ئاپامدىن ئۆگەنگەن يېڭى ھۇنىرىم
ئاپامنىڭ ئۆيىدە يىگەن كاۋا پوشكىلى تېتىپ كېتىپ نەچچە كۈندىن كېيىنلا ئۆيۈمدە سىناپ باقماق بولۇپ تۇتۇندۇم، قانداق پىشۇرۇشنى سورىغىنىمدا ناھايىتى ئاسانلا تۇيىلىۋىدى، ئەمما ئويلىغىنىمدەك ئۇنچە ئاسانغا توختىمىدى، شۇنداقتىمۇ ئېتىشىپ يۈرۈپ پىشۇردۇم، بىرقانچىسىنى پىشۇرۇپ خېلى تەجرىبىلىك بولغاندىن كېيىن چېچەكلەپ يۇمشاق ساپ سېرىق پىشقان پوشكاللارغا قاراپ جەڭدە غەلىبە قىلغان جەڭچىدەك ئۆزۈمدىن مەمنۇن بولۇپ يۈزلىرىمگە كۈلكە يۈگۈردى، مېزىلىك پىشقان كاۋا پوشكاللىرىنى ھوزۇرلۇنۇپ يەۋاتقاندا تەجرىبەمنى ئىزدىنىشتىكى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئېسىمگە كەلدى، ئەپسۇس ھەربىر باسقۇچنى سۈرەتكە تارتىۋالماپتىمەن، شۇنداقتىمۇ قەدەم باسقۇچلارنى يېزىپ چىقتىم، گەرچە سەل ئاۋارىچىلىق بولسىمۇ ناھايىتى يىيىشلىك بولىدىغان بۇ تائام تۈرىنى مېھمانغا تىزسىمۇ ناھايىتى يەڭگىل يىيىشلىك تاماق بولغۇدەك، سىناپ بېقىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن رىسالە تەييار بولدى1. ئوبدان پىشقان قازان كاۋىسىنى تاللايمىز، دەسلەپ پىشۇرغۇچىلار ياخشىسى كىچىكرەك كاۋىنى تاللىۋېلىڭ بولمىسا ۋاقىت كۆپ كېتىدىكەن
2. كاۋىنى قاسقانغا سېلىپ راۋرۇس پىشۇرۇپ ئالىمىز. چوقۇم يۇمشاق پىشۇرۇش كېرەك , بولمىسا پوشكال خام قالىدۇ، ياكى بولمىسا ئۇننى كۆڭۈلدىكىدەك يىگۈزمەك قىيىن بوپ قالىدۇ.
3. پوستىنى چىقىرىۋېىتپ كاۋىغا ئۇن يىگۈزىمىز، ئەگەر كاۋىنى پۇشۇرغاندا ۋاقىت چىقماي قالسا سوۋۇغاندىن كېيىن ئاجرىتىپ ئالساقمۇ بولىدۇ، بىراق ئۇن يىگۈزگەندە چوقۇم يەنە بىر قېتىم ئىسسىتىۋېتىشنى ئۇنۇتماڭ، بۇنداق بولغاندا خېمىرنى تېزلا بولدۇرۇپ تەييارلىغىلى بولىدۇ، ئۇن يىگۈزگەندە ئىچىگە يەنە ئاز مىقدار سودا بىلەن خېمىرتۇرۇچ سالىمىز، ئىسسىق ۋاقتىدا ئۇن ھەم خېمىرتۇرۇچ، سودالارنى يىگۈزۈپ يۇمشاقراق قىلىپ تەييارلىۋالىمىز.( ئاز مىقداردا شىكەر سېلىۋەتسىڭىز تېخمۇ يىيىشلىق ھەم يۇمشاق چىقىدىكەن، پوشكال پىشۇرۇش جەريانىدا تېتىپ باقسام كاۋا ئانچە تاتلىق ئەمەسكەن، شۇڭا ئازراق شىكەر يىگۈزگەن ئىدىم ئويلىمغان يەردىن خېمىر تېخىمۇ كۆپۈپ پوشكال تېخىمۇ بەك يىيىشلىك چىقتى)
4. تەييارلىغان كاۋا خېمىرىنى بىردەم تىندۇرغاندىن كېيىن كۆپۈپ چىقىدۇ، شۇ چاغدا تاۋا قازانغا پوشكال قازانغا چاپلىشىپ قالمىغۇدەك قىلىپ ئازغىنە ماي قۇيىمىز( قوي مېيى ئىشلەتسىڭىزمۇ ياخشى بولىدىكەن، ئىسسىقىدا يىيىشكە ماس كېلىدىكەن) ھەم كاۋا خېمىرىنى نېپىز قىلىپ يېيىپ تاۋا قازانغا چاپلاپ بوش ئوتتا سەۋرىچانلىق بىلەن ئالدىرىماي ھەر ئىككى تەرەپ تەكشى قىزىرىپ كۆپۈپ چىققۇچە پىشۇرىمىز.
شۇنىڭ بىلەن يىيىشلىك كاۋا پوشكىلى تەييار بولىدۇ.
مۇشۇ خانىم قىزلاغا تاماق رىسالىسى دەپ كۆزنەكتىن بىرسى ئىچىلسىمۇ بوپتىكەن . . ما چوكان ئادەمنىڭ دېمىنى سېقىپ ئەڭ ھالقىلىق يېرىنى دىمەيدىكىنا؟ نىمە ئۇ ئۇن يىگۈزۈش دىگەن؟ قانداق يىگۈزىدۇ؟:Q پىشقان كاۋىغا ئۇننى قوشۇش:lol پىشۇرۇپ بولغان كاۋىنى پوستىدىن ئايرىپ ئېلىپ ئۇنىڭغا بوشراق خېمىر بوپتۇ دىگۈچە ئۇن قوشىمىز ، ئۇن يىگۈزۈش دىگەن مۇشۇ شۇ :o كاۋا پوشكىلى. ئاڭلاپ باقمىغان گەپكەن. بىزنىڭ ئۆيدىغۇ قايماق سۈركەپلا ئىتىمىز. ئاپام كاۋىغا ئامراق. بۇ رىسالىنى دەپ بىرەي سىناپ باقسۇن. چۈشەندىم، رەھمەت.
بۇ ئوقەتنى دۇخوپكىدا پىشۇرۇپ باقسىمۇ ئوبدان بولىدىغاندەك قىلىدۇ. نىمىشقا بۇ نەرسىنى توك قازاندا قورۇپ يېڭىلىق يارتىپ باقمايمىز :lol kangasman يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 12:56 static/image/common/back.gif
نىمىشقا بۇ نەرسىنى توك قازاندا قورۇپ يېڭىلىق يارتىپ با ...
توك قازاندا قورۇشنى يېڭىلىلق يارىتىش دېگىلى بولمايدۇ ،توك دەزمىلىدا ياپما قىلىشنى ئويلشىپ باقتىڭىزمىكىن بېغىرنىڭ ئۇسۇلى بويىچە پۇشۇرۇلغان پوشكال ئاچلىققىمۇ چوقۇم پايدا قىلىدۇ. مەن ئاڭلاپ باقمىغان تاماقكەن بۇ. ماۋۇ يېڭى تاماقكەن ھەجەپ ياخشى مۇھەببىتىمگە ئەتكۈزۈپ يەيمە ،ئوخشىتىپ، :P
بەت:
[1]