ.
ئۈستەل كوميوتىرىنىڭ چوڭراق3.5دىيوم سىرتتىن توك مەنبەسى ئۇلاپ ماگنىتلىق دېسكىنى ئايلادۇرمىز
خاتىرە كومپيوتىرنىىڭ سەل كىچىك  usb تۆشكىدىن چىققان توك ماگنىتلىق دېسكىنى ئايلادۇرالايدۇ.
ئادەتىكى usb تۆشكىگە سېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەمما تېلۋزورغا ئۇلىغاندا مۇندەرىجگە ئايرىماي كۆچۈرسە ئىتتىك تونۇيدۇ.
چوڭراقلېرىنى ئالسىڭىز DVD نۇردېسكا ئوقۇغىچلارلارمۇ پاتىدۇ بۇ قۇتىغا.
硬盘盒دەپ چىگۈزۈپ ئۆزىڭىز تاللاپ ئېھتىياجلىق بولغانىڭىزنى ئېلىڭ. باھاسىمۇ ئىقتىدارىغا مۇناسىپ ھالدا ئوخشاش بولمايدۇ.توردا سودىلاشقاندا تېلۋىزوردا 3Dكىنۇ كۆرىمەن دەپ شەرت قويۇپ ئېلىڭ

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 21:09:10

بىلمەسكەنمەن تۇلۇق. لىكىن يەنىلا كويچەندىن خەجلەڭ قۇشقاچنىمۇ قاسساپ سويسۇن .

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 21:25:02

ئالغان تىلۋىزور ئەقلى ئىقتىدارلىق ئىكەن.مىنىڭچە dlnaنى قوللايدۇ.شۇڭا سىز كومپىيوتورغا (ئادەتتە  خاتىرە كومپىيوتوردا بار)مۇشۇ ئارقىلىق خاتىرە كومپىيوتوردىكى سىننى سىمىسز تىلۋىزورغا يوتكەپ كورسىڭىز بۇلىدۇ.مەن شۇنداق قىلىۋاتىمەن.خاتىرە كومپىيوتوردا چۇشىرىمەن ئاندىن dlna ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ سىمسىز تىلۋىزورغا يوتكەپ كورىمەن. ئازىراق توسۇلۇشمۇ بار،ئامال يوق ئىكەن قۇۋىتى يەتمىگەن بۇلىشى مۇمكىن.
ھازىرچە ئەڭ ياخشى ئامال سىمسىز روتىر ئىشلىتىش كىرەك.يەنى سىمسىز روتىرنىڭ usbئىغىزى بولسا ئۇنىڭغا قاتتىق دىسكا چىتىپ،كومپيىوتور ياكى يانفۇن بىلەن سىمسىز روتىرغا كىرىپ (ئەلۋەتتە ئالدىن تەڭشەپ قۇيۇپ)  ئاندىن كىنو ۋە باشقىلارنى كومپىيوتورسىز چۇشۇرۇپ،تىلۋىزور ئارقىلىق كورۇش.(ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلۋىزورلاردا wifi بار)شۇڭا مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىش كىرەك.
يەنە بىر ئامال تور بولغاندىن كىيىن تاۋباۋدىن 开博尔f4 دەپ ئىزدەڭ،ھازىرچە سىتىلىشى ئەڭ يۇقىرى.
مەن تىلۋىزورنى كوپ كورمەيمەن ،لىكىن چوڭلار ئۇيغۇرچىنى كورىدۇ،ئەگەر ئۇيغۇرچە قاناللار بولسا بىرنى ئالاتتىم. ھەر ئايدا 25 يۇەن تولەپ ھەم سۇپىتى ياخشى ئەمەس زىرىكتىم. قاراپ بىقىڭ. مۇشۇ بىلكان دىگەن شىركەتلەر  مۇشۇنىمۇ بىر ئويلۇشۇپ باقسا بولغىدەك،androidسىستىما بولغاندىن كىيىن تەرجىمە قىلىپ شۇلار بىلەن بىر ھەمكارلاشسا بۇلاتتى. بىزمۇ ئۇيغۇرچە قاناللارنى تور ئارقىلىق كورسەك ھەر ئايدا 25 يۇەن ئاز بولسىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى بەك توۋەن.پۇللۇق قاناللىرى ئاز ياكى كورگۇچىلىكى يوق. ھازىر ھەممە ئويدە تور بولغاندىن  كىيىن نۇر كابىلمۇ بار بولدى تور سۇرئىتىدىن  بەكمۇ ئەنسىرەش يوققۇ ھازىر.

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 21:49:19

ئاۋۇ f4نىڭ h265دىگەن گىپىگە ئىشەنمەڭ،ھازىر قاتتىق دىتال جەھەتتىن h265ۋە vp9نى قوللايدىغان قويغۇچ چىقمىدى،نەچچە كۇننىڭ ئالدىدا  cesدا 高通 805 نى ئىلان قىلدى،مۇشۇ ئۆزەك رەسمى قاتتىق دىتال جەھەتتىن يۇقىرى ئىنىقلىقنى قوللايدۇ(يۇقىرى ئىنىقلىق دىگەن h265 ئاز توۋەن توردىمۇ يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى سىننى كورۇش،يەنە ھازىرچە ئەڭ يۇقىرى ئىنىقلىق) ،ھەم RK3288 مۇشۇ شۇنداق.مۇشۇ ئۆزەك ئىشلەتكەن قويغۇچ ۋە باشقىلار چىققىچە ئاز دىگەندىمۇ يىرىم يىل بار.

nawa717 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 23:01:45

دەرۋەقە ئېلىكتېر بۇيۇملىرىنىڭ يېڭىلىنىشى بەك تېز بولىۋاتىدۇ ...

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 23:51:03

كىنونى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈپ ، كىنو بار ھۆججەت قىسقۇچنى ھەمبەھىرلەيسىز. ئاندىن تېلېۋىزۇردىكى تور ھەمبەھىرلىرى دىگەن ئەپنى قوزغىتىپ تور خوشنىنى ئىزدەتسىڭىز ھەمبەھىرلەنگەن كومپيۇتېرنىڭ IPئادىرىسى چىقىدۇ. ئىچىگە كىرسىڭىز ھەمبەھىرلەنگەن ھۆججەت قىسقۇچتىكى كىنولار كۆرۈنىدۇ. شۇ يەردىنلا قويۇپ كۆرۈڭ. كىنونىڭ ئېنىقلىقى بەك يۇقىرى بولسا ئەڭ ياخشىسى سىملىق تور ئىشلىتىڭ.
بەت: [1]
: كومپيوتىر قاتتىق دىسكسىنى كۆچمە دىسكىغا ئۆزگەرتىش