izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 20:40:37

نامراتنىڭ گۆشى چامغۇر

بىر يۇرتتا ئۇيغۇر تىبابىتى ناھايىتى تەرەققى قىلغان بۇلۇپ، ھەر بىر ئادەمگە ئۆزىنى قانداق كۈتۈش، نېمە كېسەلگە نېمە شىپا بۇلۇشتىن تارتىپ بىلىدىكەن. بۇ يۇرتتا كامالەتكە يەتكەن بىر تىۋىپ بار بۇلۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرى بار ئىكەن. شاگىرتلىرى ئىچىدە ئىخلاسمەن، تىرىشچان، بىلىمى تېز يۈكسېلىۋاتقان بىر شاگىرتى ئۇنىڭ دېققىتىنى تارتىدىكەن. ئۇستاز تېۋىپ بىر كۈنى شاگىرتىنى چاقىرىپ:‹‹سېنڭ تىۋىپلىق ئىلىمىڭ خېلى كامال تاپتى، ئۆز ئالدىڭغا ئەمخانا ئېچىپ كېسەل داۋالىساڭ بولىدۇ. شۇڭا ساڭا بېرىدىغان مەسلىھەتىم، بۇ يەردىن يىراق بىر جايدا تۇرپان دىگەن يۇرت بار، ئۇ يەردىن بوران كۆپ چىقىدۇ، ھاۋاسى توپا-چاڭ، بۇنداق مۇھىتتا كېسەل كۆپ كۆرۈلىدۇ، سەن شۇ يۇرتقا بېرىپ كىشىلەرنى داۋالىغىن›› دەپ دۇئا بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شاگىرت بۇ يۇرتقا كېلىپ ئەمخانا ئېچىپتىكەن، بىر يىلغىچە تۈزۈك كېسەلمۇ كىرمەپتۇ. قارىسا كىشىلەر چامغۇرنى سۇيۇقئاشقا توغراپ سېلىۋاتقانلىغىنى، گۆش پىشۇرسا شورپىغا چامغۇر سېلىۋاتقانلىغىنى ۋە يەنە باشقا ئۇسوللار بىلەنمۇ كۈندە ئىستىمال قىلۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ، كىشىلەرنىڭ كېسەل بولماسلىق سەۋەبىنى چۈشىنىپ، ئۇستازىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىپتۇ. ئۇستازى قايتىپ كېلىش سەۋەبىنى سورىغان ئىكەن، ئۇ ئەينى ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇستاز چامغۇرنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى تەكشۈرگەن ئىكەن چامغۇردا نۇرغۇن كېسەللەرگە شىپا بولىدىغان مول تەركىپلەر بار ئىكەن. تۇرپانلىقلارنىڭ چامغۇرنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ كېسەل بولماسلىق سەۋەبىنى چۈشىنىپتۇ››.
ھازىرقى تىبابەت ئىلمىدىمۇ چامغۇرنىڭ ئۆپكە كېسەللىرىنى داۋالاشتىلا رولى بۇلۇپ قالماي، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، قەۋزىيەتنى داۋالاپ، قاننى راۋانلاشتۇرۇش، جىگەرنى تازىلاش، يۈرەكنى ياشارتىش جەھەتتىمۇ رولى بارلىقى ئىسپاتلانغان. گەرچە چامغۇر كەڭ دائىرىدە تېرىلمىسىمۇ، ھازىر كۆپ قىسىم دېھقانلار كۆكتاتلىقلىرىغا چامغۇر تېرىپ ئىستىمال قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بەزى چوڭ شەھەرلەردىكى كىشىلەرمۇ چامغۇرنى دورىلىققا ئىزدەپ كېلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. چامغۇر ھازىر ‹‹نامراتنىڭ گۆشى›› بۇلۇپلا قالماي‹‹بايلارنىڭمۇ گۆشى›› بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. چامغۇرنىڭ شىپالىق رولى ھەممىمىزگە ئايان بولغاچقا، تېخىمۇ ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن، كۆپرەك چامغۇر ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلىنەيلى!
    مەنبە:سەكسەن خالتا بىلوگى
http://www.80halta.com/article/599.htm

Kartal يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 23:53:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elham315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-9 23:55  

