[Android] قولاي تاقىغۇچ (ئۇيغۇرچە ئەپ)
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلاريېقىندىن بېرى ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، ۋاقىت چىقماي تۈزۈك بىرەر تېمىمۇ يوللىيالماپتىمەن. شۇڭا بۈگۈن ئۆزى كىچىك ۋە قولاي بولغان بىر ئەپ ئېلىپ كەلدىم. قېنى كۆرۈپ بېقىڭلار، ياراپ قالسا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەرسىلەر...
ئەپ ئىسىمى: قولاي تاقىغۇچ
ئەپ سىغىمى: 412 كلوبايت
ئىجرا مۇھىتى: Android 2.3 دىن يۇقىرى نەشردىكى سىستېمىلار
تىل بولىقى: ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە سىستېمىلاردا نورمال ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدۇ...
ئەپ كۆرۈنمە يۈزلىرى:
http://www.qutyar.net/mb/data/attachment/forum/201401/10/014743gpjpxjopouvj0puz.png
http://www.qutyar.net/mb/data/attachment/forum/201401/10/014745z0w0v7v8vk8k0k2a.png
http://www.qutyar.net/mb/data/attachment/forum/201401/10/014744pepvpvxiweeowqwf.png
http://www.qutyar.net/mb/data/attachment/forum/201401/10/014745h2v2uvwv6wddu0v6.png
ئەپ ھەققىدە:
مەزكۇر ئەپ ئارقىلىق سىز يانفونىڭىزنىڭ كۆرۈنمە يۈزلىرىنى رەسىمگە تارتالايسىز (ئەلۋەتتە ھازىر ھەممە تېلېفوننى بارغۇ رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارى ئۆزىدە)، قايتا قوزغىتىش، ئۆچۈرۈش، Recovery غا كىرىش، ئېكران چىرىقنى ئىشلىتىش، ئايروپىلان ھالىتىگە تېز ئالمىشىش... قاتارلىق ئىقتىدارلارنى مۇشۇ ئەپ ئارقىلىقلا ھەل قىلالايسىز. قېنى ئۇنداق بولسا ئەپ ياراپ قالسا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەرسىز.
ئەپنى چۈشۈرۈش
ئىزدىنىشنىڭ قوشۇمچە يوللاش ئىقتىدارى apk ھۆججەتنى قوللىمىغانلقى ئۈچۈن پرېسلاپ يوللاندى، پرېستىن يېشىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
ئەسلى مەنبە: قۇتيار مۇنبىرى ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۈلكە ئەپەندى
مۇشۇ ئەپ ،Recoveryقىلىش،دېگەنلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز،خەنچە نېمە دەيدۇ ئۇ سۆزنى.
مۇبادا قاچىلىماقچى بولسا يانفۇننى كومپىيۇتېرغا چېتىپ قانداق قاچىلايمىز،يانفۇن سىغىمىغا چۈشەمدۇ
ياكى (多媒体卡)چۈشەمدۇ؟مەن پەقەت چۈشۈرۈشنى بىلەلمىدىم،مىنىڭ يانفۇنىمنىڭ سىغىمى تۇشۇپ
كەتكىلى تۇرۇپتۇ،قانداق قىلغاندا توغرا قاچىلالايمەن؟
باشقا تورداشلارمۇ بىلگىنىڭلارنى دەپ باقساڭلار؟ مۇشۇ ئەپ ياساش ئۈچۈن قانداق تېخنىكىلارنى ئىگىلەش كېرەك؟ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگىلى بۇلىدىغان سىن،كىتابلار
بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار؟ كىنولار بولسا يوللاپ تۇرساق ، كۈلكە بۇرادەر ، زېرىكىپ قالدۇق، تەرجىمە قىلىدىغان كىنو بولسىمۇ ئەۋەتىڭ ، تەرجىمە قىلىشىپ بېرەي. ئىلگىرى قىلىشىپ بەرگەن ...(kowruk@126.com) Recovery نى بىۋاستە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندا ئەسلىگە كەلتۈرۈش دىگەن مەنا چىقىدۇ. زاۋۇت تەرەپ تەمىنىلىگەن Recoveryلاردا ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دىتاللىرىنى قاچىلاشقا بولمغاچقا ئالدى بىلەن يانفۇنىمىزغا ماس كېلىدىغان يېشىۋىتىلگەن Recoveryغا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇپ ئاندىن باشقا سېستىمىلارنى قاچىلاش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.