ئادەم بەدىننىڭ كىسلاتالىقى ئىشىپ كەتكەندە، ھارغىنلىق، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چىكىنىش، بەل- پۇتلار ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىق، باش قىيىش، قۇلاق غوڭۇلداش، ئۇيقۇسىزلىق، قورساق كۆپۈش، قەۋزىيەت... قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرۈتسە مەسىلە چىقمايدۇ. ناۋادا ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بەرمەي، بۇخىل ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە ئىنىقلا كىسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەتتا، %85 شامالدارىش، يۇقىرى قان بىسىمى، راك، دىيابىت، يۇقىرى قان مىيى كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ‹‹ كىسلاتالىق بەدەن›› تەرىپىدىن بولىدۇ. شۇڭلاشقا، مىدىتسىنا مۇتەخەسسىلىرى ‹‹كىسلاتالىق بەدەن›› نى ‹‹يۈز خىل كىسەلنىڭ مەنبەسى›› دەيدۇ. سىتاستىكا قىلنىشچە، دۆلىتىمىزدىكى %70 ئادەم ‹‹كىسلاتالىق بەدەن›› ھالىتىدە ئىكەن.
‹‹ئىشقارلىق بەدەن›› ساغلام بەدەن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
تۇخۇم سىرىقى، ئاق ناۋات، پىشلاق، غەرىپچە يىمەكلىكلەر، كاللا پاچاق، توخو گۆشى، كالا گۆشى، ئات گۆشى، بولكا، پىۋا، ھاراق، مايدا قورۇلغان دۇفۇ... قاتارلىقلار كۈچلۈك ۋە ئاجىز كىسلاتالىق يىمەكلىكلەر تۈرىگە تەۋە.
چامغۇر، ئۈزۈم، چاي يوپۇرمىقى، لامنارىيە، لوبو، شوخلا، بانان، ئاپلىسىن، بۆلجۈرگەن، لىمون، پالەك، ئۈندۈرمە، قاتتىق پوستلۇق مىۋىلەر.... كۈچلۈك ۋە ئاجىز ئىشقارلىق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر تۈرىگە تەۋە.
‹‹چامغۇر›› دەل كۈچلۈك ئىشقارلىق تۈرىدىكى يىمەكلىك بولغىنى ئۈچۈن، ‹‹كىسلاتالىق بەدەن›› نى ئىشقارلىق ھالەتكە تەڭشەپ نۇرغۇن كىسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەگەر كىسەلدىن نىرى تۇراي دىسىڭىز ئۈچ ۋاخ تامىقىڭىزدا بىر ئۈلۈش كىسلاتالىق يىمەكلىك بولسا ئىككى ئۈلۈش ئىشقارلىك يىمەكلىك بولسۇن.
ئۇلۇغ ئاللاھ، ھەممىزنىڭ تىنىنى سالامەت قىلغاي!

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 02:07:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elqvn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-10 02:10  

   تېمىڭىزنى كۆرۈپ بىزنىڭ يۇرتتىكى كونا بىر ھىكايە ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
   قەھەتچىلىك يىللىرىدا بىزنىڭ يۇرتتا ئىككى ئوغرى بار ئىكەن، ئىككىسى بىرلىكتە ئوغرىلىق قىلاركەندۇق. ئۇلارنىڭ ئوغرىلىق ماھارىتى ناھايىتى ئۈستۈن بولۇپ، كېچىدە ئۆي ئىگىسىگە تۇيدۇرماي ئۆينىڭ (ئۆي ئىگىسى ياتقان ئۆينىڭ، ئەلۋەتتە ئۇ يىللاردا مۇتلەق كۆپ قىسىم دېھقانلارنىڭ ئۆيى بىر ئېغىز ئۆي، يەنە بىرەر ئېغىز ئېغىلدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئىككى-ئۈچ ئېغىز ئۆيى بار دېھقانلار ساناقلىقلا ئىكەندۇق) تېمىنى تېشىپ ئۆيگە كىرىپ، ئۆيدىكى ساندۇق ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى قۇرۇقداپ قويىدىكەنمىش. ئۇلارنىڭ قولى تەگكەن قوي-كالىلار ئاۋاز چىقارماي ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭىدىكەنمىش.
   بۇ ئىككى ئوغرى بالىلىرىغا كىچىكىدىنلا گۆشنى «چامغۇر»دەيدىغان قىلىپ ئۆگەتكەن ئىكەن، باشقىلارنىڭ ئۆيىدىن ئوغرىلاپ كەلگەن قوينى شۇ كېچىسىلا سويۇپ گۆشىنى شورپا سېلىپ كېچىچە يەپ تۈگىتىۋىتىدىكەن. ئۇ زامانلاردا گۆشنى شورپا سېلىپ يىيەلەيدىغانلاردىن نەچچىسى بار دەيسىلەر، بىر ئۆيدە شورپا سالسا پۈتۈن مەھەللىگە خۇشپۇرىغى تاراپ كېتىدىكەن، لىكىن كېچە بولغانلىقتىن قايسى ئۆيدىن چىقىۋاتقانلىغىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىكەن. ئەتىسى خوشنىلار ئوغرىنىڭ بالىلىرىنىڭ چىرايىدىن ماي تەپچىپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن:«ھە يىگىت، ئاخشام نىمە يىدىڭلار؟» دەپ سورىسا ئۇ بالىلار مەغرۇر ھالدا: «چامغۇر پىشۇرۇپ يىدۇق قانداق!» دەپ جاۋاپ بېرەركەنمىش، ئۇ سۇئالنى سورىغانلارمۇ «ھە، ئاخشامقى چامغۇرقايناقنىڭ پۇرىقىكەندە، نىمانداق چامغۇرنى كۆپ يەيدۇ بۇ ئوغرىنىڭ بالىلىرى...» دەپ ھەيرەتتە قالاركەنمىش.....

function يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 08:47:21

چامغۇرنى بىز دائىم ئىستىمال قىلىمىز

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 10:48:27

ھازىر چامغۇرنىڭ سورىتى ئۆزگىرەپ كەتتى ، ئاساسەن ئاچچىق ، بىر خالتا چامغۇردىن   بىر كىلو تاتلىق چامغۇر ئىلغىغىلى بولامدىكى ، بەزىلەر ئۇرۇقتا مەسىلە بار، بەزىلەر  چامغۇرنى تۇرۇپ بىلەن ئارىلاش تىرىسا شۇنداق چىقىدۇ دەيدۇـ كەلپىن چامغۇرىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ ئەكەلدۇرسەك ئۇمۇ ئاچچىق ، ئاپامنىڭ ئۆپكە تىبۇركىلوز كىسىلىگە چامغۇر مەنپەئەت قىلىدىكەن ، تاتلىق چامغۇر تاپالمايۋاتىمىز  ـ
ئاڭلىسام چامغۇر ئىتىزدىكى ۋاقىتتا چوڭ چامغۇرلارنىڭ ئۈستىنى ئويۇپ قويسا بىر كىچە ئۆتسە ئويۇپ ئويمانغا سۇ يىغىلىپ قالىدىكەن ، بۇ سۇ ئۆپكە كىسىلىگە بەك مەنپەئەت قىلىدىكەن ، ئۇيغۇر تىبابەت دورا شىركەتلىرى تەتقىق قىلىپ باقسا  بولغۇدەك
   تاتلىق چامغۇر ئۇچۇرى بولسا خەۋەرلەندۇرسەڭلار

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 10:53:43

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 10:53:55

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 10:55:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqi1991 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-10 10:58  

ئىنكاس نىمىشقا تەكرارلىنىپ كىتىدۇ،  باشقۇرغۇچىلار ئارتۇقنى يۇيىۋەتسەڭلار بوپتىكەن

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 12:05:58

مەن نامراتلارنىڭ گۆشىنى قىزىل ئۈزۈم دەپ ئاڭلاپتىكەنمەن ...

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 14:21:11

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-10 10:48 static/image/common/back.gif
ھازىر چامغۇرنىڭ سورىتى ئۆزگىرەپ كەتتى ، ئاساسەن ئاچچى ...

ئەسلى كەلپىن ئاچالنىڭ چامغۇرى ھەقىقەتەن داڭلىق،سۈپىتىمۇ ياخشى،يېيشلىك.
ئەمما بىر قىسىم نەپسانىيەتچىلەر قەشقەردىن،كورلىدىن ئۇ يەر-بۇ يەردىن ئەكىلپ ،كەلپىن چامغۇرىغا ئارىلاشتۇرۇپ ،مانا ھەممىسى كەلپىننىڭ دەپ سېتىپ ،كەلپىن چامغۇرىنىڭ ئىشەنچ دەرىىجسىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى.
بىزمۇ چامغۇر ئېلىپ قالساق ،كەلپىننىڭ ئۆزىدىن ئالماي، دۆلەت يولى 314-نومۇرلۇق تاشيول بويىغا جايلاشقان ئاچال يېزسىدىن ئالىمىز. ئامال بار ئېتىزىغا بېرىپ.
بەت: [1]
: نامراتنىڭ گۆشى چامغۇر