تېلېگراف يانفۇنلىرىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق تەقدىر- يانفۇن سېتىۋالغاندا ئالدىن قاچىلانغان ئوتتۇز قىرىق پارچە تېلېگراف يۇمشاق دىتالى يانفۇنىڭىزنى بوشلۇقىنى ئىگەللىگەندىن سىرىت يەنە ئېقىمنىمۇ ئوغرىلاپ تېلېگراف شىركىتى شاپائەت قىلىپ بەرگەن نەچچە يۈز مىگابايت تور ئېقىمىنى نەچچە كۈنگە قالماي تۈگىتىپ قويىدۇ. شۇڭا مەيلى ھەرقانداق ماركىدىكى يانفۇن بولسۇن تېلېگراف يانفۇنلىرىنى ئىشلەتسىڭىز سىزگە ئىككى يول بار. بىرىنچىسى- تور ئېقىمىنى زۆرۈر بولمىسا ئاچماسلىق. ئىككىنچىسى- سېستىمىنى باشقىدىن قاچىلاش. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن Recoveryنى يىشىۋىتىلگەن(زاۋۇت رومىدىن باشقا روملارنى قاچىلاشقا بولىدىغان)Recoveryغا ئالماشتۇرۇپ ئاندىن ئەخلەت ئەپلەر تازىلانغان سېستىما تېپىپ قاچىلايمىز.
يەنە ئۈچۈنچى تاللاشمۇ بار ئىكەن. يانفۇننى روتلاپ سېستىما ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئارتۇقچە ئەپلەرنى بىردىن-بىردىن تازىلاپ چىقىرىۋىتىش. يۇقارقى ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى مەلۇم دەرىجىدە تەجىرىبە تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولغاچقا ئىھتىيات بىلەن ئىش قىلمىسىڭىز يانفۇننى قوزغىلالماس قىلىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن. ھەم روتلاش، Recoveryنى يېشىش، زاۋۇت قۇلۇپىنى ئېچىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىسڭىز يانفۇننىڭ سۈپەت كاپالىتىدىن مەھرۇم قېلىشىڭىز مۇمكىن. newyork يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 08:37 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۈلكە ئەپەندى
مۇشۇ ئەپ ،Recoveryقىلىش، ...
Recovery دېگىنىمىز كومپيۇتېردىكى Bios شۇ دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ، خەنزۇلارمۇ بۇنىڭغا تېخى ئىسىم قويمىدى، ئۇلارمۇ ئىنگلىزچە Recovery مۇشۇنداق ئاتايدۇ، بۇ ئەپ ياكى باشقا ئەپلەرنىڭ يانفوننىڭ ئۆزىنىڭ سىغىمىغا ياكى SD كارتىغا قاچىلىشىنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز، يەنى چوماقچى دېتاللار (ۋەندوۋجىيا، 360 يانفون غوجىدارى) ئارقىلىق تەڭشەپ قويسىڭىز بولىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.
ئەپ ياساش ئۈچۈن Java بىلىشىڭىز كېرەك. bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 09:17 static/image/common/back.gif
كىنولار بولسا يوللاپ تۇرساق ، كۈلكە بۇرادەر ، زېرىكىپ ...
ئوبدان گەپ، ئانداق بولسا مەن بىر كىنو ئەۋەتەي ھە. مىنىڭ تىلفۇنۇم تىلىگىراف كارتىسى قوللايدىغان خۇاۋى 8813 ، مەن LB قاراۋۇلىنى ئىشلىتىمەن ، روتلىمايمۇ روتلىغان تىلفۇنغا ئوخشاش ئىقتىدار ئىشلەتكىلى بولىدۇ ، ھازىر تىلفۇنۇمغا ئىلان چىقىۋالىدىغان ، ئىقىم تىز تۈگەيدىغان ئىشلار يوق ، ئەپنىڭ سىغىمىمۇ چوڭ ئەمەس izqi1991 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 10:21 static/image/common/back.gif
مىنىڭ تىلفۇنۇم تىلىگىراف كارتىسى قوللايدىغان خۇاۋى 881 ...
مەنمۇ بۇرۇن شۇنى ئىشلەتكەن، ھازىر 金山毒霸手机版 نى ئىشلىتىۋاتىمەن، ئىلاننى پەچەت توسىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئەپنىڭ سىغىمى كىچىك. خۇاۋېينىڭ تېلفۇنلىرىنى روتلىماي تۇرۇپمۇ زاۋۇتتىن چىققان ھالەتتىكى سېستىما يادروسى بىلەن ئالاقىسى يوق ئەپلەرنى يۇيىۋەتكىلى بۇلىدۇ، ئەپ قاچىلىماي تۇرۇپ خالىغان ئەپنىڭ تورغا ئۇلىنىشىنى چەكلىگىلى بۇلىدۇ، بۇ ياخشى ئەپكەنتۇق ، ئىقتىدارىنى سىنىسام روت ھوقوقىنى ئالالمىدى دەپ تۇردىيا تىلفۇنۇمنى روتلىغان بوممىسا .
تىلفۇننى ۋاقىتقا توغىرلاپ تاقايدىغان قوزغىتىدىغان ئەپلەر بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز ، مەن تېخى بۇ ئەپنى مەن ئىزدىگەن ئەپ دەل شۇكەن دىسەم ۋاقىتقا توغىرلىغىلى بولمايدىكەن ئەمەسمۇ ؟ توردىن ئىزدەپ باقسام ئاندىرويىد سېسېتىمىنى ئەپ بىلەن تاقىغىلى بولغان بىلەن قوزغاتقىلى بوممايدۇ دىگەندەك پاراڭ تۇرىدۇ . ئاندروئىد تېلىفۇننىڭ سېستىمىسىدا چوقۇم ئۆچۈرۈۋېتىشكە تىگىشلىك ئەپلەر بار. {:92:} kurax007 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 00:57 static/image/common/back.gif
بۇ ياخشى ئەپكەنتۇق ، ئىقتىدارىنى سىنىسام روت ھوقوقى ...
ئادەتتە بىر قىسىم يانفونلاردا شۇ ئىقتىدار بار بۇ ئاشۇ سىستېمىنىڭ ئۆزىدىكى ئىش. يەنى سىز ئاخشىمى سائەت 11 دە ئۆچۈپ يانفون ئەتىگىنى سائەت 6 دا قوزغالسۇن دەپ قويسىڭىز دەل شۇ سىز دېگەن ۋاقتى قەرەلىدە ئۆچۈپ ۋە قوزغىلىپ بېرىدۇ. ئاندروئىد يانفونلارغا تازا قىزىقمىدىمۇ ، تاڭ ؟! NeXter يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 19:52 static/image/common/back.gif
ئاندروئىد يانفونلارغا تازا قىزىقمىدىمۇ ، تاڭ ؟!
خۇددى مەن ئالمىغا قىزىقمىغاندەكلىكەنسىز. ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇن ئىشلىتىش قىزىقىدىغان ياكى ھوزۇرلىنىدىغان ئىش بولمىسا كېرەك. ئىھتىياجىمىزغا يەتسە بولدى. ئەمما ئالما تېلىفۇننى نەچچە كۈن ئىشلىتىپلا بىر خىل تۈرمىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغاندەكلا ھىسسىياتتا بىر نەچچە كۈن بىئارام بولغان ئىدىم. ئاندىن ئالما مېنىڭ مەشغۇلات سۈرئىتىمگە يېتىشەلمىگەندەك ھىس قىلغان ئىدىم. ھازىرقى ئالمىلار قانداقكىن تاڭ. مەنمۇ چۇشۇرۇپ قاچىلاپ سىناپ باقتىم .
sony st 26i . android 4.0
روتلانمىغان .
روتلانمىغان بولغاچقا ئېكراندىن رەسىم تۇتۇش ئېقتىدارنى ئىشلەتكىلى بولمىدى . بۇرۇنمۇ تۇتقىلى بولمايىتتى ، بۇ ئەپنى قاچىلىغاندىن كىيىنمۇ تۇتقىلى بولمىدى ، شۇڭا ئۆچۇرۋەتتىم ... radiofan يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 22:11 static/image/common/back.gif
مەنمۇ چۇشۇرۇپ قاچىلاپ سىناپ باقتىم .
sony st 26i . android 4.0
روت ...
ئادەتتە رەسىم تۇتۇش ئىقتىدارى ھەرقانداق بىر ھەقىقىي نەشردىكى يانفونلارنى بار يەنى تېزلەتمە كۇنۇپكىسى ئارقىلىق تۇتىدۇ. مەسىلەن samsung نىڭ توك مەنبە كۇنۇپكىسى بىلەن home كۇنۇپكىسى، CM نىڭ rom لىرى قاچىلانغان بولسا توك مەنبە بىلەن ئاۋازنى پەسلىتىش كۇنۇپكىسى. مۇشۇنداق كۇنۇپكىلارنى سىناپ تۇتۇپ بېقىڭ سونىينىڭ زاۋۇت رومىنىڭ ئۆزىدىلا ئىكراننى رەسىمگە تۇتۇش ئىقتىدارى بار. مەن بۇرۇن ST18iنى ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ تىزلەتمە كونۇپكا بالدىقىدا بار ئىدى. st 26i ئەسلىدىكى ST18iنىڭ قاتتىق قدىتالنى يۇقىرى كۆتەرگەن نۇسخىسى. چوقۇم بار.
بەت:
[1]